ئەھلى ھەدىس كىم، ئۇلارنى دۈشمەن تۇتىمىزمۇ؟

ئەھلى ھەدىس كىم، ئۇلارنى دۈشمەن تۇتىمىزمۇ؟

بسم الله والحمد لله والصلاة والسلام على رسول الله

مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: 

(إذا رأيت رجلا من أصحاب الحديث فكأني رأيت رجلا من أصحاب النبي) ئەھلى ھەدىستىن بىرىنى كۆرسەم خۇددى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرىنى كۆرگەندەك بولىمەن. مۇجتەھىد تورى | mujtehid.com (ئىمام ئىبنى جەۋزىنىڭ «تلبيس إبليس» ناملىق ئەسىرىنىڭ سۈننەتكە ۋە جامائەتكە ئېسىلىش بابىغا قاراڭ)

ئىمام شافىي، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام بۇخارىنىڭ زاماندىشى، مەشھۇر ھەدىس ئالىمى ئەھمەد ئىبنى سىنان (ھ 171-256) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «لَيْسَ فِي الدُّنْيا مُبْتَدِعٌ إلّا وهُوَ يُبْغِضُ أهْلَ الحَدِيثِ فَإذا ابْتَدَعَ الرَّجُلُ نُزِعَ حَلاوَةُ الحَدِيثِ مِن قَلْبِهِ»«دۇنيادا ئەھلى ھەدىسنى پەقەت بىدئەتچىلا ئۆچ كۆرىدۇ. كىشى بىدئەت پەيدا قىلسا، ئۇنىڭ قەلبىدىن ھەدىسنىڭ لەززىتى تارتىۋېلىنىدۇ.» مۇجتەھىد تورى | hedisim.com (شرف أصحاب الحديث للخطيب، معرفة علوم الحديث للحاكم ١/٤، شرح لامية ابن تيمية ٢/٢٤)

ئىمام ئەۋزائى مۇنداق دېگەن: سۈننەت ئۈستىدە سەبىر قىلغىن. سۈننەت تۇرغان يەردە سەنمۇ تۇر، سۈننەتتە بايان قىلىنغانلارنى سەنمۇ بايان قىل، سۈننەت قوبۇل قىلمىغانلارنى سەنمۇ قوبۇل قىلما. سەلەپنىڭ يولىنى تۇت، سەلەپكە يېتىپ ئاشقان سۈننەت ساڭىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ. (ئىمام ئىبنى جەۋزىنىڭ «تلبيس إبليس» ناملىق ئەسىرىنىڭ سۈننەتكە ۋە جامائەتكە ئېسىلىش بابىغا قاراڭ)

ئىبراھىم ئەدھەم مۇنداق دېگەن: (إنَّ اللَّهَ تَعالى يَرْفَعُ البَلاءَ عَنْ هَذِهِ الأُمَّةِ بِرِحْلَةِ أصْحابِ الحَدِيثِ) ئەھلى ھەدىسنىڭ ھەدىس توپلاش ئۈچۈن قىلغان سەپەرلىرى سەۋەبلىك ئاللاھ بۇ ئۈممەتتىن (ئۆز دەۋرىدىكى) بالا ۋە مۇسىبەتنى كۆتۈرۈۋەتكەن. (الرحلة في طلب الحديث للخطيب البغدادي، 33)

مۇھەددىس ئىمام ھاكىم نىساپۇرى ئەھلى ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ئىمام ئەھمەد سەھىھ ھەدىستىكى «قىيامەتكىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان پىرقە \ نىجات تاپقۇچى پىرقە \ ياردەمگە ئېرىشكۈچى پىرقە» دەپ ناملانغانلارنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەھلى ھەدىس ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ياخشى قىلغان. «ياردەمگە ئېرىشكۈچى پىرقە \ نىجات تاپقۇچى پىرقە» دەپ ئاتىلىشقا بىزدىن ئىلگىرى كەلگەن سەلەپ-سالىھىننىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىپ، ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەردىن لايىقراق باشقا كىم بار؟ «ياردەمگە ئېرىشكۈچى پىرقە \ نىجات تاپقۇچى پىرقە» دەپ ئاتىلىشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ باتىل يولىنى ئاشكارىلاپ بەرگۈچى مەزكۇر كىشىلەردىن لايىقراق كىم بار؟ » معرفة علوم الحديث » للحاكم النيسابوري ( ص 2 ، 3 ) .

