پەتىۋا كومېتىتى | تەۋھىدكە ۋە ئىسلام ئەقىدىسىگە ئالاقىدار ئەڭ ياخشى كىتابلار قايسى؟

پەتىۋا كومېتىتى | تەۋھىدكە ۋە ئىسلام ئەقىدىسىگە ئالاقىدار ئەڭ ياخشى كىتابلار قايسى؟

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئابدۇررازاق ئەفىيفىي، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

سەھىھ ئەقىدە بايان قىلىنغان ئەڭ ئېسىل ۋە ئەڭ ئەۋزەل كىتاب ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاندۇر، ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلانغان كىتابلاردۇر. بۇ ھەقتىكى باشقا ياخشى كىتابلار فەتھۇل مەجىيد [فتح المجيد]، ئەقىدەتۇل ۋاسىتىيە [العقيدة الواسطية]، ئەلئۇلۇۋ لىلئەلىييىل غەففار [العلو للعلي الغفار]، تەۋەسسۇل ۋەلۋەسىيلە [التوسل والوسيلة]، مۇختەسەر سەۋائىق ئەلمۇرسەلە [مختصر الصواعق المرسلة]، تەتھىير ئىتىقاد [تطهير الاعتقاد] ۋە تاھاۋى شەرھى [شرح الطحاوية] قاتارلىقلاردۇر.

وبالله التوفيق. وصلى الله على نبينا محمد، وآله وصحبه وسلم. 

 (مەنبە: اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإِفتاء 3\250)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