تاھارەتسىز ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان جامائەتنىڭ نامىزىنىڭ ھۆكمى
سوئال: (1) بىر مەسجىدنىڭ مۇقىم ئىمام بار بولۇپ، بۇ ئىمام ئۆزىنىڭ تاھارەتسىزلىكى ئېسىدە يوق ھالدا ناماز ئوقۇغان ۋە تاھارىتى يوقلۇقىنى نامازنىڭ ئىككىنچى رەكئىتىدە ئېسىگە ئالغان. ئەمما، نامازنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇۋېرىپ، ناماز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاھارەت ئالغان. بۇ خىل ئەھۋالدا مۇشۇ ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغۇچى جامائەتنىڭ نامىزى توغرا بولامدۇ ياكى بۇ نامىزىنى قايتا ئوقۇمدۇ؟ (2) شۇنداقلا، ئىمام نامازدا يەل قويۇۋەتسە، جامائەتتىن بەزىسى بۇ ئاۋازنى ئاڭلىسا، ئىمام نامازنى تۈگەتكەندىن كېيىن بېرىپ تاھارەت ئالغان بولسا، ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغان جامائەتنىڭ شۇ قېتىملىق نامىزى دۇرۇس بولامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 1421)
جاۋاب: (1) شۇنى بىلگەيسىزكى، ئەگەر ئىمام ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتىدە ئۆزىنىڭ تاھارەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالسا، بۇنداق ھالەتتە نامازنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھارامدۇر. ئەگەر ئىمام تاھارەتسىزلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ نامازنى داۋاملاشتۇسا، ئەمما جامائەت ئىمامنىڭ تاھارەتسىزلىكىنى بىلمىسە، جامائەتنىڭ بۇ ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس. ئەمما، ئىمامنىڭ نامىزى باتىل بولىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«يصلون لكم فإن أحسنوا فلكم ولهم وإن أساءوا فلكم وعليهم» «ئۇلار نامازدا سىلەرگە ئىماملىق قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار نامىزىنى ياخشى رەۋىشتە ئادا قىلسا، بۇنىڭ ئەجرى ئۆزىگە ۋە سىلەرگە بولىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇنسىز رەۋىشتە ئادا قىلسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئوقۇغان نامازنىڭ ئەجرى سىلەرگە، زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ.»[(١) صحيح البخاري الأذان (٦٩٤)، مسند أحمد بن حنبل (٢/٣٥٥)]
(2) ئەگەر ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىلار ئىمامنىڭ تاھارىتى بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن تۇرۇقلۇق، شۇ قېتىملىق نامازنى بۇ ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ داۋاملاشتۇرسا، ئىمامنىڭ تاھارەتسىزلىكىنى بىلگەن تۇرۇقلۇق ئەگەشكەنلەرنىڭ نامىزى باتىلدۇر، قايتا ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ. (مجموع فتاوى العلامة عبد العزيز بن باز رحمه الله، 12\141)