ھايۋانلار نېمە يەيدۇ؟ (ساۋادى چىققان بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچە تېكىست)

ھايۋانلار نېمە يەيدۇ؟

ياز كەلسە دادام بىزنى ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئاپىرىدۇ. ھايۋاناتلار باغچىسىدا مايمۇنلار، ئېيىقلار، يولۋاسلار، زىراپىلەر بار. مايمۇن بانان يەيدۇ. ئېيىق بېلىق يەيدۇ. يولۋاس گۆش يەيدۇ. زىراپە يوپۇرماق يەيدۇ. ھايۋانلار گەپ قىلالمايدۇ. ئىنسانلار گەپ قىلالايدۇ. ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ ياراتقان. ئىنسانلارنىمۇ ئاللاھ ياراتقان. مايمۇننىڭ قولى ئۇزۇن. ئېيىق بەك كۈچلۈك. زىراپە بەك ئېگىز. بىز ھايۋانلارنى ياخشى كۆرىمىز.

مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى

كىچىك دوستلار زىراپىگە يوپۇرماق بېرىۋاتىدۇ.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