رەببانىي ئالىملارغا ئەگىشىش چاقىرىقى
بسم الله والحمد لله والصلاة والسلام على رسول الله
نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇملاشقان ئېغىر دەرىجىدىكى سەلبىي ھادىسىلەردىن بىرى شۇكى، دىن ھەققىدە تۆت ماقالە يازغان بىرى بەشىنچى ماقالىسىنى يېزىۋېتىپ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئالىم ئىكەنلىكىگە چىنپۈتۈپ كۆرەڭلەيدىغان، دىن ھەققىدە بەش ئون تەبلىغ سۆزلىگەن بىرى ئۆزىنى ئالىم سانايدىغان ئېچىنىشلىق رېئاللىق ئەتراپىمىزنى قورشىۋالدى. بەش ئون يىل دىنىي دەرس ئالغانلار، ياكى تۆت بەش يىل دىنىي دەرس ئۆگەتكەنلەر ئۆزىنى ئالىم دەپ قارىۋالىدىغان قالىدىغان ئېچىنىشلىق ھادىسە دىنىي ساھەنىڭ ۋە دىنىي ئىلىمنىڭ نوپۇزىنى چۈشۈرۈپ، شەنىنى بولغىۋەتتى.
ئالىم دېيىلسە كۆز ئالدىڭىزغا پوكۇنچى داموللام، پالانچى مەخسۇملار كېىلىدىغان بولسا، ئالىم ھەققىدىكى كۆز قارىشىڭىز بەكمۇ يېتەرسىز دېگەنلىكتۇر. تولىمۇ ئەپسۇسكى، بىزدىكى ئالىم ئاتالغۇسى بەكلا يۈزەكىلىشىپ كەتتى. ئالىم دېيىلسە ئېسىڭىزگە تۆت ئىمام ۋە ئۇلارنىڭ ئۇستازلىرى، ئالتە مۇھەددىس، بەيھەقى، ھاكىم، ….. قازى ئىياز، بەغەۋى، نەۋەۋى، ئىبنى قۇدامە، ئىبنى تەيممىييە، ئىبنى قەييىم، ئىبنى كەسىر، ئىبنى ئەبى ئىز، زەھەبى، ئىبنى رەجەپ، ئىبنى ھەجەر، شەۋكانى، مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب، بىن باز، ئۇسەيمىن، ئەلبانىيلار كەلسۇن. {بىلمىسەڭلار زىكىر ئەھلىدىن سوراڭلار} ئايىتى مۇشۇ تىپتىكى رەببانى ئۈممەت ئالىملىرىنى كۆرسىتىدۇ. ھەقىقىي ئالىمنىڭ قانداقلىقىنى ۋە كىملەر ئىكەنلىكىنى تونىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەققى بىلەن ئوقۇغىنىمىزدا دىنىمىزنى توغرا تۇتۇپ ۋە چۈشىنىپ ماڭالايمىز. ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. يەرلىك ئىلىم تالىپلىرىنىڭ ئۆزىنى ئالىم دەپ بازارغا سېلىشى، بىز ئالىم ئەمەس، تۆۋەن سۈپەتلىك ئىلىم تالىپلىرى دەپ گەپنى ئوچۇق دېمەي، ئالىم سىياقتا ئوتتۇرىغا چىقىشى مىللەتكە نۇرغۇن زىيانلارنى سالدى. ياخشى نىيەتلىك خەلق بۇنداقلارغا بۇلار ئالىم ئوخشايدۇ دەپ ئەگىشىپ، تۇيۇق يوللارغا كىرىپ ئازدى. ياكى، ئالىم دېگەن مۇشۇنداق نەپسانىيەتچى، تەييار تاپ، ئەقلى گال كىشىلەر بولسا، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ يولىغا ماڭاي دەپ بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىسلامدىن بىراقلا يىراقلاشتى. ئاللاھ قۇرئاندا {بىلمىسىڭلار زىكىر ئەھلىدىن سوراڭلار} دېدى ۋە بۇلار شەكسىز رەۋىشتە ئۈممەت ئارىسىدا نامى مەشھۇر، ياخشىلىق بىلەن ياد ئېتىلىدىغان مۇجتەھىد ئالىملاردۇر. يۇقىرىدا نامى كەچكەن ۋە كەچمىگەن مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەققىنى بېرىپ تۇرۇپ كۆپلەپ ئوقۇپ، ئۆگەنمىگەن بولسىڭىز، ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىشىڭىز، دىندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىدا مېڭىشىڭىز مۇمكىن بولماي قالىدۇ. مەن بارچە مۆمىن مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى يىلىغا بىرەر ئىككى پارچە كىتاپ ئوقۇسا ئوقۇدى، بولمىسا تەيپۇنەمنىڭ زامانىدا ئۆگىنىۋالغان ئازغىنە بىلىم چۈشەنچىسى بىلەن تېخىچە ئىلىم ساھەسىنى ئالىجوقا سۆز ۋە خاتا ھۆكۈملەر بىلەن پېتىغداۋاتقان ، مىللەتكە نەبەۋىي چىقىش يولنى كۆرسىتىپ بېرىش ۋە توغرا يولغا يېتەكلەشتىن بەكمۇ يىراقتا قالغان قاراجىم، داموللا ھاجىملارنىڭ ئاغزىغا قاراپ ھاياتىنى نابۇت قىلماستىن، ئۈممەتنىڭ رەببانى ئالىملىرىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە جىددىي ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىمەن.
