ئىمام ئىبنۇل جەۋزى رەھىمەھۇللاھنىڭ نادىر سۆزلىرىدىن تاللانما
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
بسم الله والحمد لله والصلاة والسلام على رسول الله
https://mujtehid.com/2022/03/ئىمام-ئىبنۇل-جەۋزىنىڭ-قىسقىچە-تەرجىم/html
[قۇرئان تىلاۋىتى] ئىمام ئىبنى جەۋزى مۇنداق دېگەن: قۇرئان «كىمنىڭ بىر قۇرئانى بولسا، قۇرئاندىن ھەر كۈنى ئۆزىگە ئاسان توختىغىدەك رەۋىشتە تىلاۋەت قىلىپ تۇرسۇن. بۇ ئارقىلىق قۇرئانى تاشلاندۇق قىلىپ قويغۇچىلار جۈملىسىدىن بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ قالسۇن.» mujtehid.com (ئىبنى مۇفلىھ،شەرىئەت ئەدەبلىرى، 2\300)
[گۇناھ مەئسىيەتنىڭ ۋابالى] ئىمام ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھنىڭ جازاسى كىشىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا قەدەر كېچىكىشى مۇمكىن. ياشلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ-مەئسىيەت قېرىغان چاغدا كۆپلىگەن ئېغىرچىلىقلارغا قېلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. mujtehid.com (صيد الخاطر، 342)
[زىكىر] ئىمام ئىبنى جەۋزى مۇنداق دېگەن: «تىلىڭنى ئاللاھنىڭ زىكرىگە قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئازاد قىلغىن. ئەگەر بۇنداق قىلىشقا قۇربىڭ يەتمىسە، ئۇ ھالدا، ھېچبولمىغاندىمۇ تىلىڭنى باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى \ يامان سۆزىنى قىلىشتىن بولسىمۇ ساقلاپ قالغىن.» mujtehid.com (اللطائف، 173)
[ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش] ئىمام ئىبنى جەۋزى مۇنداق دېگەن: «مەن ئىنساننىڭ باشقىلار ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، ئۆزى ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشىدىن ھەيرانمەن.» mujtehid.com (اللطائف 44)
[دۇنيانىڭ ماھىيىتى] [سەبىر] ئىمام ئىبنى جەۋزى مۇنداق دېگەن: دۇنيا بالا-مۇسىبەت ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر. بۇنداق ئىكەن، ئاقىل كىشى سەبرگە يۆلەنسۇن. mujtehid.com (صيد الخاطر، 1\393)
[ئىلىم تارقىتىش] [جەننەتنىڭ ئەمىلى] ئىمام ئىبنى جەۋزى مۇنداق دېگەن: «ﻣﻦ ﺃﺣﺐ ﺃﻻ ﻳﻨﻘﻄﻊ ﻋﻤﻠﻪ ﺑﻌﺪ ﻣﻮﺗﻪ: ﻓﻠﻴﻨﺸﺮ ﺍﻟﻌﻠﻢ.» «كىمكى ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ، ياخشى ئەمىلىنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى ئارزۇلىسا، ئۇ ھالدا شەرئىي ئىلىم تارقاتسۇن.» mujtehid.com (التذكرة في الوعظ، 55)
[ئادەم ئاتا] [جەننەت] [ئاللاھقا يېقىنلىق] ئىمام ئىبنى جەۋزى مۇنداق دېگەن: شەكسىزكى، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يىغىسىنىڭ، يەنى جەننەتتىن زېمىنغا چۈشۈرۈۋېتىلگەن چاغدىكى يىغىسىنىڭ دەھشىتىنى باشقا ھېچكىمنىڭ يىغىسى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېغىر قايغۇ-ھەسىرەتكە مۇپتىلا بولۇپ يىغلىشى ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدا جەننەت ئايرىلىپ قالغانلىق سەۋەبلىك ئەمەس ئىدى. ئەكسىچە، ئادەم ئەلەيھىسسالام جەننەتنىڭ رەببىدىن يىراقلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەسرەتلىنىپ يىغلىغان. mujtehid.com (اللطائف، 36)
[مۇسىبەت] [ئاللاھنىڭ رەھمىتى] ئىمام ئىبنى جەۋزى مۇنداق دېگەن: «مۇسىبەتلەر ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئەسلا ئۈمىدىڭنى ئۈزمىگىن. mujtehid.com (صيد الخاطر 1\243)
[ئاللاھنىڭ رازىلىقى] [نەپسىي جىھاد] ئىمام ئىبنى جەۋزى مۇنداق دېگەن:«ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرىدىغان تۇنجى قەدەم — كىشىنىڭ ئۆز نەپسىنى قۇربانلىق قىلىشىدۇر. يول مانا مۇشۇ. بۇ يولدا ماڭىدىغانلار قەيەردە؟» mujtehid.com (اللطائف، 131)
[تىلغا ئىگە بولماسلىقنىڭ خەتىرى] ئىمام ئىبنى جەۋزى مۇنداق دېگەن: كىمكى ئۆز تىلىنى غەيۋەتكە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت-نومۇسىنى زېدىلەشكە، مۇسۇلمانلارنىڭ خاتالىق، ئەيىپ-نۇقسانلىرىنى كوچىلاشقا قويىۋەتسە، ئاللاھ ئۇنىڭ تىلىنى ئۆلۈم پەيتىدە شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىشتىن توسۇپ قويىدۇ. mujtehid.com (بحر الدموع 1\224)
[گۈزەل ئەخلاق] ئىمام ئىبنى جەۋزى مۇنداق دېگەن: گۈزەل ئەخلاق گۈزەل ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. mujtehid.com (مىنھاج قاسىدىن، 1\403)
[ئىبادەت] [ئاللاھقا قايتىش] ئىمام ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئۈزەڭنىڭ قايسى ھالەتتە ئىكەنلىكىگە قارىغىن. ئەگەر سېنىڭ (ھازىرقى) ھالىتىڭ ئۆلۈمۈڭ ۋە قەبرەڭ ئۈچۈن ئۇيغۇن بولسا، ئۇ ھالدا بۇ ھالىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن. ئەگەر ھازىرقى ھالىتىڭ ئۆلۈمۈڭ ۋە قەبرەڭ ئۈچۈن ئۇيغۇن بولمىسا، ئۇ ھالدا ئاللاھقا تەۋبە قىلغىن، ئاندىن ئۆلۈمۈڭ ۋە قەبرەڭ ئۈچۈن پايدا كەلتۈرىدىغان ھالەتكە قايتقىن. mujtehid.com [ابن الجوزي: بستان الواعظين، 193]
[ئەمەل] [ئۆلۈم] ئىمام ئىبنى جەۋزى مۇنداق دېگەن: سەن شۇنداق بىر كۈن ئۈچۈن (كۆپلەپ سالىھ) ئەمەل قىلغىنكى، ئۇ سەن كۈلىدىغان، باشقىلار يىغلايدىغان كۈن بولسۇن. (بۇ سالىھ ئىنساننىڭ ۋاپات تاپقان كۈنىدۇر.) mujtehid.com (صيد الخاطر 2\452)
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
داۋاملىق كۆپىيىپ ماڭىدۇ ئىنشائاللاھ.