2|84|وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَكُمْ لَا تَسْفِكُونَ دِمَاءَكُمْ وَلَا تُخْرِجُونَ أَنْفُسَكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ ثُمَّ أَقْرَرْتُمْ وَأَنْتُمْ تَشْهَدُونَ
(ئى بەنى ئىسرائىل قەۋمى) ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەردىن «بىر-بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقارمايسىلەر» دەپ ۋەدە ئالغان ئىدۇق، سىلەر بۇنى قوبۇل قىلىپ (بەرگەن ۋەدەڭلارغا) گۇۋاھچى بولغان ئىدىڭلار.
2|85|ثُمَّ أَنْتُمْ هَؤُلَاءِ تَقْتُلُونَ أَنْفُسَكُمْ وَتُخْرِجُونَ فَرِيقًا مِنْكُمْ مِنْ دِيَارِهِمْ تَظَاهَرُونَ عَلَيْهِمْ بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَإِنْ يَأْتُوكُمْ أُسَارَى تُفَادُوهُمْ وَهُوَ مُحَرَّمٌ عَلَيْكُمْ إِخْرَاجُهُمْ أَفَتُؤْمِنُونَ بِبَعْضِ الْكِتَابِ وَتَكْفُرُونَ بِبَعْضٍ فَمَا جَزَاءُ مَنْ يَفْعَلُ ذَلِكَ مِنْكُمْ إِلَّا خِزْيٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يُرَدُّونَ إِلَى أَشَدِّ الْعَذَابِ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
كېيىن سىلەر بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئۆزۈڭلاردىن بولغان بىر پىرقىنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار. گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن ئۇلارغا دۈشمەنلەشكۈچىلەرگە ياردەم بەردىڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئەسىر سۈپىتىدە كەلسە فىديە بېرىپ ئۇلارنى قۇتقۇزىسىلەر. ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى. سىلەر كىتابنىڭ بىر قىسىمىغا ئىمان ئېيتىپ، بىر قىسىمىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن كىتابنىڭ بىر قىسىمىغا ئىمان ئېيتىپ، بىر قىسىمىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ جازاسى دۇنيادا خارلىققا قېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. قىيامەت كۈنى بولسا، بۇنداق قىلغۇچىلار قىيامەت كۈنى ئەڭ ئېغىر جازاغا مەھكۇم بولىدۇ. ئاللاھ قىلمىشلىرىڭلاردىن بىخەۋەر ئەمەستۇر.
ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن: مەزكۇر ئايەتتە بايان قىلىنغان ئەھۋال مەدىنەدە ۋەھىي نازىل بولۇپ تۇرىۋاتقان پەيتتە ياشاۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ ئەھۋالىدۇر.
مەدىنىلىك ئەنسارلار ئەۋس ۋە خەزرەجدىن ئىبارەت ئىككى قەبىلىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن ئىلگىرى مۇشرىك ئىدى، جاھىلىيەت ئادىتى سەۋەبىدىن بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشاتتى. بۇ ئىككى قەبىلىنىڭ بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش ھالىتى داۋالىشىۋاتقان پەيتتە يەھۇدىيلارنىڭ بەنى قۇرەيزە، بەنى نەزىر ۋە بەنى قاينۇقا قاتارلىق ئۈچ قەبىلىسى ئەنسارلار ياشاۋاتقان مەدىنىگە (ئىلگىرىكى ئىسمنى يەسرىپ) كېلىپ يەرلەشكەن ئىدى. نەتىجىدە، بۇ ئۈچ يەھۇدىي قەبىلىسىنىڭ بىر قىسىمى ئەۋس قەبىلىسى بىلەن، باشقا قىسىمى بولسا خەزرەج قەبىلىسى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىپ، ئەگەر مەدىنىدىكى بۇ ئىككى ئەرەپ قەبىلىسى بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلسا، مەزكۇر ئۈچ يەھۇدىي قەبىلىسىنىڭ ھەر بىرى ئۆزى ئىتتىپاقداشلىق ئورناتقان قەبىلىگە ياردەمدە