قۇرئان كەرىم 12-بەت تەرجىمە تەپسىرى | سۈرە بەقەرەنىڭ 77-ئايىتىدىن 83-ئايىتىگىچە

2|77|أَوَلَا يَعْلَمُونَ أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ

ئۇلار ئاللاھنىڭ ھەم ئۆزلىرى يوشۇرغانلىرىنى، ھەم ئاشكارا قىلغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟

2|78|وَمِنْهُمْ أُمِّيُّونَ لَا يَعْلَمُونَ الْكِتَابَ إِلَّا أَمَانِيَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ

ئۇلارنىڭ (يەنى ئەھلى كىتابنىڭ1) ئارىسىدىكى ساۋادسىزلار كىتاب ھەققىدە (يەنى كىتابتىكى ھۆكۈملەر ھەققىدە2، ئالىملىرى كىتابتا بار دەپ يېزىۋالغان3) يالغان-توقۇلمىلاردىن باشقىنى نەرسىنى بىلمەيدۇ، (ئاللاھنىڭ كىتابىدا بولمىغان نەرسىلەر ھەققىدە4) پەقەت گۇمان قىلىىشدۇ. (ئۆزى كىتابتا بولۇشىنى ئارزۇلىغان نەرسىلەرنى تىلغا ئېلىپ «ئاللاھنىڭ كىتابىدا مۇشۇنداق بار» دېيىشىدۇ5).

يەھۇدىيلارنىڭ ئاۋامى پەقەت ئالىملىرى توقۇپ بەرگەن توقۇلمىدىن باشقىنى بىلمەيدۇ، ئالىملىرىنى قارىغۇلارچە تەقلىت قىلىشنىلا بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ كىتابى ھەققىدە ئەسلا سەمىمىيەت كۆرسەتمەي، ئۆز كۆڭلى تارتقان نەرسىنى ئاللاھنىڭ كىتابىدا بار دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالىملىرى ئۆزلىرى مېڭىۋاتقان ئازغۇنلۇققا مەھكەم ئېسىلغاندۇر. بۇ سەۋەبلىك، ئى مۆمىنلەر، يەھۇدىيلارنىڭ ئاۋاملىرىدىنمۇ، ئالىملىرىدىنمۇ ھەق كەلسە ئىمان ئېيتىدۇ دەپ ئۈمىدۋار بولۇپ قالماڭلار6.

مەزكۇر ئايەت ۋە بۇنىڭدىن ئاۋۋال ئۆتكەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا يەھۇدىيلارنىڭ ئالىملىرىنى، ئاۋاملىرىنى، مۇناپىقلىرىنى ۋە مۇناپىقلىق قىلمايدىغانلىرىنى بايان قىلماقتا7. [1. تەپسىر سەئدى 2. زادۇل مەسىير 3. تەپسىر بەغەۋى 4-، 5- تەپسىر ئىبنى كەسىر 6-، 7- تەپسىر سەئدى]

2|79|فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ يَكْتُبُونَ الْكِتَابَ بِأَيْدِيهِمْ ثُمَّ يَقُولُونَ هَذَا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ لِيَشْتَرُوا بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا فَوَيْلٌ لَهُمْ مِمَّا كَتَبَتْ أَيْدِيهِمْ وَوَيْلٌ لَهُمْ مِمَّا يَكْسِبُونَ

(ئاللاھ يەھۇدىيلارنىڭ ئالىملىرى ئىچىدىكى كىتابتىكى ھۆكۈملەرنى بۇرمىلاپ، مەنىسىنى ئۆزگەرتىپ يازغانلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ1) ئۆز قولى بىلەن كىتابنى يېزىپ، ئارقىسىدىن يازغانلىرىنى ئازغىنە مەنپەئەتكە ساتالاش ئۈچۈن «بۇ ئاللاھتىن كەلگەن» دەيدىغانلارنىڭ ۋاي ھالىغا! قوللىرى بىلەن يازغان نەرسىلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي، بۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي.

(بىز «ۋاي» دەپ تەرجىمە قىلغان كەلىمىنىڭ ئەسلىسى «ۋەيل» بولۇپ، ۋەيل — شىددەتلىك ئازاب ۋە پۇشايماننى كۆرسىتىدىغان، ئېغىر تەھدىتنى ئىپادىلەيدىغان كەلىمىدۇر2.)