ئىمام خەتىيب ئەلباغدادى رەھىمەھۇللاھ (ھ 392-460) ئەھلى ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: ئاللاھ ئەھلى ھەدىسنى شەرىئەتنىڭ تۈۋرۈكى قىلدى. ئاللاھ ئەھلى ھەدىس ئارقىلىق بارچە يىرگىنچلىك بىدئەتلەرنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىدى. ئەھلى ھەدىس ئاللاھنىڭ (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان شەرىئەتنىڭ) يەر يۈزىدىكى ئامانەتچىلىرىدۇر، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن ئۇنىڭ ئۈممىتى ئارىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كۆۋرۈكتۇر. ئەھلى ھەدىس ئاللاھنىڭ دىنىنى قوغداشتا پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلاردۇر. ئەھلى ھەدىسنىڭ نۇرى چاقنىماقتىدۇر، پەزىلىتى بىلىنمەكتىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىخلاسى ئاپئاشكارا، دەلىللىرى كۈچلۈكتۇر. نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىدىغان، (شەرئىي دەلىلگە ئەمەس) شەخسىي كۆز قاراشلارغا مايىل بولغان بارچە پىرقىلەر ئەھلى ھەدىستىن ئادا-جۇدادۇر. قۇرئان ئەھلى ھەدىسنىڭ دەستۇرىدۇر، سۈننەت ئەھلى ھەدىسنىڭ دەلىلىدۇر، ئۇلارنىڭ سەركەردىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بولۇپ، ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پىرقىسىگە تەۋەدۇر. ئەھلى ھەدىس ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە مايىل بولمايدۇ، كۆز قاراشلارغا ئېتىبار بەرمەيدۇ. ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سەھىھ رەۋىشتە نەقىل قىلىنغانلارنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەھلى ھەدىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىنىڭ ئامانەتدارلىرىدۇر ۋە ئۇنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدۇر. ئەھلى ھەدىس دىننىڭ قورۇقچىلىرىدۇر، شەرئىي ئىلىمنىڭ خەزىنىلىرى ۋە توشۇغۇچىلىرىدۇر. ئەگەر بىرەر ھەدىس توغرىسىدا تالاش-تارتىش بولسا، كىشىلەر ئەھلى ھەدىسنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ. ئەھلى ھەدىس بەرگەن ھۆكۈم — قوبۇل قىلىنىدىغان ۋە قۇلاق سېلىنىدىغان ھۆكۈمدۇر. ئەھلى ھەدىسنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر فەقىھلەر، بۈيۈك ئىماملار، قەبىلىلىرىگە داڭدار زاھىدلار، پەزىلىتى بىلەن تونۇلغان پازىللار، قۇرئاننى ماھىرلىق بىلەن تىلاۋەت قىلغۇچى تەقۋا قارىيلار ۋە تىلى ئۆتكۈر (تىلى بىلەن دىلى بىردەك) ۋائىزلار بار. ئەھلى ھەدىس كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يولى توغرا يولدۇر. (بۇ مىڭ يىل بۇرۇن ئېيتىلغان سۆز بولۇپ، ئۇ چاغدا ئەھلى ھەدىس كۆپ ۋە كۈچلۈك ئىدى، كۈنىمىزدە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە.-ت) ھەر قانداق بىدئەتچى يالغاندىن ئۆزىنى ئۇلارنىڭ يولىدىكى ئەگەشكۈچى قىلىپ كۆرسىتىشكە مەجبۇردۇر، بىدئەتچىلەر ئەھلى ھەدىسنىڭ يولىدىن باشقا يولنى داۋا قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. كىم ئەھلى ھەدىسكە دۈشمەنلىك قىلسا، ئاللاھ ئۇنى ھالاك قىلىدۇ. كىم ئەھلى ھەدىسكە قارشى قوپسا، ئاللاھ ئۇنى خار قىلىدۇ. ئەھلى ھەدىس ئۆزلىرىنى تاشلاپ قويغۇچىلار سەۋەبلىك زىيان تارتمايدۇ. ئەھلى ھەدىتىن ئايرىلىۋالغۇچى نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.  دىنىغا كۆڭۈل بۆلگۈچى ئەھلى ھەدىسنىڭ ياردىمىگە موھتاجدۇر، ئەھلى ھەدىسكە يامان نەزەردە قارىغۇچى ياخشىلىقتىن مەھرۇم قېلىپ زىيان تارتقۇچىدۇر. ئاللاھ ئەھلى ھەدىسكە ياردەم بېرىشكە قادىردۇر. » شرف أصحاب الحديث » ( ص 15 ) . [بۇ مەزمۇننىڭ ئەرەپچىسى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاستىدا مەۋجۇت]