بولۇشنى ۋەدىلەشتى. ئىككى ئەرەپ قەبىلىسىنىڭمۇ ئوخشاش رەۋىشتە بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشقان يەھۇدىي قەبىلىلىرىدىن ئۆزى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق تۈزۈشكەن يەھۇدىي قەبىلىسىگە ياردەم بېرەتتى. بۇ سەۋەبلىك، بىر يەھۇدىي باشقا يەھۇدىينى ئۆلتۈرەلەيتتى. ناۋادا ھەر قانداق بۇلاڭ-تالاڭ ياكى سۈرگۈن قىلىش يۈز بەرگەندە، يەھۇدىي تەرەپ (ئىتتىپاقداش ئەرەپ قەبىلىسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ) قارشى سەپتىكى يەھۇدىيلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىراتتى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا، ناۋادا ئۆزى قارشىلىشىپ ئۇرۇشقان يەھۇدىي قەبىلىسىدىن ئەسىرگە چۈشكەنلەر بولسا، ئۇلارنى فىديە بېرىپ قۇتقۇزاتتى. ھالبۇكى، ئۇلارغا بىر-بىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك، بىر-بىرىنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقارماسلىق، ناۋادا بىرى ئەسىرگە چۈشۈپ قالسا فىديە بېرىپ ئەسىرگە چۈشكەن يەھۇدىي دىندىشىنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىش بۇ جەھەتتە ئۇلارغا پەرز قىلىنغان ئىدى. ئۇلار پەقەت ئۈچىنچى بۇيرۇقنى ئورۇنداپ، باشتىكى ئىككى بۇيرۇقنى چۆرۈپ تاشلىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى بايان قىلىپ، بۇ قىلمىشىنى رەت قىلىپ مۇنداق دېدى:
«سىلەر كىتابنىڭ بىر قىسىمىغا ئىمان ئېيتىپ، بىر قىسىمىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟» — كىتابنىڭ بىر قىسىمىغا ئىمان ئېيتىشى فىديە بېرىپ ئەسىرلەرنى قۇتقۇزىشىدۇر. كىتابنىڭ بىر قىسىمىنى ئىنكار قىلىشى — دىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۈشى ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشىدۇر. بۇ ئايەتتە ئىماننىڭ ئاللاھ ۋە رەسۇلى تەرىپىدىن قىلىنغان بۇيرۇقلارنى ئورۇنداشنى، ئاللاھ ۋە رەسۇلى تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئىشلارنى قېچىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىقىغا دەلىل باردۇر. شۇنداقلا، قىلىنغان بۇيرۇقلارنىڭ ئىمان جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىگە دەلىل بار.
«سىلەردىن كىتابنىڭ بىر قىسىمىغا ئىمان ئېيتىپ، بىر قىسىمىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ جازاسى دۇنيادا خارلىققا قېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» — بۇ تەھدىت ئەمەلگە ئاشتى. ئاللاھ ئۇلارنى خار قىلدى، رەسۇلۇللاھنى ئۇلار ئۈستىدىن غالىپ قىلدى. رەسۇلۇللاھ يەھۇدىيلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بەزىلىرىنى ئەسىر ئالدى، بەزىلىرىنى بولسا يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلدى. [تەپسىر سەئدى]
2|86|أُولَئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الْحَيَاةَ الدُّنْيَا بِالْآخِرَةِ فَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ
(يەھۇدىيلارنىڭ كىتابنىڭ بىر قىسىمىنى ئىنكار قىلىپ، بىر قىسىمىغا ئىمان ئېيتىشىغا سەۋەب بولغان ئىش شۇكى-س) ئۇلار ئاخىرىتىنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە دۇنيانى سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. بۇ سەۋەبلىك، ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازا يەڭگىللىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا ياردەم قىلىنمايدۇ. (ئۇلار ئاخىرەتتە ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنىڭ \ ئازاپلارنىڭ ھېچبىرى يوق قىلىنمايدۇ-س)