«ئازغىنە مەنپەئەت» — دۇنيا ئۆز ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەر بىلەن قوشۇپ، ئازغىنە مەنپەئەتتۇر3. [1-، 2- تەپسىر سەئدى؛ 3. تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر سەئدى]

2|80|وَقَالُوا لَنْ تَمَسَّنَا النَّارُ إِلَّا أَيَّامًا مَعْدُودَةً قُلْ أَتَّخَذْتُمْ عِنْدَ اللَّهِ عَهْدًا فَلَنْ يُخْلِفَ اللَّهُ عَهْدَهُ أَمْ تَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ

ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك كۇفۇر، نىمەتكە تۇزكورلۇق قىلىش، ئاللاھتىن كەلگەن ھەقكە ئۇنىماي تۇرۇۋېلىش، ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ھېچنەرسە بىلمەسلىك، بىلگەنلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىش، ئاللاھنىڭ ئالداشقا ئورۇنۇش قاتارلىق رەزىل قىلمىشىرى بولۇشىغا قارىماي) «دوزاخ ئوتى بىزنى پەقەت بىزنى بىر قانچە كۈنلا كۆيدۈرىدۇ» (بىر نەچچە كۈن دوزاختا كۆيۈپ بولۇپلا، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىمىز1) دېيىشىدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا «بۇ ھەقتە ئاللاھتىن ۋەدە ئالغان ئوخشىمامسىلەر؟» (ئەگەر ئاللاھنىڭ سىلەرگە مۇشۇنداق ۋەدىسى بولسا2) ئاللاھ ئەلۋەتتە ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان ئىشتا ئاللاھ نامىدا سۆزلەۋاتامسىلەر؟» دېگىن. [1،2- تەپسىر ئىبنى كەسىر]

2|81|بَلَى مَنْ كَسَبَ سَيِّئَةً وَأَحَاطَتْ بِهِ خَطِيئَتُهُ فَأُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ

ئەھۋال سىلەرنىڭ ئېيتقىنىڭلاردەك ئەمەس1 (ئېيتقانلىرىڭلارنىڭ ھەقكە ئۇيغۇن ھېچيېرى يوق2)، كىم بىر يامانلىق قىلسا ۋە گۇناھلىرى ئۇنى تامامەن قورشىۋالغان بولسا، مانا بۇ خىل كىشىلەر دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.

ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى مەزكۇر ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇندق دېگەن: ئايەتتىكى «يامانلىق» ھەم شىركنى، ھەم ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما، بۇ ئايەتتە «يامانلىق» ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. گۇناھنىڭ بەندىنى پۈتۈنلەي قورشىۋېلىشىدىن مەقسەت — گۇناھنىڭ ئۇ گۇناھنى قىلغۇچىنى ھېچقانداق چىقىش يولىغا ۋە نىجاتلىقققا ئېرىشەلمەيدىغان شەكىلدە قورشىۋېلىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ پەقەت شىرك ئۈچۈن شۇنداق. چۈنكى، ئىمان ساھىبىنى گۇناھ ھېچقاچان پۈتۈنلەي قورشىۋالالمايدۇ.

خاۋارىجلار مۇشۇ ئايەتنى چوڭ گۇناھ قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىغا دەلىل قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئايەتنىڭ شىرك ھەققىدە ئىكەنلىكى ئوپئوچۇق بولغانلىقتىن، ئايەت بۇنداق داۋا قىلغۇچىنىڭ قارشىسىغا دەلىلدۇر3. [1-، 2-، 3- تەپسىر سەئدى]

2|82|وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ

ئىمان ئېيتىپ سالىھ ئەمەل قىلغانلار جەننەت ئەھلى بولۇپ، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ.

ھەر قانداق ئەمەل تۆۋەندىكى ئىككى شەرت تېپىلمىغۇچە سالىھ ئەمەل بولالمايدۇ. ئەمەلنىڭ سالىھ بولۇشى ئۈچۈن، (1) قىلىنغان ئەمەل پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىلا كۆزلەنگەن ئاساستا ئىخلاس بىلەن قىلىنغان بولۇشى، (2) قىلىنغان ئەمەل ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە قىلىنغان (بىدئەتلەردىن ئۇزاق بولغان) بولۇشى لازىم-س.

