شام نامىزى ئوقۇۋاتقان ئىمامنىڭ نامازنىڭ ئىككى رەكئىتىگە ئۈلگۈرەلمىگەن بىرەيلەننى ئىماملىققا چىقىرىشى توغرىسىدىكى پەتىۋا | ئىمام ئىبنى باز

ناماز ئوقۇۋاتقان ئىمامنىڭ نامازنىڭ ئىككى رەكئىتىگە ئۈلگۈرەلمىگەن بىرەيلەننى ئىماملىققا چىقىرىشى توغرىسىدىكى پەتىۋا

سوئال: شام نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدكە بارغىنىمدا، جامائەت شامنىڭ ئىككى رەكئىتىنى ئوقۇپ بولغان ئىكەن، مەن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەن تەكبىر بىلەن ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ تۇرۇشۇمغا، ئىمام ئۆزۈرلۈك بولۇپ قېلىپ، مېنى ئۆز ئورنىغا ئىماملىققا تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى نامازدىن چىقىپ كەتتى. مەن بۇ نامازدا ئۇلارغا ئىمام قىلىپ تۇرغۇزۇلغان مۇشۇنداق ھالەتتە قانداق قىلىشىم كېرەك بولىدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 1420-يىلى)

جاۋاب: سىز ئۆزىڭىزنى ئۈلگۈرەلمىگەن ئىككى رەكئەتنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن (ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرۇپ، بىر رەكئەت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن) تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇسىز. بۇ سىز ئۈچۈن بىرىنچى تەشەھھۇد، جامائەت ئۈچۈن ئاخىرقى تەشەھھۇد ھېسابلىنىدۇ. بىرىنچى تەشەھھۇدىڭىزدا تەشەھھۇد دۇئاسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالام يوللىشىڭىز ئەۋزەل. ئاندىن كەم قالغان ئىككى رەكئىتىڭىزنى تولۇقلاش ئۈچۈن تۇرىسىز، جامائەتكە (قولىڭىز ئارقىلىق) ئىككى رەكئەتنى ئوقۇپ بولغۇچە تەشەھھۇد ھالىتىدە ئولتۇرۇپ تۇرۇشقا ئىشارە قىلىسىز. ئىككى رەكئەتنى ئوقۇپ بولغىنىڭىزدىن كېيىن، (ئاخىرقى تەشەھھۇدىڭىزنى ۋە مۇناسىۋەتلىك دۇئالارنى ئوقۇپ بولۇپ) «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ» دەپ ئوڭ سولغا سالام بېرىپ جامائەت بىلەن بىللە نامازدىن چىقىسىز. يۇقىرىقىدەك ھالدا، سىز ئۆزرۈلۈك، ئۇلارمۇ ئۆزۈرۈلۈك ھېسابلىنىدۇ، (سىز ئوقۇيالمىغان ئىككى رەكئىتىڭىزنى تاماملىشىڭىز ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سىزنى ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك بولىدۇ.

مانا بۇ ھەممىڭلارغا بېرىلىدىغان جاۋابتۇر. باشتىكى ئىمام شام نامىزىغا باشتىن باشلاپ قاتناشقان بىرەيلەننى ئىمام قىلىپ تەيىنلىگەن بولسا، ئەڭ ئەۋزىلى مۇشۇ ئىدى. مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر. (مجموع فتاوى العلامة عبد العزيز بن باز رحمه الله، 12\132)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