ئايال كىشىنىڭ ئۆز رەسىمىنى تورغا چىقىرىشىنىڭ ھۆكمى
ئەھلى سۈننەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر «ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تورى»نىڭ 165186-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
سوئال: ئايال كىشىنىڭ ئۆز رەسىمىنى فىسبۇك بېتىگە چىقىرىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بولۇپمۇ، بەزى ھىجابلىق ئاچا-سىڭىللىرىمىز ئۆزىنىڭ ھىجابلىق رەسىمىنى تورغا چىقىرشىنى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئەمەس دەپ قارايدىكەن. مېنىڭ پەندى-نەسىھەت ئالالىشىم ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا.
جاۋاب:
بارچە گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.
ئايال كىشىنىڭ ئۆز رەسىمىنى فىيسبۇك ۋە باشقا ئىنتېرنېت ۋاسىتىلىرىگە چىقىرىشى ھارام. بۇنداق قىلىشىنىڭ ھاراملىقى تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەت سەۋەبلىكتۇر:
بىرىنچىدىن: ئايال كىشىنىڭ ئۆز رەسىمىنى ئېىنتىرنېتقا چىقىرىشى قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى ئورىنىش بۇيرۇقىغا زىتتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەڭ شەرەپلىك ۋە گۇماندىن ئەڭ ئۇزاق پاك ئاياللىرى ھەققىدە ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە مۇنداق دېگەن:«وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِنْ وَرَاءِ حِجَابٍ ذَلِكُمْ أَطْهَرُ لِقُلُوبِكُمْ وَقُلُوبِهِنَّ» «پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سورىماقچى بولساڭلار پەردە ئارقىسىدىن سوراڭلار. بۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلار ئۈچۈنمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئۈچۈنمۇ ئەڭ پاك بولغىنىدۇر.» (سۈرە ئەھزاب، 53-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) ئاللاھ يەنە مۇنداق دېگەن:«يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُلْ لِأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبِهِنَّ ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا «ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ خوتۇن-قىزلىرىغا ئېيتقنىكى، ئۇلار جىلبابلىرى بىلەن ئۈستى-بېشىنى ئورىسۇن. جىلباب بىلەن ئورىنىشى ئۇلارنىڭ تونۇلۇپ ئەزىيەتكە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئەڭ ئۇيغۇن بولغىنىدۇر. ئاللاھ غەفۇردۇر (بەك مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر)، رەھىيمدۇر (بەك مېھرىباندۇر).» (سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەت) (ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى مۇشۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە «جىلباب»نى مۇنداق دەپ شەرھلىگەن: جىلباب — كىيىمنىڭ ئۈستىگە كىيىلىدىغان، باشنىڭ چوققىسىدىن پۇتنىڭ تىرنىقىغىچە بولغان پۈتۈن بەدەننى ئوراپ تۇرىدىغان كىيىمدۇر.) ئاللاھ تائالا ئاياللارنىڭ سىيلىق، يۇمشاق رەۋىشتە گەپ قىلىشىنى چەكلەپ مۇنداق دېگەن:«يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ لَسْتُنَّ كَأَحَدٍ مِنَ النِّسَاءِ إِنِ اتَّقّيْتُنَّ فَلَا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَيَطْمَعَ الَّذِي فِي قَلْبِهِ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلًا مَعْرُوفًا» «ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر (ئەڭ ئۈستۈن رەۋىشتىكى تەقۋالىقىڭلار، ھايالىقلىقىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشىڭلار يۈزىسىدىن) باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر. ئەگەر سىلەر تەقۋادارلاردىن بولساڭلار، (نامەھرەم ئەركەكلەر مەۋجۇت ھالەتتە) سۆز قىلغاندا يۇمشاق ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار. بولمىسا، قەلبىدە (ھارامنى ئارزۇلاشتەك) كېسەللىك بولغان كىشى سىلەرگە نىسبەتەن يامان ئۈمىدتە بولۇپ قالىدۇ. سىلەر (يات ئەرلەرگە نىسبەتەن ئىتائەت ۋە ئاجىزلىقىڭلارنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئاھاڭدا سۆز قىلىشتىن، شۇنداقلا قوپال، توڭ رەۋىشتە سۆز قىلىشتىن ئۇزاق ھالدا) ئۇيغۇن رەۋىشتە سۆز قىلىڭلار.» (سۈرە ئەھزاب، 32-ئايەت)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاياللىرىنى ۋە بارچە مۆمىنە ئاياللارنى ھىجابلىنىشقا بۇيرۇدى. ھىجابقا بۇيرۇشتىن مەقسەت مۆمىنە ئاياللارنىڭ قەلبىنىڭ پاك بولۇشى، ئۇلارنى پىتنە ۋە گۇماندىن ئۇزاق تۇتۇش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋە مۆمىن ئەرلەرنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش ئۈچۈندۇر. بۇ نۇقتا چۈشىنىلگىنىدە، ئايال كىشىنىڭ ئۆز رەسىمىنى تەقۋادارلار ۋە يامان غەرەزلىك پاسىقلار كۆرىدىغان تور دۇنياسىغا چىقىرىشنىڭ ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىگە قارشى قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلىشىدۇ.
