مانا بۇ ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئاساسى
قۇدرەت بارات
سەلەپ-سالىھىدىن دەۋرىدىكى مەشھۇر ھەدىس پېشىۋاسى، ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم ۋە ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭ ئوستازى يەھيا ئىبنى مەئىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
قىيامەت كۈنىدىكى دۈشمەنلىرىمنىڭ بىدئەت ئەھلى بولۇشى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى قوغداشنى تەرك ئەتكەنلىكىم ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدىكى دۈشمىنىمنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بولىشىدىن ياخشىدۇر. (العلم الشامخ ٣٨٨)
* يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەقىدىسىنى، يولىنى ۋە تەلىماتلىرىنى قوغدىساڭ ساڭا دۈشمەن بولىدىغىنى بىدئەت ئەھلى بولىدۇ. قوغدىماي تاشلىۋەتسەڭ، قىيامەت كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ساڭا دۈشمەن بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ ھەر جۈمە خۇتبىسىدە بىدئەتنى سۆكەتتى. بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەر كۈنى بىدئەتكە قارشى تۇرغۇچىلارنى سۆكىدىغان، قارشى تۇرىدىغان، يامان كۆرىدىغان كىشىلەر بار. ئالتە كۈنلۈك دۇنيادا ئاللىكىملەرنى خوش قىلىپ ياشاپ، قىيامەت كۈنى نازۇ نېمەتلىك جەننەتكە ئۇدۇل كىرىپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلساق، ئەخمەقلىك قىلغان بولىمىز.
سۈننەتتىن مەقسەت قىلىنىدىغىنى — رەسۇلۇللاھنىڭ ئەقىدىسى، بەلگىلىگەن پىرىنسىپلىرىدۇر. ئۇنىڭدىن ئاشسا ئاندىن قىلسا ساۋاب بولىدىغان، قىلمىسا گۇناھ بولمايدىغان پەزىلەتلىك ئەمەللەردۇر. سۈننەت دېسە — ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، چۈشكۈرگەندە ئەلھەمدۇلىللاھ، ئۇخلىغاندا ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىش، دەپ چۈشىنىۋالغان كىشىلەر، سۈننەتنىڭ ئەسلىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ئەقىدىسى ۋە دىندا بەلگىلىگەن پىرىنسىپلىرى ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز يۈرۈشكەن كىشىلەر، ئالتە ھەدىس كىتابىنىڭ ھەممىنى سۇدەك يادلىۋەتكەن تەقدىردىمۇ توغرا يولنى تاپالمايدۇ، بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇقتىن ھەقىقىي رەۋىشتە ئۇزاق تۇرالمايدۇ.
رەسۇلۇللاھ «مېنىڭ سۈننىتىم» دېگەندە، بۇنى «مەن ئېتىقاد قىلىدىغان ئەقىدە، مەن بەلگىلىگەن ھالال ۋە ھارام» دەپ چۈشىنىپ بولۇپ، ئاندىن «مەن قىلغان پەزىلەتلىك ئەمەللەر» دەپ چۈشىنىمىز. شۇڭا، سەلەپ دەۋرىدىكى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن دەۋردىكى ئىماملار ئەقىدە كىتابلىرىغا سۈننەت ياكى سۈننەت شەرھى دەپ ئىسىم قويغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «كىم مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن مەندىن ئەمەس» (بۇخارى) دېيىشى، دەل «مەن ئېتىقاد قىلغان ئەقىدىدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن بەلگىلىگەن ھالال-ھارامنى ئېتىبارغا ئالمىسا، ئۇنداق بىرى مەندىن ئەمەس» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر، بۇ ھەدىستىكى «سۈننەت» — كەلىمىسى قىلسا ساۋاب بولىدىغان، قىلمىسا گۇناھ بولمايدىغان مۇستەھەپ ئەمەل، مەنىسىدە چۈشىنىۋېلىنغان تەقدىردە «ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتمىغان ئادەم مەندىن ئەمەس، ئۆي ئىشىغا ياردەملەشمەيدىغان ئادەم مەندىن ئەمەس، ئاشۇرا روزىسى تۇتمايدىغان ئادەم مەندىن ئەمەس، نامازدىن كېيىن زىكىر-تەسبىھ ئوقۇمىغان ئادەم مەندىن ئەمەس، مەسجىدكە كىرگەندە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇماستىن