قۇرئان كەرىم 6-بەت تەرجىمىسى ۋە تەپسىرى | بەقەرە سۈرىسىنىڭ 30-ئايىتىدىن 37-ئايىتىگىچە
2|30| وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَائِكَةِ إِنِّي جَاعِلٌ فِي الْأَرْضِ خَلِيفَةً قَالُوا أَتَجْعَلُ فِيهَا مَنْ يُفْسِدُ فِيهَا وَيَسْفِكُ الدِّمَاءَ وَنَحْنُ نُسَبِّحُ بِحَمْدِكَ وَنُقَدِّسُ لَكَ قَالَ إِنِّي أَعْلَمُ مَا لَا تَعْلَمُونَ
(ئى پەيغەمبەر، ئىنسانلارغا بايان قىلغىنكى1) ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە يارىتىمەن» دېۋىدى، پەرىشتىلەر «زېمىندا پاسات چىقىرىدىغان ۋە قان تۆكىدىغان بىرىنى يارىتامسەن؟ بىز بولساق سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز ۋە سېنى ئۇلۇغلايمىز» دېيىشتى. ئاللاھ «شۇنىسى مۇقەررەركى، مەن سىلەر بىلمىگەننى بىلىمەن» دېدى.
«يەر يۈزىدە خەلىپە يارىتىمەن» — يەنى، زېمىندا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كېلىدىغان ئىنسانلار توپلۇمى يارىتىمەن.2
پەرىشتىلەر «سەن زېمىندا پاسات چىقىرىدىغان ۋە قان تۆكىدىغان بىرىنى يارىتامسەن؟» دېدى. يەنى، پەرىشتىلەر زېمىندا يارىتىلىدىغان ئىنسانلار بۇ خىل جىنايەتلەرنى قىلىدۇ، دەپ قارىدى. بۇ سەۋەبلىك ئاللاھنى بۇنىڭدىن پاكلاپ ئۇلۇغلىدى. ئۆزلىرىنىڭ پاسات چىقىرشتىن ئۇزاق ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.3
يەنە بىر جەھەتتىن، پەرىشتىلەرنىڭ بۇ سۆزىدە ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدە ياراتماقچى بولغان خەلىپىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىشارەت باردۇر.4
ئاللاھ «مەن سىلەر بىلمىگەننى بىلىمەن» دېدى. يەنى، ئۆزۈم ياراتماقچى بولغان ئىنسانلار ھەققىدە سىلەر بىلمىگەننى بىلىمەن. مەن ھەم ئاشكارىنى، ھەم يوشۇرۇننى بىلىپ تۇرىمەن. بۇ خەلىپىنىڭ يارتىلىشى سەۋەبلىك مەيدانغا كېلىدىغان ياخشىلىقنىڭ ئۇنىڭ يارتىلىشىدىكى يامانلىقتىن كۆپ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. مەن ياراتماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ، سىددىقلارنىڭ، شەھىدلەرنىڭ ۋە سالىھلارنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن ماڭا ئىتائەت قىلىدىغان، مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىدىغان ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىنى بىلىمەن.5 [1-2- تەپسىر مۇيەسسەر 3-،4-،5-تەپسىر سەئدى]
2|31|وَعَلَّمَ آدَمَ الْأَسْمَاءَ كُلَّهَا ثُمَّ عَرَضَهُمْ عَلَى الْمَلَائِكَةِ فَقَالَ أَنْبِئُونِي بِأَسْمَاءِ هَؤُلَاءِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
ئاللاھ ئادەمگە ھەممە نەرسىلەرنىڭ (چوڭ-كىچىىك بارچە نەرسىنىڭ، ھەتتا چېنە-قاچا، قازان-چۆمۈچكىچە بولغان بارچە نەرسىنىڭ1) ئىسىملىرىنى ئۆگەتتى. ئاندىن، ئۇ نەرسىلەرنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ «ئەگەر سىلەر (ئۆزۈڭلارنىڭ مەن ياراتماقچى بولغان خەلىپىدىن ئۈستۈن ئىكەنكىلى توغرىسىدىكى قانائىتىڭلاردا2) راستچىل بولساڭلار، بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى. [1-،2- تەپسىر سەئدى]
2|32| قَالُوا سُبْحَانَكَ لَا عِلْمَ لَنَا إِلَّا مَا عَلَّمْتَنَا إِنَّكَ أَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
پەرىشتىلەر «سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. بىزلەر سەن بىزگە ئۆگەتكەندىن باشقا ھېچقانداق بىلىمگە ئىگە ئەمەسمىز. شەك-شۈبىھسىزكى، سەن ئەلىيم ۋە ھەكىيمدۇرسەن» دېيىشتى.
