قەبرە ئازابى ھەقمۇ؟ قەبرىدە سوئال-سوراق بارمۇ، دەلىللىرى قايسى؟

قەبرە ئازابى ھەقمۇ؟ قەبرىدە سوئال-سوراق بارمۇ، دەلىللىرى قايسى؟

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى | mujtehid.com

بسم الله الرحمن الرحيم

ئۇلۇغ ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانا ئېيتىمەن. رەسۇلىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.

كىشى ۋاپات تاپقاندىن كېيىن قەبرىدە ۋاپات تاپقۇچىنى سوئال-سوراق قىلىدىغان ئىككى پەرىشتە تەرىپىدىن قەبرىسىدە سوئال-سوراق قىلىنىدۇ. قەبرىدىكى سوئال سوراق ئەسناسىدا جېنى تېنىگە قايتۇرىلىدۇ. مۆمىن كىشى سۈيدۈك-نىجاسەتلەرنى بەدەندىن نېرى قىلىشقا كۆڭۈل بۆلمەسلىك، سۈيدۈك-نىجاسەتلەرنىڭ كىيىمگە\ خۇسۇسەن ئىچ كىيىمگە تېگىپ كېتىشىدىن ساقلانماسلىق، كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇش ۋە باشقا بەزى ئاسىيلىقلىرى، گۇناھلىرى سەۋەبلىك قەبرە ئازابىغا دۇچ كېلىدۇ. قەبرە ئازابى ھەم تەنگە، ھەم روھقا بولىدۇ. مۇناپىق ۋە كاپىردىن قەبرە ئازابى بىر دەقىقىمۇ نېرى قىلىنمايدۇ. تۆۋەندە بۇنىڭ دەلىللىرى بايان قىلىنىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھىجرىيە 628-يىلى) «ئەقىدە ۋاسىتىيە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆلۈمدىن كېيىن يۈز بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بارچە خۇسۇسلارغا ئىمان ئېيتىش ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىش جۈملىسىدىندۇر. بۇ نۇقتىدىن، مۆمىنلەر قەبر پىتنىسىگە، قەبردىكى ئازابقا ۋە نېمەتكە ئىشىنىدۇ (چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇنى خەۋەر قىلغان.) قەبر پىتنىسىگە كەلسەك، ئىنسانلار قەبرىسىدە سىنىلىدۇ. (مۇنكەر نەكىر ئىسىملىك ئىككى پەرىشتە) قەبردىكى كىشىدىن «رەببىڭ كىم؟ دىنىڭ نېمە؟ پەيغەمبىرىڭ كىم؟» دەپ سورايدۇ. ئاللاھ تائالا دۇنيادىمۇ ئاخىرەتتىمۇ مۆمىنلەرنى تەۋھىد كەلىمىسىدە مۇستەھكەم تۇرغۇزىدۇ. مۆمىن «رەببىم ئاللاھ، دىنىم ئىسلام، پەيغەمبىرىم مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم» دەيدۇ. شۈبھىلەنگۈچى بولسا «ھە، ھە، بىلمەيمەن. مەن ئىنسانلارنىڭ بىر نەرسىلەرنى دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، شۇنى دېگەنتىم» دەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ تۆمۈر توخماق بىلەن ئۇرۇلىدۇ. شۇنداق بىر پەرياد چېكىدۇكى، ئىنساندىن باشقا ھەممە مەۋجۇدات ئۇنىڭ پەريادىنى ئاڭلايدۇ. ئەگەر ئىنسان ئۇنىڭ بۇ پەريادىنى ئاڭلايدىغان بولسا، چوقۇم ھوشىدىن كەتكەن بولاتتى. قەبرىدىكى بۇ سوئال سوراقتىن كېيىن يا نىمەت، يا ئازاب بار. قەبرىدىكى ئازاب ياكى نىمەت كىشىگە قىيامەت قايىم بولغانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ. قىيامەت بولغاندا روھلار بەدەنلەرگە قايتۇرۇلىدۇ.(ئىمام ئىبنى تەيمىييە، ئەقىدەتۇل ۋاسىتىيە)

سەھىھۇل بۇخارى: جىنازىدىكى مېيىتنىڭ «مېنى تېزراق ئېلىپ مېڭىڭلار» دەيدىغانلىقى بابى

ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «إذا وُضِعَتِ الجِنازَةُ، فاحْتَمَلَها الرِّجالُ عَلى أعْناقِهِمْ، فَإنْ كانَتْ صالِحَةً قالَتْ: قَدِّمُونِي، وإنْ كانَتْ غَيْرَ صالِحَةٍ قالَتْ لِأهْلِها: يا ويْلَها أيْنَ يَذْهَبُونَ بِها، يَسْمَعُ صَوْتَها كُلُّ شَيْءٍ إلّا الإنْسانَ، ولَوْ سَمِعَ الإنْسانُ لَصَعِقَ» «جىنازە ھازىر بولۇپ، ئەرلەر ئۇنى مۈرىلىرىگە ئېلىپ توشۇغىنىدا، ئەگەر ۋاپات بولغۇچى سالىھ (سالىھە) بىرى بولسا <مېنى تېزراق ئېلىپ مېڭىڭلار> دەيدۇ. ئەگەر ۋاپات تاپقۇچى سالىھ (سالىھە) بىرى بولمىسا، ئائىلىسىدىكىلەرگە <ۋاي مېنىڭ ھالىمغا! مېنى قەيەرگە ئېلىپ مېڭىۋاتىسىلەر> دەيدۇ. ۋاپات تاپقۇچىنىڭ جىنازىدىكى بۇ ئاۋازىنى ئىنسانلاردىن باشقا ھەممە مەۋجۇدات ئاڭلايدۇ. ئەگەر ئىنسانلار ئاڭلىغان بولسا، ھوشىدىن كەتكەن بولاتتى.» (سەھىھۇل بۇخارى 1316؛ رىيازۇس سالىھىن 942؛ مىشكات مەسابىھ 1647)

ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير ئانىسى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق ھەدىس سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان: قامَ رَسُولُ اللَّهِ ﷺ خَطِيبًا فَذَكَرَ فِتْنَةَ القَبْرِ الَّتِي يَفْتَتِنُ فِيها المَرْءُ، فَلَمّا ذَكَرَ ذَلِكَ ضَجَّ المُسْلِمُونَ ضَجَّةً رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خۇتبە ئوقۇش ئۈچۈن تۇردى ۋە كىشىنىڭ قەبرىسىدە مۇپتىلا بولىدىغان قەبر ئازابى توغرىسىدا سۆز قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خۇتبىدە بۇ ھەقتە سۆزلىگەندە، مۇسۇلمانلار قەبرە ئازابى سەۋەبلىك ئەندىشە قىلىشتى. (بۇخارى 1373) ئىمام بۇخارى بۇ بابتا دەلىل قىلغان ئايەتلەر: 6:93، 9:101، 40:45، 47:27 بۇ ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى: فەتھۇلبارى 3:477

ئەۋف ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر جىنازە نامىزىنى ئوقۇدى. ئۇنىڭ دۇئاسىدىن مۇنۇلارنى ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم: «ئى رەببىم! ئۇنىڭغا مەغفىرەت قىل، ئۇنىڭغا رەھمىتىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغىن، ئۇنىڭغا ئافىيەت بەرگىن، ئۇنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇنى ھۆرمەتلىكلەردىن قىلغىن، قەبرىسىنى كەڭرى قىلغىن، ئۇنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن؛ ئاق كىيىمنى كىردىن پاكلىغىنىڭدەك، ئۇنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغىن؛ يېڭى ئۆيىنى دۇنيادىكى ئۆيىدىنمۇ بەك خەيرلىك قىلغىن، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى ئائىلىسىدىنمۇ خەيرلىك ئائىلە بەرگىن، ئۇنى جەننىتىڭگە كىرگۈزگىن؛ ئۇنى قەبرە پىتنىسىدىن ۋە جەھەننەمنىڭ ئوتىدىن ساقلىغىن.» (مۇسلىم 963؛ بۇلۇغۇلمەرام 550)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سۈيدۈكتىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى، ئۇ قەبرە ئازابىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر.» ھەدىسنى داراقۇتنى توپلىغان. ھاكىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: «قەبىر ئازابىنىڭ زور كۆپچىلىكى سۈيدۈكتىندۇر.» بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ. (بۇلۇغۇلمەرام 101)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قەبرىسىدە ئىگىلىرى ئازاب چېكىۋاتقان ئىككى قەبرىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە مۇنداق دېدى: إنَّهُما لَيُعَذَّبانِ، وما يُعَذَّبانِ فِي كَبِيرٍ، أمّا أحَدُهُما فَكانَ لاَ يَسْتَتِرُ مِنَ البَوْلِ، وأمّا الآخَرُ فَكانَ يَمْشِي بِالنَّمِيمَةِ«ئىككىسى قەبرىسىدە ئازاب چېكىۋاتىدۇ. چوڭ گۇناھ سەۋەبلىك ئازاب چېكىۋاتقىنى يوق. ئەمما، بۇ چوڭ گۇناھتۇر. بىرى سۈيدۈكتىن (كىيىمىگە سۈيدۈك تېگىپ كېتىشتىن) ساقلانمايتتى. يەنە بىرى بولسا كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇيتتى.» رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر شاخ تەلەپ قىلدى. شاخنى ئىككىگە ئايرىپ ھەر بىرىنىڭ قەبرىسىنىڭ بېشىغا بىر تالدىن قويدى. (ساھابىلەر) ئۇنىڭغا «ئى رەسۇلۇللاھ، نېمىشقا بۇنداق قىلدىلا» دېۋىدى، «ئۈمىدكى، بۇ شاخلار قۇرۇپ كەتمىگەن مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئازابى يەڭگىللىتىلىدۇ.» دېدى. (بۇخارى 1361) عَنِ ابْنِ عَبّاسٍ رَضِيَ اللَّهُ -[٩٦]- عَنْهُما، عَنِ النَّبِيِّ ﷺ: أنَّهُ مَرَّ بِقَبْرَيْنِ يُعَذَّبانِ، فَقالَ: «إنَّهُما لَيُعَذَّبانِ، وما يُعَذَّبانِ فِي كَبِيرٍ، أمّا أحَدُهُما فَكانَ لاَ يَسْتَتِرُ مِنَ البَوْلِ، وأمّا الآخَرُ فَكانَ يَمْشِي بِالنَّمِيمَةِ»، ثُمَّ أخَذَ جَرِيدَةً رَطْبَةً، فَشَقَّها بِنِصْفَيْنِ، ثُمَّ غَرَزَ فِي كُلِّ قَبْرٍ واحِدَةً، فَقالُوا: يا رَسُولَ اللَّهِ، لِمَ صَنَعْتَ هَذا؟ فَقالَ: «لَعَلَّهُ أنْ يُخَفَّفَ عَنْهُما ما لَمْ يَيْبَسا»