ئىككىنچىدىن: ئايال كىشىنىڭ رەسىمىنىڭ تورغا چىقىرىلىشى ئايال كىشىگە ۋە ئۇنىڭ رەسىمىنى كۆرگۈچىلەرگە نىسبەتەن پىتنىنىڭ ۋە يامانلىقنىڭ ئىشىكىنى ئاچقانلىق ھېسابلىنىدۇ. بىز مۇشۇنداق قىلىشى سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان كۆپلىگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەلىكلەرنى؛ نۇرغۇنلىغان ئىپپەتلىك خانىم-قىزلارنىڭ بۇ سەۋەبلىك ئاللاھتىن قورقمايدىغان پاسىقلارنىڭ تاتلىق سۆزلىرى ۋە يالغان ۋەدىلىرىگە ئالدىنىپ، بۇنداق رەزىل كىشىلەرنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى، رەسىمىنى تورغا چىقارغۇچى ياكى باشقىلارغا يوللىغۇچى قىز ئاياللارنىڭ مانا مۇشۇنداق رەۋىشتە نابۇت بولغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك شەرمەندە بولغانلىقىنى، ئازاب-ئوقۇبەتكە قالغانلىقى ئاڭلىدۇق ۋە ئوقۇدۇق. بۇنداق بولۇش ئىككىلى دۇنيادا ئار-نومۇستۇر. ئاللاھتىن بۇنداق ئار-نومۇسقا قارشى پاناھلىق تىلەيمىز. بۇنىڭدىن سىرت، نۇرغۇنلىغان پاسىقلار زامانىۋىي تېخنولوگىيەلەردىن پايدىلىنىپ بۇ خىلدىكى ھىجابلىق قىز-ئاياللارنىڭ رەسىملىرىنىڭ باش قىسىمىنى پاھىشە ئاياللارنىڭ بەدەنلىرىگە چاپلاپ رەسىم ياساش ئارقىلىق (ئۆزلىرىنىڭ مال-دۇنيا تېپىش مەقسىتىدىگە ئېرىشكەندىن سىرت)، بۇ خىل قىز-ئاياللارنى ۋە ئائىلىسىنى نومۇسقا قويغانلىقىمۇ ھەقىقەتتۇر.
ئۈچىنچىدىن: سىز سوئالدا تىلغا ئالغىنىڭىزدەك، بەزى ھىجابلىق ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھىجابلىق رەسىمىنى تورغا قويۇشىنى ئىسلامدا چەكلەنگەن قىلمىش ئەمەس دەپ قارىغانلىقىنى بايان قىلىغنىڭىزغا كەلسەك، ئەگەر سىز بۇ يەردە دەۋاتقان ھىجابتىن، يۈزنى يۆگەيدىغان، يۈزنى كۆرسەتمەيدىغان ھىجابنى نەزەردە تۇتقان بولسىڭىز، ناۋادا بولۇپمۇ بۇنىڭدا بىرەر ئېھتىياج بولغان تەقدىردە، بۇنىڭدا چەكلىمە يوق. بىراق، بۇ يۈز ياپىدىغان بەزى قىز-ئاياللارنىڭ رەسىمىنى تورغا چىقىرىشىنى دۇرۇس دەۋېلىشىنى تەستىقلىمايدۇ. چۈنكى، يۈز ياپقان رەسىمىنى تورغا چىقىرىۋېلىشتا ھېچقانداق شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھاجەت مەۋجۇت ئەمەس. ھېچنەرسىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايدىغان قارا شەكىلنى تورغا چىقىرىۋېلىشنىڭ نېمە قىممىتى بار؟
