سۈرە ئالى ئىمران، 104-ئايىتىنىڭ قىسقىچە تەپسىرى

سۈرە ئالى ئىمران 104-ئايىتىنىڭ قىسقىچە تەپسىرى
﴿وَلْتَكُن مِّنكُمْ أُمَّةٌ يَدْعُونَ إِلَى الْخَيْرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ﴾‏
{ئاراڭلاردا خەيرگە چاقىرىدىغان، مەئرۇفقا بۇيرۇپ، مۇنكەردىن توسىدىغان بىر جامائەت بولسۇن. ئەنە شۇلار نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.}
قىسقىچە تەپسىرى:
{(ئى مۆمىنلەر) سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (ئىنسانلارنى) خەيرگە (يەنى ئىسلامغا1، ئىسلامنىڭ ئېتىقادىي ۋە ئەمەلىي پۈتۈن ھۆكۈملىرىگە2، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىشقا3) چاقىرىدىغان، (ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت جۈملىسىدىن بولغان بارلىق4) ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدىغان، (ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا ئىتائەتكە زىت بولغان بارلىق5) يامان ئىشلاردىن مەنئى قىلىدىغان بىر جامائەت (يېتەرلىك ساندىكى كىشىلەر6) بولسۇن؛ مانا مۇشۇنداق قىلغۇچىلار نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.} قۇرئان – 3:104
1 – تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىر 2- تەپسىر سەئدى 3-تەپسىر ئىبنى كەسىر 4- زادۇل مەسىر 5-زادۇل مەسىر 6- تەپسىر سەئدى
تېلگرام قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىڭ:
شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