16-بەت
2|102|وَاتَّبَعُوا مَا تَتْلُو الشَّيَاطِينُ عَلَى مُلْكِ سُلَيْمَانَ وَمَا كَفَرَ سُلَيْمَانُ وَلَكِنَّ الشَّيَاطِينَ كَفَرُوا يُعَلِّمُونَ النَّاسَ السِّحْرَ وَمَا أُنْزِلَ عَلَى الْمَلَكَيْنِ بِبَابِلَ هَارُوتَ وَمَارُوتَ وَمَا يُعَلِّمَانِ مِنْ أَحَدٍ حَتَّى يَقُولَا إِنَّمَا نَحْنُ فِتْنَةٌ فَلَا تَكْفُرْ فَيَتَعَلَّمُونَ مِنْهُمَا مَا يُفَرِّقُونَ بِهِ بَيْنَ الْمَرْءِ وَزَوْجِهِ وَمَا هُمْ بِضَارِّينَ بِهِ مِنْ أَحَدٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ وَيَتَعَلَّمُونَ مَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنْفَعُهُمْ وَلَقَدْ عَلِمُوا لَمَنِ اشْتَرَاهُ مَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍ وَلَبِئْسَ مَا شَرَوْا بِهِ أَنْفُسَهُمْ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
ئۇلار (يەنى يەھۇدىلار ئارىسىدىكى ئاللاھنىڭ كىتابىنى چۆرۈپ تاشلىغان بۇ پىرقە) شەيتانلارنىڭ سۇلايماننىڭ ھۆكۈمرانلىقى توغرىسىدا ئېيتقان (سۇلايمان ھۆكۈمرانلىقنى سېھىر ئارقىلىق ساقلاپ قالغان دەپ بۇ ھەقتە ئېيتقان يالغان ياۋىداق1) ئويدۇرمىلىرىغا ئەگەشتى. ھالبۇكى، سۇلايمان (سېھىر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، سېھىرنى توغرىغا چىقىرىدىغان يەھۇدىلارنىڭ ئېيتقىنىدەك سېھىر ئۆگەنگىنى ياكى سېھىر بىلەن شۇغۇللانغىنى يوق2 بۇ سەۋەبلىك ) كاپىر بولغىنى يوق، ھالبۇكى كىشىلەرگە سېھىر ئۆگەتكەن كاپىرلار بولدى. ئۇلار بابىلدىكى ھارۇت ۋە مارۇت دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە نازىل قىلىنغان سېھىرنى ئۆگىنەتتى. (بۇ ئىككى پەرىشتە) بىز كىشىلەرنى سىنايمىز، كاپىر بولمىغىن، دېمىگۈچە (يەنى، سېھىر ئۆگەنمە، چۈنكى بۇ كۇفۇردۇر دەپ سېھىرگە قارشى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرمىغۇچە ۋە سېھىرنىڭ ۋابالىنى بايان قىلمىغۇچە3) ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. ئۇلار بۇ ئىككىسىدىن ئەر ـ خوتۇننى بىر ـ بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان نەرسىلەرنى (يەنى سېھىرگەرلىكنى) ئۆگىنەتتى، ئۇلار (سېھىر ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيىنى بار، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىلار (تەۋراتنى تاشلاپ) سېھىرنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە جەننىتىدىن) ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى (يەنى سېھىر بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئاخىرەتتە جازانى ھەق قىلىدىغان گۇناھ ئىكەنلىكىنى4) ئوبدان بىلەتتى، ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە سېتىۋالغان نەرسىسىنىڭ (يەنى ئۆزلىرى ئۈچۈن سېھىر ئۆگىنىشنى تاللىشىنىڭ) ئەجەبمۇ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى.
«سۇلايمان كاپىر بولمىدى» كەلىمىسىدە سېھىرگەرنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىغا دەلىل باردۇر. چۈنكى، ئۇلار سۇلايماننى كۇفۇرغا ئەمەس، سېھىرگە نىسبەت بەرگەن ئىدى5. [1.تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىر، تەپسىر ئىبنى كەسىر 2. تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىر 3. تەپسىر سەئدى 4. تەپسىر سەئدى 5. زادۇل مەسىير]
ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە قۇرئاننى تەپسىر قىلغان فەخرىددىن رازىنىڭ ئۆز تەپسىرىدىكى «سېھىر ئۆگىنىش يامان ئىش ئەمەس» دېگەن باتىل قارىشىغا تەپسىلىي رەددىيە قايتۇرغان. تەپسىلاتى ئۈچۈن تەپسىر ئىبنى كەسىرنىڭ مۇشۇ ئايىتىنىڭ تەپسىرىگە مۇرەسسە قىلىنسۇن.
