قىز-ئاياللارنىڭ نىقاب تاقىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ مەكتەپ نىقابنى چەكلىسە قانداق قىلىمىز؟ | مۇھەددىس ئەللامە ئابدۇلئەزىز تەرىفى
بىر سەئۇدىيلىك سىڭلىمىزنىڭ سوئالىكەن، ئومۇمنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ جاۋاپ بىرشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،چۈنكى بۇ ھەقتە ئىختىلاپلار كۆپ.
قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ يەنى بەزىبىر قىسىم ئاياللىرىمىزنىڭ نىقابقا قارىتا پوزىتسىيەسى ھەقىقەتەن بىزنى ئىچىندۇردىغان ئەھۋالدا. بۇ قىزچاق 15ياشتىن ئاشقاندا نىقاب تاقاپتۇ.لىكىن ئاكىسىنىڭ مەكتەپتە پەقەت ھىجابقىلا يول قويىدىغانلىقى توغرىسدا قىلغان نەسىھىتى سەۋەبلىك ھىجاب بىلەنلا كۇپايىلنىپتۇ ۋە سوراپتۇ:مىنىڭ نىقاب تاقىغىشىمغا قارىتا شەرىئەتنىڭ قانداق كۆرسەتمىسى بار؟ئايال كىشىگە يۈزىنى يىپىش جەھەتتىن نىمىلەر ۋاجىب؟
ئالدى بىلەن ھىجابقا ئالاقىدار بىلىشكە تېگىشلىك بولغان قائىدىلەردىن : ئاللاھ تائالا ئومومىي جەھەتتىن پەرز قىلغان ھىجاب بولسا ( يەنى شەكلى ۋە تۈرلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ئاساستا) ئىنىق ئايەت قەتئىي دەلىللەر بىلەن پەيغەمبىرىنى پۈتۈن مۇئمىن ئاياللارنى بۇيرۇشقا چاقىرغان ھىجابتۇر.خۇددى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە دىگەندەك :(ئى پەيغەمبەر!ئاياللىرىڭغا ۋە قىزلىرىڭغا،ۋە مۇمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيىتقىنكى، پۈركەنجە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن ، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكىنى ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ دە باشقىلار ئۇلارغا چىقىلمايدۇ.)
پۈركەنجە بىلەن ئورىنىش ئەمرى ئاللاھتىن بارلىق ئاياللارغا ئورتاق بولغان ئەمىردۇر. ۋە بۇ ئايەتنى ئاز بولمىغان ساھابىلەر « يۈزىنى يىپىش» دەپ تەپسىر قىلغان. شۇنىڭدەك جرير بن الطبري نىڭ تەپسىر كىتابىدا علي بن ابي طالب نىڭ ھەدىسىدە ھەم :«ئايال كىشى يۈزىنى يىپىش كىرەك»دەپ تەپسىرلىگەن. بۇ ھەقتە ھەم مجاهد بن جر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سەلەف سالىھلاردىن بايانلار كەلگەن.مۇسەددەد نىڭ «مۇسنەد»دىگەن كىتاپىدا ھەم ئائىشە رضي الله عنها دىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە ئىسبەئ ئبن خالىد ۋە سىڭلىسى ۋە ئاپىسى ئائىشە نىڭ ئىھراملىق ھالىتىدە يىنىغا كىرگەندە «ھەقىقەتەن ئايال كىشى ئىھرام ھالىتىدە يۈزىنى ياپمايدۇ»دەپ ئىيتقان. لىكىن بوينىدىكى ياغلىقنى ئىلىپ يۈزىنى توسىۋالغان.شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئمىن ئاياللار نامەھرەم ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنى يىپىش كىرەك دەپ قارايمىز.چۈنكى بۇ مۇئمنلەرنىڭ ئانىلىرىلا ئەمەس بەلكى بارلىق مۇئمىن ئاياللار چىڭ تۇتۇش كىرەك بولغان ئەمەللىەر قاتارىدىندۇر.
بارلىق مۇئمىن ئاياللارغا ئورتاق پەرز قىلىنغانلىقىنىڭ دەلىلى بولسا: فاتىمە بنت مۇنزىردىن رىۋايەت قىلىنىغان ھەدىستە :«ئەسما بىلەن ھەج قىلغان ئىدۇق،ئىھرام ھالىتىمىزدە يۈزىمىزنى يىپىۋالغان ئىدۇق»دىگەن ۋەھالەنكى ئۇلار مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى قاتارىدىن ئەمەس ئىدى .
يەنە شۇنىڭدەك مۇئمنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا نىڭ «سەھىھۇل بۇخارىي»دا سەفۋان ئبنى مۇئەتتەل توغرىلىق كەلگەن ھەدىسىدە :«ئۇ يەنى سەفۋان مىنى ھىجابلىنىشىمدىن ئىلگىرىلا تونۇيتتى شۇنداقتىمۇ يۈزۈمنى يىپىۋالغان ئىدىم.» شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنىڭدەك مەسلىلەردە مۇسۇلمان ئاياللار مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىردىن ئۆرنەك ئېلىش كىرەك دەپ قارايمىز.
بۇ مەسىلىدە كۆپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدىغان يەنە بىر نوقتا بولسا ، بەزى دۆلەتلەر بولۇپمۇ ئىلگىرى مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەتلەردىكى بەزىبىر كىشىلەر ئاخبارات ۋە مەدىنىيتى ھەر خىل شەكىلدە مۇستەملىكە قىلىنغان سەۋەبلىك كىشلەرنىڭ ھازىرقى ئۇسلۇبتىكى تۇرمۇش ھالىتىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋرى دىكى تۇرمۇش ھالىتنىڭ ئۆزى دەپ قاراپ:«كىشىلەر نىمە ئۈچۈن خاتالىقلارنى ئۆزگەرتمەيدۇ ۋەھالەنكى بىز ياكى پالانى ھەق ئۈستىدە » دىيىشىدۇ.بىز ئۇ كىشىلەرگە شۇنداق دەيمىزكى:«بىر ئىشنىڭ كۆپ تارقىلىشى ئۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ.بۇ دەلىل ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرى كەلتۈرگەن دەلىلىنىڭ ئۆزى بولۇپ ئۇلار « بىز ھەقىقەتەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئىتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز،شەك-شۈبھىسىزكى بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز»دەيدۇ.