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: نىجات تاپقۇچى پىرقە دەپ ئاتىلىشقا ئەڭ ھەقلىق كىشىلەر «ئەھلى ھەدىس ۋسسۇننە» (أهل الحديث والسنة) بولۇپ، ئەھلى ھەدىس پەقەتلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن باشقا ھېچكىمگە قارىغۇلارچە ئەگەشمەيدۇ. ئەھلى ھەدىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزلىرىنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچى، ھەدىسنىڭ سەھىھ بىلەن سەھىھ ئەمەسلىرىنى ئەڭ ياخشى ئايرىيالىغۇچى كىشلەردۇر.  ئەھلى ھەدىسنىڭ ئىماملىرى بۇ جەھەتتە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە.  ئەھلى ھەدىس ئىماملار رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ مەنىلىرىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگۈچى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ سۈننەتلىرىنى تەستىقلاشتا، ئەگىشىشتە ۋە ياخشى كۆرۈشتە ھەممىدىن بەك ئىخلاسمەن بولغۇچىلاردۇر. ئەھلى ھەدىس رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ سۈننەتلىرىگە ئەگەشكەنلەرگە مۇھەببەت باغلاپ، سەھىھ سۈننەتلەرگە دۈشمەنلىك قىلغۇچىلارغا قارشى چىقىدۇ. ئەھلى ھەدىس قۇرئان ۋە سۈننەتكە زىت كېلىدىغان ھەر قانداق پىكىر-ئىدىيەلەرنى قۇرئان-سۈننەت تارازىسىدا ئۆلچىگۈچىلەردۇر. ئەھلى ھەدىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سەھىھ سۈننەت ئارقىلىق كەلمىگەن \ سەھىھ سۈننەتە دەلىلى بولمىغان ھەر قانداق چۈشەنچە-كۆز قاراشنى دىننىڭ پىرىنسىپلىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىۋالمايدۇ. ھالبۇكى، ئەھلى ھەدىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېلىپ كەلگەن قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۆز ئېتىقادىنىڭ ئاساسى دەپ بىلىدۇ. كىشىلەر ئىختىلاپلاشقان — ئاللاھنىڭ ئىسىم سۈپەتلىرى، تەقدىر، ئاسىي گۇناھكارلارغا بېرىلىدىغان جازا، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش ۋە شۇ قاتاردىكى مەسىلىلەرنى ئاللاھنىڭ كىتابى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە قايتۇرۇش ئارقىلىق ئۇ ھەقتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. پىرقىۋازلىق تەرەپتارلىرى ھەقكە قارشى جېدەللىشىشتە دەلىل دەپ كۆتۈرۈۋالغان مۈجمەل ناسلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن كەلگىنىنى قوبۇل قىلىدۇ، قۇرئان ۋە سۈننەتكە قارشى كەلگىنىنى رەت قىلىدۇ. ئەھلى ھەدىس   شەرئىي دەلىلنى ئەمەس، ئەقلىي ئانالىزنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئېيتىلغان سۆز-چۆچەكلەرگە ۋە ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە ئەگەشمەيدۇ. چۈنكى، بۇنداق سۆز چۆچەكلەرگە ئەگىشىش جاھالەتتۇر. ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە تەۋە بولمىغان ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە ئەگىشىش بولسا زۇلۇمدۇر. [مجموع الفتاوى (3 / 347 ، 348 )] شەيخۇل ئىسلامنىڭ بۇ بايانلىرىنىڭ ئەرەبچە تېكىستى ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مەۋجۇت.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ ئەھلى ھەدىس ھەققىدە يەنە مۇنداق دېگەن: بىز «ئەھلى ھەدىس» دېگەندە، پەقەتلا ھەدىسنى ئۆگىنىش، يېزىش ۋە رىۋايەت قىلىشنى تەڭ تۇتقان زاتلارنىلا نەزەر تۇتمايمىز. ھالبۇكى، بىز ھەدىسلەرنى يادلاشقا، چۈشىنىشكە ۋە ھەدىس بويىچە ئەمەل قىلىشقا ھەم باتىنىي، ھەم زاھىرىي نۇقتىدىن ئەھمىيەت بەرگەن ھەر بىر مۆمىننى ئەھلى ھەدىس دەپ بىلىمىز. «قۇرئان ئەھلى» دېيىلگەندىمۇ «ھەدىس ئەھلىگە \ ئەھلى ھەدىسكە» ئوخشاش مەنە بېرىلىدىغان بولۇپ، (ئىككىسى ئوخشاش مەنادا).

