قۇرئان كەرىم 17-بەت تەپسىرى ۋە تەرجىمىسى | سۈرە بەقەرەنىڭ 106-ئايىتىدىن 112-ئايىتىگىچە

قىبلە ئۆزگەرتىلگەندە يەھۇدىلار «مۇھەممەد ساھابىلىرىگە خالىغان چاغدا خالىغاننى ھالال قىلىدۇ، خالىغان چاغدا خالىغاننى ھارام قىلىدۇ» دەپ تۆھمەت قىلدى1. كاپىرلار يەنە «مۇھەممەد ساھابىلىرىنى باشتا بىر ئىشقا بۇيرۇپ، ئاندىن ئۇ ئىشتىن مەنئىي قىلىدۇ، بۇلارنى مۇھەممەد ئۆزى توقۇۋالغان» دەپ بىلجىرلاشتى-ب. بۇ ۋەجىدىن تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى2:

2|106|مَا نَنْسَخْ مِنْ آيَةٍ أَوْ نُنْسِهَا نَأْتِ بِخَيْرٍ مِنْهَا أَوْ مِثْلِهَا أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

قانداقلىكى بىر ئايەتنى (نىڭ تىلاۋىتىنى قالدۇرۇپ قويۇپ، ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرساق، ياكى رەجم ئايىتىگە ئوخشاش ھۆكمىنى ساقلاپ قېلىپ، تىلاۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق3) نەسخ قىلساق\ ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى (ھەم ھۆكمىنى، ھەم تىلاۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق4) ئۇنتۇلدۇرساق، ئورنىغا يا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى (يەنى ھۆكۈم جەھەتتە تېخىمۇ يۇمشىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تېخىمۇ ئاسان بولغىنىنى5)، ياكى شۇنىڭ باراۋىرىدىكى بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز. (ئاللاھ نەسخ قىلىش ئارقىلىق بەندىلىرىنىڭ ئىتائەت دەرىجىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ6.«ئاللاھ ئايەتلەرنى نەسخ قىلمايدۇ، ئۇنداق قىلىش ئاللاھقا ياراشمايدۇ» دەپ قۇرئاندىكى ناسىخ، مەنسۇخلارنى يوققا چىقىرىش ئارقىلىق — ئاللاھنىڭ ھۆكۈملەرنى نەسھ قىلىشىغا تىل ئۇزاتقانلارنىڭ ئەسلىدە ئاللاھنىڭ زاتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە قۇدرىتىگە تىل ئۇزاتقانلىقىنى خەۋەر بېرىپ دەيدۇكى7) ئاللاھنىڭ ھەر ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ (ئاللاھ بەندىلىرىگە خالىغان ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھ ئۆز ھۆكۈملىرىدىن خالىغىنىنى ئالماشتۇرىدۇ8. بۇنىڭ ھەممىسى چەكسىز ھېكمىتى ۋە بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر.) [1-،2-،3-زادۇل مەسىير، تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر مۇيەسسەر 4. تەپسىر بەغەۋى 5. زادۇل مەسىير 6. تەپسىر ئىبنى كەسىر 7. تەپسىر سەئدى 8. زادۇل مەسىير]
ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى مۇنداق دەيدۇ: قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى نەسخ (ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ھۆكۈملەر) ھەققىدە ئەستايىدىل تەپەككۈر يۈرگۈزگەن كىشى ئاللاھنىڭ بۇنىڭدىكى ھېكىمىتىنى، بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتىنى ۋە بەندىلىرى پەرق ئېتەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى لۇتفى بىلەن ئۇلارنى پايدىلىق ئىشلارغا قانداق مۇۋەپپەق قىلغانلىقىنى بايقاپ يېتەلەيدۇ. [تەپسىر سەئدى]

ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئايەتنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن ئايەت مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئايەت بىلەن تەڭداش بولغان تەقدىردە، بۇ ئاللاھنىڭ ھېكمىتى سەۋەبلىك ۋە بەندىلىرىنى سىناش سەۋەبلىك بولغان بولىدۇ. [زادۇل مەسىير]

