فىتىر زاكىتىغا نەق پۇل بېرىش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقىغا ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىغا زىتتۇر
مۇجتەھىد تورى | mujtehid.com
بسم الله والحمد لله والصلاة والسلام على رسول الله
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە نەق پۇل-دىنار دىرھەملەر بار بولۇشغا قارىماي، كىشىلەرنىڭ دىنار دىرھەملەرگە چەكسىز دەرىجىدە ئېھتىياجلىق بولۇشىغا قارىماي، نامراتلىقنىڭ ھەر بىر ئائىلىگىچە يېتىپ كىرگەنلىكىگە قارىماي، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك بېرىشكە بۇيرۇدى. فىتىر زاكىتىغا يېمەكلىكتىن بېرىش ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىيدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أدوا صاعا من طعام في الفطر))«فىتىر سەدىقىسىنى يېمەكلىكتىن بىر سائ مىقداردا بېرىڭلار.» hedisim.com (ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر242؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3305)
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پىتىر زاكىتىنى مۇسۇلمانلاردىن بولغان قۇلغا، ھۆرگە، ئەرگە، ئايالغا، كىچىك-چوڭلارغا خورمىدىن، ئارپىدىن بىر سادىن(ئۈچ كىلو ئەتراپىدا) پەرز قىلدى. hedisim.com [بۇخارى رىۋايىتى1503-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى984-ھەدىس]. رواه ابن عمر رضي الله عنهما قال : (فَرَضَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ زَكَاةَ الْفِطْرِ صَاعًا مِنْ تَمْرٍ ، أَوْ صَاعًا مِنْ شَعِيرٍ ، عَلَى الْعَبْدِ وَالْحُرِّ ، وَالذَّكَرِ وَالْأُنْثَى ، وَالصَّغِيرِ وَالْكَبِيرِ مِنْ الْمُسْلِمِينَ) رواه البخاري ( 1503)، ومسلم ( 984) .
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (وجعل الذلة والصغار على من خالف أمري) «خار-زەبۇنلۇق ماڭا خىلاپ يول تۇتقۇچىلارغا بولىدۇ.» hedisim.com (ئىمام ئەھمەد؛ ئىمام ئىبنى قەييىم «زاد المعاد» تا سەھىھ دەپ نەقىل قىلغان؛ ھافىز ئىراقى ئىھيا تەخرىجىدە سەھىھ دېگەن؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر فەتھۇبارىدا ھەسەن دېگەن)
ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن: «شەرئىي دەلىلگە ئاساسلانغان كۆز قاراش توغرۇلۇق ئىختىلاپلىشىش ھالال ئەمەس.» (فەتھۇل بارى، 14/379)
ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى شۇنىڭغا ئىجمائقا كەلگەنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى ئۇ زاتقا ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىيدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى ئۈممىتىگە يەتكۈزۈش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆگىتىشتۇر.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلار پۇلغا-دىنار، دىرھەمگە تاۋار ئورنىدا سېتىلىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى سېتىۋالالايتتى. نورمال ئەھۋالدا ئاشلىققا موھتاج كىشىگە ئاشلىق ئېلىپ يېسۇن دەپ پۇل بېرىشنىڭ ساۋابى ئاشلىق بەرگەنگە ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە. بۇنىڭدا ھېچكىم ئىختىلاپ قىلمايدۇ. ئەمما، مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پېقىر ياكى مىسكىن مۇسۇلمانلارغا فىتىر زاكىتى سۈپىتىدە ئاشلىق ئېلىپ يېسۇن دەپ پۇل بېرىشنى ئەمەس، ئاشلىق بېرىشنى پەرز قىلدى. ئەگەر پېقىر مىسكىنلەرگە فىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىشنىڭ تېخىمۇ ئەۋزەل بولىدىغان ئىش بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم چوقۇم فىتىر زاكىتىنى پۇل بىلەن ئادا قىلىپ ئۈممىتىگە ئۆگەتكەن بولاتتى. بەزى كىشىلەر ئۇ چاغدا ئاشلىق مۇھىم ئىدى، ھازىر پۇل مۇھىم، شۇڭا پۇل بېرىش ياخشى دەۋېلىشىدىكەن. قىيامەتكە قەدەر ھۆكمى كۈچكىگە بولغان ھەق دىننىڭ ئىگىسى ئاللاھ ئەجەبا 21-ئەسىردىكى پېقىر-مىسكىنلەر ئۈچۈن پۇلنىڭ ئاشلىقتىن مۇھىملىقىنى بىلمەي قېلىپ، رەسۇلىغا پۇل بېرىشنى ئەمەس، ئاشلىق بېرىشنى بۇيرۇغان بولغۇيمىتى؟ سۇبھانەللاھ. بۈگۈنكى دەۋردە فىتىر زاكىتىغا ئاشلىق بېرىشتىن پۇل بېرىشتىن ئەۋزەل دېيىش، ئىسلام شەرئىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكمىنى ئۆز مەيلى بىلەن ئۆزگەرتكەنلىكتۇر.