ئەبۇ تالىپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ ھەق ئۈستىدە ئىكەنلىكىگە قەلبىدە ئىقرار بولغان تۇرۇقلۇق كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ بۇ دىنغا قارىشى تۇرغانلىقىدىن دىنغا كىرىشتىن باش تارتىپ پەيغەمبىرىمىزگە:« ماڭا بىر دىننى ئەكەلدىڭ،ئۇ دىننىڭ يەر يۈزىدىكى دىنلار ئىچىدىكى ئەڭ توغرا دىن ئىكەنلىكىگە ئىقرارمەن . ئەگەر ئۈستۈمگە مالامەت ياكى سۆكۈشلەر بولمىسىدى ،مىنى ئىمان ئېيتقانلار قاتارىدىن تاپقان بولاتتىڭ ».
يەنى ئۇ بۇ دىننىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ئىقرار ئىدى.شۇڭا مەلۇم بىر ئىشنىڭ مەلۇم جەمئىيەت ياكى مەلۇم زامان ۋە ماكاندا كەڭ تارقىلىشى ئۇنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.چۈنكى ئىنسان قىيامەت كۈنى«پەيغەمبەرلەرگە نىمە بىلەن جاۋاپ بەردىڭلار؟»دەپ سورىلىدىغانلىقىنى بىلىش كىرەك.
بۇ يەردە ھەم تىلىغا ئىلىپ ئۆتۈش كىرەك بولغان مۇھىم مەسىلە شۇكى: كۆپىنچە كىشىلەرھەنەفىي،شافىئىي، مالىكىي ۋە ھەنبەلىيدىن تەركىب تاپقان تۆت فىقھىي ئۆلىمالىرى بىردەك ھالدا ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى ئوچۇق قويۇشنىڭ ھۆكمىنى جائىز دەپ ئورتاقلىققا كەلگەن دەپ قارايدۇ لېكىن بۇ خاتا قاراش.توغرا بۇ مەزھەپنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىچىدىن بەزىلىرى جائىز دەپ قارايدىغانلار بار ئەمما بۇ قاراش ھەرگىزمۇ بۇ تۆت ئۆلىمانىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمى ئەمەس.ئىمام شافىئىي «الأم»دىگەن كىتابىدا: «ئايال كىشى ھەجگە تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بولسا، ئەرلەرگە كۆرۈنۈپ قالماسلىق ئۈچۈن يىرىم كىچىدە تاۋاپ قىلىش كىرەك دەپ ئىيىتقان .» ۋەيەنە:«ياش قىز-ئاياللار تاۋاپ ۋاقتىدا يۈزىنى يىپىۋىلىش كىرەك»دەپ ئىيتقان. ھەج ۋاقتىدىكى ھۆكۈم بۇ بولسا ھەجدىن سىرىت ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا پەرز بولماسمۇ؟
ئىمام شافىئىينىڭ ئايال كىشىنىىڭ يۈزىنى ئوچۇق قويۇشىنىڭ جائىزئىكەنلىكىگە ئالاقىدار قىلغان ھىچبىر سۆزىنى ئۇچراتمىدىم. بەلكى بۇ ئەگەشكۈچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بەزى فىقھىي ئۆلىمالىرنىڭ سۆزىدۇر.
ئىمام مالىك ئەبۇ ھەنىيفەمۇ ھەم شۇنداق.مۇھەممەد ئبن ھەسەننىڭ «المبسوط»دىگەن كىتابىدا ئىمام ئەبۇ ھەنىيفەگە نىسبەت بىرىپ: زۆرۈرىيەت مەسىللىىرىگە ئالاقىدار سودا-سىتىق مەسىللىرىدە شۇنىڭدەك توختام ، سودا-مۇئامىلە ۋە دەۋا ئىشلىرىدا زۆرۈر تېپىلغاندا ئىچىشنىڭ جائىزلىقىنى ئىيتقان.
ئەمما ئايال كىشى يۇقىرىدا سورالغاندەك ئەھۋالدا يۈزىنى يىپىش مەسىلىسىدە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ئاكىسىغا بويسۇنماسلىق كىرەك دەپ قارايمىز. ئەگەر مەكتىپى يۈزىنى ئېچىۋىتىشنى تەلەپ قىلدىغان بولسا ئىمكانقەدەر يۈزىنى ئېچىۋىتىشنى تەلەپ قىلمايدىغان ۋە دىنىغا توسالغۇ بولمايدىغان مەكتەپلەرنى تىپىپ ئوقۇشى كىرەك.
شۇنىڭدەك بىزمۇ ئايال كىشىنىڭ ھىجابىغا چەك قويۇپ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدىغان دۆلەت ۋە مەكتەپلەرنى ئاللاھتىن قورقۇشقا چاقىرىمىز. چۈنكى بۇ ئامانەتنى زايا قىلىۋەتكەنلىكتۇر. (ئەللامە ئابدۇلئەزىز تەرىفى ھافىزەھۇللاھ)
ئەرەپچىدىن خۇمار تەرجىمىسى
مەنبە:
https://www.youtube.com/watch?v=CjpkhT4Ncu4&t=175s
حكم لبس النقاب ؟ الشيخ عبدالعزيز الطريفي