تەراۋىھ نامىزىنى 23 رەكئەت ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟ | شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە

تەراۋىھ نامىزىنى 23 رەكئەت ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىمام تىرمىزى | ئىمام ئىبنى بەتتال | ئىمام نەۋەۋى | ئىمام ئىبنى تەيمىييە| ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز

بسم الله والحمد لله والصلاة والسلام على رسول الله

ئىمام ئىبنى بازنىڭ پەتىۋاسى:

تاراۋىھ نامىزىنى 23 رەكئەت ئوقۇغان كىشى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا ساھابىلەرنىڭ رامزاننىڭ بەزى كېچىلىرىدە ئوقۇغىنىغا ئوخشاش ئوقۇغان بولىدۇ. 23 رەكئەت ئوقۇش دۇرۇس. بۇ مەسىلە ئىختىيارلىق مەۋجۇت بولغان مەسىلىدۇر. شۇنىڭدەك، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋە باشقا ساھابىلەرنىڭ ئون بىر رەكئەت ئوقۇغانلىقى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن نەقىل قىلىنغان. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ 23 رەكئەت ئوقۇغانلىقى، 11 رەكئەتمۇ ئوقۇغانلىقى توغرۇلۇق سەھىھ دەلىللەر مەۋجۇت. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ساھابىلەردىن بىرىگە ئون بىر رەكئەت ئوقۇشقا بۇيرۇغانلىقى توغرۇلۇقمۇ سەھىھ نەقىل كەلگەن. شۇنداقلا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ساھابىلەرنىڭ 23 رەكئەت ئوقۇغانلىقى توغرىسدىمۇ سەھىھ رىۋايەت مەۋجۇت. بۇلار بۇ رەكئەتلەر ئارىسىدا كەڭچىلىك بارلىقىنى، رەسۇلۇللاھنىڭ «كېچىنىڭ نامىزى ئىككى رەكئەتتىن، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ» دېگەن سۆزىدىكىدەك، بۇ مەسىلىنىڭ كىشىنىڭ تاللىشىغا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

بىراق، ئەڭ ئەۋزىلى رەسۇلۇللاھنىڭ ئوقۇغىنىدەك يا ئون بىر رەكئەت ۋەيا ئون ئۈچ رەكئەت ئوقۇشتۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولسا ئون بىر رەكئەت ئوقۇشتۇر. چۈنكى، يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك ئائىشە ئانىمىزدىن «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەيلى رامزاندا، مەيلى باشقا چاغدا كېچىلىك نامازنى ئون بىر رەكئەتتىن ئارتۇق ئوقۇمايتتى» دېگەن ھەدىس بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. شۇنداقل، ئائىشە ئانىمىزدىن يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ ئون ئۈچ رەكئەت ئوقۇغانلىقى توغرىسىدىمۇ سەھىھ رىۋايەت كەلگەن. بۇنىڭدىن، ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئون بىر رەكئەتتىن ئارتۇق ئوقۇمايتتى دېيىشىدە، رەسۇلۇللاھنىڭ كۆپۈنچە ۋاقىتتا ئون بىر رەكئەت ئوقۇغانلىقىغا دالالەت بار. ناۋادا كىشى بەزى كېچىسى ئون بىر رەكئەت، بەزى كېچىسى ئون ئۈچ رەكئەت ئوقۇسا، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىككىلى سۈننىتىگە ئەمەل قىلغان بولىدۇ. بۇنداق قىلىشتا ھېچقانداق خاتالىق يوق. شۇنداقلا، بىر سالام بىلەن تۆت رەكئەت ئوقۇشمۇ دۇرۇس. بىراق، سۈننەت بولغىنى رەسۇلۇللاھنىڭ «كېچىلىك ناماز ئىككى رەكئەتتىن، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ» دېگەن سۆزى بويىچە، بۇ نامازلارنى ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇشتۇر. بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئىپادىلەيدۇ. (ئىبنى باز پەتىۋالىرى توپلىمى، 11\324)
* ئەسكەرتىش: ئىمام ئىبنى باز ئۆز ئالدىغا ھەدىس باھالاش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، زامانىمىزنىڭ ئەڭ مەشھۇر مۇھەددىسى ئابدۇلمۇھسىن ئاببباد ھافىزەھۇللاھ ئىمام ئىبنى بازنى «مۇھەددىس، فەقىھ، شەيخۇل ئىسلام» دەپ ئاتىغان. (مەنبە ئۈچۈن چېكىڭ)

