تەكفىر پىتنىسى | ئىمام مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھىجرىيە 1421-يىلى)
شەيخ مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
ھەقىقەتەن ھەمدۇ سانا الله قا خاستۇر. ئۇنىڭغا ھەمدۇ ئېيتىمىز، ئۇنىڭدىن ياردەم ۋە مەغفىرەت تىلەيمىز. نەپسىمىزنىڭ شەررىدىن ۋە ئەمەللىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن الله قا سېغىنىمىز. الله ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. الله ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە – يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر؛ ۋە يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد الله نىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلىدۇر.[1]
شۈبھىسىزكى، ئومۇمىيۈزلۈك تەكفىر قىلىش (كاپىر دەپ ھۆكۈم چىقىرىش) مەسىلىسى شۇ ھۆكۈمنى چىقارغانلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈم چىقىرىلغۇچىلار (يەنى كاپىر دەپ قارالغۇچىلار) ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن ئېغىر ۋە قەدىمىي پىتنىدۇر. بۇ قىلمىشنىڭ يىلتىزى «خاۋارىج»[2] دەپ ئاتالغان قەدىمىي ئىسلامىي پىرقىگە تۇتۇشىدۇ.
ئەپسۇسلىنارلىقى، بەزى دەۋەتچىلەر قۇرئان – سۈننەت نامى ئاستىدا، تۆۋەندىكى ئىككى سەۋەب تۈپەيلى قۇرئان – سۈننەتتىكى چەك – چېگرالاردىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ:
بىرىنچىسى، ئىلىمدىكى تېيىزلىك
ئىككىنچىسى ـــ بۇ تولىمۇ مۇھىمدۇر ـــ ئۇلار ساغلام ئىسلامىي دەۋەتنىڭ ئاساسى بولغان شەرئىي قائىدە – پىرىنسىپلارنى ئاڭقىرالمايدۇ. ھالبۇكى، مەزكۇر شەرئىي پىرىسىنپلاردىن چەتنەش رەسۇلۇللاھ ﷺ ماختىغان، ھەتتا رەببىمىز عز وجل ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى «الله قا ۋە پەيغەمبەرگە قارشى چىققانلىق» دەپ جاكارلىغان «جامائەت»تىن ئايرىلغانلىقتۇر. الله عز وجل شۇنداق دېگەن:
{وَمَن يُشَاقِقِ الرَّسُولَ مِن بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ الْهُدَىٰ وَيَتَّبِعْ غَيْرَ سَبِيلِ الْمُؤْمِنِينَ نُوَلِّهِ مَا تَوَلَّىٰ وَنُصْلِهِ جَهَنَّمَ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا}
« كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقىغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز ۋە (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!» [سۈرە نىسا 115 – ئايەت].
ئىلىم ئەھلىنىڭ نەزىرىدە مەسىلە ئوپئوچۇقتۇركى، الله ئۆزىنىڭ «كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلسا» دېگەن سۆزىنى «مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقىسىغا ئەگىشىش»كە باغلاپ، «ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز ۋە (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز» دېگەن.
مۇئمىنلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىش ياكى ئەگەشمەسلىك ھەقىقەتەن پەۋقۇلئاددە مۇھىمدۇر. مۇئمىنلەرنىڭ يولىغا ئەگەشكۈچى ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ دەرگاھىدا قۇتۇلغۇچىلاردۇر. مۇئمىنلەرنىڭ يولىغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ بارار جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمە دېگەن يامان جاي!
كونا – يېڭى نۇرغۇن تائىپىلەر مۇئمىنلەرنىڭ يولىدا مېڭىشقا ئەھمىيەت بەرمەي، قۇرئان – سۈننەتنى ئىزاھلاش خۇسۇسىدا ئەقىللىرىنىڭ ئسىكەنجىسىگە چۈشۈپ، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن ئېزىپ كەتتى، سەلەف سالىھلارنىڭ (الله تعالى ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولغاي) يولىدىن چىقىپ، خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولدى.
رەسۇلۇللاھ ﷺ ئۆزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدىمۇ يۇقىرىدىكى ئايەتتىكى «مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقىغا ئەگەشكۈچى» ئىبارىسىنى تەكىتلىگەن.
بىز بۇ يەردە مەزكۇر ھەدىسلەردىن بەزىلىرىنى بايان قىلىمىز. بۇ ھەدىسلەر بارلىق مۇسۇلمانلارغا تونۇشلۇق بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەدىسلەردىكى كىشىلەرگە بىلىنمىگەن نۇقتا شۇكى: بۇ ھەدىسلەر قۇرئان ۋە سۈننەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇئمىنلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىشنىڭ زۆرۈر ۋە ۋاجىب (پەرز) ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
«تەكفىر جامائىتى» دەپ تونۇلغان كىشىلەر ۋە ئۆزلىرىنى جىھادقا نىسبەت بېرىدىغان، ئەمەلىيەتتە بولسا تەكفىرچىلەرنىڭ قالدۇقلىرىدىن بولغان بەزى جامائەتلەر دەل مۇشۇ نۇقتىدا خاتالاشقان ۋە غەپلەتتە قالغان.
بۇلار ھەقىقەتەن سالىھ ۋە ئىخلاسمەن كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن، ئەمما الله عز وجل نىڭ دەرگاھىدا قۇتۇلغانلاردىن بولۇش ئۈچۈن يالغۇز بۇلا كۇپايە قىلمايدۇ.
بۇ جەھەتتە، مۇسۇلمانلار چوقۇم تۆۋەندىكى ئىككى خىسلەتنى ئۆزىدە تەڭ ھازىرلىشى كېرەك:
- نىيەتنى الله عز وجل ئۈچۈن خالىس قىلىش؛
- رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ يولىغا گۈزەل رەۋىشتە ئەگىشىش.
قۇرئان – سۈننەتكە ئەمەل قىلىش ۋە بۇلارغا دەۋەت قىلىش جەھەتتە، ئىخلاسمەن مۇسۇلمان بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئەكسىچە، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىشىنىڭ مەنھەجى (مېتودى) توغرا ۋە ساغلام بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى، بۇ (يەنى مەنھەجنىڭ توغرا بولۇشى) پەقەت مەزكۇر ئۈممەتنىڭ سەلەف سالىھلىرىنىڭ (الله تعالى ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولغاي) يولىغا ئەگەشكەندە ئاندىن روياپقا چىقىدۇ.
يۇقىرىدا قەيت ئېلىنغان سەھىھ ھەدىسلەردىن بىرى يەتمىش ئۈچ پىرقە ھەدىسىدۇر. دەرۋەقە، رەسۇلۇللاھ ﷺ:
«اِفْتَرَقَتِ اليَهُوْدُ عَلَى إِحْدَى وَسَبْعِيْنَ فِرْقَةٍ وَافْتَرَقَتِ النَّصَارَى عَلَى اثْنَتَيْنِ وَسَبْعِيْنَ فِرْقَةٍ وَسَتَفْتَرِقُ أُمَّتِي عَلَى ثَلاث وَسَبْعِيْنَ فِرْقَةٍ كُلُّهَا فِي النَّارِ إِلا وَاحِدَة»
«ھەقىقەتەن يەھۇدىيلار 71 پىرقىگە، ناسارالار 72 پىرقىگە بۆلۈنگەن. مېنىڭ ئۈممىتىم 73 پىرقىگە بۆلۈنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىدىن باشقا ھەممىسى دوزاختا بولىدۇ» دېگەندە،
ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ ﷺ دىن: «ئۇلار (يەنى نىجادلىق تاپقۇچى شۇ پىرقە) كىم؟ يا رەسۇلۇللاھ» دەپ سوراشقانىدى. رەسۇلۇللاھ ﷺ:
«الجَمَاعَة» «جامائەت» دەپ جاۋاب بەرگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە «مَا أَنَا عَلَيْهِ وأصحابي» «مەن ۋە مېنىڭ ساھابىلىرىمنىڭ يولىدىكىلەر» دېگەن.
رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ مەزكۇر جاۋابى يۇقىرىدا نەقىل قىلىنغان ئايەتتىكى «مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقىغا ئەگەشكەنلەر» دېگەن ئىبارە بىلەن تامامەن ئوخشاش مەنىدە بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن، مەزكۇر ئايەتنىڭ ئومۇمىي ھۆكمى دائىرىسىگە (يەنى ئايەتتىكى «مۇئمىنلەر» كاتېگورىيەسىگە) كىرىدىغانلار ئەڭ ئالدى بىلەن رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ساھابىلىرىدۇر.
رەسۇلۇللاھ ﷺ بۇ ھەدىستە: «مېنىڭ يولۇم» دېيىش بىلەنلا چەكلەنگەن تەقدىردىمۇ، قۇرئان – سۈننەتنى ھەقىقىي چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن بۇ كۇپايە قىلغان بولاتتى. لېكىن، رەسۇلۇللاھ ﷺ بۇ ئارقىلىق الله سبحانه وتعالى نىڭ ئۇنىڭ ھەققىدىكى {بِالْمُؤْمِنِينَ رَؤُوفٌ رَّحِيمٌ} «ئۇ (يەنى رەسۇلۇللاھ ﷺ) مۇئمىنلەرگە ھەقىقەتەن ناھايىتى مېھرىباندۇر، تولىمۇ كۆيۈمچاندۇر»[3] دېگەن سۆزىنى ئەمەلىي رەۋىشتە نامايەن قىلغان.
رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ساھابىلىرىگە ۋە ئەگەشكۈچىلىرىگە قۇتۇلغۇچى پىرقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇلارنىڭ «رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ۋە ساھابىلىرىنىڭ يولى»دا ماڭغانلار ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىشى ئۇلارغا بولغان شەپقەت ۋە مەرھەمىتىنىڭ كامىل دەرىجىسىدۇر.
شۇ ۋەجىدىن، ئومۇمىي مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام دەۋەتچىلىرىنىڭ، قۇرئان – سۈننەتنى چۈشىنىشتە، ئەرەب تىلى بىلىملىرىنى، مەنسۇخ قىلىنغان ۋە قىلغان ھۆكۈملەرنى ھەمدە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ھۆكۈملەرنى بىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىشى توغرا بولمايدۇ. ئەكسىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ساھابىلىرىنىڭ يولىغا مۇراجىئەت قىلىش زۆرۈردۇر. چۈنكى، ئىش – ئىزلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇلار الله عز وجل گە قىلىنغان ئىبادەتتىكى ئەڭ سەمىمىي كىشىلەر ئىدى. شۇنداقلا، ئۇلار قۇرئان ۋە سۈننەتنى بىزدىن (يەنى ئۆزىدىن كېيىنكى بارلىق ئىنسانلاردىن) ياخشى چۈشىنەتتى ۋە ئۇلار ئۆزلىرىنى مىسلىسىز ئەخلاق نەمۇنىلىرىغا ئايلاندۇرغان بولۇپ، ماختىلىشقا لايىق باشقا خىسلەتلەرگىمۇ ئىگە ئىدى.
مەزكۇر ھەدىس پايدا ۋە نەتىجە ئېتىبارى بىلەن، سۇنەن كىتابلىرىدا ئىرباز ئىبنى سارىيە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسكە ئوخشايدۇ. ئىرباز ئىبنى سارىيە رضي الله عنه ئېيتىدۇكى: رەسۇلۇللاھ ﷺ بىزگە بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بەردى، ئاندىن بىز تەرەپكە يۈزلىنىپ، كۆزلەردىن ياش ئاققۇزۇپ، قەلىبلەرنى تىترىتىدىغان، ئىنتايىن تەسرلىك تەبلىغ قىلدى. بىر ئادەم: «يا رەسۇلۇللاھ! بۇ ۋىدالاشقۇچىنىڭ سۆزىگە ئوخشاپ كەتتى» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېدى:
«أُوصِيكُمْ بِتَقْوَى اللَّهِ وَالسَّمْعِ وَالطَّاعَةِ وَإِنْ كَانَ عبدا حَبَشِيًّا فَإِنَّهُ من يَعش مِنْكُم يرى اخْتِلَافًا كَثِيرًا فَعَلَيْكُمْ بِسُنَّتِي وَسُنَّةِ الْخُلَفَاءِ الرَّاشِدِينَ الْمَهْدِيِّينَ تَمَسَّكُوا بِهَا وَعَضُّوا عَلَيْهَا بِالنَّوَاجِذِ»
«سىلەرگە الله قا تەقۋادارلىق قىلىشنى، ھەبەشىستانلىق بىر قۇل باش بولسىمۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىشنى ۋە ئىتائەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن! مەندىن كېيىن ياشىغانلار چوقۇم نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. شۇڭا، مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە (توغرا يولغا يېتەكلەنگەن) راشد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار! ئۇنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار» [مىشكاتۇل مەسابىھ 165 – ھەدىس، سەھىھ].
بۇ ھەدىسمۇ رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ يۇقىرىدىكى (73 پىرقىگە ئالاقىدار) ھەدىسىدىكى جاۋابىنى تەكىتلەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ﷺ ئۆز ئۈممىتىنى سۈننەتكە چىڭ يېپىشقان ساھابىلىرىگە ئەگىشىشكە بۇيرۇپ، «ۋە راشىد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار» دېگەن.
شۇ ۋەجىدىن، ئەقىدىمىزنى، ئىبادىتىمىزنى، ئەخلاقىمىزنى ۋە قىلمىشلىرىمىزنى چۈشەنمەكچى بولغىنىمىزدا، ھەر دائىم ۋە مەڭگۈ مۇشۇ ئاساسىي پىرىنسىپ بويىچە ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم.
مۇسۇلمان ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بۇ ھۆكۈملەرنى توغرا چۈشىنىپ، نىجادلىق تاپقۇچى بىردىنبىر پىرقىگە تەۋە بولۇش ئۈچۈن سەلەف سالىھلارنىڭ مەنھەجىگە قايتىشتىن باشقا يول يوق.
بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كونا – يېڭى پىرقىلەرنىڭ نۇرغۇنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستىكى دەلىلگە، راشىد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش توغرىسىدىكى ھەدىسنىڭ ۋە ئۈممەتنىڭ (73 پىرقىگە) بۆلۈنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسنىڭ مۇھىملىقىغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك ھەق يولدىن ئېزىپ كەتكەن.
شۇ ۋەجىدىن، بۇ تائىپىلەرنىڭ خۇددى ئىلگىرى الله نىڭ كىتابىدىن، رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ سۈننىتىدىن ۋە سەلەف سالىھلارنىڭ مەنھەجىدىن چەتنەپ كەتكەن تائىپىلەرنىڭ ئېزىپ كەتكىنىدەك ئېزىپ كېتىشى تامامەن تەبىئىي ئەھۋالدۇر.
ئەنە شۇ ئازغۇن تائىپىلەردىن بىرى ئىلگىرىكى ۋە زامانىمىزدىكى خاۋارىجلاردۇر.
بۇ دەۋردە، ھەتتا ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى، تەكفىر پىتنىسى {وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ} «كىملەركى الله نىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر»[4] دېگەن ئايەتكە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇلار (يەنى مۇسۇلمانلارنى دەلىلسىز تەكفىر قىلىدىغان خاۋارىجلار) چوڭقۇر چۈشەنچىگە ۋە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولماي تۇرۇپلا، بۇ ئايەتكە ئېسىلىۋالماقتا (ئەمەلىيەتتە، سۇيئىستېمال قىلماقتا، ت).
