ئۆزىگە ئىقتىدا قىلغان جامائەت ئىككى بولغاندا ئىككى جامائەتنى ئارقىسىدا قالدۇرۇپ، ئالدىغا چىققان ئىمام توغرىسىدا
سوئال: ئىككەيلەن جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇۋاتاتتى، بۇ چاغدا ئۈچىنچى كىشى كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان ئىككى كىشى كەينىگە چېكىنىدىغان جاي بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىمام ئالدىغا چىقتى. بولۇپمۇ بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئىمامنى ئالدىغا چىقىشىغا ئەمەس، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان ئىككى كىشىنى كەينى سەپكە چېكىنىشكە كۆرسەتمە بەرگەنلىكىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئىمامنىڭ بۇ خىل شەكىلدە ئالدىغا چىقىشى دۇرۇس بولامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 1421)
جاۋاب: ئەگەر ئىمام باشقا ئىككى كىشى ئارقىسىغا چېكىنىشكە مۇمكىن بولىدىغان بىر جايدا ناماز ئوقۇۋاتقان بولسا، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان ئىككى كىشى كەينىگە چېكىنىدۇ. ئەگەر ئىمام ئىككى جامائەتنىڭ ئارقىسىغا چېكىنىشى مۇمكىن بولمايدىغان جايدا ناماز ئوقۇۋاتقان بولسا، ئىمامنىڭ ئالدىغا چىقىشىدا ھېچ مەسىلە يوق. بۇ خىل مەسىلىدە، ئىمامنىڭ ئىككى جامائەتنىڭ ئالدىغا چىقىشى ياكى ئىككى جامائەتنىڭ كەينىگە يېنىشى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن. ئەگەر ئىمام بىلەن جامائەتنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر سەپتە تۇرۇپ، جامائەتنىڭ بىرى ئىمامنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان بولسا، بۇ نامازمۇ ئوخشاشلا دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ، لېكىن (يۇقىرىدا بايان قىلىنغان) ئەۋزەل بولغىنىنى تەرك ئەتكەن بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆزى يالغۇز (نەپلە) ناماز ئوقۇۋاتقىنىدا جابىر ۋە جاببار ئىسىملىك ئىككى ساھابە كېلىپ، بىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، بىرى سول تەرىپىدە تۇرغان. بىراق، رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككەيلەننى ئارقىغا چېكىدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئارقىسىدا تۇرغۇزغان. بۇ ھەدىس سەھىھ ھەدىستۇر. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلىك ئەنەس ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى يېتىم بالىدىنمۇ سادىر بولغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ئىككىسىنىمۇ ئارقىسىغا چېكىدۈرۈپ، ئارقىسىدا تۇرغۇزغان. (مجموع فتاوى العلامة عبد العزيز بن باز رحمه الله، 12\200)