ئېرى ناماز ئوقۇمايدىغان ئايال كىشى قانداق قىلىدۇ؟ | ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى بىلەن توي قىلىشنىڭ ھۆكمى؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن

ئېرى ناماز ئوقۇمايدىغان ئايال كىشى قانداق قىلىدۇ؟ ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى بىلەن توي قىلىشنىڭ ھۆكمى؟

سوئال: ناماز ئوقۇمايدىغان ئەر بىلەن ئۆي تۇتقان، ئۇ ئەردىن بالىلىرى بولغان ئايالنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ناماز ئوقۇمايدىغان بىرىنى نىكاھلاشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

پەتىۋا بەرگۈچى | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

جاۋاب: ئايال كىشى بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇمايدىغان ئەر كىشى بىلەن نىكاھلانسا، ئۇنىڭ نىكاھى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى كىتابنىڭ، سۈننەتنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆزىنىڭ دالالىتى بويىچە كاپىردۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىق ئەلئۇقەيلى مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى نامازدىن باشقا ئەمەللەردىن بىرەرسىنى تەرك ئېتىشنى كاپىرلىق دەپ قارىمايتتى.» (تىرمىزى-كىتابۇل ئىمان) كاپىر ئەرنىڭ مۇسۇلمان ئايال بىلەن نىكاھلىنىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«ئەگەر سىلەر ئۇ ئاياللارنىڭ مۆمىنە ئاياللار ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇۋەتمەڭلار. بۇ مۆمىنە ئاياللار كاپىرلارغا ھالال ئەمەستۇر. ئوخشاشلا، كاپىرلار ئەرلەرمۇ مۆمىنە ئاياللارغا ھالال ئەمەس.» (مۇمتەھىنە سۈرىسى، 10-ئايەت)

ناۋادا نىكاھ ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىنكى چاغلاردا (ئەردىن ياكى ئايالدىن) ناماز ئوقۇمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، تاكى ناماز ئوقۇماسلىقتىن تەۋبە قىلىپ ئىسلامغا قايتمىغۇچە ئەر ئايال ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ بىكار قىلىنىدۇ. بەزى ئالىملار بۇ سەۋەبلىك نىكاھ مۇناسىۋىتى ئۈزۈۋېتىلگەن ئەر-ئايالنىڭ ئارىسىدىكى نىكاھنىڭ داۋاملىشىشىنى ئايال كىشىنىڭ ئىددەت مۇددىتى ئۇزۇنلىقىنىڭ باراۋىرىدە بولىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. ئايال كىشىنىڭ ئىددىتى توشقان بولسا، يېڭىدىن نىكاھ ئوقۇلمىغۇچە ئەر كىشى مۇسۇلمان بولغان تەقدىردىمۇ ئايال بىلەن ئۆي تۇتالمايدۇ.

ئايال كىشى ناماز ئوقۇمايدىغان ئەردىن ئايرىلىشى، بۇ ئەردىن بالغان بالىلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئەر تەۋبە قىلىپ بەش نامازنى ئوقۇشقا قايتمىغۇچە ئايال كىشى ئەرنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى، نامازنى تەرك ئەتكەن دادىنىڭ بالىلىرىنى يېنىدا تۇتۇش ھەققى يوقتۇر.

مەن بۇ سەۋەبلىك — ناماز ئوقۇماسلىقنىڭ خەتىرىنىڭ چوڭلۇقى سەۋەبلىك، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنى قىزلىرىنى ياكى ئۆزى ۋەلى بولغان قىز-ئاياللارنى ناماز ئوقۇمايدىغان ئەرلەرگە نىكاھلاپ بېرىشتىن، تۇغقىنىمتى، دوستۇمتى دەپ شۇ يېقىنلىق سەۋەبلىك بىنامازغا قىز بېرىۋېتىشتىن ئاگاھلاندۇرىمەن. ھەممەيلەن ئۈچۈن ئاللاھتىن ھىدايەت سورايمەن. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن. (مەنبە: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن، ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىغا ئالاقىدار پەتىۋالار، 192-نومۇرلۇق پەتىۋا)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