ئىبنى ئۇسەيمىن | جۈمە كۈنى مۇئەززىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئىككىنچى ئەزاننى ئوقۇيدىغاندا مەسجىدكە كىرگەن كىشى ئەزانغا جاۋاب بېرەمدۇ، مەسجىد ھەققى نامىزى ئوقۇمدۇ؟
جاۋاب: ئالىملار دەيدۇكى، كىشى جۈمە كۈنى مۇئەززىن ئىككىنچى ئەزاننى ئوقۇۋاتقاندا مەسجىدكە كىرسە مەسجىد ھەققى نامىزىنى ئوقۇيدۇ، مۇئەززىننىڭ دېگەنلىرىنى تەكرارلاش بىلەن مەشغۇل بولمايدۇ. مۇئەززىنگە قۇلاق سالماي مەسجىد ھەققى نامىزىنى ئوقۇشتىكى مەقسەت، ئىشىنى بىر ئاز بولسىمۇ بالدۇر تۈگىتىپ، خۇتبە تىڭشاش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، خۇتبىگە قۇلاق سېلىش پەرز، مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى تەكرارلاش سۈننەتتۇر. (بۇنداق ئەھۋاللاردا) سۈننەت پەرزنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. (فتاوى أركان الإسلام، 326 -نومۇر)
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com