دۇئا قىلىپ يۈزنى سىيپاشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە ئالىملارنىڭ ئېيتقانلىرى

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەسەندىن باشقىسىنىڭ دۇئا قىلىپ يۈزىنى سىيپىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لا يعرف هذا ، أنه كان يَمسح وجهه بعد الدعاء إلا عن الحسن .»العلل المتناهية» (2/840، 841) .

ئىمام ئەبۇ داۋۇد مۇنداق دېگەن: بىرەيلەن ئىمام ئەھمەدتىن ۋىتىرنىڭ قۇنۇتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئىككى قول بىلەن يۈزنى سىيپاشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە سورىۋىدى، ئىمام ئەھمەد مەن بۇنداق قىلىش توغرۇلۇق ھەدىس ياكى ئەسەر ئاڭلىمىدىم دېدى. (ئىمام ئەبۇ داۋۇد سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ دەيدۇكى) ئىمام ئەھمەدنىڭ دۇئا قىلىپ قولىنى يۈزىگە سۈكىگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىدىم.أبُو داوُدَ قالَ: سَمِعْتُ أحْمَدَ، وسُئِلَ عَنِ الرَّجُلِ يَمْسَحُ وجْهَهُ بِيَدَيْهِ إذا فَرَغَ فِي الوِتْرِ. فَقالَ: لَمْ أسْمَعْ فِيهِ بشَيْءٍ، ورَأيْتُ أحْمَدَ لا يَفْعَلُهُ.مختصر قيام الليل وقيام رمضان وكتاب الوتر — محمد بن نصر المروزي

ئىمام مالىكتىن دۇئا قىلىپ يۈزنى قول بىلەن سىيپاش توغرۇلۇق سورالغاندا، بۇنداق قىلىشنى ئىنكار قىلغان ۋە بۇ ھەقتە دەلىل بىلمەيمەن دېگەن.وسُئِلَ مالِكٌ عَنِ الرَّجُلِ يَمْسَحُ بِكَفَّيْهِ وجْهَهُ عِنْدَ الدُّعاءِ، فَأنْكَرَ ذَلِكَ، وقالَ: ما عَلِمْتُ. مختصر قيام الليل وقيام رمضان وكتاب الوتر — محمد بن نصر المروزي

شەيخۇ ئىسلام ئىبنى تەيمىييە دۇئا قىلىپ يۈزنى سىيپاشتا سەھىھ دەلىل يوق دەپ ھۆكۈم قىلىپ، دۇئا قىلىپ يۈزنى سىيپاشنى رەت قىلغان ۋە ئەگەر بىز بۇنداق قىلىشنىڭ ھۆكمىدە دىلغۇل بولساق ياكى ئورنى يوق بولۇشى جەھەتتىكى قانائىتىمىز ئۈستۈن كەلگەن تەقدىردە، دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىيپاشنى تەرك ئېتىش ئەلادۇر. چۈنكى، شەرئىي ھۆكۈمنى نوقۇل ھالدا قىياس يولىغا تايىنىپلا ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ…دېگەن

قال شيخ الإسلام ابن تيمية : وأما رفع النبي صلى الله عليه وسلم يديه في الدعاء : فقد جاء فيه أحاديث كثيرة صحيحة ، وأما مسحه وجهه بيديه فليس عنه فيه إلا حديث أو حديثان ، لا تقوم بهما حُجة .\إنها لا تقوم بها الحجة ، وإذا لم نتأكد أو يغلب على ظننا أن هذا الشيء مشروع فإن الأولى تركه ؛ لأن الشرع لا يثبت بمجرد الظن إلا إذا كان الظن غالباً .

«مجموع الفتاوى» (22/519) .

شافىي ئۆلىمالىرىدىن ئىز ئىبنى ئابدۇسالام «جاھىل كىشىدىن باشقىسى دۇئا قىلىپ بولۇپ يۈزىنى سىيپىمايدۇ» دېگەن.قال العز بن عبد السلام : ولا يمسح وجهه بيديه عقيب الدعاء إلا جاهل .

«فتاوى العز بن عبد السلام» (ص 47) .