ئولتۇرۇۋالغان ئادەم مەندىن ئەمەس» دېگەن مەنە چىقىپ قالىدۇ. بۇنداق بولغاندا، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتىنىڭ ھەممىسىلا رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدا ئەمەس بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەممە سۈننەتلىرىگە (يەنى مۇستەھەپ سۈننەتلەرگە) قالدۇرماي ئەمەل قىلىدىغان بىرمۇ ساھابە، بىرمۇ مۇتتەقىي ئالىم بولغان ئەمەس. «سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈگۈچى مەندىن ئەمەس» دېگەن ھەدىس — مەن ئېتىقاد قىلىدىغان ئەقىدىدىن يۈز ئۆرۈپ باشقا بىدئەت-خۇراپات ئەقىدىلەرگە ئەگەشكەن؛ مەن بەلگىلىگەن ھالال-ھارامدىن، مەن بەلگىلىگەن پەرزلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەم مەندىن ئەمەس دېگەنلىكتۇر. يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەقىدىسىدىن ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق پەرزلىكى ئېنىق بولغان ئىشلاردىن يۈز ئۆرۈش كىشىنى رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدىن چىقىرىۋېتىدۇ.
شۇڭا، ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ((قبور أهل السنة من أهل الكبائر روضة. وقبور أهل البدعة من الزهاد حفرة، فسّاق أهل السنة أولياء الله. وزهاد أهل البدعة أعداء الله)) «چوڭ گۇناھلارنى قىلىپ تەۋبە قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەن ئەھلى سۈننەت مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىلىرى (جەننەت باغچىلىرىدىن) بىر باغچىدۇر. ئەھلى بىدئەتنىڭ ئىبادەتگۇيلىرىنىڭ قەبرىلىرى (دوزاخ ئازگاللىرىدىن) بىر ئازگالدۇر. ئەھلى سۈننەتنىڭ گۇناھكارلىرى ئاللاھنىڭ دوستلىرىدۇر. ئەھلى بىدئەتنىڭ زاھىدلىرى ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر.» (طبقات الحنابلة – لابن أبي يعلى 1\184)
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: « وفُسَّاق أهل السنة أولياء الله، وعُبَّاد أهل البدعة أعداء الله، وقبور فسّاق أهل السنة روضة من رياض الجنة، وقبور عبّاد أهل البدع حفرة من حفر النار، والتمسك بالسنة يكفِّر الكبائر، كما أن مخالفة السنة تُحبِط الحسنات» «ئەھلى سۈننەتنىڭ پاسىقلىرى ئاللاھنىڭ دوستلىرىدۇر. ئىبادەتگۇي ئابىد بىدئەتچىلەر ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. ئەھلى سۈننەتنىڭ پاسىقلىرىنىڭ قەبرىلىرى جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر. ئىبادەتگۇي، ئابىد بىدئەتچىلىرىنىڭ قەبرىلىرى دوزاخ ئازگاللىرىدىن بىر ئازگالدۇر. سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىش چوڭ گۇناھلارنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. سۈننەتكە خىلاپ يول تۇتۇش ياخشىلىقلارنى (يەنى ياخشى ئەمەل-ئىبادەتلەرنى يوق قىلىۋېتىدۇ). (مەدارىجۇس سالىكىن 3\ 6)
شۇڭا، سۈننەت ئەھلى دېيىلسە نەپلە ئىبادەتلەرگە چىڭ يېپىشقان كىشى، دەپ چۈشىنىۋالماڭ. سۈننەت ئەھلى توغرا ئەقىدىگە، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئەقىدىسىگە ئەگەشكەن كىشىدۇر. رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئەقىدىسىگە ئەگەشكەن كىشى ئۇ ئابىد بولسۇن، پاسىق بولسۇن، بەرىبىر سۈننەت ئەھلى ھېسابلىنىدۇ. «ئۈممىتىمدىن پەقەت مەن ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىنى يول قىلىپ تۇتقۇچىلارلا جەننەتتە، باشقىلىرى دوزاختا» دېگەن ھەدىس دەل ئىمام ئەھمەدنىڭ ۋە ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ سۆزىگە دەلىل بولىدىغان ھەدىسلەردىن بىرىدۇر. «بىدئەتنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ جايى دوزاختا» ھەدىسىمۇ دەل مۇشۇ مەنىدىدۇر.
