قۇرئان كەرىم 15- بەت تەپسىر تەرجىمىسى | سۈرە بەقەرەنىڭ 94-ئايىتىدىن 101-ئايىتىگىچە

يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن بەندىلىرى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىشىپ1، «ئاللاھ جەننەتنى پەقەتلا بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئۈچۈن ياراتقان» دېيىشەتتى.  ئۇلارنىڭ بۇ باتىل داۋالىرىغا قارشى تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى2:

2|94|قُلْ إِنْ كَانَتْ لَكُمُ الدَّارُ الْآخِرَةُ عِنْدَ اللَّهِ خَالِصَةً مِنْ دُونِ النَّاسِ فَتَمَنَّوُا الْمَوْتَ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ

(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا3) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاخىرەت يۇرتى (يەنى جەننەت4) باشقا ئىنسانلارغا ئەمەس، سىلەرگىلا خاس بولسا، بۇ داۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئۇنداقتا (مۇسۇلمانلار بىر تەرەپ، يەھۇدىيلار بىر تەرەپ بولۇپ ئۆز-ئارا لەنەتلىشەيلى، لەنەتلەشكەندە <بۇ جەھەتتە كىم يالغان داۋادا بولۇپ يالغان سۆزلەۋاتقان بولسا ئۆلسۇن> دەپ بەددۇئا قىلىش ئارقىلىق5) ئۆلۈم تىلەپ باقمامسىلەر»  دېگىن. (چۈنكى، كىشى بارىدىغان جايىنىڭ جەننەت ئىكەنلىكىنى بىلسە، جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇلايدۇ، جەننەتكە كىرىدىغان كىشىنىڭ جەننەتكە كىرىشى ئۈچۈن ئۆلۈمدىن باشقا چارە يوق6.) [1. تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر مۇيەسسەر 2. زادۇل مەسىير 3-،4- تەپسىر بەغەۋى 5. تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر سەئدى، تەپسىر مۇيەسسەر 6. تەپسىر بەغەۋى)

2|95|وَلَنْ يَتَمَنَّوْهُ أَبَدًا بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ

ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن قىلغان ئىشلار (يەنى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈشى، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتماسلىقى، تەۋراتنى ئۆزگەرتىشى1؛ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەقلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق ئىنكار قىلىشى2، قىلغان بارچە كۇفۇر ۋە گۇناھ مەئسىيەتلىرى3) سەۋەبلىك ھەرگىزمۇ ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلمايدۇ. (چۈنكى ئۇلار ئۆلۈمنىڭ — يامان ئەمەللەرنىڭ جازاسىغا ئۇچراشقا ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى بەك ياخشى بىلىشىدۇ، بۇ سەۋەبلىك ئۆلۈم ئۇلار ئۈچۈن ھەر قانداق نەرسىدىنمۇ بەك يىرگىنىچلىكتۇر4.) ئاللاھ زالىملارنى بەك ياخشى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر (ئاللاھ قىلغان زۇلۇملىرى سەۋەبلىك زالىملارنى جازالايدۇ5). [1. زادۇل مەسىير 2. تەپسىر ئىبنى كەسىر 3. تەپسىر مۇيەسسەر 4. تەپسىر سەئدى 5. تەپسىر مۇيەسسەر]

2|96|وَلَتَجِدَنَّهُمْ أَحْرَصَ النَّاسِ عَلَى حَيَاةٍ وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا يَوَدُّ أَحَدُهُمْ لَوْ يُعَمَّرُ أَلْفَ سَنَةٍ وَمَا هُوَ بِمُزَحْزِحِهِ مِنَ الْعَذَابِ أَنْ يُعَمَّرَ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِمَا يَعْمَلُونَ

يەھۇدىيلارنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا ھاياتقا نىسبەتەن ئەڭ ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى كۆرىسەن. ھەتتا ئۇلار ھاياتقا مۇشرىكلاردىنمۇ بەك ھېرىسمەن بولۇپ، ھەر-بىرى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. ھالبۇكى، (ئۇنىڭ مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردىمۇ1) ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ئۇنى جازادىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بەك ياخشى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. [1. تەپسىر مۇيەسسەر]

***

يەھۇدىلار «جىبرىل پەرىشتە بىزنىڭ دۈشمىنىمىزدۇر، چۈنكى ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى بىزگە ئېلىپ كېلىشى ئەمر قىلىنغان تۇرۇقلۇق، پەيغەمبەرلىكنى باشقىسىغا (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە) ئېلىپ كەلدى دېيىشتى1. يەھۇدىلار يەنە جىبرىلنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى، مىكائىلنى ئۆزىنىڭ دوستى دەپ بىلجىرلاشتى. يەھۇدىلار يەنە «ئەگەر ساڭا كەلگىنى جىبرىل بولماي مىكائىل بولغان بولسا، ساڭا ئەگەشكەن بولاتتۇق» دېيىشتى. بۇ سەۋەبلىك ئاللاھ تۆۋەندىكى ئىككى ئايەتنى نازىل قىلدى2:

2|97|قُلْ مَنْ كَانَ عَدُوًّا لِجِبْرِيلَ فَإِنَّهُ نَزَّلَهُ عَلَى قَلْبِكَ بِإِذْنِ اللَّهِ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ وَهُدًى وَبُشْرَى لِلْمُؤْمِنِينَ

