2|38| قُلْنَا اهْبِطُوا مِنْهَا جَمِيعًا فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ مِنِّي هُدًى فَمَنْ تَبِعَ هُدَايَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
بىز ئۇلارغا دېدۇقكى:«ھەممىڭلار جەننەتتىن چۈشۈڭلار. ئەگەر مەندىن سىلەرگە بىر ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر ۋە كىتاب1) كەلگەندە، سىلەردىن كىم مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، (يەنى، مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرگە ۋە مەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىمان ئېيتىپ، پەيغەمبەرلەر ۋە <ئاللاھ نازىل قىلغان ھالەتتە ساقلانغان، زالىملار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلمىگەن> ئىلاھىي كىتاپلار بەرگەن بارچە خەۋەرلەرنى تەستىقلاش، پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئىلاھىي كىتابنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداپ، چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق2) ھىدايىتىمگە ئەگەشكەنلەرگە (ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە3) قورقۇنچ يوقتۇر، غەم-قايغۇمۇ يوقتۇر.» [1-، 2-، 3- تەپسىر سەئدى]
2|39|وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار (يەنى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئەگەشمەي، ئاللاھنى ئىنكار قىلغان، قۇرئاندىكى ياكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئېيتقانلىقىنى ئىسپاتلانغان سەھىھ سۈننەتتىكى ھەر قانداق نەرسىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغانغا چىقارغان كىشىلەر1) دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. [1. تەپسىر سەئدى]
2|40| يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اذْكُرُوا نِعْمَتِيَ الَّتِي أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَوْفُوا بِعَهْدِي أُوفِ بِعَهْدِكُمْ وَإِيَّايَ فَارْهَبُونِ
(ئاللاھ نۆۋەتتىكى ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغا قىلغان نېمەتلىرىنى ئۇلارغا ئەسلىتىپ مۇنداق دەيدۇ1:) «ئى بەنى ئىسرائىل! (يەنى، ئى ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى2!) سىلەر مېنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى (يەنى سىلەرنى فىرئەۋننىڭ قولىدىن قۇتقازغانلىقىمنى، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر ۋە كىتابلار ئەۋەتكەنلىكىمنى، سىلەرنى ئۆز زامانىسىدىكى ئىنسانلاردىن ئۈستۈن قىلىپ سىلەرنى ھۆكۈمدار قىلغانلىقىمنى…3) ئەسلەڭلار، ماڭا قىلغان ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار (يەنى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەندە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەكلىكى توغرىسىدا سىلەردىن ئالغان ۋەدىگە ۋاپا قىلىڭلار4)، شۇنداقلا قىلساڭلار مەنمۇ سىلەرگە قىلغان ۋەدەمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىمەن (يەنى ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ ئەگەشسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلى ئۈستۈڭلارنى بېسىۋالغان يۈكلەرنى يوق قىلىمەن، سىلەردىن رازى بولىمەن ۋە سىلەرنى جەتتەكە كىرگۈزىمەن5). پەقەت مەندىنلا قورقۇڭلار. (ئاللاھتىن قورققان كىشى بۇ قورقۇشى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىدۇ ۋە چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرىدۇ. شۇڭا ئاللاھ ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنىڭ چارىسىنىڭ ئاللاھتىن قورقۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى6.) [1. تەپسىر سەئدى 2. تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر سەئدى 3-،4-، 5- تەپسىر ئىبنى كەسىر 6. تەپسىر سەئدى]
