ئىمام ئىبنى رەجەب | دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئامىللار
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
بسم الله والحمد لله والصلاة والسلام على رسول الله
ئىمام ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھنىڭ دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىنى توسۇپ قويىدىغان ئامىللار ھەققىدىكى بايانى تولىمۇ مۇكەممەل ۋە چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئىمام ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
«ھارامغا چۈشۈش ۋە ھارام بىلەن ئوزۇقلىنىش — دۇئانىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدىغان سەۋەبلەر جۈملىسىدىندۇر. بەزىدە بۇ توسالغۇنى توسالغۇ بولۇشتىن چىقىرىدىغان بىرەر سەۋەب بولۇشىمۇ مۇمكىن. (ھارام نەرسىلەرنى ئېلىپ-سېتىش ياكى ئىستىمال قىلىش؛ غەيۋەتخورلۇق؛ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش … قاتارلىق) پېئىلىي ھاراملارنى قىلىشمۇ دۇئانىڭ قوبۇل بولۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ. شۇنىڭدەك، قىلىنىشى پەرز بولغان ئەمەللەرنى تەرك ئېتىشمۇ دۇئانىڭ قوبۇل بولۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ. ھەدىستە بايان قىلىنغىنىدەك «ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشنى تەرك ئېتىش» ياخشى كىشىلەرنىڭ دۇئاسىنىڭ قوبۇل بولۇش يولىدىكى توسالغۇدۇر. ئىبادەتلەرنى ئورۇنداش دۇئالارنىڭ قوبۇل بولۇشىنى روياپقا چىقىرىدىغان سەۋەبلەردىن ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك، غاردا پاناھلانغان ئۈچ كىشى ئۆزى پاناھلىنىۋاتقان غارنىڭ ئاغزىنى قورام تاش توسىۋالغاندا، ئاللاھ تائالانىڭ رىزاسى ئۈچۈن قىلغان سالىھ ئەمەللىرىنى تەۋەسسۇل قىلىپ ئاللاھقا دۇئا قىلغىنىدا، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولدى. (جامع العلوم والحكم، 1\277)
سەھىھ ھەدىسلەردە دۇئانى ئىجابەت بولۇشتىن توسۇپ قويىدىغان ئامىللار بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
[1] ھارامدىن تاپاۋەت قىلىش دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىنى توسۇق قويىدىغان ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىندۇر.
ئەبۇ ھۇرەيرە ئابدۇرراھمان ئىبنى سەخرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«شۈبھىسىزكى ئاللاھ تەييىبدۇر (پاكتۇر) . تەييىب ئەمەلدىن (يەنى ئىخلاس بىلەن سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالەتتە قىلىنغان ئەمەلدىن) باشقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىگە بۇيرىغاننى مۆمىنلەرگىمۇ بۇيرۇغان. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:<ئى پەيغەمبەر! پاكىز ۋە ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلىڭلار.>(مۇئمىنۇن سۈرىسى، 51-ئايەت) ئاللاھ يەنە مۇنداق بۇيرۇغان <ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە رىزق قىلىپ بەرگەنلىرىمنىڭ پاكىز ۋە ھالال بولغانلىرىنى يەڭلار. پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغۇچىلاردىن بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار.> (بەقەرە سۈرىسى، 172-ئايەت)» بۇلاردىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇزۇن بىر سەپەردە چاچ-ساقاللىرى چۇۋۇلچاقلىشىپ، توپا-چاڭ بېسىپ كەتكەن، قوللىرىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ <ئى رەب! ئى رەب!> دەپ دۇئا قىلغان بىر كىشىنى تىلغا ئېلىپ، «ئۇنىڭ يېگىنى ھارام، ئىچكىنى ھارام ۋە كىيگىنى ھارام تۇرسا، ھارام بىلەن ئوزۇقلانغان تۇرسا، ئۇنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ قوبۇل بولسۇن» دېدى. (مۇسلىم 1015)
[2] ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشنى تەرك ئېتىش دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىنى توسۇپ قويىدۇ
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «نەپسىم قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىسىلەر، بۇنداق بولمايدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۆز دەرگاھىدىن سىلەرگە ئازاب چۈشۈرىدۇ. ئۇ چاغدا، سىلەر ئاللاھقا دۇئا قىلىسىلەر، ئەمما ئاللاھ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلمايدۇ.» (ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ھىببان توپلىغان؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ سەھىھ جامىئ 7070)