«نەسخ»\ ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھۆكۈم ياكى چەكلىمە ئايەتلىرىدە مەۋجۇت بولۇپ، ۋەقەلىكلەر بايان قىلىنغان ئايەتلەردە نەسىخ بولمايدۇ. [تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر بەغەۋى]

«ياكى شۇنىڭ باراۋىرىدىكى بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز» — بۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ ئەڭ كەمىدە پايدا ئېتىبارى نۇقتىسىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئايەتتىكى ھۆكۈمدىن تۆۋەن تۇرمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ بولۇپمۇ بۇ ئۈممەتنىڭ ئۈستىدىكى لۇتفىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ بەرگەن. ئاللاھ بۇ ئۈممەتكە دىنىنى ئىنتايىن يۇقىرى چەكتە ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن. [تەپسىر سەئدى]

ئاللاھ نەسخ قىلىش ئارقىلىق بەندىلىرىنىڭ ئىتائەت دەرىجىلىرىنى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ. ئۆزى بىلىدىغان مەنپەئەت سەۋەبلىك بەندىلىرىگە مەلۇم نەرسىلەرنى بۇيرۇيدۇ، ئاندىن، ئۆزى بىلىدىغان بىر مەنپەئەت سەۋەبلىك بۇيرۇغان ھۆكمىنى چەكلەيدۇ. بۇ سەۋەبلىك، كامىل ئىتائەت پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويۇن ئېگىش ۋە نازىل قىلغانلىرىنى تەستىق قىلىش، پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىش ۋە ئۇلارنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى قىلىپ، چەكلىگەنلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش بىلەن روياپقا چىقىدۇ. بۇ ئايەتتە يەھۇدىلارنىڭ — ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن — كۇفرىغا شىددەت بىلەن رەددىيە، كۈچلۈك ئىزاھات بېرىلگەن. يەھۇدىلارنىڭ نەسىخنىڭ مۇمكىنسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى شۈبھەلىرى ئىناۋەتسىزلەشتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەسىخ ئىلگىرى كىتابلاردا ۋە ئىلگىرى ئۈممەتلەرنىڭ شەرىئەتلىرىدىمۇ مەۋجۇت بولغان ئەھۋالدۇر. مەسىلەن، ئىككى ئاچا-سىڭىلنىڭ بىر ئەرنىڭ نىكاھىدا بولۇشىنىڭ دۇرۇسلۇقى ياقۇپ ئەلەيھىسسالام ۋە ئوغۇللىرىغا ھالال بولغان، ئەمما، تەۋرات نازىل بولغاندىن ئىتىبارەن ھارام قىلىنغان. ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇغان، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ بۇيرۇقنى ئادا قىلىشتىن ئاۋۋال، ئاللاھ بۇ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسىگە ئۆز ئىچىدىكى موزايغا چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلغان، كېيىن نەسلىنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بۇ خىلدىكى نەسخنىڭ مىساللىرى بەك كۆپ بولۇپ، داۋام قىلساق مەزمۇن ئۇزۇراپ كېتىدۇ. يەھۇدىلار مۇشۇ خىلدىكى نەسىخلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن نەسىخنى ئىنكار قىلىپ يۈز ئۆرىگەن. [تەپسىر ئىبنى كەسىر] ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ يەردە نەسىخنى ئىنكار قىلغان ئەبۇ مۇسلىم ئىسفاھانىغا رەددىيە قايتۇرۇپ، نەسىخ ئىنكارچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى باتىل مەيدانىنى ئېچىپ تاشلىغان. تەپسىلاتى ئۈچۈن تەپسىر ئىبنى كەسىر، بەقەرە سۈرىسىنىڭ 107-ئايىتىنىڭ تەپسىرىگە قارالسۇن.