(ئەسكەرتىش: يۇقىرىدا نامى كەچكەن رەببانى ئالىملارنىڭ ئىسىملىرى ئۆرنەك سۈپىتىدە بېرىلدى. ئۇلاردىن باشقىمۇ ئون مىڭلاپ رەببانى ئالىم ئۆتكەنلىكىنى ھېچقاچان ئۇنۇتمايمىز. ئىسمى كەچكەن ئالىملار ئۈممەتنىڭ بارماق بىلەن كۆرسىتىلىدىغان ئەڭ ئاۋانگارت رەببانىي ئالىملىرى جۈملىسىدىندۇر.)
تۆۋەندە ئۈممەتنىڭ رەببانىي ئالىملىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن تۆت ئالىمنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلىرىدىن بەزىلىرىنى نەقىل قىلىمىز ۋە خەلقىمىزنى مۇشۇ سۆزنىڭ روھىغا چاىقىرىمىز:
ئىمام ئەبى ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:(إذا صح الحديث فهو مذهبي)«ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.» (ابن عابدين في «الحاشية» ١ / ٦٣)
ئىمام ئەبى ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (إذا قلت قولا يخالف كتاب الله تعالى وخبر الرسول ﷺ فاتركوا قولي) «ئەگەر مەن بىر ھۆكۈمنى بەرگەن بولۇپ، مېنىڭ بەرگەن بۇ ھۆكۈمۈم ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا ياكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە زىت بولۇپ قالغان بولسا، مېنىڭ بۇنداق ھۆكۈمىمنى چۆرۈپ تاشلاڭلار.» (الفلاني في الإيقاظ ص ٥٠، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:(حرام على من لم يعرف دليلي أن يفتي بكلامي)«دەلىلمنى بىلمىگەن كىشىنىڭ سۆزۈمگە تايىنىپ پەتىۋا بېرىشى ھارامدۇر.» (صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ شاگىرتى قازى ئەبۇ يۈسۈپ رەھىمەھۇللاھقا مۇنداق دېگەن:(ويحك يا يعقوب (هو أبو يوسف) لا تكتب كل ما تسمع مني فإني قد أرى الرأي اليوم وأتركه غدا وأرى الرأي غدا وأتركه بعد غد) «ۋاي ساڭا ئى ئەبۇ يۈسۈپ! مەندىن ئاڭلىغانلىكى سۆزنى يېزىۋەرمە. چۈنكى، مەن بۈگۈن بىر قاراشتا بولۇپ ئەتىسى ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن. ئەتە بىر قاراشتا بولۇپ، ئۆگۈنلۈككە ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن.» (صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كېيىن ياشىغان ھەرقانداق بىرىنىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنىشىمۇ، ياكى رەت قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. پەقەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىلا شەكسىز قوبۇل قىلىنىدۇ.» (ابن عبد البر في الجامع ٢ / ٩١)
ئىبىن ۋەھب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:«ئىمام مالىكتىن تاھارەت ئالغاندا بارماقلار ئارىسىنى پاكىزلاش ھەققىدە سورالغاندا، مەن ئۇنىڭ»رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنداق قىلمىغان» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، تاكى كىشىلەرئۇنىڭ يېنىدىن كەتمىگۈچە ئۇنىڭ يېنىغا كەلمىدىم. (كىشىلەر تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن) ئۇنىڭغا»بىز بۇ ئىشنىڭ سۈننەتتە ئورنى بارلىقىنى بىلىمىز»دېدىم. ئىمام مالىك ماڭا»قېنى سۆزلەپ باققىن»دېدى. مەن«لەيس ئىبىن سەئد، ئىبىن لاھىئ ۋە ئەمر