ھارام يېمەكلىكلەر پىشۇرۇلغان ياغدا پىشىرۇلغان يېمەكلىكنى يېيىشنىڭ ھۆكمى

ھارام يېمەكلىكلەر پىشۇرۇلغان ياغدا پىشىرۇلغان يېمەكلىكنى يېيىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: بەزى چاغلاردا ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدا تاماق يەيمەن، ئەلۋەتتە، مەن ھارام تاماقلاردىن ساقلىنىمەن. بۇ ئاشخانىدا تاماق يېگەن چاغلاردا بەزىدە ياغدا پىشۇرۇلغان ياڭيۇ ياكى تۇخۇم قاتارلىقلارنى بۇيرۇتۇپ يەيمەن. ھالبۇكى، بىر قېتىم ئاشپەزنىڭ تۇخۇم قورۇغان قازاندا چوشقا گۆشى قورىغىنىنى كۆرۈپ قالدىم. مۇشۇنداق ياغدا قورۇلغان تاماقنى يېيىشىم ھارام ھېسابلىنامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئابدۇررازاق ئەفىفىي، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد

جاۋاب: ناۋادا سىز يەيدىغان تاماقنى قورۇيدىغان ياغنىڭ چوشقا گۆشىنى قورىغان ياغ ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان تەقدرىدە، بۇ تاماقنى يېيىشىڭىز دۇرۇس بولمايدۇ.

مەنبە: اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء، السؤال الثاني والثالث من الفتوى رقم ( 7768 )

پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى يەنە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
چوشقا گۆشىنى قاقلاپ پىشۇرىدىغان كاۋاپداندا قاقلاپ پىشۇرۇلغان كالا گۆشىنى يېيىش دۇرۇس ئەمەس. شۇنداقلا، چوشقا گۆشى كېسىپ-چانالغان پىچاق-قىڭراقلاردا كېسىپ-چانالغان كالا گۆشى (ۋە باشقا ھالال گۆشلەرنى) يېيىش دۇرۇس ئەمەس. (بۇ پەتىۋانى بەرگەن ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئەللامە ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛  مەنبە: «فتاوى اللجنة الدائمة» (22 /285)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