ئەھلى ھەدىسنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسكە بولغان مۇھەببىتىدۇر، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ مەنىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىشلىرىنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە توغرىلاپ تۇرۇپ قىلىشىدۇر. (مجموع الفتاوى 4 /95)

ھەدىسلەر بىزگە ئەھلى ھەدىسنىڭ ھاياتى بويىچە جاپا چېكىشى سەۋەبلىك يېتىپ كەلدى

ئىمام بۇخارى بىلەن زامانداش ياشىغان مەشھۇر ھەدىس ئىمامى ئەبۇ ھاتىمنىڭ ھەدىس ئۆگىنىش ۋە توپلاش سەپىرىدىن ئارىيە

ئەبۇ ئابدۇراھمان مۇنداق دەيدۇ: دادام (ئەبۇ ھاتىم رازى)نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: تۇنجى ھەدىس توپلاش سەپىرىم يەتتە يىل داۋاملاشتى. بۇ سەپەرگە يىگىرمە يېشىمدا چىقىپ يەتتە يىل (شەھەرلەر) ئارىسىدا يول يۈردۈم. بۇ سەپەرلىرىمنىڭ ھەممىسىنى پىيادە باستىم. ھىجرىيەنىڭ 213-يىلى رەي شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، مۇشۇ يىلى رامزان ئېيىدا مەككىگە كەلدىم. (تۇنجى قېتىملىق) ھەدىس توپلاش سەپىرىمدە ماڭغان مۇساپەمنى ھېساپلىغان ئىدىم، مىڭ پەرسەختىن كۆپراق چىقتى. (بىر پەرسەخ تەخمىنەن ئالتە كىلومېتىر ئەتراپىدا.) كۆپ قېتىملاپ كۇفەدىن باغداتقا، مەككىدىم مەدىنىگە (پىيادە) سەپەر قىلدىم. ئەمما بۇ شەھەرلەر ئارىسىدا قانچە قېتىم سەپەر قىلغىنىمنى ساناپ باقمىدىم. بەھرەيندىن پىيادە مېڭىپ مىسىرغا باردىم. ئاندىن مىسىردىن راملىگە، راملىدىن بەيتۇلمۇقەددەسكە باردىم. ئاندىن يەنە رەملەدىن ئەسقالانغا، تەبەرىيەگە، تەبەرىيەدىن دەمەشىقكە، دەمەشىقتىن ھۇمۇسقا، ھۇمۇستىن ئانتاكياغا، ئانتاكيادىن تارسۇسقا، تارسۇستىن ھۇمۇسقا، ھۇمۇستىن بەيسانغا، بەيساندىن رەققەگە، رەققىدىن باغداتقا باردىم. شامغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋاسىتتىن نىلغا، نىلدىن كۇفەگە باردىم. ھىجرىيە 221-يىلى (يۇرتۇمغا) قايتىپ كەلدىم. ھىجرىيە 242-يىلى قايتا ھەدىس سەپىرىگە چىقتىم، ئۈچ يىل (شەھەرلەرنى ئارىلاپ) 245-يىلى (يۇرتۇمغا) قايتىپ كەلدىم. (ئەلجەرھۇ ۋەتتەئدىل، 1\359)

