ئەللامە ئىبنى باز | جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن قىرىق كىشى بولۇشى شەرتمۇ؟

جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن قىرىق كىشى بولۇشى شەرتمۇ؟

سوئال: بەزى كىتابلاردا جۈمە نامىزى ئوقۇشى پەرز بولغان كىشى ئۈچۈن قىرىقى بولۇش جۈمە نامىزىنىڭ توغرا بولۇشىنىڭ شەرتى جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا بايانلارنى ئوقۇدۇم. ھالبۇكى، «دەۋەت» مەجمۇئەسىدە سىلىنىڭ بۇ جەھەتتە ئىمام بىلەن قوشقاندا ئۈچ كىشى بولسا بولىدىغانلىقىنى توغرىسدىكى پەتىۋالىرى نەشىر قىلىندى. مەن ئوقۇغان بايانلار بىلەن سىلىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بايانلىرىنى قانداق ياراشتۇرىمىز؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 1420-يىلى)

جاۋاب: جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن قىرىق كىشىنىڭ بولۇشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكى بىر تۈركۈم ئەھلى ئىلىمنىڭ سۆزى بولۇپ، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئەمما، ئالدىنقى پەتىۋادا بايان قىلىنغىنىدەك، بۇ جەھەتتىكى كۈچلۈك قاراش شۇكى: – جۈمە نامىزى قىرىق كىشىدىن ئاز جامائەت بىلەن ئادا تاپىدۇ، ئەڭ ئاز بولغاندا (ئىمامنى قوشقاندا) ئۈچ كىشى بولسا بولىدۇ. چۈنكى، قىرىق كىشى بولۇشى كېرەك دېگەن شەرت ئۈچۈن كەلتۈرلگەن دەلىلنىڭ ئاجىز بولۇشىدۇر. شۇنداقلا، قىرىق كىشىنىڭ شەرت قوشۇلۇشقا دەلىل قىلىنغان ھەدىس — ھافىز ئىبنى ھەجەرنىڭ بۇلۇغۇلمەرامدا بايان قىلغىنىدەك — زەئىپتۇر. (مجموع فتاوى العلامة عبد العزيز بن باز رحمه الله، 12\327)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