قۇرئان كەرىم 5-بەت تەرجىمە تەپسىرى | سۈرە بەقەرەنىڭ 25-ئايىتىدىن 29-ئايىتىگىچە
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
2|25| وَبَشِّرِ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أَنَّ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ كُلَّمَا رُزِقُوا مِنْهَا مِنْ ثَمَرَةٍ رِزْقًا قَالُوا هَذَا الَّذِي رُزِقْنَا مِنْ قَبْلُ وَأُتُوا بِهِ مُتَشَابِهًا وَلَهُمْ فِيهَا أَزْوَاجٌ مُطَهَّرَةٌ وَهُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
(ئى پەيغەمبەر!) (چىن قەلبىدىن1) ئىمان ئېيتىپ (ئەزالىرى ئارقىلىق2) ياخشى-ئىش ئەمەللەرنى قىلغان (بۇ ئارقىلىق ئىمانىنى ياخشى ئىش-ئەمەللەر بىلەن تەستىقلىغان3، قىلغان ئەمەللىرىدە پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن4)لارغا (دەرەخلىرىنىڭ5) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان (يەنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىچىدە سۇ، سۈت، ھەسەل ۋە شاراپ ئېقىپ تۇرىدىغان6) جەننەتلەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. (جەننەت ئەھلى جەننەتنىڭ ئۆستەڭلىرىنى ئۆزلىرى خالىغان ھەر قانداق جايلارغا ئېقىتىپ بارالايدۇ، جەننەت باغچىلىرى مانا مۇشۇ جەننەت ئۆستەڭلىرى بىلەن سۇغۇرىلىدۇ.7) جەننەت ئەھلى قاچانلىكى جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن رىزىقلاندۇرۇلغىنىدا «بۇ ئىلگىرى بىزگە رىزق سۈپىتىدە بېرىلگەنلەر بىلەن ئوخشاش ئىكەن» (يەنى، بۇ دۇنيادىكى رىزقىمىز بىلەن ئوخشاش تۈرگە ۋە ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە رىزق ئىكەن8) دېيىشىدۇ. ئۇلارغا دۇنيادىكىگە ئوخشايدىغان مېۋىلەر سۇنۇلىدۇ (ئەمما، بۇ مېۋىلەرنىڭ تەمى دۇنيادىكىدىن پەرقلىقتۇر9، تەسۋىرلىگۈسىز لەززەتلىكتۇر10). جەننەتتە يەنە جەننەت ئەھلى ئۈچۈن (ئەخلاقىي جەھەتتىنمۇ، يارىتىلىشى جەھەتتىنمۇ گۈزەل بولغان؛ تەققى-تۇرۇقى گۈزەل، خۇيى گۈزەل؛ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى ئەدەپلىك، بۇ سەۋەبلىك ئەرلىرىن تەرىپىدىن ياخشى كۆرىلىدىغان، ھېچقانداق قۇسۇرى بولمىغان11؛ ھەيز بولمايدىغان، چوڭ-كىچىك تەرەت قىلمايدىغان؛ ئەخلاقى گۈزەل بولغان، قىزغانمايدىغان، ھەسەت قىلمايدىغان، ئېرىدىن باشقىسىغا قارىمايدىغان12) پاك جۈپتلەر بولۇپ، جەننەت ئەھلى جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. (جەننەتتە ئەقىللەرنى لال قىلىدىغان گۈزەل دەل-دەرەخلەر، لەززەتلىك مېۋىلەر، راھەت بېغىشلىغۇچى سايىلەر، گىرىمسەن\ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن باغچىلار باردۇر13. جەننەت — باغچا مەنىسىدىدۇر. جەننەت دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب <گىرىمسەن> دەل-دەرەخلىرى سەۋەبلىك، تۇپرىقىنىڭ كۆرۈنمەيدىغانلىقى ئۈچۈندۇر14. چۈنكى، جەننەتكە كىرگەنلەر ئاشۇ دەل-دەرەخلەر ۋە تاللار ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ تۈرلۈك تۈمەن نىمەتلەرگە غەرق بولىدۇ15. جەننەتتە جەننەت ئەھلىگە ھەرگىز ئۆلۈم يوقتۇر، جەننەت ئەھلى جەننەتتىن مەڭگۈ چىقىرىۋېتىلمەيدۇ.16) [1-، 2-، 3- تەپسىر سەئدى؛ 4.تەپسىر بەغەۋى 5. زادۇل مەسىير 6-، 7-، 8-، 9- تەپسىر سەئدى 10. زادۇل مەسىير 11. تەپسىر سەئدى 12. زادۇل مەسىير 13. تەپسىر سەئدى 14. زادۇل مەسىير 15. تەپسىر سەئدى 16. تەپسىر بەغەۋى]
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جەننەتتە بىر بازار بار بولۇپ، جەننەت ئەرلىرى ھەر جۈمە كۈنى بۇ بازارغا كېلىدۇ. بۇ چاغدا شىمالدىن كەلگەن شامال ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋە يۈزلىرىنى سىيپاپ ئۆتىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىگە گۈزەللىك قوشۇلىدۇ. بۇ بازاردىن ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك چىرايلىق \ قەددى-قامەتلىك بولۇپ كەتكەن ھالەتتە ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ. ئاياللىرى ئۇلارغا «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ بەك چىرايلىقلىشىپ كېتىپسىز» دېيىشىدۇ. ئۇلارمۇ ئاياللىرىغا «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئايرىلغاندىن كېيىن سىلەر تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىپسىلەر» دەيدۇ. (مۇسلىم – جەننەت 2833؛ بەغەۋى – شەرھۇس سۇننە 15\227؛ سەھىھ ھەدىس)