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

كىشى تەراۋىھ نامىزىنى ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام شافىي ياكى ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبى بويىچە يىگىرمە رەكئەت ئوقۇسا؛ ياكى ئىمام مالىكنىڭ مەزھىبى بويىچە 36 رەكئەت، ۋەيا 13 رەكئەت، ۋەيا 11 رەكئەت ئوقۇسا، ئىمام ئەھمەدنىڭ ئېيتقىنىدەك، ياخشى قىلغان ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، تەراۋىھ نامىزى ئۈچۈن رەكئەت سانى بەلگىلەنگەن ئەمەس. رەكئەت سانىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشى قىرائەتنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشىغا ئاساسەن ئۆزگۈرىدۇ. (ئەلئىختىيارات، 64-بەت)

قال شيخ الإسلام ابن تيمية :

والتراويح إن صلاها كمذهب أبي حنيفة ، والشافعي ، وأحمد : عشرين ركعة أو : كمذهب مالك ستا وثلاثين ، أو ثلاث عشرة ، أو إحدى عشرة فقد أحسن ، كما نص عليه الإمام أحمد لعدم التوقيف فيكون تكثير الركعات وتقليلها بحسب طول القيام وقصره .الاختيارات ص ( 64 )

ئىمام تىرمىزى «جامىئۇت تىرمىزى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن:

«كۆپچىلىك ئالىملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆمەر، ئەلىي ۋە باشقا ساھابىلىرىدىن رىۋايەت قىلىنغىنى تاراۋىھ نامىزىنى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇشتىن ئىبارەت، دەپ بىلىدۇ. بۇ ئىمام سۇفيان سەۋرى، ئىمام ئىبنى مۇبارەك ۋە ئىمام شافىي قاتارلىقلارنىڭ كۆز قارىشىدۇر. ئىمام شافىي: تەراۋىھنى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇش بىزنىڭ دىيارىمىز مەككىدىن ئۆگەنگىنىمدۇر، ئۇلار مەككىدە يىگىرمە رەكئەت تەراۋىھ ئوقۇيدۇ، دېگەن. (جامىئۇت تىرمىزى، 3-169)

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

ئەھلى ئىلىمنىڭ ئىجمائىغا بىنائەن تاراۋىھ نامىزى سۈننەتتۇر. بىزنىڭ كۆز قارىشىمىز شۇكى، تەراۋىھ نامىزى ئون تەسلىم بىلەن يىگىرمە رەكئەت ئوقۇلىدۇ. تەراۋىھ نامىزىنى يالغۇز ئوقۇسىمۇ، جامائەت بىلەن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ . (ئەلمەجمۇئ، 4ـ31)

وقال النووي :

صلاة التراويح سنة بإجماع العلماء ، ومذهبنا أنها عشرون ركعة بعشر تسليمات وتجوز منفردا وجماعة . » المجموع » ( 4 / 31 ) .

ئىمام ئىبنى بەتتال بۇخارى شەرھىدە مۇنداق دېگەن:«ھەممىگە مەلۇملۇق بولغىنى شۇكى، رامزاندا يىگىرمە رەكئەت تاراۋىھ ئوقۇش ئۆمەر ۋە ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنغان.» (ئىبنى بەتتالنىڭ سەھىھ بۇخارىغا شەرھىسى، 3ـ141)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