ئىبنى ئۇسەيمىن | بىرىنچى تەشەھھۇدقا ئولتۇرماستىن تۇرۇپ كەتكەن كىشى بۇنى بايقىغان ھامان تەشەھھۇدقا ئولتۇرىۋالامدۇ؟

ئىبنى ئۇسەيمىن | بىرىنچى تەشەھھۇدقا ئولتۇرماستىن تۇرۇپ كەتكەن كىشى توغرىسىدا

سوئال: نامازنىڭ بىرىنچى تەشەھھۇدىدا ئولتۇرماستىن تۇرۇپ كەتكەن، قىرائەتنى باشلاشتىن ئاۋۋال بىرىنچى تەشەھھۇدتا ئولتۇرمىغىنىنى ئېسىگە ئالغان نامازخان تەشەھھۇدقا قايتامدۇ؟ بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن نامازخان سەھۋەنلىك سەجدىسىنى سالامدىن بۇرۇن قىلامدۇ كېيىنمۇ؟

جاۋاب: بۇ خىل ئەھۋالدا تەشەھھۇد ئولتۇرۇشىغا قايتمايدۇ. چۈنكى، كېيىنكى رەكئەتكە ئۈچۈن قوپۇش بىلەن تەشەھھۇدتىن ئايرىلغاندۇر. بۇنداق نامازخاننىڭ تەشەھھۇدقا قايتى مەكرۇھتۇر. ناۋادا تەشەھھۇد ئۈچۈن ئولتۇرۇۋالسا نامىزى باتىل بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ھالەتتە تەشەھھۇدقا ئولتۇرۇۋېلىشى ھارام ئەمەس، پەقەتلا مەكرۇھتۇر. تۇنجى تەشەھھۇدتا ئولتۇرمىغانلىقىنى ئۈچۈن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىشى لازىم. (فتاوى أركان الإسلام، 274-نومۇر)

ئىككى تەشەھھۇدلۇق نامازنىڭ تۇنجى تەشەھھۇدىدا قەستەن ئولتۇرماي قوپۇپ كەتكۈچىنىڭ نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، ئۆلىمالار ئارىسىدىكى ئەڭ توغرا قاراشقا بىنائەن، تۇنجى تەشەھھۇد نامازنىڭ پەرزلىرىدىن بىر پەرزدۇر. (اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء 7/7)

بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر پەتىۋا:
https://mujtehid.com/2021/06/ئېسىدە-يوق-تەشەھھۇدقا-ئولتۇرماستىنل/html

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