بىزگە مەلۇمكى، يۇقىرىدىكى ئايەت (سۈرە مائىدەدە) تەكرارلىنىدىغان بولۇپ، ئاخىرقى جۈملىسى ئوخشىمىغان ئۈچ خىل ھالەتتە كەلگەن:
(1) {وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ} «كىملەركى الله نىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر» [سۈرە مائىدە 44 – ئايەت].
(2) {وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ} «كىملەركى الله نىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر» [سۈرە مائىدە 45 – ئايەت].
(3) {وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ} «كىملەركى الله نىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار پاسىقلاردۇر» [سۈرە مائىدە 45 – ئايەت].
بۇ ئايەتلەرنىڭ تۇنجىسىدىكى «ئۇلار كاپىرلاردۇر» دېگەن لەۋزىنى ئېلىپلا، ئۇنى تەكفىر قىلىشتا ھۆججەت قىلىۋېلىش سېپى ئۆزىدىن نادانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. چۈنكى، ئۇلار قۇرئان – سۈننەتتىكى «الكُفرُ» «كۇفۇر» دېگەن ئىبارە تىلغا ئېلىنغان باشقا دەلىللەردىن بىخەۋەر قالغان. يەنى، ئۇلار بۇ ئايەتنى قەتئىي چۈشەنمەي تۇرۇپلا، بۇ ئارقىلىق بىراۋنىڭ دىندىن تامامەن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ خىل (يەنى ئايەتتە قەيت قىلىنىغىنىدەك) كۇفۇرغا چۈشۈپ قالغان كىشى بىلەن يەھۇدىيلار، خىرىستىيانلار ۋە ئىسلامدىن باشقا ئېتىقادتىكى كاپىرلارنىڭ پەرقى يوقلۇقىنى دەۋا قىلىشقان.
ھالبۇكى، قۇرئان – سۈننەتتىكى «كۇفۇر» ئىپادىسى ھەرۋاقىت ئۇلار دائىم تەكرارلايدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خاتا ۋە باتىل كۆز قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان («دىندىن چىقىرىدىغان كۇفۇر» دېگەن) مەنىنى بىلدۈرۈۋەرمەيدۇ.
(«الكُفرُ»دىن ئىبارەت) بۇ سۆزنىڭ ھەرۋاقىت بىرلا مەنىنى بىلدۈرۈۋەرمەيدىغانلىقى شۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتلەردىكى «ئۇلار زالىملاردۇر»، «ئۇلار پاسىقلاردۇر» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ تەدبىقلىنىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىراۋنى «زالىم» ياكى «پاسىق» دەپ سۈپەتلەش ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئىسلام دىنىدىن تامامەن چىقىپ، كاپىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈۋەرمەيدۇ. شۇنىڭدەك، كۇفۇرلۇق بىلەن خاراكتېرلىنىش ھەرۋاقىت شۇ كىشىنىڭ دىندىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتكەنلىكىدىن (مۇرتەد بولغانلىقىدىن) دېرەك بەرمەيدۇ.
قۇرئان – سۈننەتنىڭ تىلى بولغان ئەرەب تىلى بىر ئىبارىنىڭ پەرقلىق مەنىلىرى بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، مۇسۇلمانلار ھەققىدە ـــ مەيلى ئۇ ھۆكۈمدار ياكى ئاۋام بولسۇن ـــ ھۆكۈم قىلماقچى بولغان كىشى سەلەف سالىھلارنىڭ مەنھەجى ئۈستىدە، قۇرئان – سۈننەت توغرىسىدا چوڭقۇر ئىلىمگە ئىگە بولۇشى شەرت.
ھالبۇكى، ئەرەب تىل – ئەدەبىياتىنى كونكرېت ۋە توغرا بىلمەي تۇرۇپ، قۇرئان – سۈننەتنى ۋە ئۇلاردىن چىقىرىلىدىغان ھۆكۈملەرنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس.
ئەگەر ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەر (تالىبۇل ئىلىم)نىڭ تىل خۇسۇسىدا يېتەرسىز تەرەپلىرى بار بولسا، بۇ خىل يېتەرسىزلىكنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنىڭ چارىسى ـــ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ، بولۇپمۇ ياخشىلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىلگەن دەسلەپكى ئۈچ دەۋردىكىلەرنىڭ (شۇ خۇسۇستىكى) چۈشەنچىسىگە مۇراجىئەت قىلىشتۇر.
ئەمدى ئايەتكە قايتايلى:
{وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ}
«كىملەركى الله نىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر» [سۈرە مائىدە 44 – ئايەت].
بۇ يەردىكى «كاپىر» ئىبارىسى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇ كىشىنى ئىسلام دىنىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىدىغان «كاپىرلىق»مۇ ياكى باشقا مەنىسى بارمۇ؟
مەن دەيمەنكى، بۇ ئايەتنى توپتوغرا چۈشىنىش ئىنتايىن زۆرۈر. چۈنكى، بۇ يەردىكى «كۇفۇر» كىشىنى بەزى ئىسلام ھۆكۈملىرىدىن چىقىرىۋېتىدىغان ئەمەلدىكى كۇفۇرنى كۆرسىتىدۇ. ئۈممەتنىڭ مەشھۇر ئالىمى ۋە قۇرئاننىڭ مۇپەسسىرى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما نىڭ بۇ خۇسۇستىكى سۆزى مەزكۇر چۈشەنچىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ھالبۇكى، ئازغۇن پىرقىنىڭ ئەزالىرىدىن باشقا بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ زاتنىڭ تەپسىر ئىلمىدىكى يېگانە ئىمام ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن.
ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما ـــ خۇددى بىزنىڭ بۈگۈن ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئاڭلىغاندەكلا ـــ كىشىلەرنىڭ مەزكۇر ئايەتنىڭ مەنىسىنى يۈزەكى چۈشىنىۋالغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «ليس الكفر الذي تذهبون إليه وإنه ليس كفرا ينقل عن الملة وهو كفر دون كفر» «ئۇ سىلەر چۈشىنىۋالغاندەك كۇفۇر (كاپىرلىق) ئەمەس. ھەقىقەتەن، ئۇ سىلەرنى دىندىن چىقىرىۋېتىدىغان كۇفۇر ئەمەس. بەلكى، ئۇ (مۇتلەق مەنىدىكى، چوڭ) كۇفۇردىن تۆۋەن كۇفۇردۇر» دېگەن.
بەلكىم، ئۇ بۇ سۆزىنى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمرى ئەلىي رضي الله عنه غا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، مۇئمىنلەرنىڭ قېنىنى تۆككەن، ئۇلارغا ھەتتا بۇتپەرەس كاپىرلارمۇ قىلمىغان ۋەھشىيلىكلەرنى قىلغان خاۋارىجلارغا قاراتقان بولۇشى مۇمكىن. ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما: «ليس الأمر كما قالوا أو كما ظنوا وإنما هو كفر دون كفر» «بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئېيتقىنىدەك ياكى گۇمان قىلغىنىدەك ئەمەس، ھەقىقەتەن ئۇ كۇفۇردىن تۆۋەن كۇفۇردۇر» دېگەن.
قۇرئاننىڭ مۇپەسسىرى (يەنى ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما)نىڭ بۇ ئايەت توغرىسىدىكى مەزكۇر ئوچۇق ۋە ئىخچام جاۋابى مەن يۇقىرىدا زىكىر قىلغان ئايەتلەرنى باشقا شەكىلدە چۈشىنىشكە ھېچقانداق ئىمكانىيەت قالدۇرمىغان.