«ئىلگىرىكى زاماندا بىر پاھىشە ئايال بار ئىدى، يولدا كېتىۋېتىپ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلەر ھالغا كەلگەن ئىتقا ئۆتىكىنى سېلىپ قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنى مەغفىرەت قىلىپ جەننەت ئەھلىدىن قىلدى» (بۇخارى) دېگەن ھەدىسمۇ ھەم ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى قەييىمنىڭ سۆزىنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇ پاھىشە ئايال ھەرگىز كاپىر ئايال ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ كاپىرنى ئەسلا مەغفىرەت قىلمايدۇ، جەننەتكىمۇ كىرگۈزمەيدۇ. بۇ پاھىشە ئايال ھەرگىزمۇ ئۆز پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن دىنغا بىدئەت-خۇراپاتلار قوشۇپ، پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن دىنغا مەلۇم ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈپ تۇرۇپ ياشىغان بىدئەتچى ئايال ئەمەس. بۇ ئايال دەل پەيغەمبىرى ئېتىقاد قىلغان ئەقىدىگە ئەگەشكەن، ئۆزىنىڭ زىناخورلۇقتىن ئىبارەت گۇناھىغا ھەر قېتىمدا پۇشايمان قىلىپ، يەنە نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇ يولدىن چىقالمايۋاتقان، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بەكمۇ گۇناھكار، ئاسىي ھېسابلاپ گۇناھلىرىغا يىغلاۋاتقان، ھەر يامان ئىشتىن كېيىن ئاللاھقا ئاسىي بولدۇم دەپ دۇنيا كۆزىگە رەڭسىز كۆرىنىدىغان ئايال ئىدى.
دىننىڭ ئاساسى ئەقىدىدۇر. ئەقىدە بۇزۇق بولسا، «كىشىنىڭ ئەقىدىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەقىدىسى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش، بىردەك بولمىسا، كىشى دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ نىجات تاپالمايدۇ.» (ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن) رەسۇلۇللاھ ئاللاھ ئاسماندا دېسە، ياق ئاللاھ زامان ماكاندىن مۇنەززەھ، دېيىش رەسۇلۇللاھنىڭ ئەقىدىسىدىن يۈز ئۆرۈشتۇر. بىدئەت ئەھلى بولۇشتۇر.
رەسۇلۇللاھ «جېنىم قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى» دېسە، ياق ئاللاھنىڭ قولى يوق، دېيىش ئاللاھقا قارا چاپلاشتۇر، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەقىدىسىگە دۈشمەنلىك قىلىشتۇر. ئاللاھنىڭ ئۆزىگە لايىق، ھېچبىر مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدىغان قولى بار. رەسۇلۇللاھ «ئاللاھ بەندىسىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ مەغفىرەت تىلىۋېلىشى ئۈچۈن كېچىسى…. كۈندۈزى…ئىككى قولىنى ئېچىپ تۇرىدۇ» دېگەن. ئەشئەرىي، ماترۇدىي بىدئەتچىلەر ۋە ئىسلام بىلەن ئالاقىسى بولمىغان، ئەمما ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋالىدىغان جەھمىيلەر ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ بايان قىلغان مۇشۇ خىل ئىلاھىي سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىگە «ياق، يوق» دەپ ئۈستەل مۇشتىلاپ، بۇ سۈپەتلەرنى كەلگىنى بويىچە، تولغىماي، قانداقلىقىنى سۈرۈشتۈرمەي ئىمان ئېيتقان كىشىنى «ھەشەۋىي، مۇجەسسىمە ياكى ۋاھابىي» دەپ تۆھمەت چاپلايدۇ.
ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ دېگىنى ھېساب. تەۋھىد-ئەقىدە ئىسلامنىڭ ئاساسى. تەۋھىد ئەقىدە دۇرۇس بولمىسا، كىشىنىڭ ئىسلامى دۇرۇس بولمايدۇ. ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش تەۋھىد-ئەقىدىنىڭ ئاساسى. ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش — ئاللاھنى ئاللاھ ئۆزى سۈپەتلىگەن، رەسۇلۇللاھ ھەدىسىدە سۈپەتلىگەن شەكىلدە تونۇش — ئاللاھنى توغرا تونۇش ۋە توغرا ئىمان ئېيتىش ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ توغرا تونۇش، ئاللاھقا توغرا ئىمان ئېيتىش — ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىگە توغرا ئىمان ئېيتىش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. شۇڭا تەۋھىدنىڭ يادروسى «تەۋھىد ئەسما ۋەسسىفات»تۇر. يەنى ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنى — ئەشئەرىيلەر، ماترۇدىيلار ياكى كاپىر بولۇپ كەتكەن جەھمىيلەر تونۇتقاندەك ئەمەس — ئاللاھ ۋە رەسۇلى ئۆگەتكەندەك تونۇشتۇر. ئاللاھ ئاسماندا ئەمەس، دېگەن بىدئەت دەل جەھمىيە پىرقىسى تېپىپ چىققان كۇفرىي بىدئەت بولۇپ، ئەشئەرىي ۋە ماترۇدىيلار بۇ جەھەتتە جەھمىيەلەردىن يۇقۇملىنىپ قالغان. ئاللاھنىڭ يۈزى يوق، قولى يوق دېيىش ئاللاھنىڭ ئايىتىنى ئوچۇقتىن ئوچۇق ئىنكار قىلىش، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ زاتىي سۈپىتىنى ئوچۇق ئىنكار قىلىشتۇر.
سىز ئېگىز ۋە تەمبەل كىشى بولسىڭىز، بىر يازغۇچى ياكى مۇخبىر سىزنى سۈپەتلەپ بىر يازما يېزىپ، ھەققىڭىزدە قەستەن «پالانچى ۋىجىك، پاكار» كىشى ئىدى دەپ يازسا، سىزنى سىزدە بولمىغان سۈپەت بىلەن سۈپەتلىسە، ئەگەر سىزنىڭ قولىڭىزدا پادىشاھلىق ياكى يۇقىرى ھوقۇق بولسا، بۇنداق كىشىنى «سەن نېمىدېگەن رەزىل، پەسكەش كىشى» دەپ تېگىشلىك جازالامتىڭىز يوق؟ ئەلۋەتتە جازالايتتىڭىز.
ياكى سىزنىڭ ئايالىڭىز ئىپپەتلىك، مەرت ئايال بولسا، مۇخبىر ئايالىڭىز ھەققىدە «شاللاق ۋە قولى ئەگرى ئايال ئىدى» دەپ سۈپەتلىسە؛ جۈملىدىن سىزنىڭ شەخىسيىتىڭىزگە ياكى ئىپپەت-نومۇسىڭىزغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك زىل مەسىلىدە، قەستەن سىزنىڭ سۈپىتىڭىزنى بۇرمىلاپ، باشقا سۈپەتتە قىلىپ كۆسەتسە، سىز كۈچلۈك بىر پادىشاھ ياكى ھوقۇقدار بولغاندىكىن ئۇنى جازالار بولغۇيتتىڭىز؟ ئاللاھتا بار زاتىي ياكى پېئىلىي سۈپەتلەرنى بۇرمىلاپ يوق قىلغۇچى ياكى ئۆزگەرتىۋەتكۈچى — بىدئەتچىنىڭ ئەڭ يامىنى بولۇپ، ئاللاھ بۇنداق كىشىلەرنى ئەڭ يامان جازا بىلەن جازالايدۇ.
