قۇرئان كەرىم 10-بەتنىڭ تەرجىمە تەپسىرى | سۈرە بەقەرەنىڭ 62-ئايىتىدىن 69-ئايىتىگىچە

قۇرئان كەرىم 10-بەتنىڭ تەرجىمە تەپسىرى | سۈرە بەقەرەنىڭ 62-ئايىتىدىن 69-ئايىتىگىچە

2|62|إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَادُوا وَالنَّصَارَى وَالصَّابِئِينَ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَعَمِلَ صَالِحًا فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

(سالمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ئۆزى ئىلگىرى بىللە ياشىغان، باشقا دىنلارغا مەنسۇپ بولغان، ناماز ۋە ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولغان كىشىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى سورىغاندا مۇنۇ ئايەت نازىل بولغان1) «شۈبھىسىزكى، (بۇ ئىسلام ئۈممىتىدىن بولغان2) مۆمىنلەر ئۈچۈن، ھەمدە (مۇھەممەد ئەلەيھىسالام پەيغەمبەرلىكىدىن ئىلگىرىكى چاغلاردا ياشىغان3) يەھۇدىيلار، خىرسىتىئانلار ۋە سابىئىيلەر ئارىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىپ (ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنى تەستىقلاپ4)، سالىھ ئەمەل قىلغۇچىلار ئۈچۈن رەببىنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپاتلار باردۇر. ئۇلار ئۈچۈن ئۇلارغا قورقۇنچ ۋە غەم-قايغۇ يوقتۇر.

قۇرئاننىڭ مېتودى مانا مۇشۇنداقتۇر. ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر داۋامىدا كىشىدە بىر تۈركۈم شۈبھەلەر، گۇڭگىلىقلار ئوتتۇرىغا چىققۇدەك بولسا، شۇ ئايەتلەر ئىچىدە بۇ خىل شۈبھە ۋە گۇڭگىلىقنى يوق قىلىدىغان بايانلار مۇتلەق رەۋىشتە باردۇر. چۈنكى بۇ قۇرئان مەخلۇقات يارىتىلىشتىن ئاۋۋال يارتىلىدىغان مەخلۇقاتلارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى بىلگۈچى ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر4.

بۇ ئايەتتىن ئاۋۋالقى مەزمۇنلاردا ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىل قەۋمى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئۇلارنى ئەيىپلەپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە رەزىل قىلمىشىلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، (بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇغان) بەزى كىشىلەر بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىن بولغان ھەممە كىشى بۇ تەنقىدنىڭ ئوبيېكتى ئىكەن، دەپ چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىمىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بەرمەكتە، ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر5.

مۆمىنلەر — بۇ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مۆمىنلەر دەپ ئاتىلىشى بۇ ئۈممەت مەنسۇپلىرىنىڭ (باشقا ئۈممەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا) سان جەھەتتە كۆپ، ئىمان جەھەتتە قۇۋۋەتلىك بولۇشى، ئۆتمۈشتىكى بارچە پەيغەمبەرلەرگە ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان غەيىپ مەسىلىلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈشى سەۋەبىدىندۇر6.

سابىئىيلەر — ئىمام ئىبنى كەسىر بۇلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: بۇ پىرقە ھەققىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى، بۇلار يەھۇدىيمۇ ئەمەس، خرىستىئانمۇ ئەمەس، مەجۇسىمۇ ئەمەس، مۇشرىكمۇ ئەمەستۇر. فىترەت ئۈستىدە قالغان، ئەمەل قىلىدىغان مۇئەييەن دىنى بولمىغان پىرقە ئىدى7.