كىشى خوتۇن-بالىلىرىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردىن بىرىنى ياكى بىر تۈركۈمنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇلارنى ئاشۇ يامان ئىشلاردىن توسۇشقا تىرىشمايدۇ. مەسىلەن، ئۆيىدە بىر تېلۋوزۇر بولسا — تېلۋوزۇرنى ئەلبانى قاتارلىق مۇجەددىد ئالىملار «ئۆيدىكى شەيتان» دەپ ئاتىغان — پەرزەنتىنىڭ تېلۋوزۇر كۆرۈش بىلەن بولۇپ، زۆرۈر دىنىي ۋە دۇنياۋى ئىلىملەرنى ئۆگىنىشتىن باش تارتىۋاتقىنىنى، ياكى نامازلىرىنى ۋاقتىدا ئوقۇماي ئاللاھقا ئاسىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئاتا-ئانا پەرزەنتىنى بۇنىڭدىن توسمايدۇ؛ ئايالىنىڭ، قىزىنىڭ ياكى ئاچا-سىڭلىسىنىڭ شەرئىي ھىجاپ بويىچە ئۆلچەملىك ھىجاپلىنىشقا سەل قاراۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇغلۇق، ئەر كىشى ئايالىنى بۇنىڭدىن توسۇپ شەرئىي ھىجابقا بۇيرۇمايدۇ. دوستىنىڭ ئاللاھ ھارام قىلغان ناخشا-مۇزىكىنى ئاڭلاشقا خۇشتارلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، ناخشا مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ كىشىنى ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرۇپ، شەيتانغا يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، دوستىنى بۇنىڭدىن قايتۇرۇشقا كۈچىمەيدۇ…. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشنى تەرك ئېتىش ھەققىدە ئەڭ كۆپ كۆرىلىۋاتقان ھادىسىلەردۇر. بۇ قىلمىشڭلارنىڭ ۋە بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىغان كۆپلىگەن مۇنكەر ئەمەللەرنى توسماسلىق سەۋەبىدىن كىشىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولماسلىقى مۇمكىن.
[3] دۇئانى ئىزچىل قىلىشتا چىڭ تۇرماي ئالدىراپ كېتىش دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىنى توسۇپ قويىدۇ
ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار دۇئا قىلدىم ئەمما قىلغان دۇئايىم ئىجابەت بولمىدى دەپ ئالدىراپ كەتمىسە، قىلغان دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ.[بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
[4] گۇناھلىق ئىشلاردىن ساقلانماسلىق دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىنى توسۇپ قويىدۇ
سەلەف ئۆلىمالىرىدىن بىرى مۇنداق دېگەن:«دۇئالارنىڭ قوبۇل بولۇشى (ئەسلى) كېچىكمەيدۇ. بىراق، دۇئايىڭنىڭ ئىجابەت بولۇش يولىنى سەن گۇناھلار بىلەن توسۇۋالىسەن.» (ئىمام ئىبنى رەجەب، جامع العلوم والحكم 1\278)
[5] قۇرئان ۋە سۈننەتتە بەلگىلەنگەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا كۈچىمەسلىك دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىنى چەكلەپ قويىدۇ
ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«ئەمەلسىز ھالدا دۇئا قىلغان كىشى، يايسىز ھالدا ئوق ئاتقۇچىغا ئوخشاشتۇر.» (ئىبنى مۇبارەك، زۇھد 322؛ ئەبۇ نۇئەيىم، ئەۋلىيالارنىڭ زىننىتى 4\53)
ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دېگەن: «سالىھ ئەمەل دۇئانى ئاللاھقا يەتكۈزىدۇ.» (ئىمام ئىبنى رەجەب، جامع العلوم والحكم 1\278)
ھەر قانداق بىر باشلىق ياكى ھۆكۈمدار ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان، ئەمر پەرمانلىرىنى ئورۇندىغان خىزمەتچىسىنى يېنىغا تارتىپ، قەدىرلەپ، تىلەكلىرىنى ئورۇنداشقا مايىل بولغىنىدەك، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆزىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشتا چىڭ تۇرىدىغان، ئۆزى چەكلىگەن ئىشلاردىن يانىدىغان مۆمىن بەندىلىرىنىڭ دۇئا-تىلەكلىرىنى پاسىق، پاجىر، بىدئەتچى كىشىلەرنىڭ دۇئاسىغا قارىغاندا تېز ئىجابەت قىلىدۇ. كىشى يۇقىرىقىدەك قىلمىشلاردىن ساقلانسا دۇئاسى ئىجابەت بولۇشقا يېقىندۇر.
ئاللاھ دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچى زاتتۇر. سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «كىمكى ھاجەتلىرىنى ئاللاھتىن سورىمىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ.»
