ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن | بامدات نامىزىنىڭ بىر رەكئىتىگە يېتىشەلمەي، ئىككىنچى رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن كىشى ئوقۇيالمىغان رەكئىتىنىنىڭ قىرائىتىنى ئاشكارا ئوقۇمدۇ ياكى مەخپىيمۇ؟

بامدات نامىزىنىڭ بىر رەكئىتىگە يېتىشەلمەي، ئىككىنچى رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن كىشى ئوقۇيالمىغان رەكئىتىنىنىڭ قىرائىتىنى ئاشكارا ئوقۇمدۇ ياكى مەخپىيمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 1421)

جاۋاب: قانداق ئوقۇشتا ئىختىيارلىقى بار. ئەمما، مەخپىي ئوقۇشى ئەۋزەل. چۈنكى، مەزكۇر مەسجىدتە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىمامغا ئۈلگۈرەلمىگەن رەكئەتلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇۋاتقان باشقىلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن بولغانلىقتىن، (بۇ كىشى ئىككىنچى رەكئىتىنىڭ قىرائىتىنى) ئاشكارا ئوقۇسا، ئۆزىدىن باشقا قازا نامىزى ئادا قىلغۇچىنىڭ زېھنىنى ئازدۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. (فتاوى أركان الإسلام، 324)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