قۇرئان كەرىم 4-بەت تەرجىمە تەپسىرى | سۈرە بەقەرەنىڭ 17-ئايىتىدىن 24-ئايىتىگىچە
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
ئالدىنقى بەت:
قۇرئان كەرىم 3-بەت | بەقەرە سۈرىسىنىڭ تەرجىمە تەپسىرى: 6-ئايەتتىن 16-ئايەتكىچە
2|17| مَثَلُهُمْ كَمَثَلِ الَّذِي اسْتَوْقَدَ نَارًا فَلَمَّا أَضَاءَتْ مَا حَوْلَهُ ذَهَبَ اللَّهُ بِنُورِهِمْ وَتَرَكَهُمْ فِي ظُلُمَاتٍ لَا يُبْصِرُونَ
ئۇلارنىڭ (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە چىن قەلبىدىن ئەمەس، پەقەتلا كۆرۈنۈشتە ئىمان ئېيتقان سىياققا كىرىۋېلىپ1، ماللىرىنى ۋە جانلىرىنى مۇسۇلمانلاردىن قوغداپ قالغان، مۆمىنلەر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ھەققىگە ئېرىشىپ، ئۇلارغا مىراسچى بولغان ۋە جەڭدە قولغا كەلتۈرۈلگەن غەنىيمەتتىن ئۆز ھەسسىسىنى ئالغان مۇناپىقلارنىڭ2) مىسالى (بەكمۇ ئېغىر قاراڭغۇلۇقتا قالغانلىقتىن ئوتقا ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياجى چۈشۈپ3) ئوت ياقماقچى بولغان بىرىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئوت ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا ئاللاھ ئۇلارنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئۇلارنى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە (ھېچ نەرسىنى) كۆرەلمەيدىغان ھالەتتە قالدۇرۇپ قويىدۇ. (بۇ ئايەت مۇناپىقلار توغرىسىدا نازىل قىلىنغان.4 ئىبنى ئابباس، قەتادە، مۇقاتىل، زەھھاك ۋە سۇددى بۇ ئايەتنىڭ مۇناپىقلار توغرىسىدا نازىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.5 مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالى مانا مۇشۇنداقتۇر. دۇنيادا ئىسلامدىن ۋاقىتلىق پايدىلىنىدۇ. مۇسۇلمان سىياققا كىرىۋېلىپ جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، دۇنيادا ئەمىنلىككە ئېرىشىدۇ. بۇ ھالەتتە ئىكەن بېشىغا ئۆلۈم كېلىدۇ، ئۇ مەنپەئەتلىنىۋاتقان نەرسىلەردىن ئۇنى ئايرىيدۇ، نەتىجىدە مۇناپىق <ئۆلگەن ھامان> تۈرلۈك غەم ۋە ئازابنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى كۆرىدۇ. قەبرىنىڭ قاراڭغۇلۇقى، كۇفرنىڭ قاراڭغۇلۇقى، مۇناپىقلىقنىڭ قاراڭغۇلۇقى ۋە تۈرلۈك گۇناھلىرىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن روبىرو قالىدۇ. ئاقىۋەتتە، جەھەننەم ئوتىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باردۇر6. مۇناپىق ئۆلگەن ھامان تۈرلۈك قاراڭغۇلۇققا كۆمۈلىدۇ.7 مەزكۇر ئايەتتىكى بۇ تەمسىل ئاللاھنىڭ نۇرغۇنلىغان ئايەتلىرىدە بايان قىلىنغىنىدەك، مۇناپىقلارنىڭ باشتا ئىمان ئېيتىپ، ئاندىن كۇفۇرغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.8 ئايەتتىكى «قاراڭغۇلۇق»تىن مەقسەت — مۇناپىقلار ئۆلگەندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارغا ئەۋەتكەن قاراڭغۇلۇقتۇر، بۇ قاراڭغۇلۇق مۇناپىقلار قىيامەت كۈنىدە دۇچ كېلىدىغان قاراڭغۇلۇق دەپمۇ تەپسىرلەنگەن9. بۇ ئايەتتە قاپقاراڭغۇ مۇھىتتا قېلىپ، ئوتقا، يورۇقلۇققا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق بىر توپ كىشىنىڭ ئىچىدىن بىرى ئوت ياققان، ئوت ئەمدى يورۇپ تۇرۇشىغا ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئوتىنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋەتكەن. ئوتقا\يورۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بىر