ئىمام ئىبنى باز | قىرائىتى ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلغاندا قىرائەتنى ئۈنلۈك ئوقۇيمىزمۇ ئۈنسىزمۇ؟

قىرائىتى ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلغاندا قىرائەتنى ئۈنلۈك ئوقۇيمىزمۇ ئۈنسىزمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز (ۋاپاتى ھ: 1420؛ م 1999)

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

جاۋاب: قىرائىتى ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان نامازلارنىڭ قازاسىنى ئادا قىلغاندا قىرائەتلەرنى ئۈنلۈك قىلىش سۈننەتتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ساھابىلىرى بەزى سەپەرلىرىدە ئۇيقۇ غالىپ كېلىپ، بامدات نامىزىدا ئويغىنالماي ئۇخلاپ كېتىپ، كۈن چىققاندىن كېيىنلا ئويغانغان ۋە بامدات نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلىپ، قىرائىتىنى ئۈنلۈك ئوقۇغان. بۇنىڭغا بىنائەن، ئۈنلۈك قىرائەتلىك پەرز نامازلارنىڭ قازاسىنى ئادا قىلغان كىشى بۇ نامازلارنىڭ قىرائىتىنى ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ.

مەنبە: ئىبنى باز، فەتاۋا نۇرۇن ئەلەددەرب، 7\167