«كۇفۇر» ئىبارىسى قۇرئان ۋە ھەدىستە نۇرغۇن يەردە زىكىر قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى «دىندىن چىقىرىدىغان كۇفۇر» دەپ چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. ئىككى سەھىھ ھەدىس كىتابى (بۇخارى ۋە مۇسلىم)دىكى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس بۇنىڭ مىسالىدۇر. مەزكۇر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ﷺ: «سباب المسلم فسوق وقتاله كفر» «مۇسۇلماننى تىللاش پاسىقلىق، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش[5] كۇفۇر (كاپىرلىق)دۇر» دېگەن.
بۇ يەردە زىكىر قىلىنغان كۇفۇر «گۇناھ ۋە ئىتائەتسىزلىك» مەنىسىدە بولسىمۇ، پاساھەت بابىدا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى بولغان رەسۇلۇللاھ ﷺ بۇ گۇناھنى ئەيىبلەشتە مۇبالىغە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ «ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش (جەڭ قىلىش) كۇفۇردۇر» دېگەن.
يەنە بىر نۇقتىدىن مۇنداق سوئال قويۇش مۇمكىن: بىز مەزكۇر ھەدىسنىڭ بىرىنچى جۈملىسىدىكى «پاسىقلىق» ئىبارىسىنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ئۈچىنچىسى (يەنى «كىملەر الله نىڭ نازىل قىلغانلىرى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار پاسىقلاردۇر» دېگەن ئايەت)دىكىدەك چۈشىنىش مۇمكىنمۇ؟
جاۋاب شۇكى، بۇ كىشىنى دىندىن چىقىرىدىغان (چوڭ) كۇفۇر بىلەن مەنىداش بولۇشىمۇ، دىندىن چىقارمايدىغان كۇفۇر سۆزى بىلەن مەنىداش بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، قۇرئاننىڭ مۇپەسسىرى (ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما)نىڭ ئېيتقىنىدەك، بۇ يەردىكىسى كۇفۇردىن تۆۋەن كۇفۇرنى كۆرسىتىدۇ.
مەزكۇر ھەدىس بۇ يەردە مەقسەت قىلىنغان كۇفۇرنىڭ مۇشۇ مەنىدە (يەنى «كۇفۇردىن تۆۋەن كۇفۇر») ئىكەنلىكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. چۈنكى، الله عز وجل شۇنداق دېگەن: {وإن طائفتان من المؤمنين اقتتلوا فأصلحوا بينهما فإن بغت إحداهما على الأخرى فقاتلوا التي تبغي حتى تفيء إلى أمر الله} «ئەگەر مۇئمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى الله نىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر (يەنى تاجاۋۇزىنى توختاتقانغا قەدەر) ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار» [سۈرە ھۇجۇرات 9 – ئايەت].
بۇ يەردە رەببىمىز عز وجل ھەق ئۈستىدىكى مۇئمىنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغان ھەددىدىن ئاشقۇچى گۇرۇھنى زىكىر قىلغان ۋە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە «ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش كۇفۇردۇر» دېيىلگەن بولسىمۇ، الله عز وجل ئۇلارنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلمىغان.
دېمەك، بۇ يەردىكى كۇفۇرمۇ ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما نىڭ ئالدىدىكى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئېيتقىنىدەك «كۇفۇردىن تۆۋەن كۇفۇر»دۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان بىلەن ئۇرۇش قىلىشى زۇلۇم، ھەددىدىن ئېشىش، پاسىقلىق ۋە كۇفۇردۇر. ئەمما، بۇ يەردىكى «كۇفۇر» (كىشىنى دىندا چىقارمايدىغان) ئەمەلدىكى كۇفۇر بولۇشىمۇ، (كىشىنى دىندىن چىقىرىدىغان) ئېتىقادىي كۇفۇر بولۇشىمۇ مۇمكىن.
بۇ يەردە، ھەق ئىمامى، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رحمه الله نىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇشبۇ بۇرچنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان پەزىلەتلىك ئوقۇغۇچىسى ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىيەنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرھ ۋە ئىزاھاتلارنى بايان قىلىشنىڭ پايدىسى بار. ئۇلار قۇرئاننىڭ مۇپەسسىرى (ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما) ئىخچام ۋە مۇكەممەل ئىبارىلەر بىلەن بايان قىلغان «كۇفۇرنى ئىككى دەرىجىگە ئايرىش» مەنھەجىگە ۋارسلىق قىلغان. ئىبنى تەيمىييە رحمه الله بىلەن ھەمراھى ۋە ئوقۇغۇچىسى بولغان ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە ئىزچىل ھالدا ئېتىقادىي كۇفۇر بىلەن ئەمەلدىكى كۇفۇرنىڭ ئارىسىنى ئايرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى؛ بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزى تۇيماستىن پىتنىگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ۋە مۇسۇلمان جامائىتىدىن ئايرىلىپ، كونا ياكى يېڭى خاۋارىجلارنىڭ سېپىگە كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
يىغىپ ئېيتقاندا، رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ: «مۇسۇلمان بىلەن ئۇرۇشۇش كۇفۇردۇر» دېگەن ھەدىسىدىكى «كۇفۇر» ئىبارىسى كىشىنى مۇتلەق رەۋىشتە دىندىن چىقىرىدىغان كۇفۇرنى كۆرسەتمەيدۇ.
بۇ خۇسۇستا نۇرغۇن ھەدىسلەر بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ تېيىز چۈشەنچىسى سەۋەبلىك، يۇقىرىدا نەقىل قىلىنغان ئايەتنى خاتا چۈشىنىۋېلىپ، بۇنى (يەنى ئايەتتىكى «كۇفۇر» ئىبارىسىنى) ئېتىقادىي كۇفۇر دەپ چۈشىنىۋالغانلارغا قارشى دەلىلدۇر.
ھازىرچە، بۇ ھەدىس بىز ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. چۈنكى، بۇ ھەدىس بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشى بىلەن ئۇرۇش قىلىشىنىڭ ئېتىقادىي كۇفۇر ئەمەس، بەلكى ئەمەلدىكى كۇفۇر ئىكەنلىكىنىڭ قەتئىي دەلىلىدۇر.
تەكفىر جامائىتىگە ياكى شۇلاردىن شاخلاپ چىققان تائىپىلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار ھۆكۈمدارلارنىڭ، شۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشايدىغانلارنىڭ ۋە شۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە «كاپىر بولۇپ، دىندىن چىقتى» دەپ ھۆكۈم پىچىشىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ ئۇلارنىڭ بۇزۇق نۇقتىئىينەزەرلىرىدىن مەنبەلەنگەن «كىشى قىلغان گۇناھى سەۋەبلىك كاپىر بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن چۈشەنچىسىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
شۇنى دەپ ئۆتۈشتە پايدا باركى، مەن تەكفىر جامائىتىدىن بولغان بەزى كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقانىدىم، كېيىن الله ئۇلارنى ھىدايەت قىلدى.
ئۇلارغا ئېيتتىمكى: «سىلەر بەزى ھۆكۈمدارلارنى تەكفىر قىلىۋاتىسىلەر. ھالبۇكى، مەسجىد ئىماملىرىنى، خاتىبلارنى، مۇئەززىنلەرنى ۋە مەسجىد خىزمەتچىلىرىنى، مەدرىسلەردە ۋە باشقا جايلاردا شەرئىي ئىلىم ئۆگىتىۋاتقان ئۇستازلارنى نېمىشقا تەكفىر قىلىسىلەر؟»
ئۇلار ئېيتتىكى: «چۈنكى، ئۇلار ئاشۇ ھۆكۈمدارلارنىڭ الله نىڭ نازىل قىلغانلىرىدىن باشقىسى بويىچە ھۆكۈم قىلىشىغا رازى بولغان».