ناۋادا، ھىجابتىن مەقسىتىڭىز، بەدىنىنىڭ باشقا يېرىنى ئورىۋالغان تەقدىردىمۇ يۈزى ئوچۇق قىز-ئاياللارنىڭ ئورىنىش شەكلىنى نەزەردە تۇتۇش بولسا، ئۇ ھالدا بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان، بۇ خىلدىكى يۈزى ئوچۇق رەسىمنى تورغا چىقىرىش بۇزۇق\ يامان ئاقىۋەتلەرگە يول ئاچىدىغانلىقى نۇقتىسىدىنلا، ئايال كىشىنىڭ يۈزى ئوچۇق رەسىمىنى تورغا چىقىرىشىنىڭ ئۆزىلا بۇنداق قىلىشنىڭ ھۆكمىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە يېتىپ ئاشىدۇ. ھەتتا، (يۈز يېپىشنى پەرز دەپ قارايدىغان بىز) ئايال كىشىنىڭ يۈز يېپىشى پەرز ئەمەس دەپ قارىغان تەقدىردە، بۇنداق قىلىشنىڭ ھۆكمى ھارامدۇر. ئۇ ھالدا، ئايال كىشىنىڭ يۈز يېپىشى پەرز بولسا، يۈزى ئوچۇق رەسىمنى تورغا چىقىرىشنىڭ ھۆكمى نېمە بولىدۇ؟ يۈز يېپىش پەرز تۇرۇقلۇق، يۈزى ئوچۇق رەسىمىنى تورغا چىقىرىشتا (ياكى نامەھرەملەرگە ئەۋەتىشتە) گۇناھ ھەسسىلىنىدۇ، يامان ئاقىۋەت تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. ئايال كىشى ئۆز رەسىمىنى تورغا چىقىرىش ئارقىلىق ئاللاھقا قارشى ھەددىدىن ئاشقان ۋە مۆمىنە ئاياللارنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان تۇتۇپ كەلگەن يولىغا قارشى يول تۇتقان بولىدۇ.
ئىمام غەزالى (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) ئىھيا ئۇلۇمىددىن ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: «ئەسىرلەردىن بۇيان ئەرلەر يۈز ئوچۇق ھالەتتە، ئاياللار يۈزىنى ياپقان ھالەتتە سىرتقا چىقىدۇ.» «إحياء علوم الدين» ( 2/53 )
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) (سەھىھ بۇخارىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر شەرھى ھېسابلانغان) «فەتھۇل بارى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: «قەدىم دەۋىرلەردىن ھازىرغا قەدەر، ئاياللارنىڭ ئادىتى سىرتقا چىققاندا يۈزىنى يېپىشتۇر.» «فتح الباري» ( 9/ 424)
شۇنداقلا، نورمال ئەقىلگە ئىگە ھەر بىر كىشى ئايال كىشىنىڭ گۈزەللىكى، كىشىنى جەلب قىلىدىغان يېرى، ئەرلەرنىڭ كۆرۈشنى خالايدىغان يېرى ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ يۈزىدۇر. ئايال گىشىنىڭ گۈزەل ياكى ئەمەسلىكىنى بەلگىلەيدىغان يېرى ئۇنىڭ يۈزىدۇر. بۇنداق ئىكەن، ئايال كىشىنىڭ رەسىمىنى تورغا چىقىرىشى ئايال كىشىنىڭ ئازدۇرۇلۇشىنىڭ، ياكى باشقىلارنى ئازدۇرۇشىنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق رەسىملەر كۆرۈشنى خالىغان ھەر كىم ئۈچۈن ئوچۇق بولغانلىقى سەۋەبلىك، رەسىمىنى تورغا چىقارغان ئايال كىشى ۋە ئۇلارنىڭ رەسىملىرى ھۆرمەتلەنمەيدۇ.
(تورغا رەسىمىنى چىقارغان ئايال كىشى باشقىلارنى ئۆزىگە مايىل قىلىدۇ ۋە ئازدۇرىدۇ. سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ باشقىلارنى ئۆزىگە مايىل قىلىدىغان ئايال كىشىلەرنىڭ چىقىدىغانلىقى ۋە بۇنداق ئاياللارنىڭ جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.- بۇ ھەقتىكى ھەدىس ئۈچۈن سەھىھ مۇسلىمنىڭ 3971-نومۇرلۇق ھەدىسىگە ۋە شەرھىگە قاراڭ.)