جامائەت نامىزىدىن مەھرۇم قېلىشتىن ئەنسىرىگەن تەرىتى قىستىغان كىشى قانداق قىلىدۇ؟
264-سوئال: تەرىتى قىستىغان كىشى ھاقەتخانىغا بارسا جامائەت نامىزىنى قاچۇرۇپ قويۇشتىن قورقسا، جامائەتكە يېتىشىش ئۈچۈن تەرىتى قىستىغان ھالەتتە ناماز ئوقۇشى دۇرۇسمۇ، ياكى ھاجىتىنى راۋا قىلسا جامائەتكە يېتىشەلمەيدىغان تەقدىردىمۇ، ھاجەت قىلامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى | پازىل ئۆلىما، ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
جاۋاب: جامائەتكە يېتىشەلمەيدىغان تەقدىردىمۇ باشتا ھاجىتىنى سۇندۇرىدۇ، ئاندىن تاھارەت ئالىدۇ. چۈنكى، تەرىتى قىستاش ئۆزۈر ھېسابلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لا صلاة بحضرة طعام، ولا هو يدافعه الأخبثان))«تاماق ھازىر بولغان ھالەتتە ۋە چوڭ-كىچىك تەرەت قىستىغان ھالەتتە ناماز ئوقۇلمايدۇ.» رواه مسلم في المساجد / باب كراهة الصلاة بحضرة الطعام ١/٣٩٣ ح ٦٧ (٥٦٠). (فتاوى أركان الإسلام)