دېدىمكى: «ئەگەر ئۇلار الله نىڭ نازىل قىلغانلىرىدىن باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلىنىشىغا رازى بولغان بولسا شۇنداق بولىدۇ (يەنى كاپىر ھېسابلىنىدۇ). بۇ ئەھۋالدا ئەمەلدىكى كۇفۇر ئېتىقادىي كۇفۇرغا ئايلانغان بولىدۇ. قانداق بىر ھۆكۈمدار الله نازىل قىلغاندىن باشقا نەرسىلەرنىڭ بۇ دەۋرگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا ھۆكۈم چىقىرىپ، قۇرئان – سۈننەتتىكى شەرئىي ھۆكۈملەرنى (بۇ دەۋرگە) لايىق كۆرمىسە، ئۇ چاغدا بۇ ھۆكۈمدارنىڭ كۇفرى نوقۇل ھالدا ئەمەلدىكى كۇفۇر بولماستىن، ئېتىقادىي كۇفۇر بولىدۇ. ئۇنىڭ مەزكۇر ھۆكمىگە رازى بولغۇچىمۇ ئوخشاشلا كۇفۇر سادىر قىلغان ھېسابلىنىدۇ».
ئاندىن ئۇلارغا يەنە دېدىمكى: «ئالدى بىلەن، سىلەر غەربنىڭ كۇفرىي قانۇنلىرى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىۋاتقان ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەممىسى ـــ ھەتتا شۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ـــ توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرالمايسىلەر. ئەگەر ئۇلاردىن نېمىشقا الله نىڭ نازىل قىلغانلىرىدىن باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلغانلىقى توغرىسىدا سورالسا، ئۇلار <(الله نىڭ شەرىئىتىدىن بولمىغان) مەزكۇر قانۇنلار ھەق ۋە مۇشۇ دەۋرگە ماس كېلىدۇ، ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرى بولسا (بۇ دەۋرگە) ماس كەلمەيدۇ> دېسە، ئۇلار شەكسىز كاپىر بولىدۇ.
ھۆكۈم قىلىنغۇچىلارغا ـــ بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئالىملار ۋە سالىھلارمۇ بار ـــ كەلسەك، سىلەر قانداقسىغا ئۇلارنى ئاشۇ قانۇننىڭ ئاستىدا ياشىغانلىقى ئۈچۈنلا تەكفىر قىلالايسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەرمۇ شۇ (قانۇن)نىڭ ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر! لېكىن، سىلەر الله نىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى ئېيتىپ، ئاشۇلار (يەنى ئۆزۈڭلاردىن باشقا ئالىملارنى، ئىماملار)نىلا كاپىر، مۇرتەد دەۋاتىسىلەر – يۇ، ئۆزۈڭلارغا باھانە ئىزدەپ، <شەخس سۈپىتىدە شەرئىي ھۆكۈمگە قارشى ئەمەل قىلىش شۇ ئەمەلنى قىلغان كىشىنى دىندىن چىقىرىۋەتمەيدۇ> دەۋاتسىلەر!
ھالبۇكى، سىلەر ھەقسىز رەۋىشتە تەكفىر قىلىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرمۇ دەل مۇشۇ گەپنى (يەنى «الله نىڭ نازىل قىلغانلىرى بىلەن ھۆكۈم قىلىش ۋاجىب» دېگەن گەپنى) دەيدۇ.
ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ۋە ئازغۇنلۇقلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان سوئاللاردىن بىرى شۇدۇر: «الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ئىلاھ يوقلۇقىغا ۋە مۇھەممەدنىڭ الله نىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن ـــ ۋە ناماز ئوقۇشى مۇمكىن بولغان ـــ بىر مۇسۇلمان قانداق ئەھۋالدا دىندىن چىقتى، دەپ قارىلىدۇ؟
ئۇنى بىر قېتىملىق قىلمىشى (الله نىڭ نازىل قىلغانلىرى بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلىقى) سەۋەبلىكلا تەكفىر قىلىشقا بولامدۇ؟ ياكى (ئۇنى تەكفىر قىلىش ئۈچۈن) ئۇ ئۆزىنىڭ مۇرتەد بولغانلىقىنى جاكارلىشى كېرەكمۇ؟
شۈبھىسىزكى، ئۇلار بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلەلمەيدۇ ۋە توغرىنى تېپىشقىمۇ مۇۋەپپەق بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارغا تۆۋەندىكىدەك مىسال كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولىمىز. «بىر قازى بار بولۇپ، ئۇ ئادەتتە شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. لېكىن، ئۇ مەلۇم بىر قېتىمدا ئېزىپ، شەرىئەتكە زىت ھۆكۈم چىقىرىدۇ. مەسىلەن، زالىمغا يان بېسىپ، مەزلۇمغا ئادالەتسىزلىك قىلىدۇ. بۇنىڭ الله نىڭ نازىل قىلغىنىدىن باشقىسى بويىچە ھۆكۈم قىلغانلىق ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئۇنداق سىلەرنىڭ ئۇ (الله نىڭ نازىل قىلغىنىدىن باشقىسى بويىچە ھۆكۈم قىلغانلىق سەۋەبلىك) سادىر قىلغان كۇفۇرنى كىشىنى دىندىن چىقىرىپ مۇرتەد قىلىدىغان كۇفۇرلۇق دەپ قارامسىلەر؟»
ئۇلار: «ياق، چۈنكى بۇ ئۇنىڭدىن پەقەت بىرلا قېتىم سادىر بولغان» دېيىشىدۇ.
بىز: «ئۇنداقتا، مەزكۇر قازى (شەرىئەتكە زىت) ئاشۇ ھۆكۈمنى ئىككىنچى قېتىم يەنە چىقارسا ياكى شەرىئەتكە مۇخالىپ باشقا ھۆكۈم چىقارسىچۇ؟ شۇ چاغدا ئۇ دىندىن چىققان ھېسابلىنامدۇ؟» دەيمىز.
ئەگەر بىز مۇشۇ خىل سوئالنى تەكرارلاپ، «مەزكۇر قازى ئۈچىنچى، تۆتىنچى قېتىم يەنە ئاشۇنداق ھۆكۈم چىقارسا، سىلەرنى قانچىنچى قېتىمدا ئۇنى مۇرتەد بولدى دەيسىلەر؟» دەپ سورىساق، ئۇلار مەزكۇر قازى زادى قانچە قېتىم شەرىئەتكە زىت ھۆكۈم چىقارسا، ئاندىن ئۇنى تامامەن كاپىر بولدى دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ.
بۇنىڭ زىتى تامامەن مۇمكىندۇر. يەنى مەزكۇر قازى تۇنجى قېتىملىق (شەرىئەتكە زىت) ھۆكمىدىلا الله نىڭ نازىل قىلغىنىدىن باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلىشنى توغرا، دۇرۇس دەپ قارىغان بولسا ۋە شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشنى يامان كۆرگەن بولسا، ئۇنى ئاشۇ تۇنجى قېتىملىق ھۆكمىدىلا مۇرتەد بولدى دېيىشكە بولىدۇ.
بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر بىز ئۇنىڭ كۆپلىگەن مەسىلىلەردە شەرىئەتكە زىت ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى كۆرسەك ۋە ئۇنىڭدىن: «سەن نېمىشقا الله نىڭ نازىل قىلغىنىدىن باشقىسى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىسەن؟» دەپ سورىساق، ئۇ: «ھاياتىمنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىدىن قورقتۇم» ياكى «پارا ئالغانىدىم» دەپ جاۋاب بەرسە، گەرچە بۇ (يەنى مەزكۇر قازىنىڭ تەكرار شەرىئەتكە زىت ھۆكۈم چىقارغانلىقى) ئالدىنقىسىدىن (بىرلا قېتىم شەرىئەتكە زىت ھۆكۈم چىقىرىشتىن، مىقدار جەھەتتە) تېخىمۇ قەبىھ بولسىمۇ، ئەمما بىز ئۇنى كاپىر بولدى دېيەلمەيمىز. تاكى، ئۇ ئۆز قەلبىدە الله نىڭ نازىل قىلغانلىرىنى (ھۆكۈم چىقىرىشتا ئاساس قىلىشقا) لايىق كۆرمىگەنلىكىنى ئىزھار قىلسا، ئەنە شۇ چاغدا ئۇنى دىندىن چىقىپ كاپىر بولدى دېيەلەيمىز.
خۇلاسە كالام، خۇددى پاسىقلىق ۋە زۇلۇمغا ئوخشاشلا، كۇفۇرنىڭمۇ ئىككىگە ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلىش لازىم.
- كىشىنى دىندىن چىقىرىدىغان كۇفۇر، زۇلۇم ۋە پاسىقلىق: بۇ كىشىنىڭ بۇلارنى قەلبىدە ھالال سانىشىغا باغلىقتۇر.
- كىشىنى دىن چىقىرىۋەتمەيدىغان كۇفۇر، زۇلۇم ۋە پاسىقلىق: كىشى بۇلارنى ھالال سانىمىغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ.
بارلىق گۇناھلار ـــ بولۇپمۇ بۇ دەۋردە يامراپ كەتكەن ۋە قىلىش ھالال سانىلىۋاتقان جازانە – ئۆسۈم، زىنا – پاھىشە، ھاراق ئىچىش قاتارلىقلار ـــ ئەمەلدىكى كۇفۇردۇر. لېكىن، بىز ئېزىپ كەتكەنلىكتىن بۇ گۇناھلارنى سادىر قىلغانلارنى شۇ گۇناھنى سادىر قىلغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ شۇنداق قىلىشىغا يول قويغانلىقى سەۋەبلىكلا تەكفىر قىلساق بولمايدۇ. تاكى ئۇلار ئۆز قەلبىدە الله ۋە رەسۇلۇللاھ ﷺ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغاندا، يەنى ئۇلارنىڭ قەلبى ئارقىلىق الله نىڭ شەرىئىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكى مەلۇم بولغاندا، ئاندىن ئۇلارنى تەكفىر قىلىمىز.
لېكىن، بىز بۇنىڭغا جەزم قىلالمىساق، ئۇلارنى كاپىر بولدى دېيەلمەيمىز، چۈنكى ئۇنداق قىلساق (يەنى ئۇلارنى كەسكىن دەلىل يوق ھالدا تەكفىر قىلساق)، رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىدىكى تەھدىتنىڭ ئوبيېكىتلىرىدىن بولۇپ قېلىشتىن قورقىمىز. رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن: «إذا قال الرجل لأخيه: يا كافر فقد باء بها أحدهما» «ئەگەر بىر كىشى قېرىندىشىغا (يەنى يەنە بىر مۇسۇلمانغا) <ئى كاپىر> دېسە، بۇ سۆز ئىككىسىدىن بىرىگە يانىدۇ».
بۇ خىل مەنىدىكى ھەدىسلەر نۇرغۇندۇر. مەن شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن كۈچلۈك دالالەتكە ئىگە بىرىنى زىكىر قىلىمەن. بۇ مۇشرىكلاردىن بىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ساھابىنىڭ قىسسىسى توغرىسىدىكى ھەدىس بولۇپ، بۇ مۇشرىك مەزكۇر ساھابىنىڭ ئۆزىگە قىلىچ ئۇرغىنىنى كۆرگەن چاغدا، «گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، الله تىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر» دېگەن. لېكىن، ساھابە بۇنىڭغا پەرۋا قىلماستىن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەر رەسۇلۇللاھ ﷺ غا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ بۇنىڭغا قاتتىق كايىغان. مەزكۇر ساھابە ئۇ ئادەمنىڭ پەقەت ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورققانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەندە، رەسۇلۇللاھ ﷺ: «هلا شققت عن قلبه؟» «سەن ئۇنىڭ قەلبىنى يېرىپ باقتىڭمۇ؟» دېگەن.
شۇ ۋەجىدىن، ئېتىقادىي كۇفۇرنىڭ نوقۇل ئەمەل بىلەن تۈپكى باغلىنىشى يوق، ئەكسىچە ئۇ قەلىبكە ئالاقىداردۇر[6].
بىز پاسىقنىڭ، گۇناھكارنىڭ، زىناخورنىڭ، ئوغرىنىڭ، جازانىخورنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قەلبىدىكىنى ـــ تاكى ئۇ ئۆز قەلبىدىكى تىلى بىلەن ئىزھار قىلمىغۇچە ـــ بىلەلمەيمىز. ئەمەلگە كەلسەك، ئۇ ئۆز ئەمەلى ئارقىلىق شەرىئەتكە زىت ئىش قىلغان ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ئەھۋالدا، بىز (بۇ خىل كىشىلەرگە) «سەن شەرىئەتكە زىت ئىش قىلدىڭ، گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭ، ئازدىڭ» دەيمىز – يۇ، لېكىن الله عز وجل نىڭ دەرگاھىدا (بىراۋنى كاپىر دېگەنلىكىمىزگە) ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىشىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ دىندىن چىققانلىقىغا دائىر ئوچۇق دەلىل ئوتتۇرىغا چىققانغا قەدەر، ئۇنىڭغا «سەن كاپىر بولۇپ، دىندىن چىقتىڭ» دېمەيمىز. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا، ئىسلامدىكى ھەممىگە مەلۇملۇق ھۆكۈم ئۇنىڭغا ئىجرا قىلىنىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ ھەقتە، رەسۇلۇللاھ ﷺ: «مَنْ بَدَّلَ دِيْنَهُ فَاقْتُلُوْهُ» «كىم دىنىنى ئۆزگەرتسە، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار»[7] دېگەن.
ئاندىن مەن مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلارنى ئىزچىل تەكفىر قىلىدىغان بۇ كىشىلەرگە شۇنداق دېدىم ـــ ۋە بۇ گەپنى ھېلىھەم دەيمەن ـــ: «مەزكۇر ھۆكۈمدارلارنىڭ كۇفرىنى ھەقىقەتەن كىشىنى دىندىن چىقىرىدىغان كۇفۇر دەپ پەرەز قىلايلى ۋە بۇلارنىڭ ئۈستىدە تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمدار بار دەپ تۇرايلى. بۇ ئەھۋالدا، مەزكۇر تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمدارنىڭ ئۇلارغا (يەنى كۇفۇر سادىر قىلغان تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە) ئىسلامىي جازا ئىجرا قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ.
ئەگەر بىز جېدەلنى توختىتىپ، <مۇشۇ ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەممىسى كاپىر ھەمدە ئۇلارنىڭ كۇفرى كىشىدىن دىندىن چىقىرىدىغان كۇفۇردۇر> دېگەن تەقدىردىمۇ، سىلەر ئۇلارغا قارىتا ئەمەلىي نېمە ئىش قىلالايسىلەر؟»
ئەگەر ئۇلار: «<ۋەلا ۋە بەرا> قىلىمىز (يەنى الله ئۈچۈن ياخشى كۆرۈپ، الله ئۈچۈن ئۆچ كۆرىمىز» دېسە، بۇنىڭغا قارىتا دەيمىزكى: «الله ئۈچۈن ياخشى كۆرۈپ، الله ئۈچۈن ئۆچ كۆرۈش كىشىنىڭ قۇربىتىگە كۆرە، قەلىبتە ۋە ئەمەلدە دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. الله ئۈچۈن ياخشى كۆرۈپ، اللهئۈچۈن ئۆچ كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇم كىشىلەرنى تەكفىر قىلىپ، مۇرتەد دەپ جاكارلاش شەرت ئەمەس. ئەكسىچە، الله ئۈچۈن ياخشى كۆرۈپ، الله ئۈچۈن ئۆچ كۆرۈش بىدئەتچىلەرگە، پاسىقلارغا ۋە زالىملارغىمۇ قارىتىلىدۇ».