رەسۇلۇللاھ «ھەيكەل، سۈرەت سىزغۇچى قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئەڭ قاتتىق جازالايدۇ.» دېگەن. (بۇخارى) ئاللاھنىڭ بار سۈپىتىنى يوق قىلىش ياكى بۇرمىلاش، ئاللاھنى ئۆزىنى ئۆزى تونۇشتۇرغىنىغا رازى بولماي (يەنى «ئاللاھ مەن جىمىي مەخلۇقاتنىڭ ئۈستىدە، ئەرشنىڭمۇ ئۈستىدە» دېسە، ياق ئاللاھ ھېچيەردە ئەمەس، ماكاندىن مۇنەززھ دەپ ئاللاھنى يوقلاشتۇرۇۋەتسە) ياكى پەيغەمبىرى تونۇشتۇرغاندىن باشقىچە سۈپەتلىسە، ئاللاھقا بۇ شەكىلدە قارا چاپلىغاننىڭ گۇناھى سۈرەت، ھەيكەل ياسىغاندىن چوڭ بولمامدۇ؟ بۇنداق كىشى ئەڭ قەبىھ بىدئەتچى بولمامدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەھمەدنىڭ «چوڭ گۇناھلارنى قىلىپ تەۋبە قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەن ئەھلى سۈننەت مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىلىرى (جەننەت باغچىلىرىدىن) بىر باغچىدۇر. ئەھلى بىدئەتنىڭ ئىبادەتگۇيلىرىنىڭ قەبرىلىرى (دوزاخ ئازگاللىرىدىن) بىر ئازگالدۇر. ئەھلى سۈننەتنىڭ گۇناھكارلىرى ئاللاھنىڭ دوستلىرىدۇر. ئەھلى بىدئەتنىڭ زاھىدلىرى ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر» دېگەن گېپى بىكاردىن، ئويناپ دېيىلىپ قالغان گەپ ئەمەس، يۈزدە يۈز توغرا گەپ بولمامدۇ؟
ئاللاھنى پەقەت بىرلا يول بىلەن تونۇيمىز. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ ئۆز كىتابىدا ئۆزىنى قانداق سۈپەتلىگەن بولسا، شۇنداق تونۇيمىز. ئاللاھنىڭ قولى دېسە، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى دېمەيمىز. ئاللاھ قىيامەت كۈنى كېلىدۇ، دېسە، ياق كېلىش، كېتىش يارىتىلغان جانلىقلارنىڭ سۈپىتى، ئاللاھ كەلمەيدۇ، دېمەيمىز. ئاللاھ كۈلىدۇ، دېسە ياق كۈلۈش ئىنساننىڭ سۈپىتى، ئاللاھ كۈلمەيدۇ دېمەيمىز. ئاللاھ قۇرئاندا {ھېچقانداق نەرسە ئاللاھقا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگىچىدۇر} دېگەن. يەنى، ئاللاھ «ئاللاھ ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان شەكىلدە، رەبلىكىگە خاس شەكىلدە ئاڭلايدۇ؛ ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان رەۋىشتە، رەبلىكىگە خاس شەكىلدە كۆرىدۇ» دەۋاتىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئاللاھ ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان، پەقەت ئاللاھقىلا خاس شەكىلدە كۈلىدۇ، ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان شەكىلدە قىيامەت كۈنى بەندىلەردىن ھېساپ سوراشقا كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ يۈزى بار، ئەمما ھېچكىمگە ئوخشىمايدۇ. ئاللاھنىڭ قولى بار ئەمما ھېچكىمگە ئوخشىمايدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى يوق نەرسە دەپ تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ ياق. ئەمما، بىدئەتچىلەر ئاللاھنى يوقلاشتۇرۇپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. ھايات ياشاۋاتقان ئۆزىنىڭ يوقلۇقىنى ئۆزى ئۈچۈن نالايىق دەپ قارايدىغان بىدئەتچىلەر، مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان ئاللاھنىڭ بارلىقىنى يوقلاشتۇرۇشنى ئاللاھقا لايىق دەپ قارايدۇ. بۇ سەۋەبلىك، پادىشاھ قەستەن ئۆزىنى خاتا سۈپەتلىگەن كاززاپنى جازالىغاندەك، ئاللاھمۇ ئاللاھنى بىلىپ تۇرۇپ خاتا سۈپەتلىگەن بىدئەتچىنى، ياكى ئاللاھنى بىلمەي، تونۇماي، دۇنيادا ئويناش، يەپ-ئىچىش بىلەنلا بولۇپ ياشىغان كاپىرنى قاتتىق جازلايدۇ.