2|103|وَلَوْ أَنَّهُمْ آمَنُوا وَاتَّقَوْا لَمَثُوبَةٌ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ خَيْرٌ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
ئەگەر ئۇلار (يەنى يەھۇدىلار-ز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە1) ئىمان ئېتيقان ۋە ئاللاھتىن قورققان بولسا، ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ساۋابى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. كاشكى، ئۇلار (ئىمان ۋە تەقۋالىق قولغا كېلىدىغان ساۋاب ۋە مۇكاپاتنى ھەقىقىي رەۋىشتە2) بىلسە ئىدى (مۇتلەق ھالدا ئىمان ئېيتقان بولاتتى3). [1. تەپسىر بەغەۋى 2-،3-تەپسىر مۇيەسسەر]
***
ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتتە مۆمىنلەر سۆز ۋە ھەرىكەتتە كاپىرلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن چەكلەپ مۇنداق دەيدۇ1:
2|104|يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقُولُوا رَاعِنَا وَقُولُوا انْظُرْنَا وَاسْمَعُوا وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئى ئىمان ئېيتقانلار، (يەھۇدىلار رەسۇلۇللاھنى مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بىزگە قۇلاق سالغىن دېمەكچى بولسا، ھەم «بىزگە قۇلاق سال مەنىسىگە ئىگە، ھەم «ئارىمىزدىكى ئەخمەق» دېگەن مەنىگىمۇ ماڭىدىغان2) «رائىنا» (دېگەن ئىككى بىسلىق سۆزنى ئىشلىتىدۇ؛ سىلەر رەسۇلۇللاھقا خىتاپ قىلماقچى بولساڭلار ئۇلارغا ئوخشاش «رائىنا» دەپ خىتاپ قىلماستىن3)، «ئۇنزۇرنا» (بىزگە قۇلاق سالغىن) دەڭلار ۋە قۇلاق سېلىڭلار. (ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئاننى، ئىسلامنى، رەسۇلۇللاھنى سۆز-ياكى ھەرىكەت ئارقىلىق مەيلى ئاشكارا، مەيلى خۇپىيانە مەسخىرە قىلىدىغان) كاپىرلارغا ئەلەملىك جازا باردۇر.
بۇ ئايەتتىكى بۇيرۇقتىن، ئەگەر بىر ھالال ئىش ياكى نەرسە ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان بولسا، بۇ ھالال ئىش ياكى نەرسىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى بىلىنمەكتە. بۇ ئايەتتىن يەنە گۈزەل ئەدەب تەۋسىيە قىلىنماقتا. پەقەت ياخشى مەنىنىلا بىلدۈرىدىغان، ھېچقايسى جەھەتتىن ناچار مەنا بىلدۈرمەيدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىندۇ. شۇنداقلا، بۇ ئايەتتە يامان سۆزلەرنى تەرك ئېتىش توغرىسىدا نەسىھەت باردۇر. بۇ ئايەتتە يەنە نامۇناسىپ مەنە بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان، ئېزىقتۇرغۇچى مەنىگە ئىگە بولغان سۆزلەرنى تەرك ئېتىش بۇيرۇقى بار. [1. تەپسىر ئىبنى كەسىر 2. تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىر، تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر سەئدى 3. تەپسىر ئىبنى كەسىر 4. تەپسىر سەئدى]
2|105|مَا يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَلَا الْمُشْرِكِينَ أَنْ يُنَزَّلَ عَلَيْكُمْ مِنْ خَيْرٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَاللَّهُ يَخْتَصُّ بِرَحْمَتِهِ مَنْ يَشَاءُ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ
(يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلاردىن ئىبارەت) ئەھلى كىتاب كاپىرلارمۇ، مۇشرىكلارمۇ رەببىڭلاردىن سىلەرگە (قۇرئان، ئىلىم، مۇۋەپپەقىيەت قاتارلىق ھەر قانداق1) ياخشىلىق چۈشۈشىنى خالىمايدۇ. ئاللاھ رەھمىتىنى (يەنى ئىسلامنى2) ئۆزى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ. ئاللاھ بۈيۈك لۇتۇف ساھىبىدۇر (ئاللاھنىڭ سىلەرنى گۇناھلاردىن پاك بولۇش، سىلەرگە كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىش، بىلمىگىنىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن رەسۇلۇڭلار مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە قۇرئاننى نازىل قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى بۈيۈك لۇتفىدۇر3.)
ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلار بىلەن ئەھلى كىتاپ كاپىرلىرى ياكى كىتاپسىز مۇشرىك كاپىرلار ئارىسىدىكى يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان مۇھەببەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئوخشاپ قېلىشى چەكلەنگەن ئەھلى كىتاپتىن ۋە مۇشرىكلارنىڭ مۆمىنلەرگە نەقەدەر دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى4. [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2. زادۇل مەسىر 3. تەپسىر سەئدى 4. ئىبنى كەسىر]