ئىمام زەھەبى «سىيەر ئەئلام نۇبەلا» ناملىق ئەسىرىدە ئىمام بۇخارى بىلەن زامانداش ياشىغان مەشھۇر ھەدىس ئىمامى ئەبۇ ھاتىم رازىنىڭ مۇنۇ ۋەقەلىكىنى نەقىل قىلغان:

ئابدۇراھمان مۇنداق دەيدۇ: دادام (ئەبۇ ھاتىم رازى) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ھىجرىيە 214-يىلى  (ھەدىس يولۇچىلىقى جەريانىدا) بەسرەدە سەككىز ئاي تۇردۇم. ئەسلىدە بەسرەدە بىر يىل تۇرۇشنى پىلانلىغان ئىدىم، ئەمما خىراجىتىم تۈگەپ كېتىپ سەككىز ئاي تۇرالىدىم. ھەمراھلىرىمدىن بىرى بىلەن ھەدىس شەيخلىرىنىڭ ئالدىغا باراتتىم ۋە كەچ كىرگۈچە ھەدىس ئاڭلايتتىم. ئاندىن، ھەمراھىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كېلەتتىم. ئۆيدە يېگۈدەك ھېچنەرسەم يوقتى. ئاچلىقىمنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن پەقەتلا سۇ ئىچەتتىم. تاڭ ئاتقىنىدا ھەمراھىم كېلەتتى ۋە قاتتىق ئاچلىق ھالىتىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھەدىس تىڭشاشقا ماڭاتتىم. شۇ كۈنلۈك ھەدىس مۇزاكىرىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەمراھىمدىن ئاچ ھالەتتە ئايرىلاتتىم. ئەتىسى تاڭ سەھەردە ھەمراھىم ئۆيۈمگە كېلىپ «شەيخ بۇ يەرگە كېلىدىغان بولدى» دېدى. مەن «ئەھۋالىم بەك ناچار، بۇنىڭغا ئىمكانىم يوق» دېدىم. «ئەھۋالىڭ قانداق ناچار؟» دەپ سورىدى. ئۇنىڭغا (نەچچە كۈندىن بۇيانقى) ئەھۋالىمنى ئۆز پېتى ئېيتتىم. (شەيخ كەلدى) ئۆيۈمدە تۇرغان دەسلەپكى ئىككى كۈندە ئۇلارنىڭ ئالدىغا يېگۈدەك ھېچنەرسە قويالمىدىم. (شۇ كۈنلەردىن كېيىن) ھەمراھىم «مەندە بىر دىنار بار، يېرىمى سېنىڭ، يېرىمى بىلەن ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەيمىز» دېدى. ئۇ بەرگەن يېرىم دىنار بىلەن بەسرەدىن چىقىپ، (ھەدىس توپلاش) سەپىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم. (سىيەر ئەئلام نۇبەلا، 13\256)