سەھىھۇل بۇخارى: باب — ئۆلۈكنىڭ (قەبرە بېشىدىن قايتقۇچىلارنىڭ) ئاياق ئاۋازىنى ئاڭلايدىغانلىقى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەن: العَبْدُ إذا وُضِعَ فِي قَبْرِهِ، وتُوُلِّيَ وذَهَبَ أصْحابُهُ حَتّى إنَّهُ لَيَسْمَعُ قَرْعَ نِعالِهِمْ، أتاهُ مَلَكانِ، فَأقْعَداهُ، فَيَقُولاَنِ لَهُ: ما كُنْتَ تَقُولُ فِي هَذا الرَّجُلِ مُحَمَّدٍ ﷺ؟ فَيَقُولُ: أشْهَدُ أنَّهُ عَبْدُ اللَّهِ ورَسُولُهُ، فَيُقالُ: انْظُرْ إلى مَقْعَدِكَ مِنَ النّارِ أبْدَلَكَ اللَّهُ بِهِ مَقْعَدًا مِنَ الجَنَّةِ، قالَ النَّبِيُّ ﷺ:»فَيَراهُما جَمِيعًا، وأمّا الكافِرُ – أوِ المُنافِقُ – فَيَقُولُ: لاَ أدْرِي، كُنْتُ أقُولُ ما يَقُولُ النّاسُ، فَيُقالُ: لاَ دَرَيْتَ ولاَ تَلَيْتَ، ثُمَّ يُضْرَبُ بِمِطْرَقَةٍ مِن حَدِيدٍ ضَرْبَةً بَيْنَ أُذُنَيْهِ، فَيَصِيحُ صَيْحَةً يَسْمَعُها مَن يَلِيهِ إلّا الثَّقَلَيْنِ«كىشى قەبرىگە قويۇلۇپ، قەبرىگە كەلگەنلەر ۋە يېقىنلىرى قايتىپ ماڭغاندا، قەبرىدىكى كىشى ئۇلارنىڭ ماڭغان چاغدىكى ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلايدۇ. قەبرىدىكى كىشىگە ئىككى پەرىشتە كېلىدۇ ۋە ئۇنى ئولتۇرغۇزىدۇ. پەرىشتە ئۇنىڭغا «مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) ھەققىدە نېمە دەيتتىڭ؟» دەيدۇ. ئۇ «مەن ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن» دەيدۇ. پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا «دوزاختىكى جايىڭغا قارىغىن. ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىنى جەننەتتىكى تۇرالغۇغا ئۆزگەرتىپ بەردى» دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ كىشى ھەم دوزاختىكى، ھەم جەننەتتىكى ئورنىنى كۆرىدۇ. كاپىرغا ياكى مۇناپىققا كەلسەك، ئۇ (پەرىشتىلەرنىڭ بۇ سوئالىغا) «بىلمەيمەن، مەن كىشىلەرنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش دېگەنتىم» دەيدۇ. پەرىشتىلەر «بىلمىدىڭ، بىلگەنلەرگە ئەگەشمىدىڭ» دەيدۇ. ئاندىن ئۇنى تۆمۈر توقماق بىلەن ئىككى قۇلىقىنىڭ ئارىسىغا ئۇرىدۇ. ئۇ شۇ دەرىجدە پەريات بىلەن ۋارقىرايدۇكى، ئۇنىڭ پەريادىنى ئىنسان بىلەن جىندىن باشقا ھەممە مەخلۇق ئاڭلايدۇ.» (بۇخارى 1338، 1374) ئىمام ئەھمەد ئەبۇ سەئىد خۇدرىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «ئەگەر رەببىڭنى ئىنكار قىلغان بولساڭ، جەھەننەمدىكى تۇرالغۇڭ مۇشۇ بولاتتى» دېيىلگەن. ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇلبارىدا بۇخارىنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسىنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: خەۋەرلەر قەبردىكى سوئال-سوراقنىڭ ئەھلى قىبلىدىن سورىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنكار قىلغان كاپىر قەبرىسىدە سوئال-سوراق قىلىنمايدۇ. ئىبنى قەييىم بۇ قاراشنى رەت قىلغان. (فەتھۇلبارى 3\481) ئىمام ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: ھەدىستىن چىقىرىلىدىغان بەزى ھۆكۈملەر: قەبرىدىكى سوئال سوراقنىڭ بۇ ئۈممەتكە خاسمۇ، ياكى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئۈچۈنمۇ بولغانمۇ؟ دېگەندە، ھەدىسلەرنىڭ ئاشكارا ھۆكۈمىگە بىنائەن، قەبرىدىكى سوئال سوراقنىڭ پەقەتلا مۇشۇ ئۈممەت ئۈچۈن بولىدىغانلىقى بىلىنىدۇ. ھاكىم تىرمىزى بۇنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەيغەمبەرلەر كېلەتتى، پەيغەمبەرلەرگە ئىتائەت قىلسا نىجاتلىققا ئېرىشەتتى، ئىتائەت قىلمىسا پەيغەمبەرلەر ئۇلارنى تەرك ئېتەتتى، نەتىجىدە تەرك ئېتىلگۈچىلەرگە دەرھال ئازاب ئەۋەتىلەتتى. ئاللاھ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكىنىدە، ئىنسانلاردىن (ئىمان ئېيتمىغۇچىلارغا) دەرھال ئازاب بېرىشنى كۆتۈرىۋەتتى. ئىچىدە ئىنكار قىلىپ، تېشىدا مۇسۇلمانلىقىنى سۆزلىگەن (ياكى ئىپادىلىگەن) كىشىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى (دۇنيادا) قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنى سوراققا تارتىش ئۈچۈن قەبرىدە ئىككى پەرىشتىنى بەلگىلىدى. بۇ ئارقىلىق ئىچكى سىرلار ئاشكارىلانماقتا، ناچارلار ياخشىلاردىن ئايرىلماقتا، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقۇچىلارنى كەلىمە تەۋھىد بىلەن مۇستەھكەم قىلماقتا. زالىملارنى بولسا ئازدۇرماقتا. زەيد ئىبنى سابىتتىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنۇ مەرفۇ ھەدىس بۇنى ئىسپاتلىماقتا:«بۇ ئۈممەت قەبرىسىدە سوئال-سوراق قىلىنىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.) (فەتھۇلبارى 3\481)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدا (ئاخىرقى تەشەھھۇددا تەشەھھۇد دۇئاسىنى ۋە سەللى بارىك دۇئاسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن) ((اللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بكَ مِن عَذَابِ القَبْرِ، وَأَعُوذُ بكَ مِن فِتْنَةِ المَسِيحِ الدَّجَّالِ، وَأَعُوذُ بكَ مِن فِتْنَةِ المَحْيَا وَالْمَمَاتِ، اللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بكَ مِنَ المَأْثَمِ والْمَغْرَمِ)) «ئاللاھىم، ساڭا سېغىنىپ قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن، ھاياتلىقنىڭ ۋە ئۆلۈمنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن، گۇناھ قىلىشتىن ۋە قەرزدار بولۇپ قېلىشتىن پاناھ تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلاتتى. (ساھابىلەردىن) بىرەيلەن «قەرزگە چۈشۈپ قېلىشتىن ھەجەپ كۆپ پاناھ تىلەيدىكەنلا» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«كىشى قەرزگە چۈشۈپ قالغاندا سۆزلىسە يالغان سۆزلەپ سالىدۇ، ۋەدە بەرسە سۆزىدە تۇرالماي قالىدۇ.» (بۇخارى 883؛ مۇسلىم 589؛ مىشكات 939؛ مۇسنەد ئەھمەد 26075؛ نەسائى: سۈنەن كۇبرا 7\217؛ نەسائى: سۈنەن نەسائى 5472؛ تەبرانى: ئەلئەۋسەت 4613)

