ۋاپادار دوستنىڭ تەسىرلىك شېرىكچىلىك ھېكايىسى

سۇدانلىق بىر سودىگەر مۇنداق دەيدۇ: مەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق دوستۇم سەئۇد بىلەن بۇرەيدە شەھىرىدە تىجارەت قىلاتتىم ، بىر كۈنى مەن ھەردايىمقىدەك چوڭ مەسچىتتە جۈمە نامىزىنى ئۇقۇغىلى باردىم، جۈمە نامىزىدىن كىين ئىمام مەيىت نامىزى بارلىقىنى جاكارلىدي، بىز ھېچ سورماستىنلا نامىزىنى ئۇقۇپ دەپنە مۇراسىمىغىچە قاتنىشىپ ئاندىن تۇنۇشلارنى كۈرۈپ ئۆلگۈچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سۇراشتۇق.
لىكىن مېيتنىڭ كىملىكىنى ئاڭلاپلا چۈچۈپ پۇت قۇلۇم قېتىپلا قالدى، ئۇ مىنىڭ بىللە سودا تىجارەت قىلىدىغان دوستۇم ۋە شىرىكىم سەئۇد ئىدى، ئۇ يۈرەك تىقىلما كېسىلى بىلەن ئاخشام قازا قىپتۇ ، مەن ئۇنى بىلمەيتتىم.
بۇ ۋەقە 1995-يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ ، يان تېلېفون ۋە تېز ئالاقىلىشىش ئىشلىرى ئاساسەن يوق ئىدى، مەن بەك بىئارام بولدۇم ، چۈنكى مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك دوستۇم ۋە سەمىمى سادىق شىرىكىمدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان ئىدىم، ھەرھالدا ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەت قىلغاي،
ۋەقە يۈز بېرىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ، مەن ھىساباتنى بۇغۇپ سەئۇدنىڭ باللىرى ۋە باشقا مىراسخورلىرى بىلەن رازىلىشىپ مەندە قالغان پۇل ماللىرىنى تۇلۇق ئۆتكۈزۈپ بەردىم،
ئەمما بىر سودىگەرنىڭ سەئۇد بىلەن ئايرىم قىلغان تىجارىتىدە سەئۇد تا 300،000 رىيال پۇلى بارلىقىنى بىلەتتىم.
سودىگەر مەندىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ، سەئۇدنىڭ ئوغۇللىرى ئالدىدا سەئۇد تىكى پۇلى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى ، قەرز بىر قانچە قېتىملىق سودا جەريانىدا ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئېنىق ئىسپاتلانمىغاچ سەئۇدنىڭ ئوغۇللىرى دادىسىنىڭ پۇلنى تۆلىگەن-تۈلىمىگەنلىكىنى ئىنىق بىلەلمەي پۇلنىڭ زادى بىرىلمىگەنلىكىگە تۇلۇق ئىسپات ئەكەلمىسە قەرزنى قايتۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۈلەشنى رەت قىلىشتى،
بىز سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىشەنچ بىلەن بولغاچقا ، ئۇ سودىگەر سەئۇد تىن ھېچقانداق قەغەزگە ئىمزا ياكى تىلخەت ئالمىغان ئىدى، ، ئەلۋەتتە مېنىڭ گۇۋاھلىقىممۇ قوبۇل قىلىنمىدى.
سەئۇد نىڭ ئوغۇللىرى ماڭا ئوچۇق-ئاشكارە قىلىپ: دادام بىزگە پەقەت 600،000 رىيال قالدۇرپتۇ، تىلخەت ئېلىشقىمۇ ئەھمىيەت بەرمىگەن بۇ سودىگەرگە شۇنچە كۆپ پۇللارنى تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ بىز پۇلسىز ياشامدۇق؟ دىدى، مەن گەرچە شۇنچە بىئارام بولغان بولساممۇ ئارتۇقچە گەپ قىلالمىدىم