ئىبىن ھارىس بىزگە يەزىد ئىبىن ئەمر ئەل مەئفىرىدىن، ئۇ ئەبۇ ئابدۇرراھمان ھۇبۇلىدىن، ئۇ مۇستەد ئىبىن شەدداد ئەلقۇرەشى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ»مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (تاھارەت ئالغاندا) قولىنىڭ كىچىك بارمىقى بىلەن پۇت بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلاپ يۇغانلىقىنى كۆردۈم»دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىپ بەردى»دېدىم. ئىمام مالىك ماڭا»بۇ سەھىھ ھەدىس ئىكەن. مەن تا ھازىرغىچە بۇ ھەدىسنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم»دېدى. كېيىن، ئىمام مالىكتىن تاھارەت ئالغاندا بارماقلارنىڭ ئارىسىنى يۇيۇش ھەققىدە سورالغاندا، ئۇنىڭ بارماقلار ئارىسىنى يۇيۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئاڭلىدىم.» (مقدمة الجرح والتعديل لابن أبي حاتم ص ٣١ – ٣٢)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا ئىتتىپاقا كەلدىكى، ئەگەر بىر كىشىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدىن بىرى يەتسە، ئۇ كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىنى تاشلاپ، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئېسىلىۋېلىشى ھالال ئەمەس.»(الفلاني ص ٦٨، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (إذا صح الحديث فهو مذهبي)«ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.» (النووي ١ / ٦٣،صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني )
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىتابىمدا ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتىگە زىت بىرەر نەرسە بايقىساڭلار، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتى بويىچە ئەمەل قىلىڭلار، مېنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىمنى تاشلاڭلار.» (النووي في المجموع ١ / ٦٣)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (كل مسألة صح فيها الخبر عن رسول الله ﷺ عند أهل النقل بخلاف ما قلت فأنا راجع عنها في حياتي وبعد موتي) «ھەدىس ئالىملىرى تەرىپىدىن مېنىڭ كۆز قارىشىمغا قارشى بولغان سەھىھ ھەدىس رىۋايەت قىلىنسا، مەن ھەدىسكە خىلاپ كۆز قاراشلىرىمدىن ھاياتىمدىمۇ، ئۆلۈمىمدىن كېيىنمۇ ۋاز كەچتىم.» (أبو نعيم في الحلية ٩ / ١٠٧؛ صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېگەن: (كل حديث عن النبي ﷺ فهو قولي وإن لم تسمعوه مني)«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ھەر قانداق سەھىھ ھەدىس كەلگەن بولسا، مېنىڭ ھۆكۈمۈممۇ شۇ سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاشتۇر. ھەتتا، سىلەر مەندىن بۇنداق ھۆكۈمنى ئاڭلىمىغان بولساڭلارمۇ شۇنداق.» (يەنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر سەھىھ ھەدىسى سىلەرگە يېتىپ كەلسە، سىلەر شەيخ ئەبۇ ئىدرىسكە (ئىمام شافىينىڭ كۇنيەسى) بۇ ھەدىس يېتىپ كەلگەن بولسا، مۇشۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە پەتىۋا بەرگەن بولاتتى، دەپ بىلىڭلار، دېمەكچى.) (ابن أبي حاتم ٩٣ – ٩٤؛صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (من رد حديث رسول الله ﷺ فهو على شفا هلكة) «كىم ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەدىسىنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ ھالاكەتنىڭ بوسۇغىسىدىدۇر.»(ابن الجوزي في المناقب (ص ١٨٢)