نەسائىنىڭ لەۋزىدە «يُكْثِرُ التَّعَوُّذَ مِنَ المَغْرَمِ، والمَأْثَمِ»«قەرزگە ۋە گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشتىن كۆپ پاناھ تىلەيتتى» دەپ كەلگەن.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إذا مات أحدكم عرض عليه مقعده بالغداة والعشي: إن كان من أهل الجنة فمن أهل الجنة، وإن كان من أهل النار فمن أهل النار، يقال له: هذا مقعدك حتى يبعثك الله إليه يوم القيامة)) «سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەندە (قىيامەت كۈنى بارىدىغان جايى) ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى جەننەت ئەھلىدىن بولسا جەننەتتىكى ئورنى، جەھەننەم ئەھلىدىن بولسا جەھەننەمدىكى ئورنى كۆرسىتىلىدۇ ۋە <مانا بۇ قىيامەت ئاللاھ سېنى بارغۇزىدىغان جايدۇر> دېيىلىدۇ.» (مۇسلىم 2866)

بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: خرجنا مع رسول الله -ﷺ- في جنازةِ رجُلِ من الأنصار، فانتهينا إلى القبرِ ولمّا يُلحَدْ، فجلسَ رسولُ الله -ﷺ- وجلسْنا حَولَه، كأنما على رؤوسنا الطَّير، وفي يَده عُودٌ يَنْكُتُ به في الأرض، فرفعَ رأسَه، فقال: «استعيذُوا بالله من عذابِ القبر» مرَّتين أو ثلاثًا، زاد في حديثْ جريرِ ها هنا: وقال: «وانّه لَيسمَعُ خَفْقَ نِعالِهم إذا ولَّوا مُدبرينَ، حينَ يقالُ له: يا هذا، مَن ربك وما دينُك ومَن نبيُك؟ – قال هنادٌ:- ويأتيه ملكانِ فيُجلسانه فيقولان له: مَن ربك؟ فيقول: ربِّي الله، فيقولان له: ما دينُك؟ فيقول: ديني الإسلامُ، فيقولان له: ما هذا الرجلُ الذي بُعِثَ فيكم؟ فيقول: هو رسولُ الله -ﷺ-، فيقولان: وما يُدريكَ؟ فيقول: قرأتُ كتابَ الله، فآمنتُ به، وصدقتُ -زاد في حديث جرير- فذلك قول الله : ﴿يُثَبِّتُ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا﴾ الآية [إبراهيم ٢٧]، ثم اتفقا قال: – فينادي منادِ من السماء: أنْ قد صَدَقَ عبدي، فأفرشُوه من الجنة، وافتَحُوا له بابًا إلى الجنّة، وألبسُوه من الجنة» قال: «فيأتيه من رَوحِها وطيبها قال:»ويُفتح له فيها مدَّ بصرِه«. قال:»وإن الكافر«فذكر موته قاْل:»وتُعادُ روحُه في جَسده، ويأتيه مَلَكانِ، فيُجلسانه، فيقولان له: من ربك؟ فيقول: هاه هاه، لا أدري، فيقولان له: ما دينُك؟ فيقول: هاه هاه، لا أدري، فيقولان له: ما هذا الرجلُ الذي بُعث فيكم؟ فيقول: هاه هاه، لا أدري، فينادي منادٍ من السماء: أن كَذَبَ، فافرشوه من النار، وألبسُوه من النار، وافتحُوا له بابًا إلى النار، قال: «فيأتِيه من حَرِّها وسَمُومِها» قال: «ويُضيّقُ عليه قَبرُهُ حتى تختلفَ فيه أضلاعُه -زاد في حديث جرير: قال:- ثمّ يقيَّضُ له أعمى أبكَمُ معه مِرْزَبَّة من حديدٍ، لو ضُرِبَ بها جَبَلٌ لصار ترابًا»، قال: «فيضرِبُه بها ضربةً يسمعُها ما بين المشرق والمغرب إلا الثقلين، فيصيرُ ترابًا، ثم تُعادُ فيه الرُّوحُ» بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىرلىكتە ئەنساردىن بىر ساھابىنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن قەبرىستانلىققا چىقتۇق. قەبرىگە يېتىپ كەلگىنىمىزدە مېيىت قەبرىسىگە قويۇلۇپ بولغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئولتۇردى، بىزمۇ ئەتراپىدا ئولتۇردۇق. بىز بەئەينى بېشىمىزغا قۇش قونۇۋالغاندەك جىمجىت ئولتۇرۇشتۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قولىدىكى ھاسا بىلەن تۇپراققا نوقۇدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېشىنى كۆتۈرۈپ «قەبرە ئازابىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھتىن پاناھ تىلەڭلار» دېدى، بۇ سۆزىنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. (ئەبۇ داۋۇد مۇنداق دەيدۇ: جەرىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى بۇ يەرگە قوشۇلدى) (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ دېدىكى) ئۆلۈك ئۆز يېقىنلىرىنىڭ قەبرە بېشىدىن قايتىپ ماڭغان چاغدىكى ئاياق تېۋىشىنى ئاڭلايدۇ. بۇ چاغدا ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئۇنى ئولتۇرغۇزىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭدىن «ئى پالانچى، رەببىڭ كىم؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ «رەببىم ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. «دىنىڭ نېمە؟» دەپ سورايدۇ. «دىنىم ئىسلام» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. «سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ كىشى ھەققىدە نېمە دەيسەن؟» دەپ سورايدۇ. «ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسسەللەمدۇر» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. «بۇنى قانداق بىلدىڭ؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ «ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇدۇم، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىم ۋە (قۇرئاندىكى خەۋەرلەرنى) تەستىقلىدىم» دەيدۇ. (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ) مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ {ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىدۇ} دېگەن ئايىتىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئاندىن ئاسماندىن «بەندەم راست ئېيتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتنىڭ سېلىنچىسىنى سېلىڭلار. ئۇنىڭغا جەننەت ئىشىكىنى ئېچىڭلار، ئۇنى جەننەت ئەھلىنىڭ كىيىمىنى كەيگۈزۈڭلار» دېگەن نىدا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بەندىگە جەننەتنىڭ خۇشپۇرىقى يېتىپ كېلىدۇ. قەبرىسى كۆز يەتكەن جايغىچە كېڭەيتىلىپ بېرىلىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كاپىر توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:

