ئىمام نەۋەۋى | قەلبنىڭ غەيۋىتى ۋە دىنىي قېرىنداشلىق
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھنىڭ «ئەلئەزكار» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
بىلگىنكى، يامان سۆزنى سۆزلەش ھارام بولغىنىدەك، يامان گۇمان قىلىشمۇ ھارامدۇر. بىراۋنىڭ ناچار تەرەپلىرىنى باشقىلارغا ئېيتىشىڭ ھارام بولغىنىدەك، بىراۋنىڭ يامانلىقىنى دىلىڭدىن كەچۈرۈشۈڭ ۋە بىراۋ ھەققىدە يامان گۇمان قىلىشىڭمۇ ھارامدۇر. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا «كۆپلىگەن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار» (سۈرە ھۇجرات 12-ئايەت) دېگەن.
ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم سەھىھ كىتابلىرىدا مۇنداق نەقىل قىلغان: ئەبۇ ھۇرەيرە ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«يامان گۇماندىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى گۇمان سۆزنىڭ ئەڭ يالغىنىدۇر.» (بۇخارى 5143؛ مۇسلىم 2563)
مۇشۇ مەزمۇندا كەلگەن ھەدىسلەر كۆپ. بۇ ھەدىستە مەقسەت قىلىنغىنى، قەلبتە باشقا مۇسۇلمان توغرىسىدا يامان گۇمان قىلىشنى قارارلاشتۇرۇش ۋە باشقا مۇسۇلمانغا قەلبتە يامان ھۆكۈمدە بولۇشتۇر. ئەمما، (باشقا مۇسۇلمان ھەققىدىكى يامان گۇمان) بەندىنىڭ قەلبىگە يەرلەشمەستىن، قەلبىدىن غىل-پال كېچىدىغان ئەھۋالغا كەلسەك، بۇ خىل تۇيغۇلار — ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن — مەغفىرەت قىلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ھېس-تۇيغۇلارنىڭ قەلبكە كېلىپ قېلىش كىشىنىڭ ئىختىيارىدا ئەمەس. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى يوق.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ تائالا كىشىنىڭ قەلبىدىن كەچكەن ئىشلارنى ئۇ كىشى بۇنى سۆزلىۋەتمىگەن تەقدىردىلا مەغفىرەت قىلىۋېتىدۇ.» (بۇخارى 5269؛ مۇسلىم 127، 202)
ئالىملار دەيدۇكى، كىشىنىڭ قەلبىدىن كەچكەن ئىشلار مەيلى غەيۋەت بولسۇن، مەيلى كۇفۇر بولسۇن، مەيلى باشقا ئىشلار بولسۇن بەرىبىر (يۇقىرىقى ھەدىستىكىدەك ئەپۇ قىلىنغاندۇر.) بىراۋنىڭ خىيالىغا كۇفرىي ئوي كەلسە، ئۇ كىشى بۇ كۇفرىي ئويدىن دەرھال ۋاز كەچسە، كاپىر بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر كافارەت ۋەھاكازامۇ كېرەك بولمايدۇ.
مەن ۋەسۋەسە بۆلۈمىدە نەقىل قىلغان بىر ھەدىستە ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، بەزىلىرىمىزنىڭ كاللىسىغا شۇنداق ئويلار كېلىدۇكى، ئۇنى ئېيتىش بەكمۇ مۈشكۈل» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «بۇ ئوپئوچۇق ئىماندۇر» دېدى. (مۇسلىم 209)
بۇ مەنادا بىز نەقىل قىلغان باشقا دەلىللەرمۇ بار.
قەلبتىن يالتتىدە كەچكەن خىيالنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى، قەلبتىن كېچىدىغان بۇنداق ئويدىن ساقلىنىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىدىندۇر. بىراق، قەلبتىن كەچكەن بولۇمسىز-يامان خىيالنى قەلبتە داۋاملاشتۇرۇشتىن ساقلىنىش مۇمكىن. بۇ سەۋەبلىك، قەلبتە بولۇمسىز-يامان خىياللارنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە قەلبتە بۇنداق بولۇمسىز-يامان خىياللارنى يەرلەشتۈرۈش ھارام ھېسابلىنىدۇ. قاچانىكى ئەقلىڭگە غەيۋەت ياكى گۇناھ تۈرىدىكى باشقا خىياللار كەلسە، بۇنداق يامان ئوي-خىيالدىن يۈز ئۆرۈشۈڭ، ئوينى ياخشى تەرەپكە بۇرۇشۇڭ كۆرۈنگىنىگە قارشى بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزۈڭنى (مۇسۇلمان قېرىندىشىڭ ھەققىدىكى) يامان-بولۇمسىز ئوي خىيالدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، ئىشنى ياخشىغا بۇراپ چۈشىنىش ئارقىلىق، قەلبىڭگە كەلگەن يامان-ئوي خىيالدىن ئۇزاقلىشىشىڭ پەرزدۇر.