ئاللاھ قۇرئاندا {بىلمىسەڭلار زىكىر ئەھلىدىن سوراڭلار} دەپ بۇيرۇدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئۈممەتنى رەببانى ئالىملارنىڭ ئاغزىغا قاراشقا قىلغان بۇيرۇقىدۇر. ئاللاھ «بىلمىسەڭلار رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرىگە قاراڭلار» دەپ بۇيرۇشقا ئەلۋەتتە قادىر ئىدى، ئەمما، ئاللاھ ھەدىسلەرنى ئەڭ ياخشى چۈشىنەلىگۈچى ۋە ئۆزىدىن ئەڭ قورققۇچى، سورىغۇچىغا توغرا يولنى روشەن رەۋىشتە كۆرسىتىپ بەرگۈچى رەببانىي ئالىملاردىن سوراشقا بۇيرۇدى. چۈنكى، رەببانىي ئالىملار رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن ھەدىسنى ۋە ئۇنىڭدىن ئېلىنغان ھۆكۈمنى باشقا ھەر قانداق كىشىدىن ياخشى بىلىدۇ. ھەر قانداق مەسىلىدە سوئال سورىغۇچىنىڭ سوئالىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ ۋە سوئال سورىغۇچىنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. رەببانىي ئالىمدىن باشقىسى بۇنداق سۈپەتكە ئىگە ئەمەس. ئوخشاش بىر ھەدىسنى ئالىم باشقىچە، تالىپ باشقىچە، ئاۋام يەنە باشقىچە چۈشىنىدىغان ئەھۋاللار كۆپ. ھەدىسنى باھالاشتا ۋە چۈشىنىشتە تالىپنىڭ ياكى ئاۋامنىڭ ياكى بىلەرمەننىڭ چۈشەنچىسى ئەمەس، ساھە تابىئىن باشچىلىقىدىكى رەببانى ئالىملارنىڭ چۈشەنچىسى قوغلىشىلىدۇ. شۇڭا، دىندا مۇجتەھىد ئالىم بولمىغان ھەر قانداق كىشى ھەدىسلەردىن ئۆزىنىڭ تېيىز بىلىم، ناتوغرا چۈشەنچىسى بويىچە ھۆكۈم ئېلىپ، ئاقىۋەتتە بۇ ھەدىستىن ئالغان خاتا چۈشەنچىسى ئۇنى ئالىمنى ھەدىسكە قارشى دەپ سۈپەتلەشكە ئېلىپ بارسا، ئۆزى ھەدىسكە بەك ئېسىلىپ، ئالىم ئانچە بەك ئېسىلىپ كەتمەيدىغاندەك، ياكى ئالىم ھەدىسنى ئانچە بىلمەيدىغان چۈشەنچىگە ئېلىپ بارسا، بۇنداق كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي. ئالىمنىڭ ئالىملىقى ئۇنىڭ ھەدىسلەرگە ئىنتايىن پۇختىلىقى ۋە ئاشۇ ھەدىسلەردىن ئاللاھ ۋە رەسۇلى مۇرات قىلغان مەقسەتنى چۈشىنىپ، توغرا ھۆكۈم چىقىرالىشىدىدۇر. ھەدىسنىڭ سەھىھى بىلەن زەئىپىنى ئايرىيالمايدىغان، ھەدىسلەرنى كەڭ دائىرىدە ۋە توغرا شەكىلدە يادقا بىلمەيدىغان ۋە ھەدىسلەردىن لاياقەتلىك رەۋىشتە، رەببانىي ئالىملارنىڭ مېتودىغا ۋە دىن چۈشەنچىسىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ھۆكۈم ئالالمايدىغان كىشى ھېچقاچان ئالىم بولالمايدۇ. كىمنى ئىماملارنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى ھەدىسنىڭ ۋە ھەرقانداق دىنىي مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى ئالىمدىن ئۆگەنمەي، ھەدىستىن بىۋاستە ھۆكۈم ئېلىشتەك خەتەرلىك ۋە ئازغۇن يولغا مېڭىشىغا سەۋەب بولسا، بىلسۇنكى، بۇنداق كىشى ئەقلى بۇلغىنىپ كەتكەن، دىندا سەمىمىي بولمىغان ئازغۇن كىشىدۇر.