ئىمام ئىبنۇل جەۋزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

ئىمام ئىبنۇل جەۋزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com

بسم الله والحمد لله والصلاة والسلام على رسول الله

ئىمام ئىبنۇل جەۋزى رەھىمەھۇللاھنىڭ كۇنيەسى ئەبۇل فەرەج، ئىسمى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەلىدۇر. ھىجرىيە 510-يىلى (مىلادىيە 116-يىلى) باغداتتا دۇنياغا كەلگەن، ھىجرىيە 597-يىلى (مىلادىيە 1201-يىلى)، مۇڭغۇللارنىڭ ئىسلام پايتەختى باغداتنى ئىشغال قىلىپ ۋەيران قىلىشىدىن تەخمىنەن ئەللىك يىل ئاۋۋال باغداتتا ۋاپات بولغان. ئىمام ئىبنۇل جەۋزىنىڭ نەسەبى بۈيۈك ساھابە، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى خەلىپىسى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تۇتۇشىدۇ. ئۇ ھەزىرتى ئەبۇبەكرىنىڭ قاسىم ئىسىملىك ئوغلىنىڭ پۇشتىدىندۇر.

ئىبنۇل جەۋزى ئۈچ يېشىدا دادىسىدىن يېتىم قالغان. كىچىكىدىن باشلاپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دىنىي ئېلىم ئىگىلەشكە كىرىشكەن بولۇپ، زامانىسىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئالىملىرىدىن ئۇزاق مۇددەت دەرس ئالغان. كۈچلۈك زېھنى، شەرئىي ئىلىمگە بولغان چوڭقۇر ئىخلاسى، مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ قولىدا مەخسۇس تەربىيىلىنىشى نەتىجىسىدە ئىسلامنىڭ ھەر قايسى پەنلىرىدە ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئالىملىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئىمام ئىبنۇل جەۋزى ھەدىس ئىلىمى، ھەدىس شەرھى، تەپسىر، قۇرئان ئىلىمى، فىقھ، ئۇسۇل فىقھى، زۇھد، ئەخلاق، تەرجىمھال، بالاغەت قاتارلىق ساھەلەردە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان. شۇنداقلا كۆپلىگەن داڭلىق شاگىرتلارنى يېتىشتۈرگەن. ئىمام ئىبنۇل جەۋزىنىڭ بۇ ساھەلەردىكى ئەسەرلىرىدىن ئۆز دەۋرىدىن كۈنىمىزگە قەدەر ياشىغان تالىبۇل ئىلىملەرلا ئەمەس، ئەڭ مەشھۇر ئىسلام ئالىملىرىمۇ پايدىلىنىپ كەلمەكتە، ئالىملار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆپلەپ نەقىللەرنى ئالماقتا.

ئىمام ئىبنۇل جەۋزىنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنىڭ سانى شۇ دەرىجىدە كۆپ بولغانكى، ئىمام ۋاپات بولغاندا جەسىدىنى يۇيۇشتا ئىشلىتىدىغان سۇنى ئەسەر يېزىشتا ئىشلىتىپ ئېشىپ قالغان قەلەم ئېشىندىلىرى بىلەن قاينىتىشقا ۋەسىيەت قىلغان. ۋارىسلىرى ئىمامنىڭ ۋەسىيىتىنى بەجا كەلتۈرگەن. نەتىجىدە ئىمام ئەسەر يېزىش ئۈچۈن ئىشلىتىپ قېلىپ قالغان قەلەم ئېشىندىلىرى داشقازاندىكى سۇنى قاينىتىپ تۈگىمەي يەنە ئېشىپ قالغان. بۇ ۋەقەلىك ئىسلام دۇنياسىدا مەشھۇردۇر.

ئىمام ھەنبەلىي مەزھىپىدە بولۇپ، مەزھەپنى شەرئىي دەلىلنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشتەك مەزھەپ مۇتىئەسسىپلىكىدىن ئەڭ يىراق تۇرۇش بىلەن مەشھۇردۇر.

شەيخ سەلەپ ئىماملىرىغا ئوخشاشلا بىدئەتچىلەرگە، زىندىقلارغا قارشى تۇرۇشتا ئۆمۈر بويى چېكىنمىگەن. قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرى ۋە سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ مەنىلىرىنى سەلەپنىڭ چۈشەنگىنى بويىچە ئۈممەتكە ئۆگىتىشتە پۈتكۈل ھاياتىنى سەرپ قىلغان.

ئىمام ئىبنۇل جەۋزىنىڭ ئەسەرلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممە تەرىپىگە كەڭ تارقالغان. كۈنىمىزدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئىنگىلىزچە، تۈركچە، رۇسچە، گېرمانچە، فرانسۇزچە، ئۆزبېكچە، مالايچە، تاتارچە ۋە باشقا كۆپلىگەن تىللاردا تەرجىمە نۇسخىسى مەۋجۇت.

ئاللاھ پۈتكۈل ھاياتى ئىلىم ئۆگىنىش، ئۆگەنگەنلىرىگە ئەمەل قىلىش، ئىسلام ئۈممىتى ئارىسىغا كىرىۋالغان بىدئەتلەر ۋە بۇزۇق ئەقىدىلەرنى يوق قىلىشقا ئاتىغان ئىمام، ئەللامە ئىبنۇل جەۋزى رەھىمەھۇللاھقا رەھمەت قىلسۇن، قەبرىسىنى نۇرلاندۇرسۇن، قىيامەت كۈنى سىددىقلار قاتارىدا قىلسۇن. ئامىن.

مۇجتەھىد تورىمىز شەيخنىڭ «سىفاتۇس سەفۋا» ئىسىملىك ساھابە-تابىئىنلارنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن ياشىغان مەشھۇر رەببانى ئالىملارنىڭ تەرجىمھالى بايان قىلىنغان ئەسىرىنى قىسمەن تەرجىمە قىلىپ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن. — مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com

ئىمام ئىبنۇل جەۋزى رەھىمەھۇللاھنىڭ نادىر سۆزلىرىدىن تاللانما


شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