(ئى رەسۇل!) ئېيتقىنكى، كىم جىبرىلغا دۈشمەن بولسا، شۇنى بىلسۇنكى، جىبرىل ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى، مۆمىنلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى ۋە خۇش بېشارەت بەرگۈچى بولغان قۇرئاننى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن سېنىڭ قەلبىڭگە نازىل قىلدى. [1. تەپسىر بەغەۋى 2. تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر مۇيەسسەر]

2|98|مَنْ كَانَ عَدُوًّا لِلَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَرُسُلِهِ وَجِبْرِيلَ وَمِيكَالَ فَإِنَّ اللَّهَ عَدُوٌّ لِلْكَافِرِينَ

كىم ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى، جىبرىلنى ۋە مىكائىلنى دۈشمەن تۇتسا، شۇنى ياخشى بىلسۇنكى، ئاللاھ (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نازىل قىلىنغانلارنى ئىنكار قىلىدىغان1) كاپىرلارنىڭ دۈشمىنىدۇر.

ئىمام ئىبنىۇل جەۋزى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھنىڭ بۇ ئايەتتە «ئاللاھ ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلارنى دۈشمەن تۇتقۇچىلارنىڭ) دۈشمىنىدۇر» دېمەي، «كاپىرلارنىڭ دۈشمىنىدۇر» دېيىشى، ئۇلارنىڭ بۇ خىل دۈشمەنلىك سەۋەبىلىك كاپىر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر2.

ئىكرىمە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: جىبرىل ۋە مىكائىل پەرىشتىلەر ئارىسىدىكى ئىككى پەرىشتىدۇر. بىراق، ئۈستۈن شەرىپى سەۋەبلىك پەرىشتىلەردىن ئايرىم ھالدا ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغاندۇر3. [1. تەپسىر مۇيەسسەر. 2-،3-زادۇل مەسىير]

***

2|99|وَلَقَدْ أَنْزَلْنَا إِلَيْكَ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ وَمَا يَكْفُرُ بِهَا إِلَّا الْفَاسِقُونَ

(ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە خىتابەن مۇنداق دەيدۇ1) قەسەمكى، بىز ساڭا (بىز ساڭا ھەر نەرسىنى ئېنىق بايان قىلغان؛ ھالالنى، ھارامنى، جازاغا لايىق ئىشلارنى2، يەھۇدىلارغا ئالاقىدار ۋەقەلىكلەرنى، تەۋراتتا بار بولغان، پەقەت يەھۇدىلارنىڭ ئالىملىرىلا بىلىدىغان بايانلارنى؛ تەۋراتتا بار بولغان، ئەمما تەۋرات نازىل بولغان دەۋرگە يېقىن ياشىغان ياكى تەۋرات نازىل بولۇپ ئۇزۇن زامانلاردىن كېين ياشىغان يەھۇدىلارنىڭ تەۋراتتىن ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆكۈملەرنى3) ئوپئوچۇق (بايان قىلغان4) ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. ساڭا نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى پەقەت پاسىقلار (يەنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىدىن ھالقىپ كەتكەنلەر5) ئىنكار قىلىدۇ. [1. تەپسىر سەئدى 2. تەپسىر بەغەۋى 3. تەپسىر ئىبنى كەسىر 4-،5- تەپسىر بەغەۋى]

2|100|أَوَكُلَّمَا عَاهَدُوا عَهْدًا نَبَذَهُ فَرِيقٌ مِنْهُمْ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ

قاچانلىكى ئۇلار (يەنى يەھۇدىلار1) بىرەر ۋەدىنى بەرسە، ئۇلاردىن بىر تۈركۈمى بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمىدىمۇ؟ (يەھۇدىلار پەيغەمبەر كەلسە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەن ئىدى، ئەمما مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندە، بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى. يەھۇدىيلار يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن مۇشرىكلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشلاردا مۇشرىكلارغا ياردەم بەرمەسلىك توغرۇلۇق رەسۇلۇللاھ بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ۋەدە بەرگەن ئىدى. ھالبۇكى ئۇلار بۇ ھەقتىكى كېلىشىمنىمۇ بۇزدى2.) ھەقىقەتتە، ئۇلارنىڭ كۆپى (ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە نەبىيسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېلىپ كەلگەنلەرگە3) ئىمان ئېيتىمايدۇ. [1. زادۇل مەسىير 2. تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىير 3. تەپسىر مۇيەسسەر]

2|101|وَلَمَّا جَاءَهُمْ رَسُولٌ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ مُصَدِّقٌ لِمَا مَعَهُمْ نَبَذَ فَرِيقٌ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ كِتَابَ اللَّهِ وَرَاءَ ظُهُورِهِمْ كَأَنَّهُمْ لَا يَعْلَمُونَ

ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن يېنىدىكىنى (يەنى تەۋراتنى1) تەستىقلايدىغان بىر پەيغەمبەر (يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم2) كەلگنىدە، ئۆزلىرىگە كىتاب بېرىلگەنلەردىن بىر پىرقە بەئەينى (رەسۇلۇللاھنىڭ ھەقلىقىنى ۋە ئېلىپ كەلگەنلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى3) بىلمەيدىغاندەك، ئاللاھنىڭ (ئۆزلىرىگە نازىل قىلغان4) كىتابىنى (ئوقۇپ تۇرغىنى بىلەن، نەپىس رەختلەرگە يازغىنى بىلەن ئەمەل قىلماسلىق ئارقىلىق5) ئارقىسىغا چۆرۈپ تاشلىدى. [1-،2- تەپسىر مۇيەسسەر 3-،4- تەپسىر سەئدى 5. تەپسىر بەغەۋى]

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