ئاللاھ قۇرئاندا سۇ تاپالمىغۇچىنى پاق تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىشنى بۇيرۇغان ۋە بۇنىڭ سۇدا تاھارەت ئېلىشنىڭ ئورنىنى باسىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ ھەقتە سۈننەتتىمۇ ئىش ھەم شۇنداق. ئەينى دەۋردە سېمونت يوق ئىدى، پۇل-مال ئاز ئىدى، ھەممە يەردە توپا چاڭ، ئۆينىڭ ئىچى لاي-كېسەك، يوللار توپىلىق يوللار ئىدى. كۈنۈمىزدىكى بىرەيلەن مۇشۇلارنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىگلىرىكى مۇسۇلمانلارغا توپا-چاڭ، تۇپراق ھەمراھ ئىدى، شۇڭا ئاللاھ ئۇلارنى تۇپراققا تەيەممۇم قىلىشقا بۇيرۇغان، كۈنىمىزدە جاھان تەرەققىي قىلىپ، شەھەر مۇھىتلىرىدا تۇپراق ئىسمى بىلەن ئاتىغىلى بولىدىغان بۇ ماددىنى ئۆيلەردىن، ھەتتا يوللاردىن تېپىش مۈشكۈل، ئىسلام ئاسانلىق دىنى، بىز ھەممىمىز ھازىر توپىدىن قاچىمىز، توپىنى يوق قىلىش ئۈچۈن توپا-چاڭ سۈمۈرىدىغان توكلۇق سۈپۈرگىلىرىمىزۇ تەييار، بۇنداق بولغان ئىكەن، تەيەممۇم قىلىدىغان ئىش بولسا ئىلگىرى زاماندىكى ئىنسانلارنىڭ ئايرىلماس ماددىسى بولغان توپىدا ئەمەس، بۈگۈننىڭ ئايرىلماس ماددىسى بولغان سېمونتتا، ۋەياكى ئۇپا-ئەڭلىكتە ۋەياكى پاكىز سېمونتقا ۋە ياكى تامغا قولىمىزنى ئۇرۇپ، مۇشۇنى تەيەممۇم قىلغانلىق سۈپىتىدە بېكىتەيلى، بۇ بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارغا تېخىمۇ قولاي دېيەلەمدۇق؟؟؟ ئەقلى جايىدا ھەر قانداق مۇسۇلمان بۇنىڭ شەرىئەتنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتكەنلىك ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالايدۇ. دەل شۇنىڭدەك، فىتىر سەدىقىسى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر دەۋرىدە يېمەكلىكتىن \ ئاشلىقتىن بېرىلگەن، رسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يېمەكلىك بېرىشكە بۇيرۇغان، ساھابىلەرمۇ مۇشۇ يولنى تۇتقان ئەھۋالدا، دېمەك دىننىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكمى ئاشلىق بېرىش دېگەنلىكتۇر. ئەمدى، ئۇنىڭدىن كېيىن، ياكى كۈنىمىزدە قوپۇپ ھازىر پۇل فىتىر زاكىتىغا ئەڭ ئۇيغۇن دەپ، ئاشلىق بېرىش بۇيرۇقىنى پۇل بېرىش بۇيرۇقىغا ئۆزگەرتىۋالساق ۋە فىتىر زاكىتىنى پۇل بىلەن ئادا قىلىشنى ئۆزىمىزچە دانالىق، دىننى چۈشەنگەنلىك دەپ قارىۋالساق، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىققانلىق ھېساپلىنىپ قالسا، بىزنىڭ بۇ كۈنلەردىكى ساختا دانالىقىمىز ئاللاھنىڭ ئازابىدىن بىزنى ساقلاپ قالالارمۇ؟
فىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل ئەمەس ئاشلىق بېرىش ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھۆكمىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: {ﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر – ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ﷲ ۋە ﷲ نىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا يول يوق)، كىمكى (ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇيرۇغانلىرىدىن غەيرىگە مېڭىش ئارقىلىق) ﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ.} (سۈرە ئەھزاب، 36-ئايەت) {فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ}{رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن.} (سۈرە نۇر، 63-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
كىشىلەر ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ ھۆكمىنى مۇجتەھىد ئالىملار ئەڭ ياخشى بىلىدۇ، دېيىشىدۇ. بۇ گەپ توغرا گەپ. فىتىر زاكىتى مەسىلىسىدە، تۆت مەزھەپنىڭ ئۈچى فىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن پۇل بېرىشنى توغرا ئەمەس دەيدۇ.
ئەھلى سۈننەتنىڭ تۆت قانۇنىي فىقھىي مەزھىبىدىن ئۈچى، يەنى مالىكىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھىپىدە فىتىر زاكىتىغا ئاشلىق\ يېمەكلىك بەرمەستىن، پۇل بېرىشنى دۇرۇس ئەمەس، دەپ قارايدۇ. پەقەت ھەنەفىي مەزھىپىلا فىتىر زاكىتىغا ئاشلىق ئورنىغا پۇل بېرىشنى دۇرۇس دەپ قارايدۇ. (الموسوعة الفقهية الكويتية 23\344)
***
پىتىر زاكىتى پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجى ئۈچۈن پەرز قىلىنغان
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنى روزا تۇتقان كىشىلەرنىڭ سۆزلىگەن يامان سۆزلەردىن ۋە قىلغان بىھۇدە ئىشلاردىن پاكلىنىشى؛ يوقسۇللارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن پەرز قىلغان.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 1609؛ ئىبنى ماجە 1827؛ ھاكىم 1-409، سەھىھ دېگەن؛ نەۋەۋى ‹ئەلمەجمۇئ› ناملىق ئەسىرىدە ‹ھەسەن› دېگەن. ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 1492-دە ‹ھەسەن› دېگەن)
پىتىر زاكىتىنىڭ پەرز قىلىنىش سەۋەبى مانا بۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بەزىلەر پىتىر زاكىتىغا پۇل بەرسە، يوقسۇللار كىيىم-كېچەك ئالامدۇ، ياكى باشقىمۇ، ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىنى ئېلىۋالسا ياخشى ئەمەسمۇ؟ دەپ مەسىلىنى ئەقىلچىلىك تەرەپكە تارتماقچى بولىدۇ. ئىسلام ئۆلىمالىرى بىلئىتتىپاق قوبۇل قىلغان ئىشلاردىن بىرى، شەرئىي دەلىل كەلگەندە ئۇنىڭ ئالدىغا ئەقىلنى ئۆتكۈزمەسلىك پەرزدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پىتىر زاكىتىنى يوقسۇللارنىڭ بىر نەچچە كۈنلۈك يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى بويىچە پەرز قىلغان، ئەمما، پۇل بەرسە ياخشى دەيدىغان كىشىلەر، بۇ يەردىكى «يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجى» مەسىلىسىگە ئەسلا پەرۋا قىلمايدۇ.