2|26| إِنَّ اللَّهَ لَا يَسْتَحْيِي أَنْ يَضْرِبَ مَثَلًا مَا بَعُوضَةً فَمَا فَوْقَهَا فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا فَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّهِمْ وَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا فَيَقُولُونَ مَاذَا أَرَادَ اللَّهُ بِهَذَا مَثَلًا يُضِلُّ بِهِ كَثِيرًا وَيَهْدِي بِهِ كَثِيرًا وَمَا يُضِلُّ بِهِ إِلَّا الْفَاسِقِينَ
(يۇقىرىدا ئۆتكەن ئايەتلەردە ئاللاھ «ئوت ياققان كىشىگە ئوخشاش» ۋە «ئاسماندىن چۈشكەن يامغۇرغا ئوخشاش» دېگەن ئىككى مىسالنى كەلتۈرگەندە، مۇناپىقلار «ئاللاھ بۇنداق مىساللارنى بېرىشكە ھاجىتى چۈشمىگۈدەك دەرىجىدە بۈيۈكتۇر» دېيىشتى. بۇ سەۋەبلىك تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى1) ئاللاھ پاشا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن ھايا قىلمايدۇ. ئىمان ئېيتقانلار ئاللاھ كەلتۈرگەن مىسالنىڭ رەببىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ (مۆمىنلەر ئاللاھ كەلتۈرگەن مىساللارنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ مىساللارنى بىكاردىن كەلتۈرمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە چەكسىز ھېكمىتى ۋە بۈيۈك نېمىتى سەۋەبلىك بۇ مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىنى بىلىدۇ2). ئەمما، كاپىرلار (ئاللاھنىڭ كەلتۈرگەن مىساللىرىنى مەسخىرە قىلىپ3) «ئاللاھنىڭ بۇنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىكى مەقسىتى نېمە؟» دېيىشىدۇ. ئاللاھ بۇنداق مىسال بىلەن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنى ئازدۇرىدۇ، يەنە نۇرغۇنلىرىنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ. (ئاللاھ ئۆزى كەلتۈرگەن مىساللار ئارقىلىق مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشىدۇ؛ كاپىرلارنىڭ كۇفرىغا كۇفۇر قوشۇپ، ئۇلارنىڭ كۇفرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ.4) ئاللاھنىڭ كەلتۈرگەن مىساللىرى پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ. (پاسىق — ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى تاشلاپ، گۇناھ-مەئسىيەت قىلىش يولىنى تۇتقان كىشىنى كۆرسىتىدۇ5. پاسىقلىق ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى دىندىن چىقىرىدىغان پاسىقلىقتۇر، يەنە بىرى دىندىن چىقارمايدىغان پاسىقلىقتۇر. بۇ ئايەتتە ۋە مۇشۇ تىپتىكى ئايەتلەردە تىلغان ئېلىنغان پاسىقلىق دىندىن چىقىرىدىغان پاسىقلىقتۇر. دىندىن چىقارمايدىغان پاسىقلىقنىڭ قۇرئاندىكى بىر مىسالى «ئىي مۆمىنلەر! ئەگەر بىر پاسىق سىلەرگە بىر خەۋەرنى ئېلىپ كەلسە، ئۇ خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار» ئايىتىدۇر. (ھۇجۇرات سۈرىسى، 6-ئايەت)-س. بۇ يائەتتە تىلغا ئېلىنغان پاسىقلار مۇناپىقلارنى ۋە بارچە كاپىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.6) [1. زادۇل مەسىير 2. تەپسىر سەئدى 3. تەپسىر مۇيەسسەر 4. تەپسىر سەئدى 5. زادۇل مەسىير 6. تەپسىر سەئدى]
2|27|الَّذِينَ يَنْقُضُونَ عَهْدَ اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنْ يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ أُولَئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
