كىشىنىڭ ئەيبىنى يۈزىگە سېلىشنىڭ ھۆكمى | ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى

كىشىنىڭ ئەيبىنى يۈزىگە سېلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: براۋنىڭ ئەيىبىنى يۈزىگە سېلىشنىڭ ھۆكمى نېمە، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟

ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنىنىڭ 5276-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غەديان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد

جاۋاب: نەسىھەت قىلىش، گۇناھتىن توسۇش نىيىتىدە براۋنىڭ گۇناھىنى يۈزىگە سېلىش دۇرۇس بولىدۇ، (بۇ خىل ئەھۋالدا) نەسىھەت قىلىنغۇچى ئۆز ئەيىبلىرىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ گۈزەل ئۇسلۇب بىلەن نەسىھەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بىراق، مەسخىرە قىلىش، قۇسۇرىنى يېيىش، يامانلىق قىلىش ياكى يۈزىنى تۆكۈش ئۈچۈن بىراۋنىڭ ئەيىبىنى يۈزىگە سېلىش دۇرۇس ئەمەس.

تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