جۈمە نامىزى ئوقۇشتا شەرت بولغان ئەڭ ئاز ئادەم سانى قانچە؟
سوئال: جۈمە نامىزىنى ۋە خۇتبىنى ئوقۇشتا شەرت بولغان ئەڭ ئاز ئادەم سانى قانچە؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 1420-يىلى)
جاۋاب: بۇ مەسىلىدە ئەھلى ئىلىم ئارىسىدا تۈرلۈك كۆز قاراشلار مەۋجۇت. بۇ ھەقتە دېيىلگەن سۆزنىڭ ئەڭ توغرىسى، جۈمە نامىزىنىڭ ئوقۇشتا شەرت بولغان ئادەم سانى ئەڭ ئاز بولغاندا ئىمامنى قوشقاندا ئۈچ كىشى بولسا بولىدۇ. ئەگەر بىر يۇرتتا ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ھۆر، يەرلىك ئەر كىشى بولغان تەقدىردە، (ۋە باشقا شەرتلەر تېپىلغان تەقدىردە) پېشىن نامىزىنى ئوقۇماستىن جۈمە نامىزىنى ئوقۇيدۇ. چۈنكى، جۈمە نامىزىنىڭ پەرزلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر ئۇلارنىڭمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (مجموع فتاوى العلامة عبد العزيز بن باز رحمه الله، 12\327)