ئەلىيم — ئىلىمى بارچە مەۋجۇداتنى قورشاپ تۇرغۇچى، ھېچقانداق ئىش ياكى نەرسە ئۇنىڭغا مەخپىي قالمىغۇچى ئاللاھ دېگەن مەنىدە. ھەكىيم — مۇكەممەل ھېكىمەت ئىگىسى، ھېچنەرسىنى ھېكمەتسىز ياراتمايدىغان، ھېچ ئىشنى ھېكمەتكە زىت رەۋىشتە بۇيرىمايدىغان ئاللاھ دېگەن مەنىدە. ھېكمەت — ھەر ئىشنى ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان \ يارىشىدىغان يەرگە قويۇش، دېمەكتۇر.1
پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ئىلىم ۋە ھېكمىتىنى ئىقرار قىلغىنىدەك، ئاللاھ بىلدۈرمىسە، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاددىي نەرسىلەرنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى؛ ئاللاھنىڭ بىلمىگەن نەرسىلىرىنى ئۆزلىرىگە بىلدۈرۈپ ئۆزلىرىگە كاتتا ياخشىلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.2 [1-،2-تەپسىر سەئدى]
2|33|قَالَ يَا آدَمُ أَنْبِئْهُمْ بِأَسْمَائِهِمْ فَلَمَّا أَنْبَأَهُمْ بِأَسْمَائِهِمْ قَالَ أَلَمْ أَقُلْ لَكُمْ إِنِّي أَعْلَمُ غَيْبَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَأَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا كُنْتُمْ تَكْتُمُونَ
ئاللاھ «ئى ئادەم! سەن ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەر» (يەنى پەرىشتىلەرگە ئۇلار بىلىشتىن ئاجىز كەلگەن بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەر1) دېدى. ئادەم پەرىشتىلەرگە نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن (پەرىشتىلەر ئادەمنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ بۇ خەلىپىنى يەر يۈزىدە خەلىپىك ماقامىغا كەلتۈرمەكچى بولۇشىدىكى ھېمكىتى ۋە ئىلمىنى ئوچۇق رەۋىشتە تونۇپ يەتتى2) ئاللاھ «مەن سىلەرگە ئۆزۈمنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىدىغانلىقىمنى، سىلەر يوشۇرغاننىمۇ، سىلەر ئاشكارا قىلغاننىمۇ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتمىغانمىدىم!» دېدى.
غەيىب — بىزگە مەخپىي بولغان، بىز تونۇمايدىغان، كۆرۈپ باقمىغان نەرسىلەردۇر.3 [1-، 2-، 3- تەپسىر سەئدى]
2|34|وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَى وَاسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ
بىز پەرىشتىلەرگە «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق. پەرىشتىلەر دەرھال سەجدە قىلىشتى، ئەمما ئىبلىس ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى. (كىبىر ۋە ھەسەت يۈزىسىدىن1) سەجدە قىلىشنى رەت قىلدى، (ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ۋە ئادەمگە قارشى چوڭچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ2) تەكەببۇرلۇق قىلدى، نەتىجىدە كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى. [1.تەپسىر مۇيەسسەر 2. تەپسىر سەئدى]
2|35|وَقُلْنَا يَا آدَمُ اسْكُنْ أَنْتَ وَزَوْجُكَ الْجَنَّةَ وَكُلَا مِنْهَا رَغَدًا حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَذِهِ الشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ الظَّالِمِينَ
(ئاللاھ ئادەمنى يارىتىپ، ئۇنى ئۈستۈن قىلغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ ھوزۇر تېپىشى ۋە يېقىنلىقچىلىق قىلىشى ئۈچۈن ئادەمنىڭ ئايالىنى ياراتتى. بۇنىڭ بىلەن ئادەمگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى كامالەتكە يەتكۈزدى1. ئاندىن مۇنداق ئەمر قىلدى) بىز ئادەمگە «ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ بىلەن بىللە جەننەتتە ياشىغىن. ئىككىڭلار جەننەت نېمەتلىرىنى خالىغانچە كەڭتاشا يەپ-ئىچىڭلار. بىراق مۇنۇ دەرەخكە (ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېيىش ئۈچۈن) يېقىنلاشماڭلار. بولمىسا، زالىملاردىن (يەنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا رىئايە قىلمايدىغانلاردىن2) بولۇپ قالىسىلەر» دېدۇق.
ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان دەرەخ جەننەت دەرەخلىرىدىن بىر دەرەخ بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ قايسى دەرەخ ئىكەنلىكنى ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئادەم ۋە ھەۋۋانىڭ بۇ دەرەخكە يېقىن كېلىشىنى چەكلىشى يا ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن، ۋەياكى بىزگە بىلىنمىگەن بىر ھېكمىتى سەۋەبلىك ئىدى.3 [1. تەپسىر سەئدى 2. تەپسىر مۇيەسسەر 3. تەپسىر سەئدى]
2|36|فَأَزَلَّهُمَا الشَّيْطَانُ عَنْهَا فَأَخْرَجَهُمَا مِمَّا كَانَا فِيهِ وَقُلْنَا اهْبِطُوا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ وَلَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَاعٌ إِلَى حِينٍ
شەيتان (ۋەسۋە قىلىشى بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېيىشكە قىززىقتۇرۇشى نەتىجىسىدە ئادەم ۋە ھاۋۋا دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېدى1. شەيتان بۇ ئارقىلىق) ئادەم بىلەن ھەۋۋانى (ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىگە رىئايە قىلىشتىن) تېيىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى. بىز «بىر-بىرىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا (جەننەتتىن زېمىنغا) چۈشۈڭلار. يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىتقا قەدەر (يەنى سىلەرگە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر2) ياشايدىغان يەر ۋە پايدىلىنىدىغان مەنپەئەتلەر باردۇر» دېدۇق.
زېمىن ھەقىقىي تۇرالغۇ ئەمەس، پەقەت بىر ئۆتكۈنچى ماكاندۇر. زېمىن مەڭگۈلۈك ئاخىرەت يۇرتى ئۈچۈن ئوزۇق ھازىرلىنىدىغان يەردۇر. [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2. زادۇل مەسىير 3. تەپسىر سەئدى]
2|37|فَتَلَقَّى آدَمُ مِنْ رَبِّهِ كَلِمَاتٍ فَتَابَ عَلَيْهِ إِنَّهُ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
ئادەم رەببىدىن بىر قىسىم سۆزلەرنى ئۆگەندى (ۋە شۇ سۆزنى دېيىش ئارقىلىقا ئاللاھقا تەۋبە قىلدى). ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. شۈبىھسىزكى ئاللاھ تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى، تەۋبە قىلغان (شۇ ئارقىلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش يولىغا قايتقان1) بەندىلىرىگە رەھىم قىلغۇچى زاتتۇر.
«ئادەم رەببىدىن بىر قىسىم سۆزلەرنى ئۆگەندى.» يەنى، قىلغان گۇناھى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەشتە ئوقۇيدىغان دۇئا ئادەمگە ئىلھام قىلىندى، ئادەمگە ئىلھام قىلىنغىنى سۈرە ئەئرافتىكى مۇنۇ دۇئادۇر: «ئى رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلدۇق. سەن بىزنى مەغفىرەت قىلمىساڭ ۋە بىزگە رەھىم قىلمىساڭ بىز چوقۇمكى زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز.»2
تەۋبە — ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقى ياكى چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان كىشىنىڭ ئۆزى خىلاپلىق قىلغان خۇسۇستا توغرىغا قايتىشىدۇر.3
ئاللاھنىڭ بەندىسىنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىشى، ئاندىن ئۇنى ئەپۇ قىلىپ مەغفىرەت قىلىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ تەجەللىسىدۇر4. [1-، 2-،4- تەپسىر سەئدى 3. زادۇل مەسىير]