مەزكۇر ئىككى ئايەتنىڭ خۇلاسىسى شۇكى: نىجاتلىققا ۋە ئۆزلىرى ئۈمىد قىلغان مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلار— ئىمان ئېيتقان ۋە سالىھ ئەمەل قىلغانلاردۇر. ھالاك بولۇپ، دوزاخ ئەھلىدىن بولىدىغانلار — ئاللاھقا شىرك قوشىدىغان، ئاللاھنى (ئاللاھ بەلگىلىگەن ھۆكۈملەرنى) ئىنكار قىلىدىغانلاردۇر. (تەپسىر سەئدى)

2|83|وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ لَا تَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَقُولُوا لِلنَّاسِ حُسْنًا وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْكُمْ وَأَنْتُمْ مُعْرِضُونَ

ئۆز ۋاقتىدا بىز بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىن «ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلمايسىلەر، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىسىلەر، شۇنداقلا ئۇرۇق-تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە ۋە مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىسىلەر. كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىسىلەر، نامازنى كامىل ئادا قىلىپ، زاكاتنى بېرىسىلەر» دەپ ۋەدە ئالدۇق. بۇ ۋەدىنى بەرگەندىن كېيىن، سىلەردىن ئازغىنە كىشلەردىن باشقىسى بەرگەن ۋەدەڭلەرنى چۆرۈپ تاشلىدىڭلار. سىلەر ھەر دائىم بەرگەن ۋەدىسىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردىن بولدۇڭلار.

ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئايەتتىكى بۇيرۇقلار بارچە شەرىئەتلەردە بۇيرۇلغان دىننىڭ ئاساسلىرىدىندۇر. چۈنكى، مەزكۇر ئايەتتىكىسى بۇيرۇقلار ھەر زاماندا ۋە ھەر ماكاندا ئومۇمىي مەنپەئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈملەردۇر.

بۇ ئايەتتە ئاللاھ يالغۇز ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشنى بۇيرۇدى، ئۆزىگە شىرك كەلتۈرۈشنى چەكلىدى. ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى شىرك كەلتۈرمەسلىك دىننىڭ ئاساسىدۇر. ئەمەللەر بۇ ئاساسقا تايانغان ھالدا قىلىنمىسا، ھەر قانداق ئەمەل قوبۇل بولمايدۇ. چۈنكى، بەندىلەرنىڭ ئاللاھقا ھېچنەرسىنى شىرك كەلتۈرمىگەن ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشى ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققىدۇر.

«ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىسىلەر» — بۇ بۇيرۇق ئاتا-ئانىغا ھەم سۆز ئارقىلىق، ھەم ئىش ھەرىكەت ئارقىلىق ياخشىلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا، بۇ ئايەت ئاتا-ئانىغا يامانلىق قىلىشنى چەكلىمەكتە؛ ھەمدە، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق يامانلىق قىلىشنىمۇ چەكلىمەكتە. چۈنكى، پەرزەنتكە بۇ جەھەتتە پەرز بولغىنى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش بولۇپ، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئەكسى ئىككى ئىشتۇر: (1) ئاتا-ئانىغا يامانلىق قىلىش بولۇپ، بۇ چوڭ گۇناھتۇر \ گۇناھى كەبىرىدۇر. (2) ئاتا-ئانىغا يامانلىق قىلماسلىق، ئەمما ياخشىلىق قىلىشنى تەرك ئېتىشتۇر. ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەرك ئېتىشمۇ ھارامدۇر، بىراق، بۇنىڭ گۇناھى ئاتا-ئانىغا يامانلىق قىلىشنىڭ گۇناھىدىن يېنىكراق.

ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ، يېتىملەرنىڭ، يوقسۇل\مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش جەھەتتىمۇ ئىش يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزغا ئوخشاش.

«كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىسىلەر» — كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىش — ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش، ئىلىم ئۆگىتىش، سالاملىشىشنى كەڭرى يېيىش، تاتلىق تىل ۋە ھەر تۈرلۈك ياخشى سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشى ھەممە ئىنسانلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كېلىدىغانلىقى سەۋەبلىك، «كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىش» ئەمرى كىشىنىڭ ھەر بىر ئىنسانغا ياخشىلىق قىلالىشىغا كۈچى يېتىدىغان ئىشقا قىلىنغان بۇيرۇقتۇر، بۇ بولسىمۇ كىشىلەرگە تىلى \ سۆزى ئارقىلىق ياخشىلىق قىلىشىدۇر. (تەپسىر سەئدى)

ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەشۋىق قىلىپ، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشنى چەكلىگەن بەزى ھەدىسلەر

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «قايسى ئەمەل ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈكتۇر؟» دەپ سورىۋىدىم «ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز» دېدى. «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدىم «ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دېدى. «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدىم «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش» دېدى. (بۇخارى 5970؛ مۇسلىم 85)

ئەتا ئىبنى يەسار مۇنداق دەيدۇ: بىرەيلەن ئىبنى ئابباسنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دەپ پەتىۋا سورىدى: مەن بىر ئايالغا توي تەكلىپى قويغان ئىدىم، بىراق مېنى رەت قىلدى. كېيىن، مەندىن باشقا بىرەيلەن ئۇنىڭغا توي تەلىپى قويغان ئىدى، ئۇ ئايال ئۇنى قوبۇل قىلىپ، نىكاھىغا ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن، مەن (غەزەپلەنگەنلىكىم سەۋەبلىك) ئۇ ئايالنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم. ئەمدىلىكتە مېنىڭ تەۋبە قىلىشىمغا يول بارمۇ؟» ئىبنى ئابباس ئۇنىڭدىن «ئاناڭ ھاياتمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى «ياق» دېدى. ئىبنى ئابباس «ئاللاھقا تەۋبە قىلغىن، قولۇڭدىن كېلىشىچە (ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا تىرىشقىن» دېدى. ئۇ كىشى كەتكەندىن كېيىن، ئىبنى ئابباستىن «نېمىشقا ئۇنىڭدىن ئاناڭ ھاياتمۇ دەپ سورايلا؟» دېۋىدىم، ئىبنى ئابباس «چۈنكى مەن كىشىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشتا، ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان باشقا ئەمەلنى بىلمەيمەن» دېدى. (بۇخارى — ئەدەب ئەلمۇفرەد 4)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: چۆلدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلاردىن بىرى كېلىپ «ئى رەسۇلۇللاھ! چوڭ گۇناھلار قايسىلار؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «ئاللاھقا شېرىك قوشۇش» دېدى. ئۇ كىشى «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدى «ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش» دېدى. «ئاندىنچۇ؟» دېۋىدى «يالغاندىن قەسەم ئىچىش» دېدى. (بۇخارى 6920)

تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمر ئىبنى جۇھەنىدىن مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: بىرەيلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇسام، رامزان روزىسىنى تۇتسام، زاكاتنى بەرسەم، بەيتۇللاھنى ھەج قىلسام (بۇنىڭ مۇكاپاتى) قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «بۇنداق قىلغان كىشى ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي، ئۇنى قاقشاتقۇچىلاردىن بولمىغانلا تەقدىردە، (قىيامەت كۈنى جەننەتتە) سىددىقلار ۋە شەھىدلەر بىلەن بىللە بولىدۇ» دېدى. (مۇسنەد ئەھمەد 39\523؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3438)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:«ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچى جەننەتكە كىرمەيدۇ. تەقدىرنى ئىنكار قىلغۇچىمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ.» (مۇسنەد ئەبۇ داۋۇد تەيالىسى 1227؛ ئىبنى ئەبى ئاسىم «سۈننەت» 323؛ مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 27484؛ مۇسنەد بەززار 4106)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ، ئۇنى قاقشاتقۇچىغا لەنەت قىلدى.» (مۇسلىم 1978؛ ھاكىم – مۇستەدرەك 7254)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشى كىچىك ئىش چاغلاپ يامان سۆزدىن بىرنى دەيدۇ. شۇ سۆزى ئۇنىڭ دوزاخنىڭ يەتمىش يىللىق چوڭقۇرىغا چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.» (تىرمىزى 2314)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