پاسىقلار ئاللاھ ۋەدە ئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ. (يەنى پاسىقلار ھەم ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى؛ ھەم ئۆزلىرى بىلەن باشقا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ۋەدىنى بۇزىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئورۇندىمايدۇ، ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن يانمايدۇ. كىشىلەرگە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ھېچبىر شەكىلدە ۋاپا قىلمايدۇ1.) ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرۇغان ئىشنى ئۈزىدۇ\ تەرك ئېتىدۇ. (يەنى، ئاللاھ بىز بىلەن ئۆز ئارىسىدىكى ئىمان مۇناسىۋىتىنى چىڭ تۇتۇشىمىزنى، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىمىزنى بۇيرۇغان تۇرۇقلۇق، پاسىقلار بۇ ۋەزىپىسىدىن قول ئۈزىدۇ. ئاللاھ بىزگە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىمان ئېيتىشنى، ئۇنى ياخشى كۆرۈشنى بۇيرۇغاندۇر، پاسىقلار بۇ بۇيرۇقنى ئورۇندىماي2، ئۆزى بىلەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئارىسىنى ئۈزىۋېتىدۇ. ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا ۋە پەيغەمبەرلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتمەسلىككە بۇيرۇلغان تۇرۇقلۇق ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشنى ئۈزۈپ قويىدۇ؛ پەيغەمبەرلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىپ، بەزى پەيغەمبەرلەرنى تەستىقلاپ، بەزىلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ3. ئاللاھ ئاتا-ئانىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ، دوست-بۇرادەرلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئورۇنداشقا بۇيرۇغان تۇرۇقلۇق، پاسىقلار ئۇلارنىڭ بۇ ھەققىنى ئادا قىلماي ئۈزۈپ قويىدۇ. مۆمىنلەر ئاللاھ بىرلەشتۈرۈشكە، ئۈزۈپ قويماسلىققا بۇيرۇغان بارچە ھەقلەرنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئۆز ئۈستىدىكى بۇ ھەقلەرنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئورۇنداشقا تىرىشىدۇ. پاسىقلار بولسا بۇ خىل مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ قويىدۇ4.)، يەر يۈزىدە پاسات چىقىرىدۇ (يەنى، كىشىلەرنى توغرا ئېتىقادتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا بويسۇنماي گۇناھ-جىنايەتلەر يولىنى تۇتىدۇ. كىشىلەرنى ئىسلامغا كىرىشتىن، ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىشتىن تۈرلۈك شەكىلدە توسىدۇ.5) مانا بۇلار (ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە6) زىيانغا ئۇچرايدىغانلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر. [1-2،- تەپسىر سەئدى 3. زادۇل مەسىير 4. تەپسىر سەئدى 5. زادۇل مەسىير 6. تەپسىر سەئدى] – مۇجتەھىد تورى | mujtehid.com
2|28|كَيْفَ تَكْفُرُونَ بِاللَّهِ وَكُنْتُمْ أَمْوَاتًا فَأَحْيَاكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
ئاللاھنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەركى، جانسىز ئىدىڭلار ئاللاھ سىلەرگە جان بەردى. كېيىن (سىلەر ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ھايات مۇددىتى توشقاندا1) ئاللاھ سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن (قىيامەت كۈنى2 ھېساب ئېلىش ئۈچۈن3) سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىسىلەر. (قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئىش-ئەمەللىرىڭىزنىڭ جازاسىنى ياكى مۇكاپاتىنى تولۇقى بىلەن بېرىدۇ4.) [1-،2- تەپسىر مۇيەسسەر 3. تەپسىر سەئدى 4. تەپسىر بەغەۋى]
2|29| هُوَ الَّذِي خَلَقَ لَكُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا ثُمَّ اسْتَوَى إِلَى السَّمَاءِ فَسَوَّاهُنَّ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
ئاللاھ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەر ئۈچۈن (يەنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن1؛ شۇنداقلا، ئىبرەت ئېلىشىڭلار ۋە <ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىغا> دەلىل بولۇشى ئۈچۈن2) ياراتتى. ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى \ ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. (ئاللاھنىڭ شەيئىيلەرنى بىلىشىدە، ئاللاھنىڭ ئىلىمىدە ھېچقانداق نۇقسان يوقتۇر3.) [1. تەپسىر مۇيەسسەر، تەپسىر بەغەۋى 2. تەپسىر بەغەۋى 3. زادۇل مەسىير]
كېيىنكى بەت