ھەدىستىكى مۆجىزە: ئىتنىڭ تېنىدىكى قۇرۇت ۋە ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولۇشى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
بسم الله والحمد لله والصلاة والسلام على رسول الله
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر سەللاللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ قاچىسىنى ئىت يالاپ قويسا، ئىت يالاپ قويغان قاچا تۇنجى قېتىمدا توپا بىلەن جەمئىي يەتتە قېتىم يۇيۇش ئارقىلىق پاكىزلىنىدۇ.» (بۇلۇغۇلمەرام 8-ھەدىس) ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇمەرامدا يۇقىرىقى ھەدىسنى نەقىل قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بولۇپ، مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە «ئىچىدىكىلەرنى تۆكسۇن» دەپ كەلگەن. تىرمىزىنىڭ راۋايىتىدە «ئاخىرقىسىنى ياكى تۇنجى قېتىملىقىنى تۇپراق بىلەن پاكلىسۇن» دەپ كەلگەن.
مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى بۇلۇغۇلمەرامنىڭ شەرھىدە بۇ ھەدىس توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن:
ھەدىس ھەرگىزمۇ بىرىنچى ۋە ئاخرىقىسىنى تۇپراق بىلەن يۇيۇش توغرىسىدا ئىختىيارلىق بارلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ يەردىكى شۈبھە، يەنى بىرىنچى قېتىمدا تۇپراق بىلەن يۇيامدۇ ياكى ئاخىرقى قېتىمدا تۇپراق بىلەن يۇيامدۇ؟ بۇ جەھەتتىكى شۈبھە راۋىي سەۋەبىدىندۇ. دەسلەپكى قېتىم تۇپراق بىلەن يۇيۇش توغرىسىدىكى ھەدىس راۋىلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى، شۇنداقلا راۋىلىرى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ راۋىلىرى بولغانلىقى يۈزىسىدىن، دەسلىپىدە تۇپراق بىلەن پاكلاپ ئاندىن يۇيۇش ھەدىسى كۆپلەپ قوبۇل كۆرگەن. بۇ ھەدىس ئىتنىڭ ئاغزىدىن چىققان شۆلگىيىنىڭ ۋە ئىتتىن ئاشقان نەرسىنىڭ نىجىس بولدىغانلقىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئىتنىڭ بەدىنىنىڭمۇ نىجىس بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەدىس بۇنىڭدىن سىرت ئىت يالاپ قويغان قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇشنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇھەققىق ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىمۇ مۇشۇنداق. بەزى ئالىملار قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇشنىڭ مۇستەھەپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بەزى ئالىملار قاچىنى ئۈچ قېتىم يۇيۇش يېتەرلىك بولىدۇ، دېگەن قارشتىدۇر. ئەمما، بۇ ئىككى ھۆكۈم ھەدىسنىڭ ھۆكۈمىگە ئۇيغۇن ئەمەس (شۇڭا قوبۇل قىلىنمايدۇ.) بىلىنگىنىدەك، ھەر قانداق نەرسىدىكى نىجاسەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇش شەرت ئەمەس، ئەمما، ئىت چېپىلىپ قويغان نەرسىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش شەرت. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئىت چېپىلىپ قويغان قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇشقا بۇيرۇشىدا نىجاسەتنىڭ سىرتىدا باشقا بىر ھېكمەت بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدىكى ھېكمەت دەۋرىمىزدىكى بەزى مېدىتسىنا ئالىملىرىنىڭ مۇنۇ بايقىشى ئارقىلىق ئىسپاتلانماقتا: كۆپلىگەن ئىتلارنىڭ ئاشقازىنىدا تۆت مىللىيمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىنتايىن كىچىك ئۈچەي قۇرتى بولۇپ، ئىت تەرەت قىلغاندا بۇ قۇرۇتلارنىڭ تۇخۇملىرى تەرىتى بىلەن