ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن | تۈۋرۈكلەر ئارىسىدا سەپ تۈزۈپ ناماز ئۇقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن (ۋاپاتى: ھ-1423؛ م:2001)
جاۋاب: ئادەم كۆپ، ئورۇن چەكلىك بولسا، تۈۋرۈك ئارىسىدا سەپ تۈزۈش دۇرۇس بولىدۇ. ئەگەر ئورۇن كەڭرى، تۈۋرۈك ئارىسىدا سەپ تۈزۈشكە ھاجەت يوق بولسا، بۇ ھالدا تۈۋرۈكلەر ئارىىسدا سەپ تۈزۈپ ناماز ئوقۇلمايدۇ، چۈنكى، بۇنداق قىلىش ناماز سەپلىرىنى ئۈزۈپ قويىدۇ. (فتاوى أركان الإسلام؛ پەتىۋا نومۇرى 231)