ئىبنى ئۇسەيمىن | نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

ئىبنى ئۇسەيمىن | نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 1421)

جاۋاب: نامازنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش شەرىئەتتە بەلگىلەنمىگەن. دۇئا قىلماقچى بولغان نامازخاننىڭ نامازنىڭ ئىچىدە دۇئا قىلىشى نامازنى تۈگەتكەندىن كېيىن دۇئا قىلىشىدىن ئەۋزەل. بۇ سەۋەبلىك، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەشەھھۇدنى بايان قىلىپ، نامازنىڭ ئىچىدە دۇئا قىلىشقا يېتەكلەپ مۇنداق دېگەن:«(تەشەھھۇد دۇئاسىنى ئوقۇپ بولغاندىن) كېيىن خالىغان دۇئانى ئوقۇساڭ بولىدۇ.» (١) أخرجه البخاري في الأذان / باب ما يتخير من الدعاء بعد التشهد (٨٠٠)

كىشىلەرنىڭ بەزىسى قاچانكى بىر نەپلە ناماز ئوقۇسا، نامازنى تۈگىتىپلا قوللىرىنى كۆتۈرىدۇ. ھەتتا، بەزىلىرىنى كۆرىسەنكى، قوللىرىنى كۆتۈرگەن بىلەن دۇئا قىلمىغاندەكلا ھېس قىلىسەن. ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇغان ھالىتىنى كۆرسەڭ، ئۆزلىرى ئوقۇغان نەپلە نامازنىڭ تەشەھھۇدىدىن كېيىن سالام بەرگەندىن كېيىن، دەرھال قوللىرىنى كۆتۈرۈشىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، ئۇلار پەقەتلا قوللىرىنى كۆتۈرىشىدۇ، ئاندىن يۈزىگە سۈرتىشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى دىندا ئورنى يوق بىدئەتتۇر. (فتاوى أركان الإسلام، 339)

ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: (مَا رَأَيْتُ النَّبِيَّ ﷺ يَرْفَعُ يَدَيْهِ فِي الدُّعَاءِ إِلَّا فِي الِاسْتِسْقَاءِ) «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دۇئا قىلغاندا ئىستىسقا دۇئاسىدىن (يامغۇر تىلەش دۇئاسىدىن) باشقا چاغدا ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرمىدىم.» hedisim.com (بۇخارى 981؛ مۇسلىم 895؛ نەسائىي 1513)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئۆزىنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئون يىل خىزمەت قىلغانلىقى سابىتتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بەزى ھاللاردا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ يەردە نامازنىڭ ئىچى ياكى سىرتىدىكى دۇئا قىلىپ قول كۆتۈرۈشتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پەقەت ئىستىسقا دۇئاسىدىن باشقىسىدا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن. ئەھۋال دەل مۇشۇنداقتۇر. نامازدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىمەن دېگۈچى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە زىت ئىش قىلغان، بىدئەت پەيدا قىلغان بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم بىزنىڭ بۇ دىنىمىزدا ئۇنىڭدا يوق ئىشنى قىلسا، قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ.» (مۇسلىم)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