بىرلىكتە سىرتقا چىقىپ، بۇ قۇرتلارنىڭ بىر قىسىمى ئىتىنىڭ مەقئەت رايونىدىكى تېرىسىنىڭ ئەتىراپىدىكى تۈكلەرگە يېپىشىپ قالىدۇ. ئىت مەقىتىنى تىلى بىلەن پاكىزلىغان ۋاقىتتا بۇ قۇرت تۇخۇملىرى ئاۋۋال ئىتنىڭ تىلىغا، ئاندىن ئاغزىغا يۆتكىلىدۇ. ئىت بىرەر قاچىنى يالىغاندا ياكى ئۇ قاچىدا سۇ ئىچكەندە بۇ قۇرۇتنىڭ تۇخۇملىرى قاچىلارغا يېپىشىپ قالىدۇ، ياكى ئىنسانلار ئىتنىڭ ئاغزىغا سۆيگەن ۋاقتىدا بۇ تۇخۇملار ئىنساننىڭ ئاغزىغا يۆتكىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئاشقازانغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ قۇرۇت تۇخۇملىرى ئاشقازاندا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن يېتىلىپ، ئاخىرىدا ئاشقازاننى تېشىپ قان تۇمۇرلارغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. قان تۇمۇرلار ئارقىلىق مېڭە، ئاشقازان، جىگەر ۋە باشقا ئورگانلاردا كۆپلىگەن كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. (غەربلىكلەر ئىت بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قوپۇشقا ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن) ھازىر غەرىپلىك دوختۇرلار بۇ خىل كېسەللىكلەرگە كۆپ دۇچ كەلمەكتە. ئۈچىيىدە قۇرت بولغان بۇنداق ئىتلارنى ئايرىپ چىقىش بەك تەس بولۇپ، بۇنداق ئۈچەي قۇرتى بار بولغان ئىتلارنى ئىسپاتلاپ چىقىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت، چۇڭقۇر ئىزدىنىش ۋە نادىر تېخنىكا ئەسۋاپلىرى كېرەك بولىدۇ. ئىسلام ئىتنى نىجىس دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئىت يالاپ قويغان قاچىلارنى يەتتە قېتىم يۇيۇشقا بۇيرۇغان. قاچىلارنى يەتتە قېتىم يۇيۇش، قاچىلارنىڭ پاكىز بولىشى ۋە ئىچىدە ھېچ بىر نەرسىنىڭ قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ سۆزلىگەنلىرىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يۇقىرىقى بۇيرۇقىدا ئوچۇق ئوتتۇرغا قويۇلغاندۇر. يۇقىرىقى بايانلىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئىت يالاپ قويغان قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش بۇيرۇقىنىڭ ھېكمىتىنى ئوچۇق رەۋىشتە بىلدۈرمەكتە. ئاللاھ تائاللا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى، بۇلۇغۇلمەرام شەرھى)
ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرلىقى ئورگان تور بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن:«گەرچە ئىت ساغلاملىق ئۈچۈن ۋە ئىت ئىگىلىرىنىڭ ياخشى ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن پايدىلىقتەك تۇرسىمۇ، كىشىلەر ھەر قانداق ياشتىكى ئىتلارغا نىسبەتەن، پىستە ئىتلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، دىققەتلىك بولۇشى لازىم. ئىتلار بەزىدە كىشىلەرنى كېسەل قىلىدىغان زىيانلىق پارازىتلارنى توشۇپ يۈرىدۇ. ئىتنىڭ تېنىدىكى پارازىتلار خىلمۇخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىت سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كېسەللىكلەر كىچىك بولغاندا تېردىكى ياللۇغلىنىش ، چوڭ بولغاندا ئېغىر كېسەللىكلەردىن ئىبارەت. ئىت ئارقىلىق كېسەل بولۇشتىن ئۆزىڭىزنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئىتنى تۇتۇش، ئىت بىلەن ئوينىشىش، ئىتقا يېمەكلىك بېرىش ياكى ئىتنى يۇيۇپ-تاراش قاتارلىقلاردىن كېيىن قولىڭىزنى پاك-پاكىز يۇيۇشتۇر.»[1]
