ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن | جامائەت نامىزىدىن مەھرۇم قېلىشتىن ئەنسىرىگەن تەرىتى قىستىغان كىشى قانداق قىلىدۇ؟

 جامائەت نامىزىدىن مەھرۇم قېلىشتىن ئەنسىرىگەن تەرىتى قىستىغان كىشى قانداق قىلىدۇ؟

264-سوئال: تەرىتى قىستىغان كىشى ھاقەتخانىغا بارسا جامائەت نامىزىنى قاچۇرۇپ قويۇشتىن قورقسا، جامائەتكە يېتىشىش ئۈچۈن تەرىتى قىستىغان ھالەتتە ناماز ئوقۇشى دۇرۇسمۇ، ياكى ھاجىتىنى راۋا قىلسا جامائەتكە يېتىشەلمەيدىغان تەقدىردىمۇ، ھاجەت قىلامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى | پازىل ئۆلىما، ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

جاۋاب: جامائەتكە يېتىشەلمەيدىغان تەقدىردىمۇ باشتا ھاجىتىنى سۇندۇرىدۇ، ئاندىن تاھارەت ئالىدۇ. چۈنكى، تەرىتى قىستاش ئۆزۈر ھېسابلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لا صلاة بحضرة طعام، ولا هو يدافعه الأخبثان))«تاماق ھازىر بولغان ھالەتتە ۋە چوڭ-كىچىك تەرەت قىستىغان ھالەتتە ناماز ئوقۇلمايدۇ.» رواه مسلم في المساجد / باب كراهة الصلاة بحضرة الطعام ١/٣٩٣ ح ٦٧ (٥٦٠).  (فتاوى أركان الإسلام)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