***
بەزىدە جاھىللىقىمىز، بەزىدە ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىزگە تەسلىم بولغانلىقىمىز، بەزىدە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە مېڭىپ كېتىش سەۋەبلىك، ھېلىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىلىرىگە 365 كۈننىڭ ھەر بىرىدە دېگۈدەك رەت-رەت، قايتا-قايتا، يېنىش-يېنىشلاپ، توختىماي خىلاپلىق قىلىپ قېلىۋاتىمىز. يىلدا ئاران بىر قېتىم كېلىدىغان مۇشۇ پەرز ئىبادەتنى ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئەمرىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئادا قىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن، كىشلەر ئارىسىدا تارقالغان، سەھىھ سۈننەتكە ئوچۇقتىن ئوچۇق زىت بولغان — فىتىر زاكىتىغا نەق پۇل بېرىش ئارقىلىق ئەمەس، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇيرۇغان، فىتىر زاكىتىغا يېمەكلىك بېرىش ئارقىلىق ئۆلچەملىك ئادا قىلىشقا تىرىشىش فىتىر زاكىتى بېرىش مەجبۇرىيىتى بولغان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۈستىدىكى پەرزلەردىن بىرىدۇر.
بەزى كىشىلەر ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ «فىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بەرسە دۇرۇس» دېگەنلىكىنىڭ رىۋايەت قىلىنغىنىنى تۇتۇۋېلىپ، فىتىر زاكىتىغا پۇل بەرسە دۇرۇس ئەمەس دېگۈچىلەرنى ھەتتا ئاشقۇن، ئازغۇنغا چىقىرىپ ئەيىپلىگەنلىكىگە، ۋە پۇل بەرسە نېمىشقا بولمايدۇ، ئەبۇ ھەنىفەدەك ئالىم نەدە بارىكەن، دېگەنلىكىگە شاھىد بولدۇق. بۇنداق كىشىلەر ھېچبىر قاچان ئىمام مالىك، ئىمام شافىي، ئىمام ئەھمەد، يەنى ئەھلى سۈننەتنىڭ ئۈچ قانۇنىي مەزھىپى فىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش دۇرۇس ئەمەس، دېگەن دەپ ئېزىپ-تېزىپ نەقىل قىلىپ سالمايدۇ. بىر ياكى بىر نەچچە ئالىم ھەدىسنىڭ خىلاپىدا ھۆكۈم چىقىرىپ قالغان بولسا، بۇ ئېنىقلا ئۇلارغا بۇ ھەقتىكى ھەدىس يېتىپ كەلمەي قېلىپ، ياكى خاتا ئىجتىھاد قىلىپ يۈز بەرگەن مەسىلەن. (بۇ ھەقتە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ «رەفئۇل مەلام» ناملىق ئەسىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسا بولىدۇ.) فىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىشنى ئەبۇ ھەنىفە دۇرۇس دېگەن تۇرسا، ئەسلى توغرا بولغان يېمەكلىك بېرىش بۇيرۇقىنى بىر ياققا ئىتتىرىپ، بۇ يولنى تۇتقۇچىلارنى ئاشقۇنغا ۋە ئىختىلاپ تېرىغۇچىغا چىقىرىشقا ئاران تۇرىدىغان بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ ئۆز سۆزى بىلەن ۋە باشقا ئىماملارنىڭ سۆزى بىلەن رەددىيە بېرىمىز:
ئىمام ئەبى ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:(إذا صح الحديث فهو مذهبي) «ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.» (ابن عابدين في «الحاشية» ١ / ٦٣)
ئىمام ئەبى ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (إذا قلت قولا يخالف كتاب الله تعالى وخبر الرسول ﷺ فاتركوا قولي) «ئەگەر مەن بىر ھۆكۈمنى بەرگەن بولۇپ، مېنىڭ بەرگەن بۇ ھۆكۈمۈم ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا ياكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە زىت بولۇپ قالغان بولسا، مېنىڭ بۇنداق ھۆكۈمىمنى چۆرۈپ تاشلاڭلار.» (الفلاني في الإيقاظ ص ٥٠، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أدوا صاعا من طعام في الفطر))«فىتىر سەدىقىسىنى يېمەكلىكتىن بىر سائ مىقداردا بېرىڭلار.» hedisim.com (ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر242؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3305، سەھىھ ھەدىس)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:(حرام على من لم يعرف دليلي أن يفتي بكلامي) «دەلىلمنى بىلمىگەن كىشىنىڭ سۆزۈمگە تايىنىپ پەتىۋا بېرىشى