توپ ئادەم ئوت ياقتى، ئەمما ئوت يورۇپ تۇرۇشىغا ئوتنىڭ نۇرى يوق بولۇپ كەتتى. مانا بۇنداقلار ئىنتاين ئېچىنىشلىق ھالەتتە چارىسىز قالغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۇناپىقلار دەل مۇشۇنداق كىشىلەرگە ئوخشاتماقتا.) [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2. تەپسىر بەغەۋىي 3. تەپسىر سەئدى 4. زادۇل مەسىير 5. تەپسىر بەغەۋىي 6. تەپسىر سەئدى 7. تەپسىر بەغەۋىي 8. تەپسىر ئىبنى كەسىر 9. زادۇل مەسىير]
2|18|صُمٌّ بُكْمٌ عُمْيٌ فَهُمْ لَا يَرْجِعُونَ
ئۇلار(ھەقنى ئاڭلاشتا1) گاستۇر (ھەققە قۇلاق سېلىپ، ئويلانمايدۇ2)،(ھەقنى سۆزلەشكە كەلگەندە تىلسىز3) گاچىدۇر، (ھىدايەت نۇرىنى كۆرۈشتە4) كوردۇر؛ (بۇ ۋەجىدىن ئىمانغا5) قايتمايدۇ. [1-،2-،3-،4-،5- تەپسىر مۇيەسسەر]
2|19|أَوْ كَصَيِّبٍ مِنَ السَّمَاءِ فِيهِ ظُلُمَاتٌ وَرَعْدٌ وَبَرْقٌ يَجْعَلُونَ أَصَابِعَهُمْ فِي آذَانِهِمْ مِنَ الصَّوَاعِقِ حَذَرَ الْمَوْتِ وَاللَّهُ مُحِيطٌ بِالْكَافِرِينَ
ياكى (مۇناپىقلاردىن بەزىدە ھەقىقەتنى ئوچۇق كۆرۈپ يەتكەن، بەزىدە ھەقىقەت توغرىسىدا شۈبھىگە چۈشكەن باشقا بىر گۇرۇپپىنىڭ ئەھۋالى1) قاراڭغۇدا ياغقان يامغۇردا قالغان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇكى، بۇ قاتتىق يامغۇر بىلەن بىرلىكتە قاراڭغۇلۇق (يەنى كېچىنىڭ، بۇلۇتلارنىڭ ۋە يامغۇرنىڭ قاراڭغۇلۇقى2)، گۈلدۈرماما ۋە (كۆيدۈرۈپ كۈلگەن ئايلاندۇرىۋېتىدىغان3) چاقماق بار. ئۇلار چاقماقتىن كېلىدىغان ئۆلۈم قورقۇنچى سەۋەبلىك بارماقلىرى بىلەن قۇلىقىنى ئېتىۋالىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ كاپىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر (كاپىلار ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاللاھنى ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويالمايدۇ4) (بۇ ئايەتتىكىسى ئاللاھ مۇناپىقلىقنىڭ باشقا بىر تۈرى ئۈچۈن كەلتۈرگەن مىسالدۇر. بۇلار بەزىدە ھەقنى تونۇپ يەتكەن، بەزىدە ھەقتىن شەككە چۈشكەن كىشىلەردۇر. بۇ خىل مۇناپىقلارنىڭ قەلبلىرى داۋاملىق شەك، كۇفۇر، ئىككىلىنىش ئىچىدىدۇر.5) [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2. تەپسىر سەئدى 3-،4- تەپسىر مۇيەسسەر 5. تەپسىر ئىبنى كەسىر]
2|20| يَكَادُ الْبَرْقُ يَخْطَفُ أَبْصَارَهُمْ كُلَّمَا أَضَاءَ لَهُمْ مَشَوْا فِيهِ وَإِذَا أَظْلَمَ عَلَيْهِمْ قَامُوا وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَذَهَبَ بِسَمْعِهِمْ وَأَبْصَارِهِمْ إِنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
چاقماق (دەرىجىدىن تاشقىرى نۇرى سەۋەبلىك1) ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىپ تاشلىغىلى تاس قالىدۇ. چاقماق ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا ئۇلار چاقماقنىڭ نۇرىدا مېڭىۋالىدۇ. (چاقماق يوقاپ2) قاراڭقۇغۇلۇقتا قالغاندا، (يوللىرى قاراڭغۇلىشىپ3) تۇرۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى گاس، كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتكەن بولاتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەلقادىردۇر — ھەممە ئىشقا كۈچى يېتىدىغان زاتتۇر. [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2-،3- تەپسىر مۇيەسسەر]