تۆت مۇجتەھىد ئىمامنىڭ سەھىھ ھەدىسكە ئەگىشىش چاقىرىقى

ئىمام ئەبى ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:(إذا صح الحديث فهو مذهبي)«ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.»  (ابن عابدين في «الحاشية» ١ / ٦٣)

ئىمام ئەبى ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (إذا قلت قولا يخالف كتاب الله تعالى وخبر الرسول ﷺ فاتركوا قولي) «ئەگەر مەن بىر ھۆكۈمنى بەرگەن بولۇپ، مېنىڭ بەرگەن بۇ ھۆكۈمۈم ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا ياكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە زىت بولۇپ قالغان بولسا، مېنىڭ بۇنداق ھۆكۈمىمنى چۆرۈپ تاشلاڭلار.» (الفلاني في الإيقاظ ص ٥٠، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:(حرام على من لم يعرف دليلي أن يفتي بكلامي)«دەلىلمنى بىلمىگەن كىشىنىڭ سۆزۈمگە تايىنىپ پەتىۋا بېرىشى ھارامدۇر.» (صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ شاگىرتى قازى ئەبۇ يۈسۈپ رەھىمەھۇللاھقا مۇنداق دېگەن:(ويحك يا يعقوب (هو أبو يوسف) لا تكتب كل ما تسمع مني فإني قد أرى الرأي اليوم وأتركه غدا وأرى الرأي غدا وأتركه بعد غد) «ۋاي ساڭا ئى ئەبۇ يۈسۈپ! مەندىن ئاڭلىغانلىكى سۆزنى يېزىۋەرمە. چۈنكى، مەن بۈگۈن بىر قاراشتا بولۇپ ئەتىسى ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن. ئەتە بىر قاراشتا بولۇپ، ئۆگۈنلۈككە ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن.» (صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)

ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كېيىن ياشىغان ھەرقانداق بىرىنىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنىشىمۇ، ياكى رەت قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. پەقەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىلا شەكسىز قوبۇل قىلىنىدۇ.» (ابن عبد البر في الجامع ٢ / ٩١)

ئىبىن ۋەھب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:«ئىمام مالىكتىن تاھارەت ئالغاندا بارماقلار ئارىسىنى پاكىزلاش ھەققىدە سورالغاندا، مەن ئۇنىڭ»رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنداق قىلمىغان» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، تاكى كىشىلەرئۇنىڭ يېنىدىن كەتمىگۈچە ئۇنىڭ يېنىغا كەلمىدىم. (كىشىلەر تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن) ئۇنىڭغا»بىز بۇ ئىشنىڭ سۈننەتتە ئورنى بارلىقىنى بىلىمىز»دېدىم. ئىمام مالىك ماڭا»قېنى سۆزلەپ باققىن»دېدى. مەن«لەيس ئىبىن سەئد، ئىبىن لاھىئ ۋە ئەمر ئىبىن ھارىس بىزگە يەزىد ئىبىن ئەمر ئەل مەئفىرىدىن، ئۇ ئەبۇ ئابدۇرراھمان ھۇبۇلىدىن، ئۇ مۇستەد ئىبىن شەدداد ئەلقۇرەشى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ»مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (تاھارەت ئالغاندا) قولىنىڭ كىچىك بارمىقى بىلەن پۇت بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلاپ يۇغانلىقىنى كۆردۈم»دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىپ بەردى»دېدىم. ئىمام مالىك ماڭا»بۇ سەھىھ ھەدىس ئىكەن. مەن تا ھازىرغىچە بۇ ھەدىسنىڭ ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم»دېدى. كېيىن، ئىمام مالىكتىن تاھارەت ئالغاندا بارماقلارنىڭ ئارىسىنى يۇيۇش ھەققىدە سورالغاندا، ئۇنىڭ بارماقلار ئارىسىنى يۇيۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئاڭلىدىم.» (مقدمة الجرح والتعديل لابن أبي حاتم ص ٣١ – ٣٢)