ھارامدۇر.» (صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ شاگىرتى قازى ئەبۇ يۈسۈپ رەھىمەھۇللاھقا مۇنداق دېگەن:(ويحك يا يعقوب (هو أبو يوسف) لا تكتب كل ما تسمع مني فإني قد أرى الرأي اليوم وأتركه غدا وأرى الرأي غدا وأتركه بعد غد) «ۋاي ساڭا ئى ئەبۇ يۈسۈپ! مەندىن ئاڭلىغانلىكى سۆزنى يېزىۋەرمە. چۈنكى، مەن بۈگۈن بىر قاراشتا بولۇپ ئەتىسى ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن. ئەتە بىر قاراشتا بولۇپ، ئۆگۈنلۈككە ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن.» (صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي مۇنداق دېگەن: «مەيلى يۈكسەك ئىرادە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردا بولسۇن، مەيلى رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردا بولسۇن ياخشىلىق دائىما رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتە بولىدۇ.» (بۇخارى 7301-ھەدىسكە فەتھۇل بارى شەرھى)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر مەسىلىدە سەھىھ ھەدىس كەلگەن ۋە بۇ سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان باشقا سەھىھ ھەدىس بولمىغان تەقدىردە بىزگە ۋە ئۈممەتكە پەرز بولغىنى شۇ سەھىھ ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۆز قاراشلارنى تەرك ئېتىشتۇر.» (ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين 3/74)
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ سۆزىگە تايىنىپ تۇرۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ھېچكىمنىڭ ھەددى ۋە ھەققى ئەمەس.» hedisim.com (رفع الملام 67)
ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كېيىن ياشىغان ھەرقانداق بىرىنىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنىشىمۇ، ياكى رەت قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. پەقەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىلا شەكسىز قوبۇل قىلىنىدۇ.» (ابن عبد البر في الجامع ٢ / ٩١)
ئىبىن ۋەھب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:«ئىمام مالىكتىن تاھارەت ئالغاندا بارماقلار ئارىسىنى پاكىزلاش ھەققىدە سورالغاندا، مەن ئۇنىڭ»رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنداق قىلمىغان» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، تاكى كىشىلەرئۇنىڭ يېنىدىن كەتمىگۈچە ئۇنىڭ يېنىغا كەلمىدىم. (كىشىلەر تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن) ئۇنىڭغا»بىز بۇ ئىشنىڭ سۈننەتتە ئورنى بارلىقىنى بىلىمىز»دېدىم. ئىمام مالىك ماڭا»قېنى سۆزلەپ باققىن»دېدى. مەن«لەيس ئىبىن سەئد، ئىبىن لاھىئ ۋە ئەمر ئىبىن ھارىس بىزگە يەزىد ئىبىن ئەمر ئەل مەئفىرىدىن، ئۇ ئەبۇ ئابدۇرراھمان ھۇبۇلىدىن، ئۇ مۇستەد ئىبىن شەدداد ئەلقۇرەشى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (تاھارەت ئالغاندا) قولىنىڭ كىچىك بارمىقى بىلەن پۇت بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلاپ يۇغانلىقىنى كۆردۈم» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىپ بەردى»دېدىم. ئىمام مالىك ماڭا»بۇ سەھىھ ھەدىس ئىكەن. مەن تا ھازىرغىچە بۇ ھەدىسنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم»دېدى. كېيىن، ئىمام مالىكتىن تاھارەت ئالغاندا بارماقلارنىڭ ئارىسىنى يۇيۇش ھەققىدە سورالغاندا، ئۇنىڭ بارماقلار ئارىسىنى يۇيۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئاڭلىدىم.» (مقدمة الجرح والتعديل لابن أبي حاتم ص ٣١ – ٣٢)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا ئىتتىپاقا كەلدىكى، ئەگەر بىر كىشىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدىن بىرى يەتسە، ئۇ كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىنى تاشلاپ، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئېسىلىۋېلىشى ھالال ئەمەس.» (الفلاني ص ٦٨، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (إذا صح الحديث فهو مذهبي) «ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.» (صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني )
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىتابىمدا ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتىگە زىت بىرەر نەرسە بايقىساڭلار، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتى بويىچە ئەمەل قىلىڭلار، مېنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىمنى تاشلاڭلار.» (النووي في المجموع ١ / ٦٣)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (كل مسألة صح فيها الخبر عن رسول الله ﷺ عند أهل النقل بخلاف ما قلت فأنا راجع عنها في حياتي وبعد موتي) «ھەدىس ئالىملىرى تەرىپىدىن مېنىڭ كۆز قارىشىمغا قارشى بولغان سەھىھ ھەدىس رىۋايەت قىلىنسا، مەن ھەدىسكە خىلاپ كۆز قاراشلىرىمدىن ھاياتىمدىمۇ، ئۆلۈمىمدىن كېيىنمۇ ۋاز كەچتىم.» (أبو نعيم في الحلية ٩ / ١٠٧؛ صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېگەن: (كل حديث عن النبي ﷺ فهو قولي وإن لم تسمعوه مني)«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ھەر قانداق سەھىھ ھەدىس كەلگەن بولسا، مېنىڭ ھۆكۈمۈممۇ شۇ سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاشتۇر. ھەتتا، سىلەر مەندىن بۇنداق ھۆكۈمنى ئاڭلىمىغان بولساڭلارمۇ شۇنداق.» (يەنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر سەھىھ ھەدىسى سىلەرگە يېتىپ كەلسە، سىلەر شەيخ ئەبۇ ئىدرىسكە (ئىمام شافىينىڭ كۇنيەسى) بۇ ھەدىس يېتىپ كەلگەن بولسا، مۇشۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە پەتىۋا بەرگەن بولاتتى، دەپ بىلىڭلار، دېمەكچى.) (ابن أبي حاتم ٩٣ – ٩٤؛صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (من رد حديث رسول الله ﷺ فهو على شفا هلكة) «كىم ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەدىسىنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ ھالاكەتنىڭ بوسۇغىسىدىدۇر.» (ابن الجوزي في المناقب (ص ١٨٢)
سۆزنىڭ ئۇزۇراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىماملارنىڭ ھەدىسكە ئەگىشىشنىڭ پەرزلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرى قىسقارتىلدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أدوا صاعا من طعام في الفطر))«فىتىر سەدىقىسىنى يېمەكلىكتىن بىر سائ مىقداردا بېرىڭلار.» hedisim.com (ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر242؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3305)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا ئىتتىپاقا كەلدىكى، ئەگەر بىر كىشىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدىن بىرى يەتسە، ئۇ كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىنى تاشلاپ، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئېسىلىۋېلىشى ھالال ئەمەس.» (الفلاني ص ٦٨، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «فىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىش دۇرۇس ئەمەس.» (ئەلئۇم 2\72)
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «فەقىھلەرنىڭ كۆپچلىكى پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىشنى دۇرۇس ئەمەس دېگەن ھۆكۈمدىدۇر.» (مۇسلىم شەرھى 7\60)
تابىئىنلاردىن مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «يەتمىش ساھابە بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇلار بۈگۈن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا كەلسە، ئەزاندىن باشقا ئىشىڭلارنى تونۇمىغان بولاتتى.» hedisim.com (ئىمام زەھەبى، سىيەر ئەئلام نۇبەلا 5\154) بۇ بۈيۈك تابىئىن ئىمام كۈنىمىزگە كەلگەن بولسا يەنە نېمىلەرنى دەر بولغۇيتتى-ھە؟!