2|41| وَآمِنُوا بِمَا أَنْزَلْتُ مُصَدِّقًا لِمَا مَعَكُمْ وَلَا تَكُونُوا أَوَّلَ كَافِرٍ بِهِ وَلَا تَشْتَرُوا بِآيَاتِي ثَمَنًا قَلِيلًا وَإِيَّايَ فَاتَّقُونِ
(يەھۇدىيلاردىن ۋە خرىستىئانلاردىن ئىبارەت ئى ئەھلى كىتاب1) مەن قولۇڭلاردىكىنى (تەۋرات ۋە ئىنجىلنى) تەستىقلىغۇچى قىلىپ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان ئېيتىڭلار. (چۈنكى، تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلار سىلەرگە ئايدىڭ2.) ۋە ئۇنى (يەنى قۇرئاننى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى3) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ تۇنجىسى سىلەر بولماڭلار. (بۇنداق قىلساڭلار سىلەرگە تەۋسىيە قىلىنغان ئىماننىڭ ئەكسىچە كۇفۇرغا باشچىلاپ يۈگۈرگەن بولىسىلەر. نەتىجىدە، ھەم ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرىنى، ھەم سىلەردىن كېيىن كېلىپ سىلەرگە ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستۈڭلارغا يۈكلىگەن بولىسىلەر4.) ئازغىنە مەنپەئەت ئۈچۈن ئايەتلىرىمنى سېتىۋەتمەڭلار. (يەنى ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتىش بىلەن ئۆزۈڭلار ئايرىلىپ قالىمىز دەپ ئويلىغان دۇنيا ماتالىرىنىڭ سۆيگۈسى سەۋەبلىك، ئىماننى تاشلاپ، دۇنيا مەنپەئەتىنى، دۇنيانىڭ لەززەتلىرىنى تاللىماڭلار5، چۈنكى دۇنياۋى مەنپەئەتلەر ۋە ئۇنىڭ لەززىتى ۋاقىتلىقتۇر6.) پەقەت مەندىنلا قورقۇڭلار. (ئاللاھتىن قورققان كىشى بۇ قورقۇشى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىدۇ ۋە چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرىدۇ7. ئاللاھ چەكلىگەن يۇقىرىقىدەك ھاللارغا چۈشۈپ قالماسلىقنىڭ چارىسى ئاللاھتىن قورقۇشتۇر.) [1. تەپسىر ئىبنى كەسىر 2-،3- تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر سەئدى 3. تەپسىر 4. تەپسىر سەئدى 5. تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر سەئدى 6. تەپسىر ئىبنى كەسىر 7. تەپسىر سەئدى]
2|42|وَلَا تَلْبِسُوا الْحَقَّ بِالْبَاطِلِ وَتَكْتُمُوا الْحَقَّ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ
ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرماڭلار (يەنى ھەق بىلەن باتىلنى، توغرا بىلەن خاتانى بىر-بىرىگە قاتماڭلار1، ئىسلام بىلەن يەھۇدىيلىقنى ۋە خىرىستىئانلىقنى ئارىلاشتۇرماڭلار-ب)، بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى يوشۇرماڭلار.
ئىلىم ئەھلىدىن، ئىلىم بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلاردىن كۈتۈلىدىغىنى ھەقنى باتىلدىن ئايرىش ۋە ھەقنى ئوچۇق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر. ھىدايەت ئىزدىگۈچىلەر بۇ ئارقىلىق توغرا يولنى تاپىدۇ، ئېزىپ كەتكەنلەر بۇ ئارقىلىق ئازغۇنلۇقتىن قايتدۇ. ھەقنى يوشۇرماستىن ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇش ھەقكە كەلگىلى ئۇنىماي تىرەجەپ تۇرۇۋالغانلارغا قارشى دەلىل بولىدۇ. ئىلىم ئەھلى بولغان تۇرۇپ ھەقكە باتىلنى ئارىلاشتۇرۇپ، بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى باتىلدىن ئايرىمىغانلار، بىلىپ تۇرۇپ روشەن بايان قىلىشى كېرەك بولغان ھەقنى يوشۇرغانلار دوزاخقا چاقىرغۇچىلاردۇر. چۈنكى، ئىنسانلار دىن جەھەتتە ئۆزى ئالىم دەپ ئەگەشكەنلەردىن باشقىغا ئەگەشكىلى ئۇنىمايدۇ.3 شۇڭا، ئىلىم ئەھلى دېيىلگۈچى ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرۇۋەتسە، ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرسا، ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر ئازغۇنلۇققا مۇپتىلا بولۇپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن چىقىپ كېتىدۇ.]