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا ئىتتىپاقا كەلدىكى، ئەگەر بىر كىشىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدىن بىرى يەتسە، ئۇ كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىنى تاشلاپ، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئېسىلىۋېلىشى ھالال ئەمەس.»(الفلاني ص ٦٨، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (إذا صح الحديث فهو مذهبي)«ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.» (النووي ١ / ٦٣،صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني )

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىتابىمدا ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتىگە زىت بىرەر نەرسە بايقىساڭلار، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتى بويىچە ئەمەل قىلىڭلار، مېنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىمنى تاشلاڭلار.»  (النووي في المجموع ١ / ٦٣)

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (كل مسألة صح فيها الخبر عن رسول الله ﷺ عند أهل النقل بخلاف ما قلت فأنا راجع عنها في حياتي وبعد موتي) «ھەدىس ئالىملىرى تەرىپىدىن مېنىڭ كۆز قارىشىمغا قارشى بولغان سەھىھ ھەدىس رىۋايەت قىلىنسا، مەن ھەدىسكە خىلاپ كۆز قاراشلىرىمدىن ھاياتىمدىمۇ، ئۆلۈمىمدىن كېيىنمۇ ۋاز كەچتىم.» (أبو نعيم في الحلية ٩ / ١٠٧؛ صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېگەن: (كل حديث عن النبي ﷺ فهو قولي وإن لم تسمعوه مني)«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ھەر قانداق سەھىھ ھەدىس كەلگەن بولسا، مېنىڭ ھۆكۈمۈممۇ شۇ سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاشتۇر. ھەتتا، سىلەر مەندىن بۇنداق ھۆكۈمنى ئاڭلىمىغان بولساڭلارمۇ شۇنداق.» (يەنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر سەھىھ ھەدىسى سىلەرگە يېتىپ كەلسە، سىلەر شەيخ ئەبۇ ئىدرىسكە (ئىمام شافىينىڭ كۇنيەسى) بۇ ھەدىس يېتىپ كەلگەن بولسا، مۇشۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە پەتىۋا بەرگەن بولاتتى، دەپ بىلىڭلار، دېمەكچى.) (ابن أبي حاتم ٩٣ – ٩٤؛صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (من رد حديث رسول الله ﷺ فهو على شفا هلكة) «كىم ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەدىسىنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ ھالاكەتنىڭ بوسۇغىسىدىدۇر.»(ابن الجوزي في المناقب (ص ١٨٢)

ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:

{مَّن يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّ}{كىمكى رەسۇلۇللاھگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ﷲ قا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.} (سۈرە نىسا، 80-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)

{قُلْتُمْ أَنَّىٰ هَٰذَا ۖ قُلْ هُوَ مِنْ عِندِ أَنفُسِكُمْ}{سىلەر يەنە: «بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟» دېدىڭلار. ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە دۇنياغا ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى».} (سۈرە ئالى ئىمران، 165-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)

{فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ}{رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن.} (سۈرە نۇر، 63-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)

{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا تَنَاجَيْتُمْ فَلَا تَتَنَاجَوْا بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَمَعْصِيَتِ الرَّسُولِ}{…زۇلۇم ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدا پىچىرلاشماڭلار.} (سۈرە ھەدىد، 9-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)

{وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ}{ﷲ نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، رەسۇلۇللاھگە ئىتائەت قىلىڭلار.} (سۈرە نۇر، 56-ئايەت)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلسا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلمىسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىغان بولىدۇ…» (بۇخارى 2957، مۇسلىم 1835، نەسائىي 5510، ئىبنى ماجە 2859، ئىمام ئەھمەد 2\387)