- بىر سا تەخنىمەن ئۈچ كىلوگرامغا تەڭ. (ئەللامە سالىھ فەۋزان؛ مەنبە: چېكىڭ)
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
{مَّن يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّ} {كىم رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ﷲ قا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.} (سۈرە نىسا، 80-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
{قُلْتُمْ أَنَّىٰ هَٰذَا ۖ قُلْ هُوَ مِنْ عِندِ أَنفُسِكُمْ}{سىلەر: «بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟» دېدىڭلار. ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە دۇنياغا ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى».} (سۈرە ئالى ئىمران، 165-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
{فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ}{رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن.} (سۈرە نۇر، 63-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا تَنَاجَيْتُمْ فَلَا تَتَنَاجَوْا بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَمَعْصِيَتِ الرَّسُولِ}{…زۇلۇم ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدا پىچىرلاشماڭلار.} (سۈرە ھەدىد، 9-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
{وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ}{ﷲ نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار.} (سۈرە نۇر، 56-ئايەت)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلسا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلمىسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىغان بولىدۇ…» (بۇخارى 2957، مۇسلىم 1835، نەسائىي 5510، ئىبنى ماجە 2859، ئىمام ئەھمەد 2\387)
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پىتىر زاكىتىنى مۇسۇلمانلاردىن بولغان قۇلغا، ھۆرگە، ئەرگە، ئايالغا، كىچىك-چوڭلارغا خورمىدىن، ئارپىدىن بىر سادىن(ئۈچ كىلو ئەتراپىدا) پەرز قىلدى. [بۇخارى رىۋايىتى1503-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى984-ھەدىس]. رواه ابن عمر رضي الله عنهما قال : (فَرَضَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ زَكَاةَ الْفِطْرِ صَاعًا مِنْ تَمْرٍ ، أَوْ صَاعًا مِنْ شَعِيرٍ ، عَلَى الْعَبْدِ وَالْحُرِّ ، وَالذَّكَرِ وَالْأُنْثَى ، وَالصَّغِيرِ وَالْكَبِيرِ مِنْ الْمُسْلِمِينَ ) رواه البخاري ( 1503)، ومسلم ( 984) .
ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:«بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ زامانىدا پىتىر زاكىتىنى (بىر جان ئۈچۈن) يېمەكلىكتىن ياكى خورمىدىن ياكى ئارپىدىن ياكى ئۈزۈمدىن ياكى پىشلاقتىن بىر سائ (تەخمىنەن ئۈچ كىلو) بېرەتتۇق.» hedisim.com(بۇخارى ۋە مۇسلىم)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ، ئەمما (مېنى) رەت قىلغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ.» بۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر «يا رەسۇلۇللاھ! رەت قىلغۇچى كىم؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىم ماڭا ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ. كىم ماڭا (ئەگىشىشتە) ئاسىيلىق قىلسا (مېنى) رەت قىلغان بولىدۇ.(ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ).»[ صحيح البخاري الاعتصام بالكتاب والسنة (7280) ، صحيح مسلم الإمارة (1835) ، مسند أحمد بن حنبل (2/361). {كل أمتي يدخلون الجنة إلا من أبى قيل: يا رسول الله: ومن يأبى؟ قال: من أطاعني دخل الجنة ومن عصاني فقد أبى.}]
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن ئىدى:«يەھۇدىيلار يەتمىش بىر پىرقىگە، ناسارالار يەتمىش ئىككى پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. چوقۇمكى، مېنىڭ ئۈممىتىم يەتمىش ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسىلا جەننەتتە، قالغىنى دوزاختا بولىدۇ. ئۈممىتىمدىن جەننەتكە كىرىدىغان بىر پىرقە مېنىڭ ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىدا ماڭغان كىشىلەردۇر.»(بۇ ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ھاكىم قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى توپلىغان سەھىھ ھەدىستۇر.)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: {فَمَنْ رَغِبَ عَنْ سُنَّتِي فَلَيْسَ مِنِّي}«كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس.» (بۇخارى 5063؛ مۇسلىم 1401)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى مەندىن كېيىن ياشىسا نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەت ئۈستىدىكى راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە مەھكەم ئېسىلىڭلار. بۇ سۈننەتلەرنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن قاتتىق ھەزەر قىلىڭلار. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر.»(ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئىبنى ماجە 42؛ مۇسنەد ئەھمەد 17142)
نەقىل قىلىنغان ھەدىسلەر ھەدىس خەزىنىسى تورىدىن (hedisim.com) ئېلىندى.