ئايەتتىكى «سالىھ ئەمەل»نى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما «پەرزلەرنى ئورۇنداش» دەپ تەپسىرلىگەن8. [1. ئىبنى كەسىر 2-، 3-، 4-، 5- تەپسىر سەئدى 6-،7- تەپسىر ئىبنى كەسىر 8. زادۇل مەسىير]

2|63|وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَكُمْ وَرَفَعْنَا فَوْقَكُمُ الطُّورَ خُذُوا مَا آتَيْنَاكُمْ بِقُوَّةٍ وَاذْكُرُوا مَا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ

(ئى بەنى ئىسرائىل قەۋمى) ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش1، بىز مۇساغا نازىل قىلغان تەۋراتقان ئەمەل قىلىش ھەققىدە2) قەتئىي ۋەدە ئالدۇق.(ھالبۇكى، مۇسا ئاللاھ نازىل قىلغان تەۋراتنى ئېلىپ كەلگەندە، سىلەر تەۋراتتىكىلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان چاغدا3) تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ «سىلەرگە بەرگىنىمىزگە  (يەنى تەۋراتقا4) مەھكەم ئېسىلىڭلار (يەنى ئۇنىڭغا توغرا رەۋىشتە ئەمەل قىلىپ، تەۋراتتىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىڭلار5)، ئۇنىڭ ئىچىدىكىدىن غەپلەتتە قالماڭلار، بۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ جازاسىدىن ۋە غەزىپىدىن6). ساقلانغايسىلەر» دېدۇق. [1. زادۇل مەسىير، تەپسىر مۇيەسسەر 2-،3- زادۇل مەسىير 4. تەپسىر سەئدى 5. زادۇل مەسىير 6. تەپسىر سەئدى، زادۇل مەسىير]

2|64|ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ مِنْ بَعْدِ ذَلِكَ فَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ لَكُنْتُمْ مِنَ الْخَاسِرِينَ

(بۇ ۋەدىدىن) كېيىن يەنە (ۋەدەڭلاردىن) يۈز ئۆرۈدۈڭلار (تەۋراتقا قەتئىي رەۋىشتە ئەمەل قىلىشتىن باش تارتتىڭلار1. بۇنداق قىلىشىڭلار سىلەرگە ئەڭ ئېغىر جازا بېرىشكە لايىق ئىدى2. ئەمما، ئۇنداق قىلمىدۇق.) ئەگەر ئاللاھنىڭ لۇتۇف ۋە رەھمىتى بولمىغان بولسا (يەنى ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلمىغان، گۇناھلىرىڭلارنى مەغفرەت قىلمىغان3، سىلەرگە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگەن بولسا4)، مۇھەققەقكى زىيان تارتقۇچىلاردىن بولاتتىڭلار. [1. زادۇل مەسىير 2. تەپسىر سەئدى 3. تەپسىر مۇيەسسەر، تەپسىر ئىبنى كەسىر 4. تەپسىر ئىبنى كەسىر]

2|65|وَلَقَدْ عَلِمْتُمُ الَّذِينَ اعْتَدَوْا مِنْكُمْ فِي السَّبْتِ فَقُلْنَا لَهُمْ كُونُوا قِرَدَةً خَاسِئِينَ

(ئى يەھۇدىيلار پىرقىسى!) ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنىدە ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى (بۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ بېشىغا قانداق بالالار كەلگىنىنى1) ئەلۋەتتە بىلىسىلەر. بىز بۇنداق قىلغانلارغا «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق. [1. تەپسىر ئىبنى كەسىر]

ئاللاھ يەھۇدىيلارغا شەنبە كۈنى ئىش-ئوقەت قىلىشنى ھارام قىلغان2. يەھۇدىيلار بولسا ئاللاھنىڭ بۇ ئەمرىگىمۇ خىلاپلىق قىلىپ، شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغان3. شەنبە كۈنى بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن تور تور تارتتى ۋە كىچىك كۆلچەكلەرنى قېزى قويدى. ئاندىن يەكشەنبە كۈنى تورغا چۈشكەن، كۆلچەككە كىرىپ قاپسىلىق قالغان بېلىقلارنى تۇتتى4. ئايەتتە مۇشۇ مەزمۇن ئىپادە قىلىنغانماقتا.

«خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار دېدۇق» — نەتىجىدە بۇنداق قىلغۇچىلار ھەم شەكىل، ھەم ماھىيەت جەھەتتە مايمۇنغا ئايلىنىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئىنسانلارغا ئەڭ ئوخشايدىغان مايمۇن سىياقىغا كىردى.ك، ز ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: ئۇلار مايمۇنغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن دۇنيادا پەقەت ئۈچ كۈنلا ياشىدى. يېمىدى، ئىچمىدى، نەسلى داۋام قىلمىدى5. ئىمام ئىبنى جەۋزى «زادۇل مەسىير» ناملىق تەپسىرىدە بۇ ۋەقەلىكنىڭ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەنلىكىنى قەيت قىلغان6.

