تۆت مەزھەپ ئاياللارنىڭ پىتنە دەۋرىدە يۈز يېپىشىنى پەرز دەمدۇ؟ | مۇھەددىس ئابدۇلئەزىز تەرىفى

تۆت مەزھەپ ئاياللارنىڭ پىتنە دەۋرىدە يۈز يېپىشىنى پەرز دەمدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: مۇھەددىس ئالىم ئابدۇلئەزىز تەرىفى

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن.

ئىسلام ئالىملىرى شۇنىڭدا ئىجمائغا \ ئىتتىپاققا كەلگەندۇركى، ئايال كىشىنىڭ ھىجابى شەرىئەتتىندۇر، دىندىندۇر، شۇنداقلا ئايال كىشىنىڭ ھىجابى كىتاب ۋە سۈننەت ئارقىلىق مۇتەۋاتىر ھالەتتە سابىت بولغان ھۆكۈمدۇر. كىمكى، ئايال كىشىنىڭ شەرئىي ھىجابىنى ئىنكار قىلىپ «ئايال كىشىنىڭ ھىجابى ئادەتتۇر، ئايال كىشى خالىغان يېرىنى ئېچىپ، خالىغان يېرىنى يېپىشقا ھەقلىقتۇر» دېسە، بۇنداق كىشى دىندا زۆرۈرىيەت سۈپىتىدە بىلىنگەن كەسكىن بىر ھۆكۈمنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. بۇنداق كىشى (بۇ سۆزى ئارقىلىق) نامازنى، زاكاتنى ۋە ھەجنى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

تۆت مەزھەپ ئىماملىرى ۋە باشقا ئىماملار يۈزى ئوچۇق بولغانلىقى سەۋەبلىك پىتنىگە چۈشۈشتىن ئەندىشىلەنگەن ھۆر ۋە ياش قىز-ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشىنىڭ پەرزلىكىدە ئىجمائقا كەلگەن. بولۇپمۇ، قىز-ئاياللارغا قارايدىغان كىشىلەر مەۋجۇت بولغان، ئۆزىگە قارايدىغان نامەھرەم ئەرلەردىن پەقەتلا يۈزىنى يېپىش ئارقىلىق ساقلانغىلى بولىدىغان زامانلاردا قىز-ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشى پەرز بولىدۇ. بۇنىڭ پەزلىكى ھەققىدە ئىبنى رۇسلان، جۇۋەينى قاتارلىق ئالىملار ئىجما نەقىل قىلغان.(1) ئىبنى رۇسلان ئەششافىئىي مۇنداق دېگەن:«بولۇپمۇ پاسىقلار كۆپىيىپ كەتكەن چاغدا قىز-ئاياللارنىڭ يۈزى ئوچۇق ھالدا سىرتقا چىقىشىدىن چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئىجماسى باردۇر.»(2)

ھۆر ۋە ياش قىز-ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا رەببانى شەرىئەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا تۆت مەزھەپ ئىماملىرى ۋە باشقا ئىماملار ئىجمائغا\ ئىتتىپاققا كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىختىلاپى پىتنە يوق زاماندا يۈز يېپىشنى تەرك ئەتكەن قىز-ئاياللار بۇ سەۋەبلىك بىر پەرزنى تەرك ئەتكەن بولۇپ گۇناھكار بولامدۇ ياكى پەزىلەتلىك ھېسابلانغان بىر مۇستەھەپ سۈننەتنى تەرك ئەتكەن بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىددۇر. (شەيخ بۇ يەردە پەقەت ئىختىلاپتىن سۆز قىلماقتا، ھەرگىزمۇ يۈز يېپىشنىڭ ئىختىلاپىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقچى ئەمەس. مەلۇم بولغىنىدەك، شەيخ ئابدۇلئەزىز تەرىفى بۇ بايانلار مەۋجۇت بولغان «ھىجاب» ناملىق كىتابىنى يۈز يېپىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىختىلاپىي مەسىلە ئەمەسلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن يازغان.-ت)

ئۆلىمالار ياشانغان ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى گۈزەللەشتۈرىدىغان زىننەتلەرنى ئىشلەتمەسلىك شەرتى بىلەن يۈزىنى ئېچىشىنىڭ دۇرۇسلۇقىدا ئىجماغا كەلگەن. شۇنداقلا، ياشانغان ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى ئېچىشىدىن يۈزىنى يېپىشىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىجماغا كەلگەن. كېيىنكى بۇ ھۆكۈم مۇنۇ ئايەتتىن ئېلىنغاندۇر:{ئىپپىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر.} (سۈرە نۇر، 60-ئايەت) (3) 

مۇھەددىس ئابدۇلئەزىز تەرىفىنىڭ «الحجاب في الشرع والفطرة» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى.

(1) [«نهاية المطلب» (١٢/ ٣١)]

(2) نقله عن العظيم آبادي في «عون المعبود» (١١/ ١٦٢)

(3) الحجاب في الشرع والفطرة لعبد العزيز الطريفي

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