كاپرنىڭ جېنى ئېلىنىدۇ. ئۆلگەن كاپىرغا ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئولتۇرغۇزىدۇ. ئۇنىڭدىن «رەببىڭ كىم؟» دەپ سورايدۇ. كاپىر «ھە، ھە، بىلمەيمەن» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن «دىنىڭ نېمە» دەپ سورايدۇ. كاپىر «ھە، ھە، بىلمەيمەن» دەيدۇ. «سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ كىشى ھەققىدە نېمە دەيسەن؟» دەپ سورايدۇ. كاپىر «ھە، ھە، بىلمەيمەن» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن بىر نىداچى «ئۇ يالغان ئېيتتى، ئۇنىڭغا دوزاخنىڭ سېلىنچىسىنى سېلىڭلار، دوزاخنىڭ كىيىمىدىن كەيگۈزۈڭلار، ئۇنىڭغا دوزاختىن بىر ئىشىك ئېچىڭلار» دەپ نىدا قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن كاپىرغا دوزاخنىڭ قىززىقى ۋە زىيانلىق شامىلى يېتىپ كېلىدۇ. ئاندىن قەبرىسى ئۇنى شۇ دەرىجىدە سىقىدۇكى، قوۋرىغىلىرى بىر-بىرىگە كىرىشىپ كېتىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ يېنىغا قارىغۇ ۋە گەپ قىلمايدىغان بىر (ئازاب پەرىشتىسى) ئەۋەتىلىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا بىر توقماق بولىدۇ. ئەگەر ئۇ قولىدىكى بۇ توقماق بىلەن تاغنى ئۇرغان بولسا، تاغ كۇكۇم تالقان بولۇپ كەتكەن بولاتتى. (بۇ ئازاب پەرىشتىسى) كاپىرنى شۇنداق ئۇرىدۇكى، كاپىرنى بازغان بىلەن ئۇرغان (ۋە كاپىر پەرياد چېكىپ چىرقىرىغان) بۇ ئاۋازنى ئىنسان بىلەن جىدىن باشقا، شەرق ۋە غەربتىكى بارچە مەۋجۇدات ئاڭلايدۇ. بۇ ئۇرۇلۇش سەۋەبلىك كاپىر يانچىلىپ توزاندەك بولۇپ كېتىدۇ. ئاندىن (بۇ جازانىڭ تەمىنى داۋاملىق تېتىشى ئۈچۈن) روھى جەسىدىگە قايتۇرلىدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد 4753، ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ ئەھمەد 18063؛ مىشكات 131؛ ئەلبانى: صحيح الترغيب 3558،صحيح؛ الوادعي المصدر:الصحيح المسند الجزء أو الصفحة:150 حكم المحدث:حسن؛)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: إذا قُبِرَ المَيِّتُ أتاهُ مَلَكانِ -[٤٧]- أسْوَدانِ أزْرَقانِ يُقالُ لِأحَدِهِما المُنْكَرُ والآخَرُ النَّكِيرُ فَيَقُولانِ ما كُنْتَ تَقُولُ فِي هَذا الرجل فَيَقُول ما كانَ يَقُول هُوَ عَبْدُ اللَّهِ ورَسُولُهُ أشْهَدُ أنْ لا إلَهَ إلّا اللَّهُ وأنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ ورَسُولُهُ فَيَقُولانِ قَدْ كُنّا نَعْلَمُ أنَّكَ تَقُولُ هَذا ثُمَّ يُفْسَحُ لَهُ فِي قَبْرِهِ سَبْعُونَ ذِراعًا فِي سَبْعِينَ ثُمَّ يُنَوَّرُ لَهُ فِيهِ ثُمَّ يُقالُ لَهُ نَمْ فَيَقُولُ أرْجِعُ إلى أهْلِي فَأُخْبِرُهُمْ فَيَقُولانِ نَمْ كَنَوْمَةِ العَرُوسِ الَّذِي لا يُوقِظُهُ إلّا أحَبُّ أهْلِهِ إلَيْهِ حَتّى يَبْعَثَهُ اللَّهُ مِن مَضْجَعِهِ ذَلِكَ وإنْ كانَ مُنافِقًا قالَ سَمِعت النّاس يَقُولُونَ فَقُلْتُ مِثْلَهُ لا أدْرِي فَيَقُولانِ قَدْ كُنّا نَعْلَمُ أنَّكَ تَقُولُ ذَلِكَ فَيُقالُ لِلْأرْضِ التَئِمِي عَلَيْهِ فتلتئم عَلَيْهِ فتختلف فِيها أضْلاعُهُ فَلا يَزالُ فِيها مُعَذَّبًا حَتّى يَبْعَثَهُ الله من مضجعه ذَلِك

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ئۆلۈك قەبرىگە قويۇلغان چاغدا (تېنى) قاپقارا، (كۆزلىرى) كۆك ئىككى پەرىشتە كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى مۇنكەر، يەنە بىرى نەكىير دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىككى پەرىشتە ئۆلۈكتىن «بۇ (مۇھەممەد دېگەن) كىشى ھەققىدە نېمە دەيسەن؟» دەپ سورايدۇ. قەبرىدىكى كىشى «ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسىدۇر. گۇۋاھلىق بېرىمەنكى ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق، گۇۋاھلىق بېرىمەنكى مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلىدۇر» دەيدۇ. ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭغا «سېنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىڭنى بىلەتتۇق، راستتىنلا بىزنىڭ بىلگىنىمىزدەك دېدىڭ» دەيدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ قەبرىسى يەتمىش غۇلاچ مىقدارىچە كېڭەيتىپ بېرىلىدۇ ۋە نۇرلاندۇرىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا «ئۇخلىغىن» دېيىلىدۇ. ئۇ «بۇ توغرىسىدا ئائىلمگە قايتىپ خەۋەر بېرەلىسەمكەن» دەيدۇ. ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭغا «يېڭى تويى بولغان يىگىتتەك راھەت ئۇخلىغىن. يېڭى تويى بولغان يىگىتنى  ئائىلىسىدىكلەردىن ئەڭ ياخشى كۆرگەن كىشىسى ئويغىتىدۇ» دەيدۇ. بۇ مۆمىن كىشى قەبرىسىدە  تاكى قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنى تىرىلدۈرگەنگە قەدەر راھەت ئۇخلايدۇ.

