قازان بېشىدا جەننەتنى تاپقان ئاياللار

قازان بېشىدا جەننەتنى تاپقان ئاياللار

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

رامزاندا ئەڭ كۆپ جاپا تارتىدىغانلار مۆمىنە ئاياللاردۇر. ئاياللىرىمىز\ئانىلىرىمىز قازان بېشىدا بىز ئۈچۈن تىپىرلىمىسا، بىزنىڭ گېلىمىز ئۈچۈن تاتلىق ئۇيقۇسىنى ۋە ھېرىپ چارچاشلىرىنى ئۇنۇتمىسا، بىز ئەرلەر ھەتتا چېيىمىزنىمۇ ئوڭشاپ ئىچەلمىگەن بولاتتۇق. ئۇلار رامزاندىكى ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ۋە ھارغىلىقتىن سىرت ئەرلىرى ۋە بالا-چاقىلىرىنىڭ ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ۋە ھارغىنلىقىنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاز ئارام ئېلىپ، كۆپ تىپىرلايدۇ. بىزنىڭ ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ۋە ھارغىنلىقىمىزنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆز ئاچلىقى، ئۇسسۇزلۇقى ۋە ھارغىنلىقىنى ئۇنتۇيدۇ. شۇڭا، رامزاندا ئائىلە ئۈچۈن ھەممە كۈچىنى چىقىرىپ ھېرىپ چارچىغان مۆمىنە ئاياللارغا كۆپ رەھمەت ئېيتايلى، ئۇلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، مەغفىرەت تىلەيلى ۋە تېگىشلىك رەۋىشتە ماددىي، مەنىۋىي جەھەتتە مۇكاپاتلاپ تۇرايلى.

غەربلىكلەرگە ۋە باشقا پەن-مەدەنىيىتى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان كاپىر مىللەتلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ قىز ئاياللىرى بىز مۇسۇلمان مىللەتلەردەك، بولۇپمۇ بىز قورساققا ئامراق ئۇيغۇرلارنىڭ قىز ئاياللىرىدەك قازان بېشىغا بەنت بولغان ئەمەس. قورسىقى ئاچقان كاپىر ئەر چېيىنى ئۆزى قاينىتىپ ئىچىشكە مەجبۇر، ئايالىغا خوش يېقىپ قالسا چاي قاينىتىپ بېرىشى مۇستەسنا. ئىشتىن ھېرىپ قايتىپ كەلگەن كاپىر ئەر تامىقىنى ئۆزى ئېتىشكە مەجبۇر، ئايالىنىڭ خۇشى تۇتۇپ قالسا ئېرى بىلەن بىللە تاماق ئېتىشى، ياكى بەزىدە ئېرىنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئۆزى تاماق ئېتىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

ئاللاھ مۇسۇلمان ئەرلەرنى ئەزىز قىلدى. مۇسۇلمان ئاياللارنى ئەرلىرىگە خىزمەت قىلىش بىلەن شەرەپلىك قىلدى ۋە كاتتا مۇكاپاتلارنى ۋەدە قىلدى.
مۆمىنە ئاياللارغا خۇش خەۋەر بولسۇنكى، سەلەپ ئالىملىرىدىن بىرىنىڭ ئاچىسى ۋاپات تاپتى. ۋاپات تاپقۇچى ئايال مەزكۇر سەلەپ ئالىمىنىڭ چۈشىگە كىردى. بۇ ئالىم چۈشىدە ۋاپات تاپقان ئايالدىن «ئى ئاچا! ئاللاھ سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئايال «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ مېنى مەغفىرەت قىلدى. ھەتتا، يۇغۇرغان خېمىر، ئادالىغان سەي كۆكتاتلىرىمغىچىلىك ئەجر بەردى» دېدى. (بۇ مەزمۇندىكى ۋەقەلىك مۇھەددىس ئەبۇ نۇئەيىم رەھىمەھۇللاھنىڭ «ئەۋلىيالارنىڭ زىننىتى» ناملىق ئەسىرىدە مەۋجۇت) — مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