خەتىيب باغدادى رەھىمەھۇللاھنىڭ ئەھلى ھەدىس ھەققىدىكى بايانىنىڭ ئەرەپچە ئەسلى نۇسخىسى:

قال الخطيب البغدادي :

وقد جعل الله تعالى أهله – يعني : أهل الحديث – أركان الشريعة وهدم بهم كل بدعة شنيعة ، فهم أمناء الله من خليقته ، والواسطة بين النبي صلى الله عليه وسلم وأمته ، والمجتهدون في حفظ ملته ، أنوارهم زاهرة ، وفضائلهم سائرة ، وآياتهم باهرة ، ومذاهبهم ظاهرة ، وحججهم قاهرة ، وكل فئة تتحيز إلى هوى ترجع إليه أو تستحسن رأياً تعكف عليه سوى أصحاب الحديث فإن الكتاب عدتهم ، والسنَّة حجتهم ، والرسول فئتهم ، وإليه نسبتهم ، لا يعرجون على الأهواء ، ولا يلتفتون إلى الآراء ، يقبل منهم ما رووا عن الرسول ، وهم المأمونون عليه والعدول ، حفظة الدين وخزنته ، وأوعية العلم وحملته ، إذا اختلف في حديث كان إليهم الرجوع ، فما حكموا به فهو المقبول المسموع ، ومنهم كل عالم فقيه ، وإمام رفيع نبيه ، وزاهد في قبيلة ، ومخصوص بفضيلة ، وقارئ متقن ، وخطيب محسن ، وهم الجمهور العظيم ، وسبيلهم السبيل المستقيم ، وكل مبتدع باعتقادهم يتظاهر ، وعلى الإفصاح بغير مذاهبهم لا يتجاسر ، من كادهم قصمه الله ، ومن عاندهم خذله الله ، لا يضرهم من خذلهم ، ولا يفلح من اعتزلهم ، المحتاط لدينه إلى إرشادهم فقير ، وبصر الناظر بالسوء إليهم حسير ، وإن الله على نصرهم لقدير .

» شرف أصحاب الحديث » ( ص 15 ) .

شەيخۇل ئىسلامنىڭ ئەھلى سۈننەت ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ ئەرەپچە تېكىستى

قال شيخ الإسلام ابن تيمية :

وبهذا يتبين أن أحق الناس بأن تكون هي الفرقة الناجية » أهل الحديث والسنة » الذين ليس لهم متبوع يتعصبون له إلا رسول الله صلى الله عليه وسلم ، وهم أعلم الناس بأقواله وأحواله ، وأعظمهم تمييزاً بين صحيحها وسقيمها ، وأئمتهم فقهاء فيها ، وأهل معرفة بمعانيها ، واتباعاً لها : تصديقاً وعملاً وحبّاً وموالاة لمن والاها ومعاداة لمن عاداها الذين يرون المقالات المجملة إلى ما جاء به من الكتاب والحكمة ، فلا ينصبون مقالة ويجعلونها من أصول دينهم وجمل كلامهم إن لم تكن ثابتة فيما جاء به الرسول ، بل يجعلون ما بعث به الرسول من الكتاب والحكمة هو الأصل الذي يعتقدونه ويعتمدونه ، وما تنازع فيه الناس من مسائل الصفات والقدر والوعيد والأسماء والأمر بالمعروف والنهي عن المنكر وغير ذلك يردونه إلى الله ورسوله ، ويفسرون الألفاظ المجملة التي تنازع فيها أهل التفرق والاختلاف ، فما كان من معانيها موافقاً للكتاب والسنَّة أثبتوه ، وما كان منها مخالفاً للكتاب والسنَّة أبطلوه ، ولا يتبعون الظن وما تهوى الانفس ؛ فإن اتباع الظن جهل واتباع هوى النفس بغير هدى من الله ظلم .

» مجموع الفتاوى » ( 3 / 347 ، 348 ) .

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