ئىمام ئەبۇ ھامىد غەزالى، ئەلئىھيا ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:
قەلبىڭگە يامان گۇمان كەلگەندە، (بىلگىنكى) بۇ شەيتان سېنىڭ قەلبىڭگە تاشلىغان ۋەسۋەسىدۇر. شەيتاننىڭ بۇ ۋەسۋەسىسىنى يالغانغا چىقىرىشىڭ لازىم. چۈنكى، شەيتان پاسىقلارنىڭ ئەڭ پاسىقىدۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر پاسىق سىلەرگە بىر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، ئۇ خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار. بۇنداق قىلمىساڭلار، بىلمەستىن بىر قەۋمگە (ياكى كىشىگە) يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاقىۋەتتە قىلغىنىڭلاردىن پۇشايماندا قالىسىلەر.» (ھۇجۇرات سۈرىسى، 6-ئايەت)
ئىبلىسنى (شەيتاننى) تەستىقلاش (يەنى شەيتان ئېلىپ كەلگەن خەۋەرنى تەستىقلاش) دۇرۇس ئەمەس. ئەگەر قەلبىڭگە كەلگەن گۇماننىڭ يامانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر ئالامەت بولسا ۋە بۇ گۇماننىڭ ئەكسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولسا، بۇ ھالدا يامان گۇمان قىلىش دۇرۇس ئەمەس. يامان گۇماننىڭ ئالامىتى شۇكى، قەلبىڭنىڭ بۇ خىل گۇمان سەۋەبلىك ئىلگىرىكى ھالىتىدىن ئۆزگۈرۈشىدۇر.
مۇشۇ يامان گۇمانىڭ سەۋەبلىك، ئۆزۈڭ يامان گۇمان قىلغان مۇسۇلمان قېرىندىشىڭدىن ئۇزاقلىشىسەن، ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىڭنى چاندۇرىسەن، ئۇنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلمايسەن، ھۆرمەت كۆرسەتمەيسەن ۋە بېشىغا كەلگەن بىرەر يامانلىق سەۋەبلىك ئارامسىزلانمايسەن. چۈنكى شەيتان ئەڭ پەسكەش خىياللار بىلەن كىشىلەر ھەققىدە قەلبكە يامان خىيال تاشلايدۇ. ئاندىن، شەيتان ئۆزى ئېلىپ كەلگەن بۇ پەسكەش خىيالنىڭ سېنىڭ چۈشەنچەڭ، سېنىڭ پاراسىتىڭ ۋە زىللىقىڭنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىدەك تۇيغۇغا سېنى كەلتۈرىدۇ.
مۆمىن مۇسۇلمان بۇ خىل ئەھۋالدا مەسىلىگە ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن قارايدۇ، بىراق، ئەمەلىيەتكە كەلگەندە شەيتاننىڭ ئالدىشى ۋە قارىلىشى بىلەن سۆزلەيدۇ. (يەنى، ئەسلىدە بىرەرسىگە تۆھمەت قىلىش ياكى تاجاۋۇز قىلىش غەرىزىدە بولمىسىمۇ، شەيتان قەلبىگە تاشلىغان يامان گۇمان سەۋەبلىك ئالدىنىپ، مۇسۇلمان قېرىندىشى ھەققىدىكى يامان گۇمانىنى سۆزلەپ خاتالىشىدۇ.-ت) ئەگەر ئادالەتلىك بىرى ساڭا باشقا بىرى ھەققىدە يامان گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بۇ سەۋەبلىك يامان گۇمانغا چۈشۈپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن ئۇ خەۋەرنى قوبۇل قىلما، توغرا دەپمۇ ئويلىما.
بىر مۇسۇلمان توغرىسىدا قاچانكى قەلبىڭدىن يامان خىيال كەلسە، ئۇ مۇسۇلماننىڭ ھەقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ رىئايە قىل ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ بەك ھۆرمەت كۆرسەت. چۈنكى، بۇنداق قىلىشىڭ شەيتاننىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ\ شەيتاننى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ ۋە شەيتاننى سەندىن ئۇزاقلاشتۇرىدۇ. (مۇشۇنداق قىلساڭ) شەيتان ئۇ مۇسۇلمان (نىڭ مەنئەپەتى) ئۈچۈن دۇئا قىلىۋېتىشىڭدىن ئەنسىرەپ، يۇقىرىقىدەك ۋەسۋەسىنى قەلبىڭگە تاشلاشتىن يالتىيىدۇ.