[1. تەپسىر ئىبنى كەسىر 2. تەپسىر بەغەۋى 3. تەپسىر سەئدى]
2|43|وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَارْكَعُوا مَعَ الرَّاكِعِينَ
(زاھىرى ۋە باتىنىي شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان1، ۋاقىتلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا بەش ۋاخ2) نامازنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى (زاكات ئېلىشى ھەق بولغانلارغا3) بېرىڭلار. رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار. (يەنى، ناماز ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە سىلەرمۇ ناماز ئوقۇڭلار. چۈنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇشبۇ ئەمىرلەرنىمۇ ئورۇندىساڭلار — ھەم زاھىرىي \ ئاشكارا، ھەم باتىنىي \ مەخپىي ئەمەللەرنى، ئۇلۇغ ئاللاھقا بولغان ئىخلاسنى ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرىگە ئېھسان قىلىشنى، قەلبىي ئىبادەتلەر بىلەن بەدەنىي ۋە مالىي ئىبادەتلەرنى بىر يەرگە جۇغلىغان بولىسىلەر4.)
«رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە رۇكۇ قىلىڭلار.» — يەنى گۈزەل ئەمەللەردە مۆمىنلەر بىلەن بىللە بولۇڭلار. گۈزەل ئەمەللەر ئىچىدە ئەڭ ئۆرنەكلىكى ۋە ئەڭ مۇھىمى نامازدۇر. كۆپچىلىك ئالىم جامائەت نامىزىنىڭ ئەرلەر ئۈچۈن پەرز ئىكەنلىكىگە مۇشۇ ئايەتنى دەلىل قىلغان5. ناماز ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ناماز ئوقۇش بۇيرۇقى جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش بۇيرۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزكۇر ئايەت جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنىڭ ھەر بىر مۇكەللەف مۇسۇلمان ئەر ئۈچۈن پەرز ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. شۇنداقلا، بۇ ئايەتتىن رۇكۇنىڭ نامازنىڭ رۇكۇنلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا نامازنى «رۇكۇ» دەپ ئاتىدى. بىر ئىبادەت توغرىسىدا شۇ ئىبادەتنىڭ بىر قىسىمىنىڭ تىلغا ئېلىنىپ بايان قىلىنىشى — تىلغا ئېلىنغان قىسىمنىڭ شۇ ئىبادەتنىڭ رۇكنى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.6 (1-، ، 3-، 4-، 6- تەپسىر سەئدى 2. تەپسىر بەغەۋى 5. تەپسىر ئىبنى كەسىر)
2|44| أَتَأْمُرُونَ النَّاسَ بِالْبِرِّ وَتَنْسَوْنَ أَنْفُسَكُمْ وَأَنْتُمْ تَتْلُونَ الْكِتَابَ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
ئىنسانلارغا ياخشىلىقنى بۇيرۇپ (يەنى باشقىلارنى كىتابقا، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ئەگىشىشكە، پۇل-ماللىرىنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىشقا چاقىرىپ1)، ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر (يەنى بۇ ياخشىلىقلارنى ئۆزۈڭلارغا بۇيرۇشنى، ئۇنتۇمسىلەر2)؟ ھالبۇكى سىلەر كىتابنى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، ئەقىلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