بەندىلەرنىڭ مەنەپئەتىگە قاراپ بەزى چەكلىمە ياكى بۇيرۇقلارنى تەدرىجىي رەۋىشتە ئۆزگەرتىشى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە قىلغان چەكسىز رەھمىتى جۈملىسىدىندۇر. [تەپسىر سەئدى]

2|107|أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ

بىلمەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھنىڭدۇر (بۇ سەۋەبلىك، ئاللاھ خالىغىنىنى ھالال، خالىغىنىنى ھارام قىلىدۇ. بەندىلەر ئۈچۈن خالىغان ھۆكۈملىرىمنى خالىغان ۋاقىتتا ۋە خالىغان شەكىلدە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا باشقا ھۆكۈمنى قويىدۇ. خالىغان ھۆكۈملەرنى ئۆز پېتى قالدۇرۇپ قويىدۇ1). ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر دوستۇڭلار ۋە ياردەمچىڭلار يوقتۇر. [1.تەپسىر ئىبنى كەسىر]

***

ئەينى چاغدا بىر تۈركۈم مۇشرىكلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كېلىپ، جاھىلانە تىلەكلەردە بولدى. بەزىلىرى «بىزگە يەردىن بۇلاق ئېتىلدۇرۇپ چىقارمىغۇچە، ساڭا ئىمان ئېيتمايمىز» دېدى. باشقا بىرى «مەككىنىڭ تېغىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ماڭدۇرمىغۇچە ساڭا ئىمان ئېيتمايمىز» دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئۈمەييە بولسا «سەن ئاسماندىن بىر كىتاپ كەلتۈرمىگۈچە ۋە سەن كەلتۈرگەن كىتاپنىڭ ئىچىدە <ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن ئىبنى ئۇمەييەگە: بىلكى، مەن مۇھەممەدنى ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتىم> دەپ يېزىلغان ھالەتتە بولمىغۇچە ساڭا ئىمان ئېيتمايمەن» دېدى. يەنە بىر مۇشرىك «مۇسا تەۋراتنى ئېلىپ كەلگەندەك، سەنمۇ تەييار كىتابتىن بىرنى كەلتۈر» دېدى. يەنە بىر مۇشرىك «ئى مۇھەممەد! ئاللاھقا قەسەمكى، سەن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كەلگەن ھالەتتە ئاللاھ بىلەن پەرىشتىلەرنى كەلتۈرمىگۈچە، ساڭا ئىمان ئېيتمايمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى-ز:

2|108|أَمْ تُرِيدُونَ أَنْ تَسْأَلُوا رَسُولَكُمْ كَمَا سُئِلَ مُوسَى مِنْ قَبْلُ وَمَنْ يَتَبَدَّلِ الْكُفْرَ بِالْإِيمَانِ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ

(ئى ئىنسانلار1) ياكى سىلەر پەيغەمبىرىڭلار (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم2) دىن ئىلگىرى (يەھۇدىلارنىڭ) مۇسادىن تەلەپ قىلىنغىنىنى تەلەپ قىلماقچىمۇ؟ (يەھۇدىلار مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن «بىزگە ئاللاھنى ئوچۇق رەۋىشتە كۆرسەت» <سۈرە نىسا، 153-ئايەت> دەپ تەلەپ قىلغان ئىدى3.) كىم ئىماننى كۇفۇرغا تېگىشىدىكەن، توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ. [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2-،3- زادۇل مەسىير]

2|109| وَدَّ كَثِيرٌ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَوْ يَرُدُّونَكُمْ مِنْ بَعْدِ إِيمَانِكُمْ كُفَّارًا حَسَدًا مِنْ عِنْدِ أَنْفُسِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْحَقُّ فَاعْفُوا وَاصْفَحُوا حَتَّى يَأْتِيَ اللَّهُ بِأَمْرِهِ إِنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