ئەمما مەن دوستۇم سەئۇدنىڭ قەرز سەۋەپلىك قەبرىسىدە ئېسىلىپ ئازاپلىنىۋاتقىنىنى تەسەۋۋۇر قىلدىم، ئۇ مىنىڭ بالىلىق دەۋرىمدىكى دوستۇم ۋە چوڭ بولغاندا سودىدىكى شىرىكىم ئىدى، مەن ئۇنى قانداقمۇ ئازاپ ئىچىدە تاشلاپ قوياي؟ مەن ئىككى كۈن ئۇخلۇمۇدۇم ، ھەر قېتىم كۆزۈمنى يۇمغاندا سەئۇدنىڭ يېقىملىق چىرايى تەبەسسۇملۇق كۆزى مىنىڭ ياردەم قىلىشىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى.
مەن ئارتۇقچە ساقلىيالمىدىم، مەن دەرھاللا دۇكىنىمنى ئىچىدىكى ماللار بىلەن قۇشۇپ سېتىشقا ئىلان چىقىرىپ ئالغىنىغا ساتتىمدە قۇلۇمغا كىرگەن 450 رىيال بىلەن دوستۇم سەئۇدنىڭ بارلىق قەرزلىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ تۆلىدىم.
ئىككى ھەپتىدىن كېيىن سەئۇد تا 300 مىڭ رىيال قەرزى بار ھېلىقى سودىگەر مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ : سىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن دوستىڭىزنىڭ قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن بارلىق مال مۈلكىڭىزنى سېتىپ قاق سەنەم بۇلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ مەنمۇ 100 مىڭ رىيالدىن ۋاز كىچىشنى قارار قىلدىم، دەپ بىر باغلام پۇلنى قۇلۇمغا تۇتقۇزدى،
مىنىڭ خالىسانە قىلغان بۇ قىلمىشىم تىجارەتچىلەر ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا يۆتكىلەپ پۇر كىتىپتۇ،
يانجۇق قۇرۇسىمۇ كۆڭلۈم خاتىرجەملىنىپ ئەمدى ئىشنى نەدىن باشلاشنى ئويلۇشۇپ بېشىمنى تاشتەك قاتۇرىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ناتۇنۇش تىجارەتچىدىن بىرى كىلىپ ئۈزىنىڭ ئامبار قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئىككى دۇكىنى بارلىقىنى ئېيتىپ خالىسىڭىز شۇيەردىن ئىش باشلاڭ مەن ئىجارە ئالمايمەن دەپ قەسەم قىلىپ تۇردى، مەن ماقۇل كۈرۈپ دۇكاننى تازىلىتىپ رەتلەپ سىرلاپ جاپدۇپ مال سېلىشقا تەييار قىلىپ تۇرۇشۇمغا، بىر ياش يىگىت ھەرخىل بازارلىق يىڭى تاۋارلارنى باسقان ئىككى ماشىنا يۈكنى ئەكىلىپ ؛ بۇ تاۋارلارنى دادام پالانى ئەۋەتتى، سىز سېتىپ بۇلۇپ پۇلىنىڭ يېرىمىنىلا بەرسىڭىز بۇلىدۇ، يەنە لازىم بولسا شىركىتىمىزگە كىلىپ ئېلىپ كىتەرسىز، دەپ چۈشۈرۈپ بىرىپ كىتىپ قالدى،
شۇنداق قىلىپ مەن تۇنۇيدىغان تۇنۇمايدىغانلار تەرەپ تەرەپتىن قوللاپ ياردەم قىلىپ قىسقا ۋاقىتتا تىجارىتىم ئۇ ۋەقەدىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە ئېشىپ كەتتى ، مانا بىز ھازىر 2016-يىلى رامىزان ئېيىدا ئاللاھقا شۈكرى ئۈچ مىليۇن رىيال زاكات ئايرىدۇق، دپ گىپىنى ئاخرىلاشتۇردى…

جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ مىراسخورلىرىنى ئاچكۆزلىكتىن يىراق قىلسۇن، ھەمدە بىزگىمۇ شۇنداق ۋاپادار سادىق دوسلارنى ئاتا قىلىپلا قالماي بىزنىمۇ شۇنداق پىدائى سادىق دوسلاردىن بولغىلى نىسىپ قىلسۇن..

مەنبە: تور دۇنياسى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