قۇرئان كەرىم 11-بەت تەرجىمە تەپسىرى | سۈرە بەقەرەنىڭ 70-ئايىتىدىن 76-ئايىتىگىچە

2|70|قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا هِيَ إِنَّ الْبَقَرَ تَشَابَهَ عَلَيْنَا وَإِنَّا إِنْ شَاءَ اللَّهُ لَمُهْتَدُونَ

ئۇلار (مۇساغا) ئېيتتى:«بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن. بوغۇزلانماقچى بولغان ئىنەكنىڭ قانداق ئىنەك ئىكەنلىكىنى بىزگە تېخىمۇ ئېنىق دەپ بەرسۇن. چۈنكى، بىزگە نىسبەتەن (بۇ خىل ئالاھىدىلىكتىكى نۇرغۇن) ئىنەك بىر-بىرىگە ئوخشىشىدۇ. (تېخىمۇ ئېنىق بايان قىلىنغان تەقدىردە) ئاللاھ خالىسا توغرىنى تاپقۇچىلاردىن بولىمىز.»

2|71|قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَا ذَلُولٌ تُثِيرُ الْأَرْضَ وَلَا تَسْقِي الْحَرْثَ مُسَلَّمَةٌ لَا شِيَةَ فِيهَا قَالُوا الْآنَ جِئْتَ بِالْحَقِّ فَذَبَحُوهَا وَمَا كَادُوا يَفْعَلُونَ

مۇسا ئېيتتى:«ئاللاھ دېدىكى، ئۇ شۇنداق بىر ئىنەككى ئىشقا سېلىنمىغان، يەر ھەيدەشكە ۋەياكى ئېتىزلارنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن سۇ توشۇشقا سېلىنمىغان، قۇسۇرسىز ۋە ئالىسى يوقتۇر.» ئۇلار «مانا ئەمدى ھەقنى ئېلىپ كەلدىڭ» دېيىشتى. ئاقىۋەتتە، ئۇ ئىنەكنى (تېپىپ) بوغۇزلىدى. بىراق، (ئىشنى تەسلەشتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك1) ئېيتىلغان ئىنەكنى تېپىپ بوغۇزلاشنى بەجا كەلتۈرەلمىگىلى تاس قالدى. [1. تەپسىر سەئدى]

2|72|وَإِذْ قَتَلْتُمْ نَفْسًا فَادَّارَأْتُمْ فِيهَا وَاللَّهُ مُخْرِجٌ مَا كُنْتُمْ تَكْتُمُونَ

ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە قاتىلنىڭ كىملىكى توغرىسىدا دەتالاش قىلغان ئىدىڭلار. بىراق، ئاللاھ سىلەر يوشۇرغان ئىشنى ئاشكارىلىماقچى ئىدى.

2|73|فَقُلْنَا اضْرِبُوهُ بِبَعْضِهَا كَذَلِكَ يُحْيِي اللَّهُ الْمَوْتَى وَيُرِيكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ

بۇ سەۋەبلىك «بوغۇزلانغان كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلتۈرۈلگۈچىنى ئۇرۇڭلار»  (چۈنكى، ئۆلتۈرۈلگۈچى مۇشۇ ئارقىلىق تىرىلدۈرۈلىدۇ ۋە سىلەرگە ئۆزىنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى دەپ بېرىدۇ1) دېدۇق. (ئۇلار ئۆلۈكنى ئىنەكنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۇردى. ئاللاھ ئۇنى تىرىلدۈردى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى  ئاشكارىلىدى2) ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى مانا مۇشۇنداق تىرىلدۈرىدۇ. ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ قۇدرىتىنىڭ مۇكەممەلىكىنى بىلدۈرىدىغان مۆجىزىلىرىنى سىلەرگە مانا مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ. (ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈشى ئاللاھنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىنىڭ كەسكىن دەلىلىدۇر3.) [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2-3،- تەپسىر سەئدى]

2|74|ثُمَّ قَسَتْ قُلُوبُكُمْ مِنْ بَعْدِ ذَلِكَ فَهِيَ كَالْحِجَارَةِ أَوْ أَشَدُّ قَسْوَةً وَإِنَّ مِنَ الْحِجَارَةِ لَمَا يَتَفَجَّرُ مِنْهُ الْأَنْهَارُ وَإِنَّ مِنْهَا لَمَا يَشَّقَّقُ فَيَخْرُجُ مِنْهُ الْمَاءُ وَإِنَّ مِنْهَا لَمَا يَهْبِطُ مِنْ خَشْيَةِ اللَّهِ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ

(بىراق، سىلەر بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمىدىڭلار1) شۇ خىل مۆجىزىلەردىن كېيىنمۇ قەلبىڭلار (يۇمشاشنىڭ ئەكسىچە2) يەنە قاتتىقلاشتى (يەنى، تاشتەك، ھەتتا تاشتىنمۇ قاتتىقلىشىپ كەتتى. تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن سۇ ئېتىلىپ چىقىپ ئېرىقلارنى ھاسىل قىلىدىغان تاشلار بار؛ يەنە شۇنداق تاشلار باركى، يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ چىقىدۇ. شۇنداق تاشلارمۇ باركى، ئاللاھتىن قورقۇپ، ئۇلۇغلىقىدىن ئەيمىنىپ (تاغ چوققىلىرىدىن3) دومىلاپ چۈشىدۇ. (مانا بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردىن تاش ياخشىراقتۇر4.) ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىڭلاردىن بىخەۋەر ئەمەستۇر (ئاللاھ چوڭ-كىچىك بارلىق ئەمەللىرىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى، ئىش-ھەرىكەتلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچى زاتتۇر5.) [ 1-،2-،3- تەپسىر مۇيەسسەر 4-، 5-تەپسىر سەئدى]

2|75|أَفَتَطْمَعُونَ أَنْ يُؤْمِنُوا لَكُمْ وَقَدْ كَانَ فَرِيقٌ مِنْهُمْ يَسْمَعُونَ كَلَامَ اللَّهِ ثُمَّ يُحَرِّفُونَهُ مِنْ بَعْدِ مَا عَقَلُوهُ وَهُمْ يَعْلَمُونَ

(ئى مۇسۇلمانلار1! يەھۇدىيلارنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق تۇرسا) ئۇلارنىڭ سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلاردىن بىر قىسىمى ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلايتتى ۋە ئاڭلىغانلىرىنى چۈشەنگەندىن كېيىن بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتىۋېتەتتى. (يەنى، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ سۆزىگە ئاللاھ مەقسەت قىلمىغان مەنەنى بېرىش ئارقىلىق ئاللاھ سۆزىنى ئۆزگەرتەتتى2. نەتىجىدە كىشىلەرگە ئاللاھ نازىل قىلمىغان سۆزلەرنى ئاللاھ نازىل قىلغاندەك كۆرسىتىشكە تىرىشاتتى3) [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2. تەپسىر سەئدى، تەپسىر مۇيەسسەر 3. تەپسىر سەئدى

2|76|وَإِذَا لَقُوا الَّذِينَ آمَنُوا قَالُوا آمَنَّا وَإِذَا خَلَا بَعْضُهُمْ إِلَى بَعْضٍ قَالُوا أَتُحَدِّثُونَهُمْ بِمَا فَتَحَ اللَّهُ عَلَيْكُمْ لِيُحَاجُّوكُمْ بِهِ عِنْدَ رَبِّكُمْ أَفَلَا تَعْقِلُونَ

(ئاللاھ ئەھلى كىتابلار ئارىسىدىكى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋالغان مۇناپىقلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ1) ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا (قەلبىدە ئىماندىن ئەسەرمۇ يوق ھالدا پەقەت تىلىدىلا2) «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويۇپ، ئۆز ئىچىدە يالغۇز قالغىنىدا  (يەنى، ئارىسىدا ئۆز دىنداشلىرىدىن باشقا ھېچكىم بولمىغان چاغدا3) بولسا «مۆمىنلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ سىلەرگە نازىل قىلغانلىرىنى مۆمىنلەرگە دەپ بېرىۋاتامسىلەر؟ ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟»  (يەنى، ئۆزۈڭلارنىڭ زىيىنىغا ھۆججەت بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن \ سۆزلەرنى دېيىشتىن ۋاز كەچمەمسىلەر؟4) دېيىشىدۇ.

« پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىشى ئۈچۈن» — يەنى، مۆمىنلەرنىڭ ئەھلى كىتاب بىز ماڭغان يولنى ھەق يول دەپ قوبۇل قىلىپ، ئۆز يولىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدى، دەپ، بۇنى رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىدا بىزگە قارشى دەلىل كۆرسىتىشى ئۈچۈن5. [1-،2-،3-،4- تەپسىر سەئدى]

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