قاچانكى، بىر مۇسۇلماننىڭ خاتالىقىنى رەت قىلىشقا ئىمكانسىز ھالەتتە بىلسەڭ، ھېچكىم يوق يەردە ئۇ مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىل. دۈشمىنىڭ (شەيتاننىڭ) سېنى ئالداپ، سېنى ئۇ مۇسۇلماننىڭ غەيۋىتىنى قىلىشقا كۈشكۈرتىشىدىن ھەزەر ئەيلە. ئۇ مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىلغىنىڭدا، ئۇنىڭ ئاشۇ قۇسۇرىدىن خەۋەردار بولۇشۇڭدىن خۇشال بولغىنىڭ ئاساسىدا نەسىھەت قىلما. بۇنداق قىلساڭ، ئۇ سېنى كۆزىدە چوڭ كۆرىدۇ، سەن بولساڭ ئۇنى كىچىك كۆرۈپ قالىسەن. (شەيخ بۇ يەردە مۇنداق دېمەكچى بولسا كېرەك: «پالانچىنىڭ خاتالىقىنى ھەجەپ تۇتۇۋالدىم دەپ خۇش بولما؛ بىز دېگەن ئاجىز ئىنسان، گۇناھ ئۆتكۈزمەيدىغان كىم بار، بۇ ناتوغرا قىلمىشنى تۈزىتەيلى، دېمە. ئەمدى تازا بىر نەسىھەت قىلىپ، ئۇنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇ نەسىھەتنى قىلىۋاتقىنىمنى بىلدۈرەي، دېگەن ئويدا بولما. بۇنداق قىلساڭ، نەسىھەت قىلىنغۇچى سېنى ھەجەپ سەمىمىي قېرىنداشكەن دەپ، سېنى چوڭ كۆرۈشكە باشلىغاندا، سەن ئۇنى كىچىك كۆرۈشكە باشلاپ قالىسەن. چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى باشقىلارنىڭ چوڭ كۆرۈشىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆزىنى چوڭ، باشقىلارنى كىچىك كۆرۈپ قالىدىغان مەخلۇق.» ۋاللاھۇ ئەئلەم.-ت)
مەقسىتىڭ، ئۇنى گۇناھتىن قۇتقۇزۇپ قېلىش بولسۇن. ئۇنىڭدا بىر قۇسۇر بولسا، ئۇنىڭ بۇ قۇسۇرىغا ئۆزۈڭنىڭ قۇسۇرى ئۈچۈن ئارامسىزلانغىنىڭغا ئوخشاش ئارامسىزلانغىن. ئۇنىڭ بۇ قۇسۇرنى\خاتالىقنى سېنىڭ نەسىھىتىڭگە ئېھتىياجى چۈشمەستىن تۈزىتىشى سېنىڭ نەسىھەت قىلىشىڭ سەۋەبلىك تۈزەتكىنىگە قارىغاندا ساڭا تېخىمۇ سۆيۈملۈك بولۇشى لازىم. (مۇشۇنداق قىلساڭ باشقىلارنىڭ پەزىلەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان بولىسىەن. چۈنكى، ئۆز خاتالىقىنى ئۆزىنى بىلىپلا تۈزىتىۋالغان مۇسۇلمان باشقىلار تۈزىتىش بەرگەندىن كېيىن تۈزەتكەن كىشىگە قارىغاندا تېخىمۇ پەزىلەتلىك، تېخىمۇ ئەقىللىق مۇسۇلماندۇر. باشقىلارنىڭ پەزىلەتلىك ماقامدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىڭ سەن ئارقىلىق پەزىلەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىڭدىن كۆپ ئۈستۈندۇر.-ت)
ئىمام غەززالىنىڭ سۆزى مۇشۇ يەردە تۈگىدى.
(ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:)
دەيمەنكى، كىشىنىڭ خىيالىغا بىر يامان گۇمان كەلگىنىدە، بۇ يامان گۇماننى دەرھال تەرك ئېتىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدۇق. بۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلىش شەرئىي مەنپەئەت تەقەززا قىلمىغان ئەھۋالدا كېرەك بولىدۇ. گۇۋاھچىلارنىڭ ۋە ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى راۋىيلارنىڭ تەكشۈرۈلۈپ تەنقىدلىنىشى؛ شۇنداقلا، مۇباھ ھېسابلىنىدىغان غەيۋەت بۆلۈمىدە بىز بايان قىلغان ئەھۋاللار شەرئىي مەنپەئەت سەۋەبلىك يۈز بېرىدىغان بولغانلىقتىن، شەرئىي مەنپەئەتنى تەقەززا قىلغان بۇ خىل ئەھۋالدا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ يامان تەرەپلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش يۇقىرىقى چەكلىمىدىن مۇستەسنا ھېسابلىنىدۇ. — ئىمام نەۋەۋى، «ئەلئەزكار»
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com