ئەگەر قەبرىگە قويۇلغان كىشى مۇناپىق بولغان تەقدىردە ئۇ پەرىشتىلەرنىڭ سورىغان سوئالىغا «(مەن بۇ كىشى توغرىسىدا) كىشىلەرنىڭ دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، شۇنى دېگەن ئىدىم. (ئەمما ھازىر) بىلمەيمەن» دەيدۇ. ئىككى پەرىشتە «سېنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىڭنى بىلەتتۇق» دەيدۇ، ئاندىن قەبرىگە «ئۇنى سىق» دەيدۇ. قەبرە ئۇنى شۇنداق سىقىدۇكى، قوۋرۇغىلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ. تاكى ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرگەنگە قەدەر ئۇنىڭ بېرىلىدىغان ئازاب مۇشۇ شەكىلدە داۋاملىشىدۇ.» (تىرمىزى 1071؛ مىشكات 130؛الألباني المصدر:صحيح الترمذي 1071 ،حسن؛ الألباني شرح الطحاوية 399 حسن؛ الألباني صحيح الجامع 724 حسن ؛ الألباني  صحيح الترغيب 3560 حسن؛ شعيب الأرناووط تخريج شرح السنة 5/416 حسن؛)

بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: عَنِ النَّبِيِّ ﷺ قالَ: «إذا أُقْعِدَ المُؤْمِنُ فِي قَبْرِهِ أُتِيَ، ثُمَّ شَهِدَ أنْ لاَ إلَهَ إلّا اللَّهُ وأنَّ مُحَمَّدًا رَسُولُ اللَّهِ، فَذَلِكَ قَوْلُهُ: ﴿يُثَبِّتُ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا بِالقَوْلِ الثّابِتِ﴾ [إبراهيم ٢٧]» حَدَّثَنا مُحَمَّدُ بْنُ بَشّارٍ، حَدَّثَنا غُنْدَرٌ، حَدَّثَنا شُعْبَةُ بِهَذا – وزادَ – ﴿يُثَبِّتُ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا﴾ [إبراهيم ٢٧] نَزَلَتْ فِي عَذابِ القَبْرِ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: مۆمىن قەبرىسىگە قويۇلغاندا (جېنى تېنىگە) قايتۇرۇلىدۇ. ئاندىن ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوقلۇقىغا، مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدىندۇر {ئاللاھ مۆمىنلەرنى ساغلام سۆزدە مۇستەھكەم قىلىدۇ} (سۈرە ئىبراھىم 27) شەئبى مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەت قەبرە ئازابى ھەققىدە نازىل بولغان. (بۇخارى 1369)

ئىمام مۇسلىم نەقىل قىلىدۇكى، ساھابە ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  ئۆلۈم ئەسناسىدا ئوغلىغا مۇنداق دېگەن: وعَنْ عَمْرِو بْنِ العاصِ قالَ لِابْنِهِ وهُوَ فِي سِياقِ المَوْتِ: إذا أنا -[٥٣٨]- مُتُّ فَلا تَصْحَبْنِي نائِحَةٌ ولا نارٌ فَإذا دَفَنْتُمُونِي فَشُنُّوا عَلَيَّ التُّرابَ شَنًّا ثُمَّ أقِيمُوا حَوْلَ قَبْرِي قَدْرَ ما يُنْحَرُ جَزُورٌ ويُقَسَّمُ لَحْمُها حَتّى أسْتَأْنِسَ بِكُمْ وأعْلَمَ ماذا أُراجِعُ بِهِ رُسُلَ رَبِّي. رَواهُ مُسلم «ئەگەر ۋاپات بولسام كەينىمدىن ۋارقىراپ جارقىرىماڭلار، ئوت ياقماڭلار. مېنى قەبرىگە كۆمگەندىن كېيىن قەبرەمگە توپىنى راۋۇرۇس تاشلاڭلار. ئاندىن بىر تۆگۈنى سويۇپ بولغان مىقدارچە قەبرەمنىڭ بېشىدا تۇرۇڭلار، بۇ ئارقىلىق تەسەللىي تاپاي ۋە (بۇ ئەسنادا) رەببىمنىڭ ئەلچىلىرىگە (يەنى ئىككى پەرىشتىگە) قانداق جاۋاپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋالاي.» (مۇسلىم 121؛ مىشكات 1716)

