سۈرە ئەنفالنىڭ 53-ئايىتىنىڭ تەپسىرى

سۈرە ئەنفالنىڭ 53-ئايىتىنىڭ تەپسىرى

{ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ لَمْ يَكُ مُغَيِّرًا نِّعْمَةً أَنْعَمَهَا عَلَىٰ قَوْمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُوا مَا بِأَنفُسِهِمْ ۙ وَأَنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ}
{بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىر قەۋم ئۆز ھالىتىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلاغا ئاتا قىلغان نېمىتىنى ئەسلا ئۆزگەرتمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھەر قانداق سۆزنى) ئاڭلىغۇچى ۋە (ھەر قانداق ئىشنى) بىلگۈچىدۇر.} — سۈرە ئەنفال، 53-ئايەت
قىسقىچە تەپسىرى:
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى — يەنى، (كىشىلەرنىڭ ياكى قەۋملەرنىڭ بېشىغا كەلگەن) بۇ يامان جازانىڭ1، ئۆزلىرى ئىگە بولغان نېمەتلەرنىڭ قولدىن كېتىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى.2
بىر قەۋم ئۆز ھالىتىنى ئۆزگەرتمىگۈچە — يەنى، بىر قەۋم (بارچە ئىشلىرىدا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا) ئىتائەتنى تاشلاپ، گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە مېڭىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئەكسىچە ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە گۇناھ-مەسئىيەتلىرى ئارقىلىق تۇزكورلۇق قىلمىغۇچە.3
ئاللاھ ئۇلاغا ئاتا قىلغان نېمىتىنى ئەسلا ئۆزگەرتمەيدۇ — يەنى، ھەر قانداق بىر قەۋم ئاللاھ بەرگەن دىنىي ۋە دۇنياۋىي نېمەتلەرگە ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق شۈكۈر قىلىشنى داۋام قىلغانلىكى تەقدىردە، ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى تاكى ئۇلار نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلىش يولىنى تۇتقانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىدۇ. بىر قەۋم ياكى بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بەرگەن نىمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشنى ئاشۇرسا، ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ ئەكسىنى قىلىپ، ئۆزىدە بار بولغان ياخشى ھالنى ناچار ھالغا ئۆزگەرتسە، ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەتلىرىنى تارتىۋالىدۇ.4
* كىشى ئىگە بولغان نىمەت ئۇ ئىشلىگەن گۇناھ سەۋەبلىك ئۇ كىشىدىن تارتىۋېلىنىدۇ.5
1-تەپسىر مۇيەسسەر
2-تەپسىر سەئدى
3-تەپسىر سەئدى
4-تەپسىر سەئدى
5-تەپسىر ئىبنى كەسىر
تېلگرام قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىڭ: https://t.me/tewhidnuri
شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