2|21| يَا أَيُّهَا النَّاسُ اعْبُدُوا رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ وَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
(ئاللاھ پۈتكۈل ئىنسانىيەت خىتاپ قىلىپ تۇرۇپ دېدىكى1) ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ياراتقان ۋە سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىمۇ ياراتقان رەببىڭلار ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. (ئاللاھقا كامىل رەۋىشتە ئىبادەت قىلغۇچى تەقۋادارلاردىن بولىدۇ. تەقۋادار كىشى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن ۋە غەزىپىدىن ئەمىن بولىدۇ.2) [1. تەپسىر سەئدى، تەپسىر مۇيەسسەر 2. تەپسىر سەئدى]
2|22| الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ فِرَاشًا وَالسَّمَاءَ بِنَاءً وَأَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجَ بِهِ مِنَ الثَّمَرَاتِ رِزْقًا لَكُمْ فَلَا تَجْعَلُوا لِلَّهِ أَنْدَادًا وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ
رەببىڭلار ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى تۆشەك، ئاسمانى بىنا قىلىپ بەردى. بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئاندىن ئۇ ئارقىلىق سىلەرگە رىزق سۈپىتىدە تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى چىقىرىپ بەردى (سىلەر ئاللاھ زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن تۈرلۈك مەھسۇلاتلار ئارقىلىق ھاياتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇپ، رىزىقىڭلارنى قولغا كەلتۈرمەكتىسىلەر1) بۇنداق ئىكەن، (ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ياراتقىنىنى، ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرغىنىنى ۋە ئايەتتە بايان قىلغان نەرسىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغىنىنى، شۇنداقلا يۇقىرىقىلارنىڭ ھېچبىرىنى ئاللاھتىن باشقىسىدىن قىلالمايدىغانلىقىنى2؛ يارىتىشتا، رىزق بېرىشتە، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا؛ شۇنداقلا ئۇلۇھىيەتتە، رۇبۇبىيەتتە ۋە كامالىي سۈپەتلىرىدە ئاللاھنىڭ ھېچبىر شېرىكى يوقلۇقىنى3) بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا ھەر خىل شېرىكلەرنى كەلتۈرمەڭلار. (يەنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىنى ئاللاھقا شىرىك قىلماڭلار، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ، ئۇلارغىمۇ ئىبادەت قىلماڭلار. ئاللاھنى ياخشى كۆرگىنىڭلاردەك، ئۇلارنىمۇ ياخشى كۆرمەڭلار. چۈنكى، سىلەر ئاللاھقا شىرك قىلىۋېلىۋاتقانلار سىلەرگە ئوخشاشلا ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغاندۇر.4) [1. تەپسىر سەئدى 2. زادۇل مەسىير 3. تەپسىر سەئدى 4. تەپسىر سەئدى]
2|23|وَإِنْ كُنْتُمْ فِي رَيْبٍ مِمَّا نَزَّلْنَا عَلَى عَبْدِنَا فَأْتُوا بِسُورَةٍ مِنْ مِثْلِهِ وَادْعُوا شُهَدَاءَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
(ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد <سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم>گە تەرسالىق بىلەن قارشى تۇرغان، ئۇنىڭ دەۋىتىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان ئى كاپىرلار1!) ئەگەر سىلەر بەندىمىز (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) گە بىز نازىل قىلغان (بۇ قۇرئان)غا نىسبەتەن شەك-شۈبھە ئىچىدە بولساڭلار (قۇرئاننىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلىقىنى ئىنكار قىلساڭلار، قۇرئاندىكى خالىغان سۈرىدىن بىرىگە تەڭداش بولالايدىغان2)، بىر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىڭلار. (قۇرئاندىكى خالىغان سۈرىدىن بىرنى مەيدانغا چىقىرىشتا سىلەرگە ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن3) ئاللاھتىن باشقا (سىلەرگە ياردەم قىلالايدىغان بارلىق4) ياردەمچىلىرىڭلارنى (ياردەمگە) چاقىرىڭلار. (بەندىمىز مۇھەممەد ئاراڭلارغا ئاپىرىدە بولغان كۈندىن ئېتىبارەن سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر. ئۇ ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى بىلمەيدۇ. ئۇ سىلەرگە بىر كىتاب ئېلىپ كەلدى ۋە بۇ كىتابنى ئاللاھنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى خەۋەر بەردى. سىلەر بولسا «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇۋالدى» دېيىشىۋاتىسىلەر. سىلەر قۇرئاننى توقۇۋالدى دەۋاتقان بەندىمىز مۇھەممەد سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان. سىلەر بولساڭلار تىلىڭلار پاساھەتلىك، سۆزۈڭلار ئۆتكۈر كىشىلەرسىلەر. بۇ ۋەجىدىن <مۇھەممەدنىڭ توقۇۋالغانلىقىنى داۋا قىلىنغان قۇرئاننىڭ سۈرىلىرىگە ئوخشايدىغان بىر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىش> سىلەر ئۈچۈن تەس ئىش ئەمەس5) ئەگەر (قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇۋالدى دېگەن سۆزۈڭلاردا6) راستچىل بولساڭلار (قېنى سىلەر توقۇۋېلىنغانلىقىنى داۋا قىلغان قۇرئاننىڭ بىرەر سۈرىسىنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈڭلار! ئەگەر قۇرئاندىكىگە ئوخشايدىغان بىر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرالاپ قالساڭلار ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىلەرنىڭ دېگىنىڭلاردەك بىرى دېگەن گەپ.7) [1. تەپسىر سەئدى 2. تەپسىر مۇيەسسەر 3-،4-، 5-،6-تەپسىر سەئدى]
2|24| فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا وَلَنْ تَفْعَلُوا فَاتَّقُوا النَّارَ الَّتِي وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ أُعِدَّتْ لِلْكَافِرِينَ
ئەگەر قۇرئاننىڭ ئوخشىشىدەك سۈرىدىن بىرنى مەيدانغا چىقىرالمىساڭلار — ئەلۋەتتىغۇ مەيدانغا چىقىرالمايسىلەر — ئۇ ھالدا يېقىلغۇسى ئىنسانلاردىن ۋە تاشلاردىن بولغان (ئوتۇن بىلەن تۇتۇشۇپ كۆيىدىغان دۇنيانىڭ ئوتىغا ئوخشىمايدىغان، ئاللاھنى ۋە رەسۇلىنى، <ئاللاھ ۋە رەسۇلى بەلگىلىگەن قانۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسىمىنى> ئىنكار قىلىدىغان1) كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىڭلار. (يەنى، ئەگەر ئىش ئەكسىچە بولسا، بۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭلار، ئۇ ھالدا رەسۇلىمىز مۇھەممەدنىڭ ئېلىپ كەلگىنى ھەقتۇر، ئۇنىڭغا ئەگىشىشىڭلار كېرەك بولىدۇ. رەسۇلىمىز مۇھەممەدكە ئەگىشىش ئارقىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق جازا ماكانى بولغان دوزاخ ئوتىدىن ساقلانغايسىلەر. بەندىمىز مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن كۇفۇردىن ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ھەقنى ئىنكار قىلىشتىن ساقلانغايسىلەر.2) [1-،2-تەپسىر سەئدى]