2|87|وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَقَفَّيْنَا مِنْ بَعْدِهِ بِالرُّسُلِ وَآتَيْنَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ الْبَيِّنَاتِ وَأَيَّدْنَاهُ بِرُوحِ الْقُدُسِ أَفَكُلَّمَا جَاءَكُمْ رَسُولٌ بِمَا لَا تَهْوَى أَنْفُسُكُمُ اسْتَكْبَرْتُمْ فَفَرِيقًا كَذَّبْتُمْ وَفَرِيقًا تَقْتُلُونَ
شۈبىھسىزكى، بىز مۇساغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى1) بەردۇق، مۇسادىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق. مەريەم ئوغلى ئىساغا ئوپئوچۇق مۆجىزىلەرنى بەردۇق، ئۇنى رۇھۇل قۇددۇس (يەنى جىبرىل پەرىشتە2) بىلەن قوللىدۇق. سىلەرگە قاچانلىكى بىر پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن3) نەپسى-خاھىشىڭلارغا توغرا كەلمەيدىغان بىر ۋەھىي ئېلىپ كەلسە4، (ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن5) تەكەببۇرلۇق قىلمىدىڭلارمۇ؟ پەيغەمبەرلەرنىڭ بىر قىسىمىنى يالغانچىغا چىقىرىپ، بىر قىسىمىنى ئۆلتۈرمىدىڭلارمۇ؟
يەھۇدىيلارنىڭ ئەھۋالى باشتىن ئاياق مانا مۇشۇنداقتۇر. ئۇلار ئۆزىنى رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمانلاردىن ئۈستۈن تۇتۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنى ئۇلۇغ، شەرەپلىك ئىنسانلار دەپ پەخىرلىنىپ، ئۆزلىرىنى شەرەپلىك ئىنسانلارنىڭ شەرەپلىك ئەۋلادلىرى دەپ دەۋا قىلىشاتتى. ھالبۇكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭمۇ ئازغۇنلۇق، كۇفۇر ۋە شەرمەندىلىككە ھەر قاچان چىڭ يېپىشقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە ياشاۋاتقانلىرىنىڭمۇ زۇلۇمدا، ھەددىدىن ئېشىشتا، كۇفۇردا ئاتا-بوۋىسىنىڭ ئىزىنى باسقان ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى يۇقىرىقى ئونلارچە ئايەتتە كەينى كەينىدىن بايان قىلدى. [تەپسىر سەئدى] [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2. تەپسىر سەئدى، تەپسىر مۇيەسسەر 3-، 4- تەپسىر مۇيەسسەر 5. تەپسىر سەئدى
2|88|وَقَالُوا قُلُوبُنَا غُلْفٌ بَلْ لَعَنَهُمُ اللَّهُ بِكُفْرِهِمْ فَقَلِيلًا مَا يُؤْمِنُونَ
ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم1 ئۇلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغىنىدا2) «قەلبلىرىمىز پەردىلەنگەن» دېيىشتى. (يەنى قەلبلىرى پەردىلەر ئىچىدە بولغانلىقتىن، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئېيتقانلىرىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى، قەلبىنىڭ پەردىلەنگەنلىكى ئۇلارنىڭ بىلىمسىز جاھىل بولغانلىقتىنمىش ۋە بۇ بىلىمسىز جاھىللىقى ئۇلار ئۈچۈن ئۆزۈرمىش. ھالبۇكى، بۇ ئۇلار ئېيتقان يالغاندىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ3:) «ئۇنداق ئەمەس. ئاللاھ كۇفۇرلىرى سەۋەبلىك ئۇلارغا لەنەت قىلغان.» (يەنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىدىن قوغلىغان4.) شۇڭا، ئۇلار بەك ئاز ئىمان ئېيتىدۇ. (بۇ ئازغىنە ئىمانى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ5.) [1. تەپسىر سەئدى، تەپسىر مۇيەسسەر 2-،3- تەپسىر سەئدى 4. تەپسىر سەئدى، تەپسىر مۇيەسسەر 5. تەپسىر مۇيەسسەر]