ئاندىن، ئۇلارغا دەيمەنكى: «كاپىرلار ئىسلام دىيارلىرىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى ۋە تولىمۇ ئەپسۇس، يەھۇدىيلار پەلەستىننى بېسىۋالدى. سىلەر ۋە بىز بۇ خۇسۇستا نېمە قىلالايمىز؟ سىلەردىن بىرىڭلار ئۆزى كاپىر دەپ قارىغان ئاشۇ ھۆكۈمدارغا قارشى چىقالامدۇ؟
سىلەر بۇ مەسىلىنى قويۇپ، ئىسلامىي ھاكىمىيەت تىكلەشنىڭ ئۇل – ئاساسلىرىنى بەرپا قىلىشقا كۈچىسەڭلار بولمامدۇ؟ ئەنە شۇ رەۋىشتە رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ساھابىلەرنى تەربىيەلەش جەھەتتىكى سۈننىتىگە ئەمەل قىلغان بولىسىلەر. ئۇلار ئەنە شۇ ئاساس ئۈستىدە ئىسلامىي ھاكىمىيەتنىڭ ئۇل – ئاساسىنى بەرپا قىلىشقانىدى».
بۇ يەردە شۇنى تەكرار تەكىتلەيمىزكى، بارلىق مۇسۇلمان جامائەتلەر الله عز وجل نىڭ {هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُشْرِكُونَ} «مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، الله ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى»[8] دېگەن سۆزىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، ئىسلام دىيارلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادا ئىسلام شەرىئىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.
ھەقىقەتەن بەزى خۇش بېشارەت بەرگۈچى ھەدىسلەردە بۇ ئايەتنىڭ كەلگۈسىدە ئىشقا ئاشىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىلگەن.
مۇسۇلمانلار قۇرئاندىكى بۇ ھۆكۈمنى ۋە ئىلاھىي ۋەدىنى روياپقا چىقىرىشتا، ئوپئوچۇق بىر يولغا موھتاجدۇر. ھالبۇكى، بۇ يول دىندىن چىقىپ كاپىر بولدى دەپ قارالغان ھۆكۈمدارلارغا قارشى ئىنقىلاب جاكارلاش ئارقىلىق ئىشقا ئاشامدۇ؟ نەتىجىدە، ئۇلار (يەنى دەلىلسىز تەكفىرچىلەر) ئۆزلىرىنىڭ باتىل گۇمانلىرى ئارقىلىق ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ.
ئۇنداقتا (الله نىڭ دىنىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ، ئەھلى جاھان ئارىسىدا ئىسلامىي نىزام بەرپا قىلىشتىكى) مەنھەج ۋە يول زادى نېمە؟
شۈبھىسىزكى، بۇ توغرا يول رەسۇلۇللاھ ﷺ دائىم تىلغا ئالىدىغان ۋە ھەر خۇتبىسىدە ساھابىلىرىگە تەلقىن قىلىدىغان يولدۇر. رەسۇلۇللاھ ﷺ خۇتبىسىدە شۇنداق دەيتتى:
«وَخَيْرُ الهَدِي هَدِيُ مُحَمَّدٍ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّم»
«يوللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد ﷺ نىڭ يولىدۇر»
بارلىق مۇسۇلمانلار ـــ بولۇپمۇ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلار ـــ ئۈچۈن زۆرۈر بولغىنى رەسۇلۇللاھ ﷺ باشلىغان يەردىن باشلاشتۇر. بۇنى تىلغا يەڭگىل ئۇشبۇ ئىككى كەلمىگە يىغىنچاقلايمىز: پاكلاش ۋە تەربىيەلەش.
بىز ھۆكۈمدارلارنى تەكفىر قىلىشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمايدىغان ئاشۇ ئاشقۇنلار غەپلەتتە قالغان، تېخىمۇ توغرىسى قەستەن بىلمەس بولۇۋالغان سابىت ۋە قەتئىي ھەقىقەتلەرنى بىلىمىز.
ئۇلار ھۆكۈمدارلارنى تەكفىر قىلىشنى توختاتمايدۇ ۋە ئۇلاردىن ـــ ياكى ئۇلارغا ـــ پىتنە ۋە ئوقۇبەتتىن باشقا ئىش سادىر بولمايدۇ.
يېقىنقى يىللاردا مۇشۇ كىشىلەرنىڭ قولىدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا، دەسلەپتە مەككىدە، ھەرەم مەسجىدىدە يۈز بەرگەن ئىسيانغا، ئاندىن مىسىردا يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا ۋە ساداتنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە، نۆۋەتتە سۈرىيەدە، مىسىردا ۋە ئالجىرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ۋە مۇشۇ پىتنە – پاساتلار سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرى تۆكۈلگەنلىكىگە، شۇنداقلا بۇنىڭ يەنە نۇرغۇن بالايىئاپەتلەرگە سەۋەب بولغانلىقىغا ھەممەيلەن شاھىتتۇر.
بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇلارنىڭ قۇرئان – سۈننەتتىكى نۇرغۇن كۆرسەتمىلەرگە قارشى يول تۇتقانلىقى سەۋەب بولغان. شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى تۆۋەندىكى ئايەتتۇر:
{قَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا}
«سىلەرگە – الله نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە الله نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە – رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر» [سۈرە ئەھزاب 31 – ئايەت].
ئەگەر بىز يەر يۈزىدە الله نىڭ شەرىئىتىنى ھاكىم قىلىش خۇسۇسىدا داۋراڭ سېلىپلا قالماي، بۇ دەۋايىمىزدا سەمىمىي بولساق، ئىشنى ھۆكۈمدارلارغا قارشى چىققۇدەك ماجالىمىز يوق تۇرۇقلۇق، شۇلارنى تەكفىر قىلىشتىن باشلامدۇق؟ ياكى رەسۇلۇللاھ ﷺ باشلىغان پەرزدىن باشلامدۇق؟ شەكسىزكى، بۇنىڭ جاۋابى «سىلەرگە رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگە»دۇر.
ئۇنداقتا، رەسۇلۇللاھ ﷺ ئىشنى قەيەردىن باشلىغان؟
ئىلىمنىڭ ھىدىنى ھىدلاشقا مۇۋەپپەق بولغان ھەركىمگە مەلۇمكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ ئىشنى ئۆزى ھەقنى قوبۇل قىلىشقا ھازىر دەپ قارىغان كىشىلەرگە دەۋەت قىلىشتىن باشلىغان. نەتىجىدە، رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ تەرجىمىھالىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ساھابە كىرامدىن بەزىلىرى ئۇنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشقان. ئاندىن، بۇ (ئاز ساندىكى) مۇسۇلمانلار مەككىدە قىيىن – قىستاققا، زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەن. ئاندىن، (ھەبەشىستانغا قىلىنغان) بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ھىجرەت توغرىسىدا (اللهعز وجل دىن) بۇيرۇق كەلگەن. ئاخىرىدا، الله عز وجل مەدىنە مۇنەۋۋەردە ئىسلامغا قۇۋۋەت ئاتا قىلغان. ئەنە شۇ چاغدا توقۇنۇشلار باشلىنىپ، مۇسۇلمانلار بىر تەرەپتىن (بۇتپەرەس) كاپىرلار بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باشلىغان.