بۇ ئايەت بەنى ئىسرائىل ھەققىدە نازىل قىلىنغان بولسىمۇ، ھۆكمى ھەممىگە ئومۇمىيدۇر. بىراۋ باشقىسىنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، ئۆزى ئۇ ياخشىلىقنى قىلمىسا، ياكى باشقىلارنى يامانلىقتىن توسۇپ، ئۆزى ئۇ يامانلىقنى قىلسا، بۇ ئۇ كىشىنىڭ ئەقىلسىز، جاھىل ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.3 (شۇڭا ئايەتتە بۇنداق قىلغۇچىلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەقىلسىزلىكتىن يېنىپ، ئەقلىنى ئىشقا سېلىشى تەكىتلەنگەن.) [1. زادۇل مەسىير 2-، 3- تەپسىر سەئدى]
2|45|وَاسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ وَإِنَّهَا لَكَبِيرَةٌ إِلَّا عَلَى الْخَاشِعِينَ
سەبر ۋە ناماز ئارقىلىق ئاللاھتىن ياردەم سوراڭلار. (يەنى ئۆزۈڭلار ئارزۇلىغان دىنىي ۋە دۇنياۋى نېمەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بېشىڭلارغا كېلىدىغان تۈرلۈك ئىمتىھانلار\سىناقلار\مۇسىبەتلەردىن سالامەت ئۆتۈش ئۈچۈن سەبر ۋە نامازغا مۇراجىئەت قىلىڭلار.1) شەكسىزكى، ناماز خۇشۇ ساھىپلىرىدىن باشقىسىغا ئېغىر كېلىدۇ. (خۇشۇ ساھىبى بولمىغۇچى ناماز ئوقۇغان تەقدىردىمۇ، ناماز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ جاپالىق ئىشلاردىن بىرى بولۇپ قالىدۇ2.)
سەبر — گۇناھلاردىن ساقلىنىشتۇر.3
ئايەتنىڭ مەنىسى: ئاخىرەتتىكى بەخت سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈش غەيرىتىڭلار، پەرزلەرنى سەبر بىلەن داۋاملىق ئورۇنداش جەھەتتە ناماز ئارقىلىق ياردەم ئېلىڭلار، دېگەنلىكتۇر4.
تەپسىر بەغەۋىدە مۇنداق دېيىلگەن: مۇجاھىد مۇنداق دېگەن: سەبر — روزىدۇر. بۇ سەۋەبلىك رامزان ئېيى سەبر ئېيى دەپ ئاتالغان. چۈنكى، روزا كىشىنى زۇھد ساھىبى قىلىدۇ. ناماز بولسا كىشىنىڭ ئاخىرەتكە بولغان رىغبىتىنى ئاشۇرىدۇ5.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«روزا — سەبرنىڭ يېرىمىدۇر.»6
خۇشۇ — قەلبنىڭ ئاللاھقا تەسلىم بولۇشى، ئاللاھ بىلەن ھوزۇر تېپىپ تىنىچلىنىشى، ئاجىزانە ۋە ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا خار دەپ بىلگەن ھالدا ئاللاھقا ۋە ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىمان ئېيتىپ، ئاللاھقا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر7.
خۇشۇ ساھىبى — ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن قەلبى تەسكىن تاپىدىغان كىشىدۇر8.
مۇھەممەد ئىبنى مەرۋەزى رەھىمەھۇللاھ ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: بەدىر كۈنى (يەنى ئەتە بەدر غازىتى بولىدۇ دېگەن كېچە) ئۆزىمىزگە نەزەر سالدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن باشقا ھەممەيلەن ئۇيقۇدا ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز ۋە دۇئا بىلەن مەشغۇل ئىدى. رەسۇلۇللاھ تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر مۇشۇنداق قىلدى9.»