سەھىھۇل بۇخارى: باب — ئۆلۈكنىڭ (قەبرە بېشىدىن قايتقۇچىلارنىڭ) ئاياق ئاۋازىنى ئاڭلايدىغانلىقى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەن: العَبْدُ إذا وُضِعَ فِي قَبْرِهِ، وتُوُلِّيَ وذَهَبَ أصْحابُهُ حَتّى إنَّهُ لَيَسْمَعُ قَرْعَ نِعالِهِمْ، أتاهُ مَلَكانِ، فَأقْعَداهُ، فَيَقُولاَنِ لَهُ: ما كُنْتَ تَقُولُ فِي هَذا الرَّجُلِ مُحَمَّدٍ ﷺ؟ فَيَقُولُ: أشْهَدُ أنَّهُ عَبْدُ اللَّهِ ورَسُولُهُ، فَيُقالُ: انْظُرْ إلى مَقْعَدِكَ مِنَ النّارِ أبْدَلَكَ اللَّهُ بِهِ مَقْعَدًا مِنَ الجَنَّةِ، قالَ النَّبِيُّ ﷺ:»فَيَراهُما جَمِيعًا، وأمّا الكافِرُ – أوِ المُنافِقُ – فَيَقُولُ: لاَ أدْرِي، كُنْتُ أقُولُ ما يَقُولُ النّاسُ، فَيُقالُ: لاَ دَرَيْتَ ولاَ تَلَيْتَ، ثُمَّ يُضْرَبُ بِمِطْرَقَةٍ مِن حَدِيدٍ ضَرْبَةً بَيْنَ أُذُنَيْهِ، فَيَصِيحُ صَيْحَةً يَسْمَعُها مَن يَلِيهِ إلّا الثَّقَلَيْنِ«كىشى قەبرىگە قويۇلۇپ، قەبرىگە كەلگەنلەر ۋە يېقىنلىرى قايتىپ ماڭغاندا، قەبرىدىكى كىشى ئۇلارنىڭ ماڭغان چاغدىكى ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلايدۇ. قەبرىدىكى كىشىگە ئىككى پەرىشتە كېلىدۇ ۋە ئۇنى ئولتۇرغۇزىدۇ. پەرىشتە ئۇنىڭغا «مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) ھەققىدە نېمە دەيتتىڭ؟» دەيدۇ. ئۇ «مەن ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن» دەيدۇ. پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا «دوزاختىكى جايىڭغا قارىغىن. ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىنى جەننەتتىكى تۇرالغۇغا ئۆزگەرتىپ بەردى» دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ كىشى ھەم دوزاختىكى، ھەم جەننەتتىكى ئورنىنى كۆرىدۇ. كاپىرغا ياكى مۇناپىققا كەلسەك، ئۇ (پەرىشتىلەرنىڭ بۇ سوئالىغا) «بىلمەيمەن، مەن كىشىلەرنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش دېگەنتىم» دەيدۇ. پەرىشتىلەر «بىلمىدىڭ، بىلگەنلەرگە ئەگەشمىدىڭ» دەيدۇ. ئاندىن ئۇنى تۆمۈر توقماق بىلەن ئىككى قۇلىقىنىڭ ئارىسىغا ئۇرىدۇ. ئۇ شۇ دەرىجدە پەريات بىلەن ۋارقىرايدۇكى، ئۇنىڭ پەريادىنى ئىنسان بىلەن جىندىن باشقا ھەممە مەخلۇق ئاڭلايدۇ.» (بۇخارى 1338، 1374) ئىمام ئەھمەد ئەبۇ سەئىد خۇدرىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «ئەگەر رەببىڭنى ئىنكار قىلغان بولساڭ، جەھەننەمدىكى تۇرالغۇڭ مۇشۇ بولاتتى» دېيىلگەن. ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇلبارىدا بۇخارىنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسىنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: خەۋەرلەر قەبردىكى سوئال-سوراقنىڭ ئەھلى قىبلىدىن سورىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنكار قىلغان كابىر قەبرىسىدە سوئال-سوراق قىلىنمايدۇ. ئىبنى قەييىم بۇ قاراشنى رەت قىلغان. (فەتھۇلبارى 3\481) ئىمام ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: ھەدىستىن چىرىلىدىغان بەزى ھۆكۈملەر: قەبرىدىكى سوئال سوراقنىڭ بۇ ئۈممەتكە خاسمۇ، ياكى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئۈچۈنمۇ بولغانمۇ؟ دېگەندە، ھەدىسلەرنىڭ ئاشكارا ھۆكۈمىگە بىنائەن، قەبرىدىكى سوئال سوراقنىڭ پەقەتلا مۇشۇ ئۈممەت ئۈچۈن بولىدىغانلىقى بىلىنىدۇ. ھاكىم تىرمىزى بۇنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەيغەمبەرلەر كېلەتتى، پەيغەمبەرلەرگە ئىتائەت قىلسا نىجاتلىققا ئېرىشەتتى، ئىتائەت قىلمىسا پەيغەمبەرلەر ئۇلارنى تەرك ئېتەتتى، نەتىجىدە تەرك ئېتىلگۈچىلەرگە دەرھال ئازاب ئەۋەتىلەتتى. ئاللاھ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكىنىدە، ئىنسانلاردىن (ئىمان ئېيتمىغۇچىلارغا) دەرھال ئازاب بېرىشنى كۆتۈرىۋەتتى. ئىچىدە ئىنكار قىلىپ، تېشىدا مۇسۇلمانلىقىنى سۆزلىگەن (ياكى ئىپادىلىگەن) كىشىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى (دۇنيادا) قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنى سوراققا تارتىش ئۈچۈن قەبرىدە ئىككى پەرىشتىنى بەلگىلىدى. بۇ ئارقىلىق ئىچكى سىرلار ئاشكارىلانماقتا، ناچارلار ياخشىلاردىن ئايرىلماقتا، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقۇچىلارنى كەلىمە تەۋھىد بىلەن مۇستەھكەم قىلماقتا. زالىملارنى بولسا ئازدۇرماقتا. زەيد ئىبنى سابىتتىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنۇ مەرفۇ ھەدىس بۇنى ئىسپاتلىماقتا:«بۇ ئۈممەت قەبرىسىدە سوئال-سوراق قىلىنىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.) (فەتھۇلبارى 3\481)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سۈيدۈكتىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى، ئۇ قەبرە ئازابىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر.» ھەدىسنى داراقۇتنى توپلىغان. ھاكىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: «قەبىر ئازابىنىڭ زور كۆپچىلىكى سۈيدۈكتىندۇر.» بۇ رىۋايەتنىڭ ئىسنادى سەھىھ. (بۇلۇغۇلمەرام 101)

بۇخارى-فەتھۇلبارى 3\473 بۇخارى دەلىل قىلغان ئايەتلەر: 6:93، 9:101، 40:46 وقَوْلُهُ تَعالى: ﴿ولَوْ تَرى إذِ الظّالِمُونَ فِي غَمَراتِ المَوْتِ، والمَلاَئِكَةُ باسِطُو أيْدِيهِمْ، أخْرِجُوا أنْفُسَكُمُ اليَوْمَ -[٩٨]- تُجْزَوْنَ عَذابَ الهُونِ﴾ قالَ أبُو عَبْدِ اللَّهِ: الهُونُ: هُوَ الهَوانُ، والهَوْنُ: الرِّفْقُ وقَوْلُهُ جَلَّ ذِكْرُهُ: ﴿سَنُعَذِّبُهُمْ مَرَّتَيْنِ، ثُمَّ يُرَدُّونَ إلى عَذابٍ عَظِيمٍ﴾ [التوبة ١٠١]، وقَوْلُهُ تَعالى: ﴿وحاقَ بِآلِ فِرْعَوْنَ سُوءُ العَذابِ. النّارُ يُعْرَضُونَ عَلَيْها غُدُوًّا وعَشِيًّا ويَوْمَ تَقُومُ السّاعَةُ، أدْخِلُوا آلَ فِرْعَوْنَ أشَدَّ العَذابِ﴾ [غافر ٤٦]

ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير ئانىسى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق ھەدىس سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان: قامَ رَسُولُ اللَّهِ ﷺ خَطِيبًا فَذَكَرَ فِتْنَةَ القَبْرِ الَّتِي يَفْتَتِنُ فِيها المَرْءُ، فَلَمّا ذَكَرَ ذَلِكَ ضَجَّ المُسْلِمُونَ ضَجَّةً رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خۇتبە ئوقۇش ئۈچۈن تۇردى ۋە كىشىنىڭ قەبرىسىدە مۇپتىلا بولىدىغان قەبر ئازابى توغرىسىدا سۆز قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خۇتبىدە بۇ ھەقتە سۆزلىگەندە، مۇسۇلمانلار قەبرە ئازابى سەۋەبلىك ئەندىشە قىلىشتى. (بۇخارى 1373) بۇخارى بۇ بابتا دەلىل قىلغان ئايەتلەر: 6:93، 9:101، 40:45، 47:27 بۇ ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى: فەتھۇلبارى 3:477

