ئىبنى ئۇسەيمىن | تەسبىھ ئېيتىشتا تەسۋى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى

ئىبنى ئۇسەيمىن | تەسبىھ ئېيتىشتا تەسۋى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى

260-سوئال: تەسبىھ ئېيتىش ئۈچۈن تەسۋى ئىشلىتىش جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرى قانداق؟ ئاللاھ ياخشى مۇكاپات بەرسۇن.

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 1421)

جاۋاب: تەسۋى ئىشلىتىش دۇرۇس. بىراق زىكىر-تەسبىھنى بارماقلار ئارقىلىق ساناش تەسۋى ئارقىلىق ساناشتىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((اعقدن بالأصابع فإنهن مستنطقات)) «تەسبىھنى بارماقلىرىڭلار بىلەن ساناڭلار. چۈنكى، بارماقلارمۇ (قىيامەت كۈنى) سوئال سوراق قىلىنىدۇ ۋە زۇۋانغا كەلتۈرۈلىدۇ.»  (أخرجه الإمام أحمد في المسند ٦/٣٧٠، وأبو داود في الصلاة، باب التسبيح بالحصى (١٥٠١)، والترمذي في الدعوات، باب فضائل التسبيح (٣٥٨٣)

تەسۋى كۆتۈرۈۋېلىش رىياغا يول ئېچىشى مۇمكىن. چۈنكى، تەسۋى ئارقىلىق زىكىر تەسبىھلىرىنى سانىغۇچىلارنىڭ ئومۇمىسىنىڭ قەلبى ئۆزى ساناۋاتقان زىكىر-تەسبىھلاردىن غاپىل ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ زىكىر-تەسبىھ ئېيتىۋاتقان چاغدا ئوڭ-سولغا قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، زىكىر-تەسبىھ ئېيتىشتا بارماقلارنى ئىشلىتىش ئەۋزەلدۇر ۋە ئەلادۇر. (فتاوى أركان الإسلام، 336)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