[1. تەپسىر ئىبنى كەسىر 2-، 3- زادۇل مەسىير 4. تەپسىر مۇيەسسەر 5. تەپسىر ئىبنى كەسىر 6. زادۇل مەسىير]

2|66|فَجَعَلْنَاهَا نَكَالًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهَا وَمَا خَلْفَهَا وَمَوْعِظَةً لِلْمُتَّقِينَ

بىز بۇ جازانى زامانىسىدىكىلەر ئۈچۈن ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەتلىك بىر جازا، تەقۋادارلار ئۈچۈن (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۈممىتى ئۈچۈن1) ساۋاق قىلدۇق. [1. زادۇل مەسىير]

2|67|وَإِذْ قَالَ مُوسَى لِقَوْمِهِ إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَنْ تَذْبَحُوا بَقَرَةً قَالُوا أَتَتَّخِذُنَا هُزُوًا قَالَ أَعُوذُ بِاللَّهِ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْجَاهِلِينَ

ئۆز ۋاقتىدا (بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئۆزى ئارىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن بىرىنىڭ قاتىلىنىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا تۈرلۈك پەرەزلەردە بولۇشتى1، ئاقىۋەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسىلىگە ھۆكۈم قىلىشى ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلدى2. ئاقىۋەتتە) مۇسا قەۋمىگە «ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنەك بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېدى. قەۋمى «سەن بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېۋىدى، مۇسا «جاھىللاردىن بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سىغىنىمەن» دېدى.

زادۇم مەسىيردە مۇنداق دېيىلگەن: نېمىشقا مەسخىرىنى قوبۇل قىلمىدى؟ چۈنكى، مەسخىرە قىلغۇچى جاھىلدۇر، تاماشا قىلغۇچىدۇر3. پايدىسىز سۆزلەرنى قىلغۇچى ۋە كىشىلەرنى مەسخىرە قىلغۇچى جاھىلدۇر. ئەقىللىق كىشى ئۆزىگە ئوخشاش بىر ئىنساننى مەسخىرە قىلىشنى ھەم ئەقلىي نۇقتىدىن، ھەم دىنىي نۇقتىدىن چوڭ قۇسۇرلۇق ئىش دەپ بىلىدۇ. كىشى ئەگەر باشقىسىدىن ئۈستۈن بولسا، ئۆزىنىڭ بۇ ئۈستۈنلۈكى سەۋەبلىك ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىشى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە رەھىم شەپقەت قىلىشى لازىم4. [1. تەپسىر سەئدى 2-،3- زادۇل مەسىير 4. تەپسىر سەئدى]

2|68|قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا هِيَ قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَا فَارِضٌ وَلَا بِكْرٌ عَوَانٌ بَيْنَ ذَلِكَ فَافْعَلُوا مَا تُؤْمَرُونَ

(مۇسانىڭ قەۋمى بۇنىڭ ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھىي ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن1) قەۋمۇ مۇساغا «بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلساڭ، قانداق ئىنەكنى بوغۇزلايدىكەنمىز، ئېنىق بايان قىلىپ بەرسۇن» دېيىشتى. مۇسا «ئاللاھ بوغۇزلىنىدىغان ئىنەكنىڭ بەك قېرىمۇ ئەمەس، بەك ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش ئىنەك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، شۇڭا بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى. [1. زادۇل مەسىير]

2|69|قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا لَوْنُهَا قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ صَفْرَاءُ فَاقِعٌ لَوْنُهَا تَسُرُّ النَّاظِرِينَ

ئۇلار «رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، بۇغۇزلىشىمىز بۇيرۇلغان ئىنەكنىڭ رەڭگىنى ئېنىق دەپ بەرسۇن» دېدى. مۇسا «ئاللاھ ئىنەكنىڭ رەڭگى قارىغانلارنى زوقلاندۇرىدىغان دەرىجىدە ساپسېرىق بولسۇن» دېدى.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