ئ‍ەللامە مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىيپاش ھەققىدە مۇنداق دېگەن: دۇئا قىلىپ بولۇپ يۈزىنى سىيپاش ئىسلامدا بەلگىلەنمىگەن، چۈنكى بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىس زەئىپ. مېنىڭ نەزىرىمدە، دۇئا قىلىپ بولۇپ يۈزىسىنى سىيپاش سۈننەت ئەمەس. بىلىنگىنىدەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۈمە خۇتبىسىدە يامغۇر تىلەش دۇئاسى ئوقۇپ قوللىرىنى كۆتۈرگەن، ئەمما (دۇئانى تۈگەتكەندە) يۈزىنى سىيپىمىغان. شۇنىڭدەك، باشقا بىر تۈركۈم ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھ دۇئا قىلىپ قولىنى كۆتۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يۈزىنى سىيپىغانلىقىغا دەلىل يوقتۇر.مسح الوجه باليدين بعد الدعاء الأقرب أنه غير مشروع ؛ لأن الأحاديث الواردة في ذلك ضعيفة..فالذي أرى في مسح الوجه باليدين بعد الدعاء أنه ليس بسنة ، والنبي صلى الله عليه وسلم كما هو معروف دعا في خطبة الجمعة بالاستسقاء ورفع يديه ، ولم يرد أنه مسح بهما وجهه ، وكذلك في عدة أحاديث جاءت عن النبي صلى الله عليه وسلم أنه دعا ورفع يديه ولم يثبت أنه مسح وجهه » انتهى . «مجموع فتاوى ابن عثيمين» (14/ السؤال 781) .

ئ‍ەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز: دۇئا قىلىپ يۈزنى سىيپاش ھەققىدە زەئىپ ھەدىسلەر بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى سەھىھ ھەدىسلەردە يۈزنى سىيپاش كەلمىگەن… شۇڭا دۇئا قىلىپ يۈزنى سىيپاشنى تەرك ئېتىش ئەۋزەل.وأمَّا مسح الوجه: فجاءت فيه أحاديث ضعيفة، والأحاديث الصحيحة ليس فيها مسح الوجه، وإنما جاء ذلك في أحاديث ضعيفة عن النبي ﷺ، فترك المسح أوْلى.https://binbaz.org.sa/fatwas/30180/حكم-رفع-اليدين-في-الدعاء-ومسح-الوجه

ئەللامە مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى «دۇئا قىلىپ يۈز سىيپاش ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر بەك زەئىپ، شۇڭا دۇئا قىلىپ يۈزنى سىيپاش بىدئەت» دېگەن. تەپسىلاتى تۆۋەندىكى تېمىدا مەۋجۇت. https://mujtehid.com/2020/06/elementor-980/html

مۇھەددىس ئالدبۇلمۇھسىن ئابباد سۇنەن ئەبۇ داۋۇدنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: توغرىسى شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ ۋە شەيخ ئەلبانىينىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ، بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر (زەئىپلىك ئىللىتى يۇقىرى بولغانلىقتىن) بىر بىرىنى كۈچەيتەلمەيدۇ. بۇنداق زەئىپ ھەدىس بىلەن ئەمەل قىلىنمايدۇ، بۇنداق ھەدىسكە مۇھتاجمۇ بولۇنمايدۇ. كىشى دۇئا قىلغاندا (قولنى كۆتۈرۈش شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ئورۇنلار) قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ، (دۇئا قىلىپ بولغاندا) قوللار يۈزگە سۈرتۈلمەستىن چۈشۈرۈلىدۇ…. ولكن الصحيح هو ما قاله ابن تيمية وكذلك الشيخ الألباني : لا يثبت منها شيء، ولا يقوي بعضها بعضًا، فلا يعمل بها ولا يحتج بها، وإنما يرفع الإنسان يديه عندما يدعو ثم ينزلها من غير مسح.شرح سنن أبي داود للعباد ٣٢٨/٢٤ — عبد المحسن العباد

مۇھەددىس ئەبۇ ئىسھاق ھۇۋەينى مۇنداق دەيدۇ: ئىمام سۇفيان سەۋرىي، ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل قاتارلىق سەلەپ ئالىملىرى ۋە قەدىمكى زاماننىڭ ئالىملىرى دۇئا قىلىپ يۈزنى سىيپاشنى يامان كۆرگەن. https://www.youtube.com/watch?v=KETyuzbcVdw

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