ئەھلى سۈننەت شەرئىي ئىلىمگە ئۇيغۇن ھالدا «ماۋۇ ئەقىدە بىدئەت» ياكى «ماۋۇ ئەمەل بىدئەت» دېسە، بىدئەتچىلەر «بۇ مۇشۇنداق ئاشقۇن بىرى» دەپ مەسخىرە قىلىدۇ. ئەمما، ئەھلى سۈننەتنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئىمامى «ئەڭ ئىبادەتگۇي بىدئەتچىنىڭ قەبىرى دوزاخ ئازگىلىدىن بىر ئازگال بولىدۇ» دەۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ سۆزنىڭ ئېگىسىنى يوشۇرۇپ، سۆزنىڭ ئۆزىنىلا بايان قىلىپ قويساق، بىدئەتچىلەر «بۇ گەپنى دېگەن ئاشقۇنغا ئاللاھ لەنەت قىلسۇن» دېيىشتىن، بۇ گەپ سەۋەپلىك ئالەمنى مالەم قىلىشتىن يانمىغان بولاتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇق. ئازغۇنلۇقنىڭ ھەممىسىنىڭ جايى دوزاختىدۇر.» (ئەبۇ داۋۇد) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ بارچە بىدئەتچىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشتىن ئۆزىنى چەكلىدى.» (سۇيۇتى: جامىئۇس سەغىر؛ ئەلبانى: «سەھىھ جامىئۇس سەغىر»)
ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىدئەتنىڭ تەۋبىسى بولمايدۇ.» (حلية الأولياء 5\302)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر سۈننىتىنى تاپساڭلار، شۇ سۈننەتكە ئەگىشىڭلار (يەنى بويىچە ئەمەل قىلىڭلار.) كىشىلەردىن ھېچقانداق بىرىنى (يەنى ھېچقانداق بىرىنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇنسىز ھۆكمىنى) ئېتىبارغا ئالماڭلار.» (ذم الكلام للهروي 3\15)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئېتىقادتا ۋە فىقھتا ساھابىلەرگە مۇستەھكەم ئەگەشمەيدىغان كىشى دەلىلنى قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئالدىم دەپ ئويلىۋالغان تەقدىردىمۇ بىدئەتچىدۇر.» (مۇختەسەرۇ فەتاۋا ئەلمىسرىييە 226)
چوڭ تابىئىن ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىدئەتچى نەپلە ناماز، نەپلە روزا بىلەن قانچە مەشغۇل بولغانسىرى، ئاللاھتىن شۇنچە يىراقلاپ كېتىدۇ.» (شاتىبى: ئەلئىتىسام)
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىمام ئەھمەدتىن «سىلىچە كىشىنىڭ نەپلە ناماز ئوقۇشنى، نەپلە روزا تۇتۇشى، ئىتىكافتا ئولتۇرۇشى ئەۋزەلمۇ ياكى بىدئەتچىلەرگە قارشى (سۈننەتنى ۋە ھەقنى) بايان قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇشى ئەۋزەلمۇ؟» دەپ سورالغان. ئىمام ئەھمەد جاۋابەن مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ ناماز ئوقۇشى، روزا تۇتۇشى، ئىتىكافتا ئولتۇرۇشى ئۆزى ئۈچۈندۇر. لېكىن، (سۈننەتلەر ئارقىلىق) بىدئەتلەرگە ۋە بىدئەتچىلەرگە قارشى تۇرۇشى مۇسۇلمانلار ئۈچۈندۇر. مانا بۇ باشتىكىسىدىن ئەۋزەل.» (مەجمۇئۇل فەتاۋا 28\231)
شۇڭا، مەن مۇسۇلمان دەپ قويۇپلا ئۆزىمىز خالىغىنىچە ياكى بىرەر بىدئەتچى شەيخ، دوكتورنىڭ خالىغىنى بويىچە ياشىساق، ئاخىرەتتە قىيىن كۈندە قالىمىز. ئەقىدىڭىزنى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئەقىدىسى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش قىلىشقا تىرىشىڭ. مۇشۇنداق قىلسىڭىز، قالغان دىنىي ۋە دۇنياۋىي ئىشلىرىڭىز ئۆزلىكىدىن توغرىلىنىپ، ھەل بولۇپ كېتىدۇ. ئاللاھ سىزنى كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك بولغان ئەڭ قىسقا مۇددەتچىلىك پەيت بولسىمۇ تاشلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ سىزنى تاشلىۋەتمىسە، سىز ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بەخىتلىكىگە ئايلىنىسىز.