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:
«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى ئىنسان بالىسى! سەن ماڭا (تەۋبىكار قەلب بىلەن) دۇئا قىلىپ، مەندىن (گۇناھىڭنىڭ مەغفرەت قىلىنىشىنى) سورىغانلىكى تەقدىردە، مەن سېنى قىلغان گۇناھىڭغا پەرۋا قىلماستىن مەغفىرەت قىلىۋېتىمەن. ئى ئادەم بالىسى! گۇناھلىرىڭ (كۆپىيىپ) ئاسماندىكى بۇلۇتلارغا تاقاشقان تەقدىردىمۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ماڭا تەۋبە قىلىپ مەغفىرەت سورىساڭ، سېنى مەغفىرەت قىلىۋېتىمەن. ئى ئادەم بالىسى! سەن ماڭا يەر يۈزى توشقۇدەك گۇناھ بىلەن كېلىپ، ھېچنەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىۋالمىغان ھالەتتە مەن بىلەن ئۇچراشساڭ، مەنمۇ ساڭا يەر يۈزى تولغۇدەك مەغفىرەت بىلەن كېلىمەن.» (تىرمىزى 3540؛ جامىئۇل ئۇلۇم ۋە ھىكەم 2\400؛ سەھىھ ھەدىس)
ئەبۇ زەر غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئى بەندىلىرىم! مەن زۇلۇمنى ئۆزۈم ئۈچۈن ھارام قىلدىم، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ھارام قىلدىم. ئۇنداق ئىكەن، بىر-بىرىڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار. ئى بەندىلىرىم! مېنىڭ ھىدايەت قىلغانلىرىم مۇستەسنا، ھەممىڭلار ئازغۇنلۇقتىسىلەر. ئۇنداق ئىكەن، مەندىن ھىدايەت تىلەڭلاركى، سىلەرگە ھىدايەت ئاتا قىلاي. ئى بەندىلىرىم! مەن تويغۇزغاندىن باشقا ھەممىڭلار ئاچسىلەر، ئۇنداقتا مەندىن يېمەك-ئىچمەك تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى تويغۇزاي. ئى بەندىلىرىم! مېنىڭ كىيىم كىيگۈزگەنلىرىدىن باشقا ھەممىڭلار يالىڭاچسىلەر. ئۇنداق ئىكەن، مەندىن كىيىم-كېچەك تىلەڭلاركى، سىلەرگە كىيىم-كېچەك ئاتا قىلاي. ئى بەندىلىم! سىلەر كېچىسىمۇ، كۈندۈزىمۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈسىلەر. مەن بولسام پۈتكۈل گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت قىلىمەن. ئۇنداق ئىكەن، مەندىن مەغفىرەت تىلەڭلاركى، سىلەرنى مەغفىرەت قىلاي. ئى بەندىلىرىم! ماڭا زىيان سالماقچى بولساڭلار، زىيان سېلىش قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ. ماڭا مەنپەئەت يەتكۈزمەكچى بولساڭلار، مەنپەئەت يەتكۈزۈشۈڭلار قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر ئاۋۋالقىلىڭلارنىڭ، ئاخىرقىلىرىڭلارنىڭ، ئىنسۇ-جىن ھەممىڭلار (نىڭ قەلبى ئاراڭلاردىكى) ئەڭ تەقۋادار بىر كىشىنىڭ قەلبىدەك (ئىمانغا لىق تولغان تەقدىردىمۇ)، بۇنداق بولۇشى مېنىڭ پادىشاھلىقىمدىن ھېچ نەرسىنى ئاشۇرالمايدۇ. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر ئاۋۋالقىلىڭلارنىڭ، ئاخىرقىلىرىڭلارنىڭ، ئىنسۇ-جىن ھەممىڭلار (نىڭ قەلبى ئاراڭلاردىكى ئاراڭلاردىكى) ئەڭ فاجىر بىرىنىڭ قەلبىدەك بولسا، بۇ مېنىڭ پادىشاھلىقىمدىن ھېچنەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ. ئى قۇللىرىم! ئەگەر ئاۋۋالقىلىڭلار، ئاخىرقىلىرىڭلار، ئىنسۇ-جىن ھەممىڭلار بىر يەرگە توپلىشىپ مەندىن ھاجىتىڭلارنى تىلىسەڭلار ۋە ھەر بىرىڭىلارغا تىلىگىنىڭلارنى (تولۇقى بىلەن) بەرسەم، بۇ مېنىڭ دەرگاھىمدىكىدىن دېڭىزغا چىلانغان يىڭنىنىڭ دېڭىزدىن كېمەيتكىنىدىن ئارتۇقىنى كېمەيتەلمەيدۇ.
ئى بەندىلىرىم! بۇلار سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردۇر. مەن ئەمەللىرىڭلارنى سىلەر ئۈچۈن ساناپ، ھېسابلاپ قويىمەن. ئاندىن ئۇنىڭ مۇكاپات ياكى جازاسىنى سىلەرگە تولۇقى بىلەن بېرىمەن. كىمكى ھېسابىدا ياخشىلىقنى تاپسا، ئاللاھقا ھەمدە ئېيتسۇن. كىمكى ياخشىلىقتىن باشقىنى تاپسا، ئۆزىدىن باشقىسىنى ئەيىبلىمىسۇن.» (مۇسلىم 2577)
دۇئالىرىم ئىجابەت بولسۇن دېسىڭىز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا كۈچەڭ، تەقۋادار بەندىلەردىن بولۇشقا كۈچەڭ. شۇندىلا ئاللاھ دۇئالىرىڭىزنى ئىجابەت قىلىدۇ: ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: {ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ} «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن.» (سۈرە غافىر، 60-ئايەت)