شۇ ۋەجىدىن، بىزمۇ رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ قىلغىنىدەك، ئىشنى كىشىلەرگە ھەقىقىي ئىسلامنى ئۆگىتىشتىن باشلىشىمىز كېرەك. لېكىن، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا بىز نوقۇل ئوقۇتۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالساق بولمايدۇ. چۈنكى، ئىسلامغا بۇ دىنغا تەۋە بولمىغان ۋە ئۇلۇغ ئىسلام ئىمارىتىنىڭ ئۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان بىدئەتلەر كىرىۋالغانلىقى شەكسىز.
شۇڭا، دەۋەتچىلەر ئىشنى ئىسلامدا كېيىن پەيدا بولغان نەرسىلەرنى تازىلاشتىن باشلىشى كېرەك.
ئەنە شۇ (يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان) ئىككى ئاساسىي ۋەزىپىنىڭ بىرىنچىسىدۇر.
ئىككىنچىسى بولسا، بۇ شەكىلدىكى (دىننى بىدئەتلەردىن) پاكلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ئەۋلادلارنى بىدئەتلەردىن پاكلانغان ئىسلام دىنى ئۈستىدە يېتىشتۈرۈشتۈر.
ئۆتكەن بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت مابەينىدە قۇرۇلغان ئىسلامىي جامائەتلەرگە، ئۇلارنىڭ مەپكۇرىلىرىگە ۋە پائالىيەتلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ «بىزگە ئىسلامىي ھاكىمىيەت كېرەك» دەپ ۋارقىراشتىن باشقا، ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىلەرگىمۇ تىلغا ئالغۇدەك بىرەر پايدا يەتكۈزمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە ئۇشبۇ ئاجىز دەۋاسى سەۋەبلىك نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلۈشىگە سەۋەب بولغاندىن باشقا ھېچبىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغانلىقىنى كۆرىمىز.
بىز ئۇلارنىڭ ھېلىھەم قۇرئان – سۈننەتكە زىت ئەقىدىلىرىنى، ئەمەللىرىنى، شەرىئەتكە زىت ئۇتۇقسىز ئۇرۇنۇشلىرىنى تەكرارلاۋاتقانلىقلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز.
ئەڭ ئاخىرىدا دەيمەنكى، دەۋەتچىلەردىن بىرى ـــ ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ بۇ سۆزگە مەھكەم يېپىشىپ، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ـــ شۇنداق دېگەن: «سىلەر ئىسلام دۆلىتىنى قەلبىڭلاردا قۇرۇڭلاركى، ئاندىن سىلەر ئۈچۈن يەر يۈزىدە ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلىدۇ!».
مۇھەققەقكى، ئەگەر مۇسۇلمان ئۆز ئەقىدىسىنى قۇرئان – سۈننەت بويىچە توغرىلىسا، ئۇنىڭ ئىبادىتىنىڭ، ئەخلاقىنىڭ ۋە قىلمىشلىرىنىڭ تۈزۈلىدىغانلىقىدا شەك يوق.
لېكىن، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كىشىلەر بۇ گۈزەل سۆزگە ئەمەل قىلماستىن (يەنى ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن، ئىشنى ئەقىدىنى توغرىلاشتىن باشلاپ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمەستىن)، يەنىلا «ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇش كېرەك» دەپ داۋراڭ سېلىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ پايدىسى يوق. الله بىلەن قەسەمكى، شائىرنىڭ تۆۋەنكى سۆزلىرى ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان:
نىجادلىققا ئىنتىلىسەن – يۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قەدەم باسمايسەن،
ھالبۇكى، كېمە ھەرگىز قۇرۇقلۇقتا ماڭالمايدۇ.
ئېيتقانلىرىمنىڭ ئىنساپلىق كىشىلەر ئۈچۈن يېتەرلىك بولغان بولۇشىنى، ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەققە قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ياردەم الله تىندۇر.
نەقىل بەنبەلىرى:
[1] بۇ رىسالە شەيخ ئەلبانىنىڭ ھىجرىيە 1413 – يىلى 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى لېنتىغا ئېلىنغان سۆزىنىڭ تېكىستىدۇر. بۇ مەتىن ئۇكاشە ئابدۇلمەننان نەشرگە تەييارلىغان ۋە 1415 ~ 1416 – يىللىرى نەشىر قىلىنغان «فتاوى الشيخ الألباني ومقارنتها بفتاوى العلماء» ناملىق ئەسەرنىڭ 238 ~ 253 – بەتلىرى ئارىسىدىن يەر ئالغان.
[2] مەزھەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردە «خاۋارىج» دەپ ئاتىلىدىغان پىرقىدىن بىر قانچىسى بار بولۇپ، ئۇلار «ئىبازىيە» دېگەن ئىسىم بىلەن بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن. بۇ ئىبازىيە پىرقىسى تاكى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ئۆزىنى يوشۇرۇپ كەلگەن ۋە سىرتقا كېڭىيەلمىگەن بولسىمۇ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئۇلار بەزى رىسالىلەر ۋە كىتابلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كونا خاۋرىجلارنىڭكىگە ئوخشاش بولغان ئەقىدىسىنى تارقىتىشقا باشلىدى. گەرچە ئۇلار شىئەلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان «تەقىييە» (ئۆز ئەقىدىسىنى يوشۇرۇش) ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ، «بىز خاۋارىج ئەمەس» دېيىشسىمۇ، لېكىن، ئىشنىڭ ماھىيىتى ئۆزگەرمىگۈچە، ئىسمىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇلار چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارنى تەكفىر قىلىشتا خاۋارىجلار بىلەن ئوخشاش ئەقىدىدۇر.
[3] سۈرە تەۋبە 128 – ئايەت
[4] سۈرە مائىدە 44 – ئايەت.
[5] ھەدىستىكى «قتال» ئىبارىسىنىڭ «ئۆلتۈرۈش» دېگەن مەنىسىمۇ بار. ئەمما، تۆۋەندە نەقىل قىلىنىدىغان سۈرە ھۇجۇراتتىكى ئايەتتە بۇ ئىبارە «ئۇرۇشۇش، جەڭ قىلىش» مەنىلىرىدە تەرجىمە قىلىنغان بولغاچقا،بىردەكلىكنى نەزەردە تۇتۇپ مەزكۇر ھەدىسمۇ شۇ مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىندى، ت
[6] شەيخ ئەلبانى رحمه الله بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: «كىشى بەزى ئەمەللەر ئارقىلىقمۇ ئېتىقادىي كۇفۇر سادىر قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ ئەمەللەر قەتئىي رەۋىشتە ئۆز ساھىبىنىڭ كاپىرلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. يەنى ئۇنىڭ ئاشۇ قىلمىشى دىلىدىكى كۇفۇرنى تىلى بىلەن ئىزھار قىلغىنىغا ئوخشاش ھۆكۈمدە بولىدۇ. مەسىلەن، كىشىنىڭ قەستەن قۇرئاننى مەينەت يەرگە تاشلىۋېتىشى، دېگەندەك.
[7] مەنسۇر ھەللاج قاتارلىق مۇرتەد بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ مىسالىدىكىگە ئوخشاش، كىشىنىڭ مۇرتەد بولغانلىقىغا قەتئىي جەزم قىلىنغان ئەھۋالدىمۇ، بۇنىڭ جازاسى شەخىس تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى شەرئىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ، ت
[8] سۈرە سەپ 9 – ئايەت