(ئى مۆمىنلەر جامائىتى1) ئەھلى كىتابنىڭ (يەنى يەھۇدى ۋە خرىستىئانلارنىڭ) كۆپچىلىكى ھەق ئۆزلىرىگە ئاشكارا بولغاندىن كېيىن (يەنى قوللىرىدىكى كىتابلىرىدىن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دىنىنىڭ ھەق، سۆزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىكىنى بىلگەندىن كېيىن2)، ھەسەت قىلىش سەۋەبلىك، سىلەرنىڭ ئىماندىن كېيىن كۇفۇرغا يېنىشىڭلارنى ئارزۇلىشىدۇ (ۋە سىلەرنى ئىماندىن ياندۇرۇپ كاپىر قىلىش يولىدا كۈچ سەرپ قىلىدۇ، تۈرلۈك ھىيلە ۋە توزاقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ3.) تاكى ئاللاھنىڭ  (جىھاد4) ئەمرى كەلگەنگە (بەنى قۇيرەزە يەھۇدىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئەسىر ئېلىش ئارقىلىق، بەنى نەزىرنى سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق جازالىغانغا5) قەدەر (سىلەرگە ئەسكىلىك قىلغان يەھۇدى ۋە شۇ قاتاردىكىلەرنى6) كەچۈرۈڭلار ۋە (جاھىلانە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى7) كۆرمەسكە سېلىڭلار8. شۇنىڭدا شەك يوقكى، ئاللاھ ھەممە ئىشقا كۈچى يەتكۈچى زاتتۇر. [1-،2-تەپسىر بەغەۋى 3. تەپسىر سەئدى 4. تەپسىر سەئدى، تەپسىر مۇيەسسەر 5. زادۇل مەسىر، تەپسىر بەغەۋى 6. تەپسىر سەئدى 7. تەپسىر بەغەۋى 8. تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىر، تەپسىر مۇيەسسەر]

2|110|وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ مِنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِنْدَ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ

(ئى مۆمىنلەر!1) نامازنى كامىل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار. (دۇنيادا2) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشىلىق جۈملىسىدىن نېمىنى (ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن3) ئالدىن ئەۋەتسەڭلار ، (ئاخىرەتتە4) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنى (يەنى دۇنيا قىلغان ياخشىلىقلىرىڭلارنىڭ مۇكاپاتىنى5) تاپىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىش-ئەتمىشلىرىڭلارنى (مەيلى ئۇ ياخشىلىق بولسۇن، ياكى يامانلىق بولسۇن6) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. [1-،2-تەپسىر مۇيەسسەر 3. تەپسىر سەئدى 4. تەپسىر مۇيەسسەر 5. تەپسىر ئىبنى كەسىر 6. تەپسىر ئىبنى كەسىر]

2|111|وَقَالُوا لَنْ يَدْخُلَ الْجَنَّةَ إِلَّا مَنْ كَانَ هُودًا أَوْ نَصَارَى تِلْكَ أَمَانِيُّهُمْ قُلْ هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ

(يەھۇدى ۋە خىرىستىئانلار) يەھۇدى ياكى خىرىستىئان بولغانلاردىن باشقىسى ئەسلا جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، دېيىشتى (يەنى يەھۇدىلار جەننەتكە پەقەت يەھۇدىلارلا كىرىدۇ، دېيىشتى. خىرستىئانلار بولسا جەننەتكە پەقەت خرىستىئانلارلا كىرىدۇ، دېيىشتى-ك،س). بۇ ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. ئۇلارغا «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار» دېگىن. [1. تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر سەئدى]

2|112|بَلَى مَنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَلَهُ أَجْرُهُ عِنْدَ رَبِّهِ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر خام خىيال قىلغاندەك ئەمەس1)! كىمكى مۇھسىن بولغان (يەنى رەببىگە قىلىدىغان ئىبادىتىنى رەببىنىڭ شەرىئىتىگە ئۇيغۇن رەۋىشتە ئىخلاس بىلەن قىلغۇچى بولغان2، بارچە سۆز ۋە پېئىللىرىدا ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگەشكۈچى بولغان3) ھالدا يۈزىنى ئاللاھقا تەسلىم قىلسا، ئۇنىڭ مۇكاپاتى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر (مانا مۇشۇنداق كىشى جەننەتكە كىرگۈزۈلۈش بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. جەننەتكە مانا مۇشۇنداق كىشى كىرىدۇ4). مۇھسىنلارغا (ئاخىرەتتە5) قورقۇنچ يوقتۇر، غەم-ئەندىشىمۇ يوقتۇر. [1. تەپسىر مۇيەسسەر، تەپسىر سەئدى 2. تەپسىر سەئدى  3-،4-،5-تەپسىر مۇيەسسەر]

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