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قەبرىسىدە ئىگىلىرى ئازاب چېكىۋاتقان ئىككى قەبرىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە مۇنداق دېدى: إنَّهُما لَيُعَذَّبانِ، وما يُعَذَّبانِ فِي كَبِيرٍ، أمّا أحَدُهُما فَكانَ لاَ يَسْتَتِرُ مِنَ البَوْلِ، وأمّا الآخَرُ فَكانَ يَمْشِي بِالنَّمِيمَةِ «ئىككىسى قەبرىسىدە ئازاب چېكىۋاتىدۇ. چوڭ گۇناھ سەۋەبلىك ئازاب چېكىۋاتقىنى يوق. ئەمما، بۇ چوڭ گۇناھتۇر. بىرى سۈيدۈكتىن (كىيىمىگە سۈيدۈك تېگىپ كېتىشتىن) ساقلانمايتتى. يەنە بىرى بولسا كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇيتتى.» رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر شاخ تەلەپ قىلدى. شاخنى ئىككىگە ئايرىپ ھەر بىرىنىڭ قەبرىسىنىڭ بېشىغا بىر تالدىن قويدى. (ساھابىلەر) ئۇنىڭغا «ئى رەسۇلۇللاھ، نېمىشقا بۇنداق قىلدىلا» دېۋىدى، «ئۈمىدكى، بۇ شاخلار قۇرۇپ كەتمىگەن مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئازابى يەڭگىللىتىلىدۇ.» دېدى. (بۇخارى 1361) عَنِ ابْنِ عَبّاسٍ رَضِيَ اللَّهُ -[٩٦]- عَنْهُما، عَنِ النَّبِيِّ ﷺ: أنَّهُ مَرَّ بِقَبْرَيْنِ يُعَذَّبانِ، فَقالَ: «إنَّهُما لَيُعَذَّبانِ، وما يُعَذَّبانِ فِي كَبِيرٍ، أمّا أحَدُهُما فَكانَ لاَ يَسْتَتِرُ مِنَ البَوْلِ، وأمّا الآخَرُ فَكانَ يَمْشِي بِالنَّمِيمَةِ»، ثُمَّ أخَذَ جَرِيدَةً رَطْبَةً، فَشَقَّها بِنِصْفَيْنِ، ثُمَّ غَرَزَ فِي كُلِّ قَبْرٍ واحِدَةً، فَقالُوا: يا رَسُولَ اللَّهِ، لِمَ صَنَعْتَ هَذا؟ فَقالَ: «لَعَلَّهُ أنْ يُخَفَّفَ عَنْهُما ما لَمْ يَيْبَسا»

ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ ئازادگەردىسى ھانىئ مۇنداق دېگەن: ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرەر قەبرە يېنىغا كەلسە ساقىلى ھۆل بولغۇدەك يىغلايتتى، ئۇنىڭغا: جەننەت ۋە دوزاخنى تىلغا ئالساڭ يىغلىمايسەن؟ بۇنىڭدىن يىغلامسەن؟ دېيىلگەندە، ئۇ مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قەبرە ئاخىرەت مەنزىلىدىن تۇنجى مەنزىل، كىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلسا كىيىنكى ئىشلىرى ئۇنىڭدىن ئاسان بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىسا كېيىنكىسى تېخىمۇ تەس بولىدۇ» دېگەن ئىدى. [ئىبنى ماجە»سۈنەن ئىبنى ماجە»ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان – تىرمىزىي»سۈنەن تىرمىزى»ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان – ئىمام ئەھمەد»مۇسنەد»ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلغان سەھىھ ھەدىس] عن هانئ مولى عثمان قال: كان عثمان إذا وقف على قبر بَكى حتى يَبُلَّ لحيته، فقيل له: تَذْكُر الجنة والنار فلا تَبكي وتبكي مِن هذا؟ فقال: إن رسول الله – صلى الله عليه وسلم- قال: «إنَّ القبرَ أولُ مَنْزِل من منازل الآخرة، فإنْ نجا منه فما بعده أيسر منه، وإنْ لم ينجُ منه فما بعده أشد منه». [حسن.] – [رواه الترمذي وابن ماجه وأحمد.]

قەبرە ئازابى قۇرئاندا ئىشارە قىلىنغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە بۇ ھەقتە يۈزدىن كۆپ سەھىھ ھەدىسلەر مەۋجۇت. قەبرە ئازابى كۆپلىگەن ساھابىلەردىن ئايرىم ئايرىم يول بىلەن مۇتىۋاتىر دەرىجىدە — ئىشەنچىلىكلىكى قۇرئان ئايەتلىرىدەك شەكسىز ئىشەنچىلىك ھالەتتە نەقىل قىلىنغان بولۇپ، بىز ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت مۇسۇلمانلىرى قەبرە ئازابىغا، قەبرىدىكى سوئال-سوراققا شەكسىز رەۋىشتە ئىمان ئېيتىمىز. ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت قەبرە ئازابىنى ۋە قەبرىدىكى سوئال-سوراقنى ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىشنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى دەپ قارايدۇ. ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت قەبرە ئازابىنى ۋە قەبرىدىكى سوئال سوراقنى ئىنكار قىلىشنى دىندىن چىقىرىدىغان كاپىرلىق دەپ قارايدۇ. (قاراڭ: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن-رىيازۇس سالىھىن جىبرىل ھەدىسى شەرھى)

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپلىگەن سەھىھ ھەدىسلەر مەۋجۇت بولۇپ، بىز بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنىڭ بىر قىسىمى بىلەن چەكلەندۇق. ئەزىز قېرىندىشىم، ئاللاھ سىزگە بۇ رىسالىنى مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن. ھەقنى ئۆگىنىدىغان ۋە ئۇنى قولىنىڭ كېلىشىچە ئەتراپقا يايىدىغان سائادەتمەنلەردىن قىلسۇن. ئاللاھ سىزنى ھەقنى يوشۇرىدىغان، ئىنسانلارنىڭ ئالدىغا ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرى يېتىپ بېرىشىغا پەرۋا قىلمايدىغان غاپىل كىشىلەردىن قىلىپ قويمىسۇن.

ئاللاھ ھەربىرىمىزنى قەبرە ئازابىدىن ساقلىسۇن. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدىغان سائادەتمەن مۆمىنلەردىن قىلسۇن.

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى | mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