ئىمام ئەھمەد ھۇزەيفە يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان:«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بېشىغا بىرەر ئېغىرچىلىق كەلسە نامازغا تۇراتتى10.» [1-،3-4- تەپسىر ئىبنى كەسىر 2-،7-تەپسىر سەئدى 5. تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر، زادۇل مەسىير 6. مۇسنەد ئەھمەد 4\260؛ مۇھەددىس ئابدۇررازاق مەھدى تەپسىر ئىبنى كەسىر تەھقىقىدە بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىنى ئىشەنچىلىك دېگەن؛ ئىمام ئىبنى ماجە باشقا سەنەد بىلەن مۇشۇ ھەدىسنىڭ ئوخشىشىنى نەقىل قىلغان 8. تەپسىر بەغەۋى 9. مۇسنەد ئەھمەد 1\125؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 2257؛ ھەدىستىكى خارىسەدىن باشقا راۋىيلار بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ راۋىيلىرىدۇر. ھەدىس ھەسەندۇر.-تەپسىر ئىبنى كەسىر، ئابدۇررازاق مەھدى تەھقىقى 10. مۇسنەد ئەھمەد 5\388؛ ئىمام نەسەئى «ئەليەۋمۇ ۋەللەيلە» ناملىق ئەسىرىدە، ئىبنى ھىببان سەھىھىدە نەقىل قىلىپ، سەھىھ دېگەن]
2|46|الَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُمْ مُلَاقُو رَبِّهِمْ وَأَنَّهُمْ إِلَيْهِ رَاجِعُونَ
ئۇلار (يەنى خۇشۇ ساھىبلىرى) رەببىگە ئۇچرىشىدىغانلىقىنى (يەنى، ئاخىرەتتە ئاللاھنى كۆرىدىغانلىقىنى1) ۋە (ئۆلگەندىن كېيىن2) رەببىنىڭ دەرگاھىغا قايتىدىغانلىقىنى مۇتلەق رەۋىشتە بىلىدۇ. (خۇشۇ ساھىبلىرى — ئۆزلىرىنىڭ تىرىلدۈرىلىدىغانلىقىغا، ھېسابقا تارتىلىدىغانلىقىغا، ئاللاھقا قايتۇرلىدىغانلىقىغا ھېچقانداق شەك قىلماستىن ئىمان ئېيتىدۇ.3) [1-، 2-، 3- تەپسىر بەغەۋى]
2|47|يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اذْكُرُوا نِعْمَتِيَ الَّتِي أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَنِّي فَضَّلْتُكُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ
ئى بەنى ئىسرائىل! سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىمنى، سىلەرنى (پەيغەمبەر ئەۋەتىش، كىتاپلارنى نازىل قىلىش، ھۆكۈمدار قىلىش ئارقىلىق1) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار. [1. تەپسىر ئىبنى كەسىر]
2|48|وَاتَّقُوا يَوْمًا لَا تَجْزِي نَفْسٌ عَنْ نَفْسٍ شَيْئًا وَلَا يُقْبَلُ مِنْهَا شَفَاعَةٌ وَلَا يُؤْخَذُ مِنْهَا عَدْلٌ وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ
شۇنداق بىر كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن1 ۋە قىيامەت كۈنىدە جازاغا ئۇچراشتىن2) قورقۇڭلاركى، (قىيامەت كۈنى) ھېچ كىم باشقا بىرىگە پايدا كەلتۈرەلمەيدۇ (قىيامەت كۈنىدە ئىنسانغا پەقەت قىيامەت كۈنى قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭلا پايدىسى بولىدۇ3، بىراۋ باشقا بىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ4)، (كاپىر بولغان5) ھېچكىمنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلارغا (يەنى كاپىرلارغا ئازابتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن6) ياردەم قىلىنمايدۇ.
«ھېچكىمنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ.» — باشقا بىر ئايەتتە كاپىرلارنىڭ مۇنداق دەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان:«مانا ئەمدى بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلارمۇ يوق، دوستلىرىمىزمۇ يوقتۇر.»7) (شۇرا سۈرىسى، 100، 101)
بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى شۇكى: ئاللاھ قىيامەت كۈنى كاپىرلاردىن ھېچقانداق فىدىيە ۋە شاپائەت قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئازابتىن قۇتقازمايدۇ. ھېچكىم كاپىرنى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قۇتقۇزالمايدۇ.8 [1. تەپسىر ئىبنى كەسىر 2. تەپسىر بەغەۋى 3. تەپسىر سەئدى 4. تەپسىر بەغەۋى 5. تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر بەغەۋى 6-،7-،8- تەپسىر ئىبنى كەسىر]