يەر شارىنىڭ ۋە پۈتكۈل كائىناتنىڭ پادىشاھى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا تەرىپىدىن مىلادىيە يەتتىنچى ئەسىردە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن بۈيۈك پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە ئىتنىڭ ئۈچىيىدىكى، تۆت مىللىمېتىر چوڭلۇقىدىكى پارازىت قۇرتلارنى بايقاپ چىقىدىغان تەجرىبىخانىلار، مىكروسكوپلار ۋە بۇنىڭغا ماس تېخنولوگىيە يوق ئىدى. بۇ خىل تېخنولوگىيە يېقىنقى ئەللىك يىل مابەينىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ تەرەققىي قىلدى. سۈرە نەجمدە «رەسۇلىمىز پەيغەمبەر پەقەت ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ» دېگەن ئايەت بار. سەھىھ بۇخارىنىڭ ھەدىسىدىن بىرىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «مېنىڭ تىلىمدىن پەقەت ھەقلا چىقىدۇ» دېگەن. ئىت يالاپ قويغان قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش ھەدىسىمۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئاللاھ قىلغان ۋەھىيدۇر دەپ ئىمان ئېيتمىز. ئىمام ئىبنى بازدىن «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ھەدىس قانداق ۋەھىي قىلىناتتى؟» دەپ سورالغاندا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: ئاللاھ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە جىبرىل پەرىشتە ئارقىلىق ۋەھىي قىلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كەلگەن سەھىھ ھەدىستىكىدەك، بەزىدە جىبرىل پەرىشتە رەسۇلۇللاھقا ئىنسان شەكلىدە كېلەتتى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايتتى (رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي قىلىنغان ھەدىس بۇ شەكىلدە ئۇ زاتقا يېتىپ كېلەتتى.) [ئىبنى باز پەتىۋالىرى 9\463]
مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يەنە بىر سەھىھ ھەدىسىدە مۇنداق كەلگەن:«كىمكى پادىچىلىق، دېھقانچىلىق ياكى ئوۋچىلىق زۆرۈرىيىتى يوق ھالدا ئىت باقسا، ھەر كۈنلۈك ساۋابىدىن بىر قىرات كېمىيىپ كېتىدۇ.» (مۇسلىم 1575) سەھىھ بۇخارىدىمۇ (5163-ھەدىسىدە) مۇشۇنىڭغا يېقىن مەنىدە ھەدىس كەلگەن. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن:«پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر.» يەنە بىر ھەدىستە «تاھارەت ئىماننىڭ يېرىمىدۇر» دېيىلگەن. يۇقىرىقى ھەدىسلەرنى ئۈستىدە بايان قىلىنغان ئىتنىڭ تېنىدىكى پارازىت قۇرۇت، مەقىتىنى تىلى بىلەن يالىشى قاتارلىق يىرگىنىشلىك ئەھۋاللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنگىنىمىزدە، پاكىزلىق دىنى بولغان، بەدەننى ۋە ئەقىلنى ئاسىراشنى پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە نەقەدەر ئۇيغۇنلۇقى، ئاللاھنىڭ ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ چەكلىگەن ھەر قانداق ئىشىدا چوقۇم ئىنسانلارنىڭ يا دۇنيالىق، ياكى ئاخىرەتلىك، ۋەياكى ھەم دۇنيالىق ھەم ئاخىرەتلىك مەنپەتئەتى مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ئىمام نەۋەۋى ۋە باشقا ئالىملارنىڭ ئېتقىنىدەك، يۇقىرىقىدەك ھاجەتلەر سەۋەبلىك ئىت بېقىشقا رۇخسەت قىلغان ھەدىسلەرگە قىياس قىلىش ئارقىلىق، توغرا قاراش بويىچە، قورو-ھويلىنى قوغداش ئۈچۈن ئىت بېقىش دۇرۇس بولىدۇ. (مۇسلىم شەرھى، 10\236) بۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىت بېقىش مۇتلەق ھارامدۇر. (شەيخ ئابدۇلكەرىم خۇدەير)[2]
[1] https://www.cdc.gov/healthypets/pets/dogs.html
[2] https://islamqa.info/ar/answers/10949/اذا-شك-هل-لعق-الكلب-موضعا